گامورا تىخى ھايات !


خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر … 

“قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4 : ئاخىرىقى ئۇرۇش” تا ، تونىي سىتارك قولدىن قاس چىقارغاندىن كىيىن ، گامورامۇ زانوسنىڭ قوشۇنى بىلەن بىللە تەڭ غايىپ بولىدۇ . لىكىن ۋەقەلىكتە بىزگە ئۇنىڭ كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكى ياكى ئۆزىنىڭ شۇ يەردىن ئايرىلىپ كەتكەنلكىنى ئىنىق ئەسكەرتمىگەن . بۇ مەستانىلەرگە نۇرغۇنلىغان خىيال قىلىش پۇرسىتىنى قالدۇرۇپ قويغان .

لىكىن يىقىندا سانتىياگودا ئۆتكۈزۈلگەن چاتما رەسىم كۆرگەزمىسىدە ، “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4” ڧىلىم تەھرىرلەش گورۇپپسى گامورانىڭ تىخى ھايات ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان .


“قسىاسكارلار ئىتتىپاقى 4” تەھرىرى كىرىستوڧ . ماكىس ۋە سىتىۋىن مەكڧىل 2014- يىلىدىكى گامورانىڭ تونىي قولدىن قاس چىقارغاندىن كىين ھايات قالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى !

ئۇلارنىڭ ئىيتىشىچە ، گامورا شۇ ۋاقىتتا بۇ يەردىن كىتىپ قالغان ئىكەن ، تەھرىرلەر گامورانىڭ ھىكايىسىنى يەنە “سامانيولى قوغدىغۇچىلىرى 3” تە داۋاملىشىدغىنىنى ئۈمۈد قىلىدىكەن .

لىكىن ئىسىمىزدە تۇتۇدىغنىمىز شۇكى ، 2014-يىلىدىكى گامورا تىخى نىبۇلادىن باشقا ھەرقانداق قەھرىمان بىلەن ھىسيات جەھەتتە ئالاقىسى قالمىدى . شۇڭا بەزىلەرنىڭ ئەجەللىك يىرىگە تىپىك يىيشىمۇ پەقەتلا بىشىدىن شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئىش دەپ قارىساق بولىدۇ .

تەھرىرلەردىن مارۋىل ڧىلىم ئالىمى تەرەقىياتى توغرىسىدا سۇئال سورالغاندا ، ماكىس بىلەن مەكڧىل تىخى كەيۋىن . ڧەيىجنىڭ پىلانىنى بىلمەيدىغىننى ئىيتتى ، لىكىن ئۇلار جامىس گۇۋىننىڭ “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3” ۋە “قىساسكارلار 4” نىڭ ھەمكارلىقىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا ، گامورانىڭ تەقدىرى بىر كىلىشمەسلىك بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . 

بىزمۇ بۇنىڭدىن پەرەز قىلالايمىزكى ، بۇ ئىككى نەپەر تەھرىر بەلكىم گۇۋىين تەرەپتىن ئازراق “سامانيولى قوغدىغۇچىلىرى 3” توغۇرلۇق خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان بولىشى مۇمكىن . 

بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كىين ، مەستانىلەردىن بىرى : گامورا ئۆلمىگەن بولسىلا ياخشى ، بولمىسا “سامانيولى قوغدىغۇچىلىرى 3” تە چاقماق ئىلاھى ئايال قەھرىماننىڭ رولىغا چىقىپ قالىدۇ دىگەن .


ئىيتىلىشچە رىژىسور جامىس . گۇۋىن ، “سامانيولى قوغدىغۇچىلىرى 3” نىڭ ۋاقىت سىزىقى بولسا پات ئارىدا يۈز بىرىدغان “چاقماق ئىلاھى 4” تىن كىين بولىدىكەن . گەرچە “سامانيولى قوغدىغۇچىلىرى” نىڭ قويۇلۇش ۋاقتى تىخى بىكىتىلمىگەن بولسىمۇ ، ئاللىقاچان مۇقىملاشتۇرۇلۇپ مارۋىل ڧىلىم ئالىمىنىڭ بەشىنجى بۆلىكىگە كىرگۈزۈلگەن . 

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن .

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ