خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر …
“قىساسكارلار 4” تە نۇرغۇنلىغان كۆرنۈشلەر چاتما رەسىمدىكى ۋەقەلىكلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرلۈپ ئىشلەنگەن ، بۇنىڭدا ئەڭ ئاسان بايقايدىغىنىمىز بولسا ئامېرىكا كاپىتانىنىڭ “توققۇز باشلىق يىلان ياشىسۇن !” دىگەن گىپى .
يىقىندا ، يەنە بىر يىڭى چاتما رەسىم ۋەقەلىكىدىكى رەڭلىك تۇخۇم “قىساسكارلار 4” رىژىسورى تەرىپىدىن ئىسپاتلاندى .
“قىساسكارلار 4” تە قىساسكارلار ئۆتمۈشكە قايتىپ بىرىپ ، بارلىق گۆھەر تاشلارنى ئىزدەپ تاپىدۇ ، يىشىل گىگانىت ئادەم باتۇرلۇق بىلەن چەكسىز پەلەينى قولىغا كىيىدۇ ، ھەمدە قولىدىن قاس چىقىرىپ ئالدىدىكى بارلىق كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەنلەرنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ .
گەرچە ئالەمدىكى بارلىق كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەنلەر قىساسكارلار تەرپىدىن قۇتقۇزۋىلىنغان بولسىمۇ ، لىكىن 2014- يىلدىن كەلگەن زانوس ۋاقىت ھالقىپ 9 يىلدىن كىيىنكى شۇ كۈنگە يىتىپ كىلىدۇ .
ئارقىدىن زانوس ئالەم كىمىسى ئارقىلىق ھىچقانداق مۇداپىئە ھالىتىگە كەلمىگەن قىساسكارلار بازىسىغا باشقۇرۇلدىغان بومبا قويۇپ بىرىدۇ ، قىساسكارلار بۇ خارابىلىكنىڭ ئاستىغا بىسىلىپ قالىدۇ ، بىر قولى يارلانغان يىشىل گىگانىت ئادەم يەنىلا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن خارابىلىكنى تىرەپ تۇرىدۇ ، سەپداشلىرى ئۈچۈن قىچىپ چىقىش پۇرسىتى ھازىرلاپ بىرىدۇ .
يىشىل گىگانىت ئادەمنىڭ بۇ ھەركىتى مارۋىل چاتما رەسىمىنىڭ 1984-1985 يىلىدىكى “مەخپىي ئۇرۇش” ناملىق ئەسىرىدىكى يىشىل گىگانىت ئادەمنىڭ بىر تاغنى كۆتۈرۈپ تۇرغىنىغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن .
“مەخپىي ئۇرۇش” بولسا مارۋىلنىڭ ئەڭ كىلاسسىك چاتما رەسىم ئەسىرىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ . مارۋىل دەرىجدىن تاشقرى سەلبىي ئوبرازى ، قولىنى بىر كۆتۈرسىلا بىر پىلانىتنى ۋەيران قىلۋەتكۈدەك كۈچى بار ھالقىپ ئۆتكۈچى . يەرشارىدىكى بارىلىق دەرىجىدىن تاشقرى قەھرىمانلارنى ۋە سەلبىي ئوبرازلارنى يەتكۈزۈش ئىشكى ئارقىلىق بىر ئىلشىش مەيدانىغا ئەكىلىپ قويىدۇ ،ئامېرىكا كاپىتانى قەھرىمانلار تەرەپنىڭ باشلىقى بولىدۇ ، ۋەيران قىلغۇچى دوكتۇر بولسا سەلبىي ئوبرازلارنىڭ ئاتامانى بولىدۇ .
ھالقىپ ئۆتكۈچى بۇ ئىككى تەرەپنى تۇتۇشقا سالىدۇ ، ھەمدە يىڭىۋالغان بىر تەرەپنىڭ ئۆزىدىن بىر ئارزۇ تىلىسە بولدىغانلىقىنى ئىيتىدۇ .
قەھرىمانلارنىڭ ئەمىلىي كۈچى يەنىلا سەلبىي ئوبرازلارنىڭكىگە يەتمەيدۇ ، سەلبىي ئوبرازلارنىڭ بىرى بىر تاغنى قەھرىمانلارنىڭ بىشى ئۈستىگە يۆتكەپ قويىدۇ ، بۇ تاغنىڭ ئىغىرلىقى 1 تىرليون 500 مىليارد توننا ئىدى .
قەھرىمانلار تاغنىڭ ئاستىدا قىلىپ گۆش قىيمسى بولۇپ كىتەي دەپ قالغان چاغدا ، يىشىل گىگانىت ئادەم ئۆز كۈچىگە تايىنىپلا بۇ تاغنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ .
“قىساسكارلار 4” تىكى يىشىل گىگانىت ئادەمنىڭ قىساسكارلار بازىسى خارابىلىكىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ كۆرنۈشى دەل چاتما رەسىمدىكى مۇ ۋەقەلىككە ھۆرمەت بىلدۈرۈلگەن . “قىساسكارلار 4” رىژىسورى جوۋ . روسۇ ئىمپىرىيە ژورنىلىنىڭ زىيارتىنى قوبۇل قىلغان چاغدا بۇنىڭ راسىت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .
مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن .
ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ
تىزىملىتىش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش