خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر …
“مارۋىل كاپىتانى” ڧىلىمى قويۇلغىنى ئىككى ئايدىن ئاشتى ، بىلەت كىرىمىمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى ، ئەلۋەتتە مارۋىل ڧىلىملىرىنىڭ بىلەت كىرىمى ناھايىتى ياخشى . بىز بۇ ڧىلىمدە مارۋىل كاپىتانىنىڭ غايەت زور كۈچ قۇدىرتىنى كۆردۇق ، چىدامچانلىق بولسۇن ، ياكى ھۇجۇم قىلىش كۈچى بولسۇن ھەر جەھەتتە ناھايىتى كۈچلۈك بىر قەھرىمان ، ئۇ ھەم نۇر تىزلىكىدىن ھالقىپ ئۇچالايدۇ . مارۋىل تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئايال قەھرىمان بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .
بۇندىن باشقا بىز يەنە نىك ڧۇرىينىڭ بىر كۆزىنىڭ قانداق يارلانغانلىقىنى بىلۋالالايمىز ، نۇرغۇن مەستانىلەر ئۇنىڭ كۆزىنى تاشقى پىلانىت ئادەملىرى بىلەن ئۇرۇشقان چاغدا يارلانغان دەپ پەرەز قىلغان ئىدى ، لىكىن ھازىر بىلسەك ئۇنىڭ كۆزى بولسا بىر مۈشۈك تەرپىدىن يارلانغان ، بىز پەرەز قىلىپ ئويلاپ كەتكىدەك ئۇنچىلا مۇرەككەپمۇ ئەمەس .
مەستانىلەرنىڭ بۇ ڧىلىمنى كۆرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ، بۇ ڧىلىمدىنمۇ بىز مارۋىل كاپىتانىنىڭ شۇ ۋاقىتتىلا قىساسكارلارغا قوشۇلغىننى بىلۋالالايمىز .
نۇرغۇن مەستانىلەر بۇنىڭدىن ھەيران بولىدۇ ، شۇنچە كۈچلۈك قەھرىمان قىساسكارلار ئىتتىپاقىدا بار ئىكەن نىمىشقا ئەينى چاغدا نىيۇ-يورك ئۇرۇشىدا ئوتۇرغا چىقمايدۇ ؟ ئولتىران دۇنيانى ۋەيران قىلماقچى بولغان ئۇرۇشتىمۇ ھىچ بىر سايىسىنىمۇ كۆرسەتمىگەن ، زانوس بىلەن ئۇرشىدىغان ۋاقىتتىمۇ تىخى ئەڭ ئاخىرىدا ئاندىن كىلىپ قىساسكارلارغا ياردەم قىلدى ، ئۇ ئادەتتە نىمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش ؟ نىمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ؟ يەرشارى بىلەن كارى بومامدۇ ؟
ئالدى بىلەن شۇنى بىلشىمىز كىرەك نىك ڧۇرىي ئىلاھى قالقان ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ، ئۇ بىر نۇرغۇن جەڭلەرنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەن ئالاھىدە خادىم شاھى ، يەرشارىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا ئۇ ھەرقانداق بىر ۋاستە قوللىنىدۇ .
مارۋىل ڧىلىملىرىنى سۆزلەپ ئۆتسەك ، مارۋىل كاپىتانى ئەڭ دەسلەپكى قىساسكار بوپ ھىساپلىنىدۇ ، ئۇنىڭ كۈچ قۇدىرىتى يىڭى ئىشلەنگەن نۇر تىزلىكىدە ئۇچالايدغان ئالەم كىمىسىنىڭ ماتورىنىڭ ئىنىرگىيسىنى بەدەنگە سىڭىپ كىرىشىدىن ھاسىل بولغان ، شۇڭا ئۇ مارۋىل تارىخدا ئەڭ كۈچلۈك قىساسكار دەپ ئاتلىشقا مۇناسىپ .
نىك ڧۇرىي قىساسكارلارنىڭ باشقۇرغىچىسى ھىساپلىنىدۇ ، مارۋىل كاپىتانى نىك ڧۇرىي ئەڭ ئاخىردا ئاندىن چۈشىدىغان قارت ھىساپلىنىدۇ ، نىك ڧۇرىي قىساسكارلارغا ئىشىنىدۇ ، ئۇلارنى نىيۇ-يورك ئۇرىشىدا غەلبە قىلالايدىغىنىغا ھەم ئولتىراننى مەغلۇب قىلالىشغا ئىشەنگەن . شۇڭا بۇ ئارلىقتا مارۋىل كاپىتانى ئىزچىل بىز بىلەن يۈز كۆرۈشمەيدۇ ، بۇمۇ ھەم قىساسكارلارغا نىسبەتەن بىر چىنىقتۇرۇش بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ .
ئەمدى زانوسقا كەلگەندە نىك ڧۇرىيمۇ دەسلەپتە بۇ ئىشتىن تىزلا خەۋەردار بولالمايدۇ ، تاكى زانوس تاشلارنى يىغىپ بولۇپ قولىدىن قاس چىقارغۇچە ، “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3” نىڭ ئاخىردىكى كۆزنەكتە نىك ڧۇرىي يولدا كىتۋىتىپ كىشىلەرنىڭ تۇيۇقسىز يوقىلىپ كىتىپ بارغانلىقىنى كۆرىدۇ ، زانوسقا ئوخشاش ئىلاھ دەرىجىلىك سەلبىي قەھرىمانغا دۇچى كىلىپ ، ھەتتا قايتۇرما زەربە بىرىش پۇرسىتىنىڭمۇ قالمىغانلىقىنى بىلگەن نىك ڧۇرىي ئاخىرى مارۋىل كاپىتانىنى ئوتتۇرغا چىقارماي بولمايدىغىننى ھىس قىلىپ يەتكەن ، شۇڭا ڧىلىم ئاخىرىدىكى كۆزنەكتە مارۋىل كاپىتانىغا سىگىنال يوللاپ بولۇپلا ئاندىن ئۆزىمۇ كۈلگە ئايلىنىپ كىتىدۇ .
سىگىنال تاپشۇرالغان مارۋىل كاپىتانىمۇ بۇ ئىشنىڭ پۈتۈن ئالەمگە چىتىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئاندىن يەرشارىغا قايتىپ كىلىدۇ . ئۇ شۇ ۋاقىتقىچە نەدە يۈردى ؟ بۇنى مارۋىل كاپىتانىنىڭ ڧىلىمىدىن ھىس قىلساق بولىدۇ ، ئۇ ڧىلىمدە خاتىرسىنى يوقىتىپ قويغان ، كىيىن كىرى ئادەملىرى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئالەم ئارا ئۇرۇشلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ، نۇرغۇنلىغان پىلانىتلار ئۇنىڭغا موھتاج ، بىر يەرشارىلا ئەمەس ، ئۇ ئاخىرىدا خاترىسىنى ئەسلەپ تاپقاندىن كىيىن پۈتۈن ئالەمنىڭ تىنىچ ئامانلىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلدىغىننى ئىيتىدۇ ، بەلكىم مەستانىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى بىلىدۇ .
شۇڭا ئۇ ئادەتتە ناھايىتى ئالدىراش ، ئۇنداق ئۇرۇشلار بولغان چاغدىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ بولالماي يەرشارىغا كىلەلمىگەن . پۈتۈن مارۋىل ھىكايە ۋەقەلىك ئوتۇرىدا مارۋىل كاپىتانىغا نىسبەتەن كۆرنۈشلەرنىڭ ئاز بولىشى دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بولىدۇ .
“قىساسكارلار 4” نىڭ بىشىدىمۇ ئۇ قىساسكارلار بىلەن زانوسنى ئۆلتۈرگىلى باردۇ ، ڧىلىمنىڭ بىشىدا شۇ بىر كۆرۈنگەنچە ڧىلىم ئاخىرىدا زانوس بىلەن چوڭ ئۇرۇش قىلغاندا ئاندىن قايتا مەيدانغا چىقىپ زانوس بىلەن ئىلىشدۇ .
مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن .
ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ
تىزىملىتىش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش