خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر …
“قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3 : چەكسىز ئۇرۇش” تا بىز زانوسنىڭ قولىدىن قاس چىقىرىپلا پۈتۈن ئالەمدىكى يىرىم مەۋجۇداتنى ئۆلتۈرۋەتكەنلىكىنى كۆرىمىز ، لىكىن ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە ئىيتىلۋاتقان “ئۆلتۈرۋىتىش” ھەقىقىي ئىسپاتلىنىپ باققىنى يوق ، ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەت پۈتۈن ئالەمدىكى يىرىم مەۋجداتنى 6 دانە چەكسىز گۆھەر تاشنىڭ كۈچى ئارقىلىق كۆلگە ئايلاندۇرۋەتكەنلىكىدىن كىلىپ چىققان بىر نەتىجە ، ئەمەلىيەتتە چەكسىز گۆھەر تاش ھەرگىزمۇ ھەقىقىي ھالەتتە بىر ئادەمنى “ئۆلتۈرەلمەيدۇ” .
“قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4” تىكى ئىپادىلىنىپ چىققان ۋەقەلىكلەردىن بىز مۇنداق بىر قاراشقا ئىگە بولىمىز ، چەكسىز گۆھەر تاشلار ھەرگىزمۇ بىر ھەقىقىي ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنى تىرىلدۇرەلمەيدۇ ، مەسىلەن : لوكى ، قارا تۇل خوتۇن ۋە چاقماق ئىلاھىنىڭ ئاپىسى ڧىرەج قاتارلىقلار …
چەكسىز گۆھەر تاشلارنىڭ قىلالايدىغىنى پەقەت شۇ 6 دانە گۆھەر تاشنىڭ ئۆز ئالدىغا بولغان كۈچ قۇدىرىتىنىڭ ئورتاق ئىشلىتىلىش رولىدىنلا ئىبارەت .
6 دانە چەكسىز گۆھەر تاشلار ئايرىم ئايرىم ھالدا ۋاقىت ، بوشلۇق ، كۈچ قۇدرەت ، زوھ ، قەلىب ۋە ھەقىقەتنى كونتىرول قىلىدۇ . لىكىن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا گۆھەر تاشنىڭمۇ كۈچ قۇدىرىتى چەكسىز بولمايدۇ ، خۇددى ۋاقىتنى چەكسىز ھالدا كەينىگە قايتۇرغىلى بولمايدۇ ، ھەقىقەتنى مەڭگۈلۈك يوشۇرۇپ تۇرالمايدۇ ، قەلىبنىمۇ ئۇزۇن مۇددەت كونتىرول قىلىپ تۇرالمايدۇ . پەقەت 6 دانە چەكسىز گۆھەر تاشنى تەڭلا بىر ۋاقىتتا ھەركەت قىلغۇزغاندا ئاندىن مەلۇم بىر گۆھەر تاشنىڭ كۈچىنى ئەڭ يۇقىرى نىسبەتتە چوڭايتقىلى بولىدۇ .
دەل مۇشۇنداق بولغاچقىلا ، 6 دانە چەكسىز گۆھەر تاشنى بىر يەرگە يىغىقاندا غايەت زور ئىنىرگىيە ھاسىل بولىدۇ ، ھەمدە ئۇنى ئىشلەتكۈچىنىڭ شۇنداق غايەت زور ئىنىرگىيىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ ، شۇڭا زانوس ، خوك ، پولات ساۋۇت پالۋان قاتارلىقلار قولىدىن قاس چىقىرىپ بولۇپ يىقىلىپ قالىدۇ ۋە ئۆلۈپ كىتىدۇ .
ڧىلىمدە ئىيتىلغان يىرىم مەۋجۇداتنى “ئۆلتۈرۋىتىش” ، ئەمىليەتتە ئۇلارنى بىر كۈلگە ئايلاندۇرۇپ قويدى خالاس ، لىكىن بىز كۆزىمىز بىلەن كۆرەلىگۈدەك “ئۆلتۈرۋەتمىدى” . بۇلارنىىڭ ئىچىدە قارايدىغان بولساق 6 دانە تاشنىڭ ئىشلىتىلىش رولىنىڭ ئايرىم ئىكەنلىكىنى بىلۋالالايمىز .
ئەمىلىيەتتە : ھەقىقەت تىشى ئۇلارنىڭ بەدىنىنى كۈلگە ئايلاندۇرغان ، قەلىب تىشى ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى ۋە ئىڭىنى يۇقتىۋىتىدۇ ، روھ تىشى بولسا ئۇلارنىڭ روھىنى كونتىرول قىلىۋالغان ، ھەمدە بوشلۇق تىشى بىلەن كۈچ قۇدرەت تىشىنىڭ تەسىرىدە ، يۇقارقى ئۈنۈملەر پۈتۈن ئالەمنى قاپلايدۇ ، ۋاقىت تىشى بۇلارنىڭ داۋاملىششىغا ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ . شۇڭا زانوسنىڭ ئارزۇسى مۇشۇ شەكىلدە ئەمەلگە ئاشىدۇ .
ئەگەت بىز تەپسىلىي قارايدىغان بولساق ، بۇ جەرياننىڭ ھەقىقىي بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۋىتىش ئەمەسلىكىنى بايقايمىز ، بىر تىرىك جانلىقنىڭ ھاياتى ئىككى بۆلەكتىن تەركىپ تاپىدۇ ، بەدەن ۋە روھ ؛ بەدىنى تىخى بار ، پەقەت ھەقىقەت تىشى ئارقىلىقلا كۈلگە ئايلاندۇرۇپ قويۇلدى ، روھىمۇ تىخى مەۋجۇت ، پەقەت روھ تىشى تەرپىدىنلا كونتىرول قىلنىۋالدى .
بىز مارۋىل ڧىلىم ئالىمىدە روھنىڭ ھەقىقي مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىگە جاۋاپ ئىزدەيدىغان بولساق ، “قارا قاپلان” ڧىلىمى ئىچىدىلا بىزگە ئاللىقاچان بۇنى ئىسپاتلاپ بىرىپ بولدى ، قارا قاپلان بولسۇن ياكى ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسى بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى روھ دۇنياسىغا كىرىپ باققان ، بۇ دەل روھنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ . ئۇنداقتا بۇنىڭدىنلا روھ تىشىنىڭ روھنى كونتىرول قىلۋالالايدىغانلىقىنى چۈشەنسەك بولىدۇ .
لىكىن ئاخىرقى ئۇرۇشتا بارلىق مەۋجۇداتلار خوك تەرپىدىن “قايتا تىرىلدۈرۈلدى” ، ئەمىليەتتە خوك تاشلار ئارقىلىق باشتا يۈز بەرگەن بۇ جەريانلارنى تەتۈرگە ئۆرۈپلا قويدى خالاس ، كۈلنى بەدەنگە ئايلاندۇردى ، ھەمدە روھ تىشى تەرپىدىن كونتىرول قىلىنغان روھلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئورنىغا قايتۇرۋەتتى . مانا بۇ ھەممىمىز چۈشىنىپ كەلگەن قايتا تىرىلىشنىڭ جەريانى .
ئۇنداقتا بۈگۈنكى تىمىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەزمۇنىغا كەلسەك ، پولات ساۋۇت پالۋان ئاخىرىدا ئۆزىنى قۇربان قىلىپ 6 دانە گۆھەرتاشلارنى ئىشلىتىپ پۈتۈن زانوس قوشۇنىنى بىرلىكتە كۈلگە ئايلاندۇرۋەتكەن ، لىكىن بىز زانوسنى ھەقىقىي ھالدا ئۆلدى دىگەن ئورۇنغا چىقىرۋەتسەك بولمايدۇ ، زانوس تىخى ھەقىقىي ھالدا ئۆلمىدى !
زانوس ئەمىليەتتە پەقەت بەدىنى كۈلگە ئايلاندۇرۋىتىلدى ، كەلگۈسىدە بۇ ئەبەدىي مىللىتىنىڭ ئىز باسارى بولغان زانوس ، چوقۇم مەلۇم بىر جەريانلار ئارقىلىق قايتا ئەسلىگە كىلىدۇ ، مارۋىل سىتوديسى CEO ئاللىقاچان يوشۇرۇنچە ئەسكەرتىپ بولدى ، زانوس بۇندىن كىيىنكى مارۋىل ڧىلىملىرىدا يەنە ئىكران يۈزىدە بىز بىلەن كۆرىشىدۇ …
مارۋىل ئالىمىدە ئۆلۈم ھەرگىزمۇ ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس ، بەلىكىم قىسقا بىر مۇددەتلىك ئارام ئىلىش ، پەيتى كەلگەندە ئاندىن قايتىدىغان ۋاقىتنى تاللايدۇ !
ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ
تىزىملىتىش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش