خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر …
يەرشارى بولسا بىزنىڭ ئۆز پىلانىتىمىزنىڭ ئاتىلىشى ھىساپلىنىدۇ ، ئەگەر ئالەمدە باشقا ھاياتلىق ۋە مەدەنىيەت مەۋجۇت بولسا ، چوقۇم يەرشارىغا شۇيەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە خاس قىلىپ نۇمۇر سالىدۇ ياكى باشقىچە ئىسم بىلەن ئاتايدۇ .
مارۋىل تەھرىرلىرىمۇ بۇ نۇقتىنى ئويلاشقاندىن كىيىن ، مارۋىل ڧىلىم ئالىمىدىكى يەرشارىنى نەچچە خىل ئىسىم بىلەن ئاتىغان .
1. تېرران
“تېرران” بولسا مارۋىل ڧىلىم ئالىمىدىكى تاشقى پىلانىت مەدىنىيتى ئورتاق ئىتىراپ قىلغان يەرشارى ئىسمى .
terran بولسا لاتىن يىزىقىدىكى terra (يەرشارى) نىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسقىسى ، ئەڭ بۇرۇن 60 – يىللاردىلا پىلانىتلار ئارا سەپەر دە مۇشۇ سۆز بىلەن يەرشارىنى ئاتاش قوللىنىپ كەلگەن ، بۇ سۆز يەنە نۇرغۇنلىغان ڧانتازىيەلىك كىنولاردا ۋە ئويۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ .
“تېرران” دىگەن بۇ سۆز تۇنجى بولۇپ سامانيولى قوغدىغۇچىلىرى 1 دە مەيدانغا چىققان .
ۋەقەلىكتە يوندۇ ئاياغ باسماس جاينىڭ تاشقى قەۋتىدىن ، تىزلا چوكا مۇزغا ئايلىنىپ قالاي دىگەن يۇلتۇز بايۋەتچىسى بىلەن گامورانى قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ . ئارقىدىنلا ئاچچىغىنى باسالمىغان يوندۇ ، ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزى ئەڭ ئامراق بالىنى “تەنقىدلەش” كە باشلايدۇ .
يوندۇ مۇنداق دەيدۇ :
مەن سىنى ئىلىپ كەلگەن چاغدا ، سەن تىخى بىر كىچىك بالا ئىدىڭ ، بۇ ئەبلەخلەرنىڭ سىنى يىگۈسى بار ئىدى ، ئۇلار تىخى ئەزەلدىن تېررانلىقلارنىڭ تەمىنى تىتىپ باقمىدى …
2. c-53 يۇلتۇز
“تېرران” دىگەن بۇ ئاتالغۇ ، مارۋىل كاپىتانى ڧىلىمىدا ئىككىنجى قىتىم مەيدانغا چىققان .
ڧىلىمدە مارۋىل كاپىتانى سىكىرول ئادەملىرىنىڭ ئالەم كىمىسىدە تۇتقۇن قىلىنىدۇ ، ھەمدە كۈچ قۇدىرتى ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن ، سىكىرول ئادەملىرىنىڭ ئالەم كىمىسىنى ۋەيران قىلۋىتىدۇ.
سىكىرول ئادەملىرىنىڭ كىمىسى پارتىلاپ كەتكەن ۋاقىتتا ، مارۋىل كاپىتانى ئۇلارنىڭ قۇتقۇزۇش بۆلۈمچىسىنى بۇلاپ قىچىپ كىتىدۇ ، ئاخىرىدا قۇتقۇزۇش بۆلۈمچىسى يەرشارى ئاتموسڧىراسىدا ۋەيران بولۇپ كىتىدۇ ، مارۋىل كاپىتانى ئاسماندىن چۈشۈپ بىر ئۈن-سىن دۇكىننى بۇزۇۋىتىدۇ .
بۇ ۋاقىتتا ئىكراندا كىرى ئىمپىرىيسىنىڭ يەرشارىنى ئاتاپ سالغان رەت نۇمىرى كۆرۈنىدۇ . كىرى ئىمپىرىيسى ئوخشاشلا يەرشارىنى تېرران دەپ ئاتايدۇ . پەقەتلا شۇ كىرى ئادەملىرىنىڭ نەزىرىدە تېرران دىيشتىن باشقا ئۇدۇللا شۇ پىلانىتنىڭ رەت نۇمۇرىنى چاقىرىش ئەۋزەل .
ئۇدۇللا پىلانىتنىڭ رەت نۇمۇرىنى چاقىرىش بولسا ، كىرى ئىمپىرىيسىدەك پەن تىخنىكىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان دۆلەتلەرنىڭ قىلمىشىغا ناھايىتى ئۇيغۇن كىلىدۇ .
كىرى ئادەملىرىنىڭ نەزىرىدە ، ئۆزىنىڭ پىلانىتىدىن باشقا پىلانىتلارنىڭ ھەممىسى بىر رەت نۇمۇرى خالاس .
3. ئوتتۇرا ھويلا
ئوتتۇرا ھويلا دىگەن بۇ ئاتالغۇ يەرشارى دىگەن ئاتالغۇدىن تىخىمۇ قەدىمىي ۋە ئەپسانىلەردىكىدەك ئاڭلنىدۇ ، توققۇز ئىقلىمىنى باشقۇردغان ئاسگاردلىقلار ، تۈمەن مىڭ يىللار ئىلگىرىلا بۇيەرنى ئۆز قولغا ئىلىپ بولغان ، ئوتتۇرا ھويلىدا ئوۋدىننىڭ مۇرىتلىرى بار ، ئوۋدىن ئىلگىرىمۇ ئۇلار ئۈچۈن گىگانىت مۇز ئادەملىرى بىلەن جەڭ قىلغان .
يەرشارىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئوتتۇرا ھويلا (midgrad) دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا يەرشارى دۇنيا دەرىخىنىڭ ئوتتۇردىكى ئورۇندا تۇرىدۇ .
“چاقماق ئىلاھى 1” ڧىلىمىدە ، چاقماق ئىلاھى جىن . ڧوستىرنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە قولى بىلەنلا دۇنيا دەرىخىنىڭ شەكلىنى سىزىپ كۆرسىتىپ بىرىدۇ . ھەمدە جىن . ڧوستىرغا ئاسگاردلىقلارنىڭ دۇنيا قارىشىدىكى يەرشارىنى سۆزلەپ بىرىدۇ :
” مىنىڭ دادام ماڭا مۇنداق چۈشەندۈرۈپ قويغان ، سىلەرنىڭ دۇنيا بولسا ئالەمدىكى توققۇز چوڭ پىلانىتنىڭ بىرى ، ئۇلار دۇنيا دەرىخىنىڭ غوللىرى ئارقىلىق بىر بىرى بىلەن چىتىشىپ تۇرىدۇ . “
چاقماق ئىلاھى جىن . ڧوستىرغا يەرشارىنىڭ ئورنىنى چۈشەندۈرگەندە ، ئۆزى سىزغان رەسىمنىڭ دەل ئوتتۇرسىدىكى ئورۇننى يەرشارىنىڭ ئورنى دەپ كۆرسىتىدۇ ، ھەمدە دەل دۇنيا دەرىخنىڭ ئوتتۇرسىدا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىدۇ .
يۇقارقىلىرى بولسا مارۋىل ڧىلىم ئالىمىدىكى يەرشارىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشلىرى ھىساپلىنىدۇ .
مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن .
ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ
تىزىملىتىش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش