مارۋىل تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ پەن تىخنىكىلار


 خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر … 

مارۋىل ڧىلىم ئالىمىدە ، يەرشارى بولسا پەن تىخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەقىي قىلىۋاتقان بىر پىلانىت . 
ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىلا دوكتۇر ئابراھام ئېرىسكىن بىر كۆچۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى جەڭچى قان زەردابى كەشىپ قىلىپ چىقىدۇ .
1970-يىلىنىڭ ئالدى كەينىدە ، ياش بولغان تۇنجى ئەۋلاد چۈمۈلە ئادەم  پىيىم دوكتۇر پىيىم زەرچىسىنى كەشىپ قىلىپ چىقىدۇ ، ھەمدە 53 يىلدىن كىيىنكى پۈتۈن ئالەمنى قۇتقۇزۋىلىشقا تۈرتكە بولۇپ قالىدۇ .  

پولات پالۋاننىڭ دادىسى خوۋارد سىتارك يىڭى بولغان خىمىيلىك ئىلمىنىت كەشىپ قىلىپ چىقىدۇ ، لىكىن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىكى پەن تىخنىكىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىراپ داۋاملاشتۇرالمايدۇ ، پەقەتلا لاھىيە خەرىتىسىنى سىتارك بىناسى كۆرگەزمە خەرىتىسىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ قويىدۇ ، بۇ دەل پولات پالۋاننىڭ كۆكرىكىدىكى پاللادىي ئىلمىتىنىڭ زەھىرىگە ئۇچىراپ ئۆلۈپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . 

ئومۇملاشتۇرۇپ ئىيتقاندا ، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن باشلاپ ، ئىنسانلارنىڭ پەن تىخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەقىي قىلىۋاتىدۇ . 

1995-يىلى كىرى يۇلتۇز پىلانىتىدىن كەلگەن رونان ۋە يون روگ يەرشارىنىڭ كەينىدە قالغان پەن تىخنىكىسىنى مازاق قىلشىپ كەتكەن ئىدى . 2023- يىلىغا كەلگەندە ، يەرشارىدا ئاللىقاچان پۈتۈن ئالەمنى قۇتقۇزىدىغان ۋاقىت ماشىنىسى ، چەكسىز گۆھەر تاشلارنى سىغدۇرالايدىغان پەلەي ، زانوسنىڭ غايەت زور كىتسىمان ئالەم كىمىسى بىلەن يەكمۇ يەك ئىلىشالايدىغان چۈمۈلە ئادەم تىخنىكىسى ، ھەمدە زانوسقا تاقابىل تۇرالايدىغان پولات ساۋۇت قاتارلىقلار بارلىققا كىلىپ بولغان ئىدى . 


بۈگۈن بىز مارۋىل ڧىلىملىرى تارىخىدىكى ئىنسانلار ئىجاد قىلغان پەن تىخنىكىلار بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى . 

1. ئېرىسكىن دەرىجىدىن تاشقىرى جەڭچى قان زەردابى 

ئاباراھام ئېرىسكىن دوكتۇر بولسا روسىيەدە تۇغۇلغان ، ئىلگىرى ناتسىسلار تەرپىدىنمۇ ئىشلىگەن ، ئاخىرىدا بىرلەشمە ئارمىيگە ئۆزىنى ئاتىغان . ھەمدە دەرىجىدىن تاشقىرى جەڭچىنىڭ جەڭ پىلانى پەن تىخنىكا بۆلۈمىگە قاتناشقان . 


ئېرىسكىن دوكتۇرنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى جەڭچى قان زەردابى ، ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىماننى بارلىققا كەلتۈرگەن —– ئامېرىكا كاپىتانى ۋە قىزىل ئىسكىلىت . ھەمدە بۇ ئىككى ئادەم ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن تارتىپ “قىساسكارلار 4” كىچە ، يەرشارىنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن . 

2. توققۇز باشلىق يىلاننىڭ كەلگۈسىنى مۆلچەرلەش ڧورمىلاسى

زولا دوكتۇر بولسا توققۇز باشلىق يىلاننىڭ باش پەن تىخنىكا ئالىمى ، ئۇ ئالەم كۇپىغا ئىرىشكەندىن كىيىن ، ناتسىسلار ئۈچۈن دەۋىردىن ھالىقىغان ئىلغار قوراللارنى كەشىپ قىلغان . 
لىكىن زولا دوكتۇرنىڭ ئىجاد قىلغان پىروگىراممىسى بىلەن سىلىشتۇرغاندا ، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئۇ قوراللار ھىچقانچە گەپ ئەمەس .

تاكى 2014- يىلىغا كەلگەندە ، زولا دوكتۇرنىڭ ئىجاد قىلغان كەلگۈسىنى مۆلچەرلەش ڧورمىلاسى ، ئىزچىل ھالدا توققۇز باشلىق يىلاننىڭ ئىشىپ قالغان تەشكىلاتى تەرپىدىن ئىشىلتىلىپ كەلگەن . بۇ ۋاقىتتا تىخى خىسلەتلىك دوكتۇر بولمىغان دوختۇر سىتىرەنج ، توققۇز باشلىق يىلان تەرپىدىن تەھدىد دەپ قارىلىپ كەلگەن . 

3. ئەقلىي ئىقتىدار ۋە نامىي تىخنىكىسى 

“قىساسكارلار ئىتىتىپاقى 2” دە ئولتىران رەسمىي ھالدا مەيدانغا چىقىدۇ ، ئۇنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى دىمىسەممۇ ھەمىڭلار بىلىسلەر ، ئۇ زانوستىن قالسىلا ، يەرشارىغا ئەڭ چوڭ تەھدىد ئىلىپ كەلگەن سەلبىي قەھرىمان . ئەگەر ۋىزون بولمىغان بولسا ، ئولتىران پۈتۈن يەرشارىغا ھۆكۈمىران بولغان بولاتتى . 


ئىنسانلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن ئەقلىي ئىقتىداردىن باشقا ، “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 2” دە باشقا پەن تىخنىكىلارمۇ ئاز ئەمەس . 
مەسىلەن كورىيەلىك جاۋخەيلۈن دوكتۇرنىڭ تەتقىق قىلىپ چىققان نامىي قايتا ئۆستۈرۈش تىخنىكىسى . بۇ تىخنىكا ئۇدۇللا پولات پالۋاننىڭ جەڭ ساۋۇتى ۋە ۋىزونغا ئىشلىتىلگەن .  
“قىساسكارلار 4” تىكى چەكسىز پەلەيمۇ بەلكىم مۇشۇ تىخنىكىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ، پولات پالۋاننىڭ ئاسانلا زانوسنىڭ قولىدىكى پەلەيدىن گۆھەر تاشلارنى ئۆزىنىڭ ساۋۇتىغا يۆتكىشىدە مۇشۇ تىخنىكىدىن ئايرىلالمايدۇ . 

4. دوكتۇر پىيمنىڭ كىۋانىت زەرچىسى ، پولات ساۋۇت پالۋاننىڭ ۋاقىت ماشىنىسى 

تۇنجى ئەۋلاد چۈمۈلە ئادەم پىيم دوكتۇر ، بەلكىم ھەقىقىي ھالدا مارۋىل پەن تىخنىكا ئاتىسى بولۇشقا مۇناسىپتۇر . پىيم زەرچىسى ئۇدۇللا بىر يشىل گىگانىت ئادەم دەرجىسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان ئىككىنجى ئەۋلاد چۈمۈلە ئادەمنى بارلىققا كەلتۈرگەن . 
“قىساسكارلار 4” ھەل قىلغۇچ جەڭدە ، ئىككىنجى ئەۋلاد چۈمۈلە ئادەم سىكات زانوسنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قول ئاستىدىكلەرنى دەسسەپ ئۆلتۈرۋتىپلا قالماي يەنە خارابىلىق ئىچىدىن يىشىل گىگانىت ئادەم ، جەڭ ماشىنىسى ، راكىتا راكون قاتارلىقلارنى قۇتقۇزۇپ چىققان ، ھەمدە جەڭ مەيدانىدا ئاز بولمىغان كىتسىمان ئالەم كىمىلىرىنى ۋە چىتارىي قوشۇنىنى ھالاك قىلغان . 

ئەركىن ھالدا كىۋانىت دۇنياسىغا كىرىپ چىقىشنىڭ ئۇسۇلىنى تىپىپ چىققان پىيم ، ئەلۋەتتە ۋاقىت ئاتلاپ ئۆتۈپ قىساسكارلارنىڭ زانوسنى مەغلۇپ قىلىشىغا ياردەم قىلغان دىسەك بولىدۇ . 
گەرچە ۋاقىت ماشىنىسىنى پولات پالۋان ئىجاد قىلغان بولسىمۇ ، لىكىن پىيم دوكتۇرنىڭ نۇقتىي نەزىرى ۋە بىلىملىرى بولمىسا ، ۋاقىت ماشىنىسىمۇ كەشىپ قىلنمىغان بولاتتى . 

5. يىشىل گىگانىت ئادەمنىڭ تاساددىبىي كەشىپ قىلىپ قالغان مەڭگۈلۈك ماشىنىسى

يىشىل گىگانىت ئادەم قارماققا داۋاملىق ئانچە مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىغان نەرسىلەرنى ئىجاد قىلىپ قالىدۇ ، گاما نۇرىنى تەتقىق قىلۋاتقان چاغدا ئۆزىنى غەلىتە مەخلۇققا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ ، پولات پالۋان بىلەن ئەقلىي  ئىقتىدار تەتقىق قىلىپ ، لىكىن ئولتىراننى كەشىپ قىلىپ قالىدۇ ، تاكى “قىساسكارلار 4” كە كەلگەندە پولات ساۋۇت پالۋان يوق ھالەتتە ، ئۆزى بىر تولۇق پۈتمىگەن زامان ھالقىش ماشىنىسى ئىجاد قىلىپ چىقىدۇ ، ھەمدە چۈمۈلە ئادەمنى قوقىتىپ ئىشتىنىغا سىيدۈرۋىتىدۇ . 

ئەمما يىشىل گىگانىت ئادەمنىڭ ياسىغان زامان ھالقىش ماشىنىسى ، ئادەمنى مەڭگۈ ياشاش ئىمكانىيتىگە ئىرىشتۈرگەن . قىرىپ كەتكەن ئادەمنى بەننا ياسىغان زامان ھالقىش ماشىنىسىغا سالغاندا ۋاقىت ئىچىدە ئايلىنىدۇ ھەمدە بوۋاق ھالەتكىمۇ كىلىپ قالىدۇ … 

مارۋىل بۇندىن كىيىن بۇ مەڭگۈلۈك ماشىنىغا ئىتىبار بىرىپ قارامدۇ ياكى ئۇنداق بولمامدۇ ئۇنىسى ئىنىق ئەمەس . 

يەنە نۇرغۇن پەن تىخنىكىلارنى تونۇشتۇرمىدىم ، مەستانىلەر يەنە يۇقارقىلاردىن باشقا مارۋىل تارىخىدىكى قانداق يۇقىرى پەن تىخنىكىلارنى بىلىسىلەر ئىنكاس ئارقىلىق قالدۇرۇڭلار ! 

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن .

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش1تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى جەمئىي1تال

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ