ئۆمۈچۈك پالۋان 2 نى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئاۋال بۇ نۇقتىلارنى چۈشىنىڭ


خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر … 
بۈگۈن يەنە ئەڭ يىڭى خەۋەرلەرنى ئىلىپ كەلدىم ، تېمىنى كۆرۈپ بولۇپ ئېلان چېكىشنى ئۇنۇتماڭ . ئېلان چەكمىگەن ياش – تام تۈۋىدىكى تاش!

تۈنۈگۈن ئاخشام بىيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 12 دىن باشلاپ “ئۆمۈچۈك پالۋان 2 : قەھرىماننىڭ يىراققا سەپەر قىلىشى” دۆلىتىمىز چوڭ قۇرۇقلىقىدا قويۇلىۋاتىدۇ ، “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4 : ئاخىرىقى ئۇرۇش” ڧىلىمىنىڭ كىيىنكى ۋەقەلىكى بولغان بۇ ڧىلىم ، 2023 – يىلى يۈز بەرگەن ئاخىرقى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىقى ۋەقەلىكىنى بايان قىلغان، ئوخشاشلا ۋاقىتتا ئۆمۈچۈك پالۋان 2 مارۋىل ڧىلىم ئالىمىنىڭ تۆتىنجى بۆلىكىگە ئاساس سىلىپ بىرىدۇ . 


ڧىلىم قويۇلۇشتىن بۇرۇن مەستانىلەر بەلكىم ڧىلىم مەزمۇنىنى قانداق بولدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قىلىشى مۇمكىن ، بەلكىم نۇرغۇنلىغان مەستانىلەر “ئۆمۈچۈك پالۋان 2” نىڭ ئەينى يىلى توبىي . ماكىىير رول ئالغان “ئۆمۈچۈك پالۋان” 3 بۆلۈمدىكى كۆپ قىسىم ۋەقەلىكلەرنىڭ چىتىشلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىدۇ . ئەمدى بىز ڧىلىم كۆرۈشنىڭ ئالدىدىكى تەييارلىق قىلىشقا تىگىشلىك مەزمۇنلارنى سۆزلەپ ئۆتەي ~ 

ڧىلىم كۆرۈشتىن بۇرۇن بىلىشكە تىگىشلىك مەزمۇنلار : 

1 . سىرلىق مىھمان ئەسلى “ئۆمۈچۈك پالۋان 4” تىكى سەلبىي ئوبراز

ھەمىمىز بىلىمىز توبىي رول ئالغان “ئۆمۈچۈك پالۋان” ئالدىنقى ئۈچ بۆلۈم ئەڭ كىلاسسىك بولغان ئۆمۈچۈك پالۋان تۈردىكى ڧىلىم ھىساپلىنىدۇ ، بەلكىم كۆپچىلىك بىلمەسلىكى مۇمكىن ، تۇنجى ئەۋلاد “ئۆمۈچۈك پالۋان” ڧىلىمىنىڭ ئەسلى 4 بۆلۈمى بار ئىدى ، ھەمدە بۈگۈن قويۇلىدىغان “ئۆمۈچۈك پالۋان 2” دىكى سىرلىق مىھمان بولسا ئۆمۈچۈك پالۋان 4 بۆلۈمىدە مەيدانغا چىقىدىغان كىچىك بىر سەلبىي ئوبراز ئىدى . 


ھەمدە ئەينى چاغدا ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىش شەكلى ئاشكارلانغان ئىدى ، سىرلىق مىھمان بولسا بىر سىھرىي كۈچى بىلەن ھەممە تەرەپتە بۇلاڭچىلىق قىلىدغان ئەبلەخ ئىدى ، ھەمدە ئۇنىڭ رولىنى خىلى بىر چوڭ تاغا سىياقىدا چىقاتتى ، لىكىن بۇ قىتىمقى جىلىنخال ھەرگىزمۇ بۇ ئوبرازنىڭ ئەسلى قىياپىتىگە چۈشىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . 

2. ئەينى چاغدىكى جىلىنخال ئۆمۈچۈك پالۋان رولىغا چىقىشقا ئازلا قالغان 

جىلىنخالنى سۆزلەپ ئۆتىدىغان بولساق ، كۆپ قىسىم ئادەملەر بەلكىم ” پىرىسىيە شاھزادىسى” قاتارلىق ڧىلىملەرنى ئويلىشى مۇمكىن ، لىكىن سىز ئويلاپمۇ يىتەلمەيدىغىنڭىز شۇكى ، 2003- يىللىرى جىلىنخال بەزى قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى ئۆمۈچۈك پالۋان رولىغا چىقالماي قالغان ! 


ئەينى چاغدا “ئۆمۈچۈك  پالۋان 2” نى سۈرەتكە ئىلىۋاتقاندا ، توبىي ماكىيىر ئىھتىياتسىزلىقتىن يارلىنىدۇ ، شۇ سەۋەپلىك سۈرەتكە تاتىش خىزمىتى كەينىگە چىكىنىپ كىتىدۇ ، ئەينى چاغدا يۇقىرى قاتلامدىكىلەر توبىينى ئالماشتۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن ، باشقىلارنى ئۆمۈچۈك پالۋان رولىغا چىقىشىنى ئىيتقان ، شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ ئالدىنقى نامزات بولسا جىك جىلىنخال ئىدى ، لىكىن ڧىلىم گورۇپىسىدكىلەرنىڭ كۆپ ئويلىنىپ قارار چىقىرىش نەتىجىسىدە ، ئۇلار ئاخىرى توبىينىڭ كىسىلىنى ساقايتىپ كىلىشىنى ساقلاپ ئاندىن سۈرەتكە تارتىشنى باشلىغان . 
ئەگەر ئەينى يىلى ئۆمۈچۈك پالۋان رول ئالغۇچىسى ئالماشقان بولسا ، بىز توبىينىڭ كىلاسسىك ئۆمۈچۈك پالۋان 3 بۆلۈم ڧىلىمىنى كۆرەلمىگەن بولاتتۇق ، ھەمدە سەككىز ئاياق دوكتۇر بىلەن جەڭ قىلىدىغىنىمۇ باشقا بىر ئادەم بولاتتى ، ئەڭ مۇھىمى شۇكى ، بۈگۈنكى سىرلىق مىھمان بەلكىم يەنە باشقا بىر ئادەم بولۇپ قىلىشى مۇمكىن ئىدى . بەلكىم بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى دەپ قارىساق بولىدۇ .

3. پولات پالۋان MCU دىكى “بىن تاغا” مىزغا ئايلىنىپ قالدى .

ھەمىمىز بىلىمىز ، ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ كىلىپ چىقىشى بۇ ئادەمدىن ئايرىلالمايدۇ — بىن . پاك ، بۇ ئادەم دەل ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ تاغىسى بولىدۇ . مەيلى قانداقلا بىر نەشىردىكى ئۆمۈچۈك پالۋان بولسۇن ، ھەممىسى بىن تاغىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن ئاستا ئويغۇنۇپ ئۆز ئالدىغا بىر قەھرىمان بولغان . 


لكىن MCU نۇسقىسىدىكى “ئۆمۈچۈك پالۋان” مارۋىلدىكى كونىلىقنى قايتىلىماسلىق ئۈچۈن ، بىن تاغىمىزنىڭ ئوبرازىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويغان ئىدى ،  لىكىن پولات پالۋاننى كىچىك ئۆمۈچۈكنىڭ يىنىغا قويدى ، تونىي سىتاركىنى ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ يول باشلىغۇچىسىغا ئايلاندۇرغان ئىدى .

“قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4” تىكى پولات پالۋاننىڭ ئۆلۈمى دەل ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ بىن تاغىسىنىڭ ئۆلگەن ۋاقىتتىكى رولىنى ئوينىغان ، بۇ ئۆمۈچۈك پالۋانغا ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان بولۇشنى ئۈگەتكەن ئىدى . 

بۇ بىر ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانى ، ئالدىدا بولسا ئۆمۈچۈك پالۋان پولات پالۋاننىڭ يىتەكچىلىكىدە بىر قەھرىمانغا ئايلىنىدۇ ، لىكىن كىيىن ئۆمۈچۈك پالۋان چوقۇم ئازاپقا چىداپ تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا بىر قەھرىمان بولمىسا بولمايدۇ .  

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن .

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ