بۇ 8 كىشىنىڭ قۇربان بىرىشى ھازىرقى مارۋىل ئالىمىنى ياراتتى

خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر … 

مارۋىل ڧىلىم ئالىمىدە نۇرغۇنلىغان ئۇنتۇلغىسىز مەنزىرىلەر بار ، كۆپىنچىسى بولسا بىز ياخشى كۆرگەن ئوبرازلارنىڭ قۇربان بولىشى ھىساپلىنىدۇ . 

بۇ ئوبرازلارنىڭ شەخسىيەتسىز ھالدا ئۆزىنى قۇربان قىلىشى ، دەل ھازىرقى مارۋىل ڧىلىم ئالىمىنى ياراتتى . 
بۈگۈن مەن مۇشۇ قۇربان بولغانلار ئارىسىدىن 8 كىشىنى تاللاپ چىقتىم  ، بۇلارنىڭ رەت تەرتىپى ھىساپلانمايدۇ ، ھەممىسى بىز ياخشى كۆرگەن ئوبرازلار ~~


8. ئاباراھام . ئېرىسكىن 


گىرمانىيە بىئو خىمىيە ئالىمى ، ئۇ دەرىجىدىن تاشقىرى جەڭچى قان زەردابىنى كەشىپ قىلغان ، ئارقىدىن ئۆز كەشىپىياتىنىڭ رەھىمسىزلەرچە ئادەم بەدىنى تەجىربىسى قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ، ۋىجدانىغا يۈز كىلەلمەي ، ئامېرىكىغا قىچىپ كەتكەن ، “دەرىجىدىن تاشقىرى جەڭچى” پىلانىنىڭ يادىروسى دەل ئۇنىڭ كەشىپ قىلغان “دەرىجىدىن تاشقىرى قان زەردابى” ئىدى ، لىكىن ئۇ تۇنجى قىتىم بۇ تەجىربىنى ئامېرىكا كاپىتانىغا قىلىپ ئۇتۇق قازانغاندىن كىيىن ناتسىس جاسۇسىنىڭ نەق مەيداندا قەسلەپ ئۆلتۈرۋىتىشىگە ئۇچىرىغان .

ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا ئامېرىكا كاپىتانى بولمىغان بولاتتى !


7.  خو . يىسېن 

بەلكىم ھەمىڭلارنىڭ ئىسىدە باردۇ ، خو . يىسىن “پولات پالۋان” ڧىلىمى باشلانغان ۋاقىتتا تونىي بىلەن بىللە قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە سولانغان پەن تىخنىكا ئالىمى شۇ . 

ئۇ تونىينى ھايات قالدۇردى ، شۇڭا كىيىنكى تونىي ئۇتۇق قازىنالىغان . 
ئۇ تونىيغا ياردەملىشىپ بىرىنجى ئەۋلاد جەڭ ساۋۇتى ياسىشىپ بەرگەن .
ئۇ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا تونىيغا مۇنداق دەيدۇ :  ئۇنى ئىسراپ قىلۋەتمە ، ھاياتىڭنى بىكارغا ئۆتكۈزمە . 

پولات پالۋان ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى كۆڭلىدە ناھايىتى چىڭ تۇتىدۇ ، ئۇ ئىلگىرى ئىزچىل ھالدا دۇنياغا قورال يىراقنىڭ كۈچىگە تايىنىشقا دەۋەت قىلغان ئىدى ، شۇڭا دۇنيانىڭ تىنىچلىقى تونىينىڭ ئاخىرقى ئارزۇسى بولۇپ قالغان ئىدى ، بۇ ئارزۇسىنى رىئاللىقا ئاليلاندۇرۇش ئۈچۈن پولات پالۋان “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4” تە ئۆز ھاياتى ئارقىلىق ئىلاھى كۈچلەرگە تاقابىل تۇرغان ئىدى . 


6. گىروت


“سامانيولى قوغدىغۇچىلىرى” ڧىلىمىدە ، گىروت كۆپچىلىكنى قوغداش ئۈچۈن ، ئۆزىنى چوڭ دەرەخ قالقىنىغا ئايلاندۇرۇپ پارتىلاش زەربىسىنى توسىدۇ ، ھەمدە ئۆزىنى قۇربان قىلىدۇ .

ئەگەر I am Groot  دىگەن گەپنى تەرجىمە قىلىدىغان بولساق نەچە يۈز خىل مەنىسى بولىشى مۇمكىن ، بۇنى بەلكىم ھەمىڭلار ھىس قىلالايسىلەر . 


5. خەمدار

ھەمدار بولسا ئاسگارد ئىلاھلار ئوردىسى ھەسەن ھۈسەن كۆۋرۈكىنىڭ قوغدىغۇچىسى ، ئوۋدىننىڭ سادىق ۋەزىرى ، چاقماق ئىلاھىنىڭ يىقىن دوسىتى ، ئۇنىڭ ئاپلىسىن رەڭلىك كۆزى ئىلگىرى ئەڭ چوڭ ئىھتىماللىقى بار بولغان روھ تىشىنىڭ قويۇش ئورنى ئىدى ، ئەمەلىي كۈچىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك . 

زانوس يىتىپ كەلگەندە ئۇ ئاسگاردنى قوغداش ئۈچۈن قايتۇرما زەربىگە ئۆتىدۇ ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزدىكى بارىلىق كۈچنى ئىشلىتىپ ، ھەسەن ھۈسەن كۆۋرۈكى پەيدا قىلىپ يىشىل گىگانىت ئادەمنى يەرشارىغا يەتكۈزۈپ قويىدۇ . 


4.  يوندۇ


دەسلەپتە “سامانيولى قوغدىغۇچىلىرى” ڧىلىمىنى كۆرگەندە ، مەن يوندۇنى بىر رەھىمسىز قاراقچى ، ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە زوراۋانلىق قىلىدىغان ، ھەمدە يۇلتۇز بايۋەتچىسىنىمۇ ئىزچىل قوغلاپ كەلگەن ئىدى . 
ھەتتا مەن ئارقىدىن يوندۇنى يۇلتۇز بايۋەتچىسىنىڭ بىقىۋالغان دادىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋاقتىمدىمۇ ئۇنى ئانچە كۆپ چۈشىنەلمىگەن ئىدىم ، داۋاملىق يۇلتۇز بايۋەتچىسدىن پايدىلىنىدىغنلىقىنى ھىس قىلغان ئىدىم . 

ئارقىدىن مەن يوندۇنىڭ  يۇلتۇز بايۋەتچىسىنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈنلا ئۇنى باققانلىقىنى ، ھەتتاكى يۇلتۇز بايۋەتچىسى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلغانلىقىنى بىلدىم . 
يوندۇ ھەقىقەتەن يۇلتۇز بايۋەتچىسىنىڭ دادىسى بولۇشقا مۇناسىپ ئىدى .
ھەتتا ، ھاياتى خەۋىپكە ئۇچىرىغان ۋاقىتتىمۇ ، يوندۇ يۇلتۇز بايۋەتچىسىنى قۇتقۇزۋالمىغان بولسا ، “قىساسكارلار 3” تىكى يۇلتۇز بايۋەتچىسى زانوسنى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۋەتمەيتى ، شۇنداق بولغاندا “قىساسكارلار 4” مۇ يۈز بەرمىگەن بولاتتى ! 


3 . ۋىزون

“قىساسكارلار 3” تە زانوس ئەڭ ئاخىرىدا ۋىزوننىڭ بىشىدىكى قەلىب تىىشنى قولغا كەلتۈرسە پۈتۈن تاشلارنى قولغا چۈشۈرگەن بولاتتى ، زانوسنى مەقسىتىگە يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ، ۋىزون قىزىل ئايال پىرىخونغا ئۆز قولى بىلەن گۆھەر تاشنى ۋەيران قىلۋىتىشنى ئىيتىدۇ ، ھەمدە ئۆزىنىمۇ قۇربان قىلىدۇ ، لىكىن بۇ پەقەت ئكزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن قىزىل ئايال پىرىخوننىڭلا قولىدىن كىلەتتى ، بۇنىڭدىنلا بىز بۇ تاللاشنىڭ قانچىلىك قىيىن ئىكەنلىكىنى ھىس قىلۋالالايمىز . 

ئاخىرىدا قىزىل ئايال پىرىخون يەنىلا قىلالىدى ، گۆھەر تاشنى ۋەيران قىلۋەتكەن ئىدى ، ۋىزونمۇ تەڭ ئۆلۈپ كەتتى ، لىكن بۇ ۋاقىتتا ھەممە ئىش كىچىككەن ئىدى ، زانوس شۇ ۋاقىتتىكى ئۆز قولىدىكى ۋاقىت تىشى ئارقىلىق ۋىزوننى قايتا تىرىلدۇرۈپ ، گۆھەر تاشنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تاشنى قولغا كەلتۈرىدۇ . 


2. قارا تۇل خوتۇن


بۈركۈت كۆز بىلەن قارا تۇل خوتۇن ۋاقىت ھالقىپ بىرىپ ۋورميىر پىلانىتىغا بىرىپ روھ تىشىنى ئىزدەيدۇ ، لىكىن روھ تىشىغا ئىرىشىش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى قۇربان قىلىشى شەرت ئىدى ، شۇنىڭ بىلەن قارا تۇل خوتۇن ئۆزىنى قۇربان قىلىشنى تاللايدۇ . 

ڧىلىمدا قارا تۇل خوتۇننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يوق ئىدى ، قىساسكارلار ئىتتىپاقى دەل ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكلەر ئىدى . 
ئەگەر قۇربان بولغىنى بۈركۈت كۆز بولغان بوسا ، قارا تۇل خوتۇن چوقۇم تىخىمۇ ئازاپلانغان بولاتتى ، قىينىلدىغىنى دەل شۇ ھايات تۇرغان ئادەم بولىدۇ ، شۇڭا قارا تۇل خوتۇن ئۆزىنىڭ بۇنداق بولدىغىننى بىلگەن شۇڭا ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يىقىن ئادىمىدىن ئايرىلىپ ئۆزىنى قۇربان قىلىدى . 


1.  پولات پالۋان 

“قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4” نىڭ قوشۇمچە ماۋزۇسى بولسا ئاخىرقى جەڭ ، دەسلەپتە دەل پولات پالۋان مارۋىل ڧىلىم ئالىمىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان ئىدى ، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھىس قىلالىشى مۇمكىن ، بۇ دەل پولات پالۋاننىڭ ئاخىرقى ئۇرىشى . 
بۇندىن باشقا پولات پالۋان بىلەن ئامېرىكا كاپىتاننىڭ ئاخىرقى خاتىمىسى بولسا بىر ئەينەككە ئوخشايدۇ ، پولات پالۋان ئامېرىكا كاپىتاننىڭ دەسلەپكى مەيدانىدا تۇرۇپ ، ئىنسانلارنى قۇتقۇزدى ، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن قورقىمىدى ، ھەتتا ئۆزىنى قۇربان قىلىشتىن . 

ئامېرىكا كاپىتانى بولسا پولات پالۋاننىڭ دەسلەپكى مەيدانىدا تۇردى ، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك تۇرمۇش كەچۈردى ، ھەمدە ئۆزىنىڭ سۆيگىنى بىلەن ئاخىرقى ھاياتىنى بىللە ئۆتكۈزدى . 

ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرقى نۇقىتغا قاراپ ماڭدى .
پولات پالۋان بىلەن باشلىنىپ پولات پالۋان بىلەن ئاخىرلاشتى ! 

ئۇ دەسلەپتە “مەن پولات پالۋان” دىگەن سۆز بىلەن مارۋىل ڧىلىم ئالىمىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان ئىدى ، ھەمدە ئەڭ ئاخىردا ئوخشاشلا مۇشۇ ئىغىز گەپ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئاخىرلاشتۇردى . 


 مەن سىنى ئۈچ مىڭ قىتىم سۈيىمەن ♥

ئەلۋەتتە ئەڭ ئاساسلىقى شۇكى دوۋىنىينىڭ مارۋىل بىلەن بولغان توختام ۋاقتىمۇ توشتى ، ھەم ئۇنىڭ تەلەپ قىلىدىغان رولغا چىقىش ھەققىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ كەتتى .

 

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى جەمئىي4تال

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ

    • Aziz
    • Vision نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ۋىژىن
      11ئاي بۇرۇن