مارۋىل تارىخىدىكى ئەڭ كىلاسسىك 7 رەڭلىك تۇخۇم

 خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر … 

“قىساسكارلار 4” مارۋىلنىڭ 22 – ڧىلىمى بولۇپ ، ئالدىنقى ھەممە ڧىلىملارنىڭ خاتىمىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ ، شۇنداقلا پۈتۈن ھالەتتىكى “مارۋىل ڧىلىم ئالىمى” بولىدۇ .
مارۋىل ڧىلىم ئالىمى 2008- يىلى “پولات پالۋان 1” دىن باشلىنپ ، 20دىن ئارتۇق مارۋىل ڧىلىملىرىنى بىر بىرىگە ئۇلاپ ، “رەڭلىك تۇخۇم” دىگەن بۇ سۆزگە بارلىق يوشۇرۇن مەخپىيەتلىكلەرنى ۋە مەنىسىنى يىغىپ ساقلىدى . 

رەڭلىك تۇخۇم :  ئەسلى مەنىسى بولسا ئەستايدىل كۆزەتمىسە ، ئاسانلا ئىسىدىن چىقىپ قالىدىغان ئىنچىكە  مەزمۇن دىگەننى ئىپادىلەيدۇ . 

مارۋىل ڧىلىملىرىدا بولسا ، رەڭلىك تۇخۇم بەزىدە كىيىنكى ڧىلىمگە بىرىلگەن بىشارەت ، بەزىدە كىلاسسىك نۇقتىلارنى ھۆرمەتلەپ قالدۇرۇلغان نۇقتا ، ھەم بەزىدە ھەرخىل مودا ئىقىملرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ … شۇنداق ئىيىتقاندا ، مارۋىل ھەقىقەتەن رەڭلىك تۇخۇمدىن پايدىلىنىپ ڧىلىمنى “كۆپ قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرى” قىلىپ ئۆزگەرتىۋىتىدۇ .

تۆۋەندە بىز مارۋىل تارىخىدىكى ئەڭ كىلاسسىك 7 رەڭلىك تۇخۇمنى سۆزلەپ ئۆتەيلى :

1. بىزدە خوك بار 
“قىساسكارلار  1” دە ، پولات پالۋان ئىلگىرى لوكىغا بىزدە خوك بار” دەيدۇ . 

لىكىن “قىساسكارلار 3” دا ، لوكى زانوسقا بىزدە خوك بار دەيدۇ ، بۇنى بىرخىل ھۆرمەت تۇيغۇسى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ .

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى : “قىساسكارلار 3” تە ، خوك باشلىنىشتا بىر قتىملا ئىكرانغا چىقىپ ئۇندىن كىيىن قايتا كۆرۈنمىگەن . 
“قىساسكارلار 4” نىڭ ھەرخىل تەشۋىقات ئۇچۇرلىرىدىن قارغاندا ، بىز خوكنىڭ مەيدانغا قايتا چىقىشىغا ئىشەنچ قىلالايمىز ، ئەمدى يەنە كىم  بىزدە خوك بار دەيدۇ ؟

2. قىساسكارلار بىناسىنىڭ ئالدىدىكى خاتىرە ھەيكەل 
“قىساسكارلار 1″دە ، قىساسكارلار جىتارىي تاشقى پىلانىت ئادەملىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ ، بۇ مەيدان ئۇرۇش كىيىن “نىيۇ-يورك ئۇرىشى” دەپ ئاتىلىدۇ .

“نىيۇ-يورك ئۇرىشى” دا ، قىساسكارلار بىناسى ئالدىدىكى خاتىرە ھەيكەل بىر كۆرۈنۈپ ئۆتۈپ كىتىدۇ .
ئارقىدىن ، “قىساسكارلار 2” دە ڧىلىمنىڭ 14 مىنۇتلار ئەتراپىدا ، مارۋىل مەقسەتلىك ھالدا ئالاھىدە بىر كۆرۈنۈش بەرگەن .

ئىيتىشقا ئەرزىگۈدەك يىرى شۇكى : “ئۆمۈچۈك پالۋان : قەھرىماننىڭ يىراققا سەپەر قىلىشى” ناملىق ڧىلىمنىڭ تېتىم ڧىلمىدە ، بۇ خاتىرە ھەيكەلمۇ بىر كۆرۈنگەن . 
“قىساسكارلار 4” ئالدىنقى مەزگىلىدە ، ئاخبارات ۋاستىلىرى “نىيۇ-يورك ئۇرىشى” قايتا يۈز بىرىدۇ دەپ خەۋەر قىلغان ، بۇ خاتىرە ھەيكەل قايتا كۆرنىپ قالامۇ ؟ 

3. قىساسكارلارنىڭ يىغىلىشى 
مارۋىل چاتما رەسىمىدە ، “قىساسكارلار يىغىلىشى” بولسا بىر شۇئار ، ھەم بىر روھ ، ھەم بىر ئەۋلاد كىشلەرنىڭ ئىتقادى . 

مارۋىل ڧىلىمى “قىساسكارلار 1” دە  ، قىساسكارلار تۇنجى بولۇپ بىرلىشىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا جىتارىي تاشقى پىلانىت ئادەملىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ ؛
“قىساسكارلار 2″دە ، قىساسكارلار قايتا بىرلىشىپ ، ئولتىراننى مەغلۇپ قىلىدۇ ؛
“قىساسكارلار 3” دە ، قىساسكارلار ئىچىدىن پارچىلىنىپ كىتىدۇ ….. ئاخىرىدا مەغلۇپ بولىدۇ؛

“قىساسكارلار 4” چوڭ خاتىمىدە ، قىساسكارلار بىرلەشمىسى قايتا نامايەن بولامۇ ؟

4. زانوسنىڭ تۇنجى بولۇپ مەيدانغا چىقىشى
“قىساسكارلار 1″نىڭ ئاخىرىدا ، زانوس تۇنجى بولۇپ مارۋىل ڧىلىمىدە نامايەن بولىدۇ .

بۇ رەڭلىك تۇخۇم ئەينى چاغدا ئانچە دىقتىمىزنى قوزغىمىغان ، بۈگۈنكى كۈندە بولسا مارۋىل تارىخىدىكى ئەڭ چوڭقۇر مەنىلىك رەڭلىك تۇخۇم بولۇپ قالدى . 
زانوسنىڭ مەيدانغا چىقىشىمۇ مارۋىلنىڭ 10 يىللىق تەرەقىيتاتىنى كۆتۈرۈپ كەلدى دىيشكە بولىدۇ ، ئۇنىڭ مەيدانغا كىلىشى 22 مارۋىل ڧىلمىنى چەمبەرچاس باغلىۋەتتى .

5. چاقماق ئىلاھىنىڭ خىيالى تۇيغۇسى 
“قىساسكارلار 2” دە ، چاقماق ئىلاھى ئىككى قىىتم خىيالى تۇيغۇدا بولىدۇ . بۇ ئىككى قىىتملىق خيالىي تۇيغۇ ، بىر بىردىن يامان ، ئىنىقلا “بىشارەت شاھى” بوپ ئاتىلىدۇ . 
بىر قىتىمدا قىزىل ئايال پىرىخوننىڭ دەخلى قىلىشى بىلەن ، يەنە بىر قىتىمدا بولسا ئۆزى “كەلگۈسىدىن بىشارەت” بىرلگەن دۇنياغا كىلىپ قالىدۇ .

بىرنجى قىتىملىق خىيالى سىزىمىدا ، چاقماق كۈچىگە ئىرىشكەن چاقماق ئىلاھى ، ۋە “ئىلاھىلار گۇگۇمى”نى كۆرىدۇ .

ئىكىنجى قىتىمدا . زانوسنىڭ چەكسىز پەلەيى بىلەن 6 دانە چەكسىز گۆھەر تاش خىيالى تۇيغۇسىغا كىرىدۇ . 

6. زانوسنىڭ كۈلۈمسىرىشى 
“قىساسكارلار 1” نىڭ ئاخىرىدىكى رەڭلىك تۇخۇمدا ، زانوس كۈلۈمسىرەيدۇ 

“قىساسكارلار 2” نىڭ ئاخىرىدىكى رەڭلىك تۇخۇمتە، زانوس قايتا كۈلۈمسىرەيدۇ 

“قىساسكارلار 3” نىڭ ئاخىرىدىكى رەڭلىك تۇخۇمتە، زانوس يەنە كۈلۈمسىرەيدۇ 

“قىساسكارلار 4” تە زانوس يەنە قايتا كۈلۈمسىرەمۇ ؟

7. سىتەن لى بوۋاي 
مارۋىل ڧىلىملىرنىڭ رەڭلىك تۇخۇملىرى يەنە قانچە كىلاسسىك بولسۇن ، سىتەن لى بوۋاينىڭ چىققان كۆرۈنىشى چوقۇم ئەڭ كىلاسسك بوپ ھىساپلىنىدۇ . 

سىتەن لى بارلىق مارۋىل ڧىلىملىرى ۋە ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ ئىزنالىرىنى قالدۇرغان ، “قىساسكارلار 4” تىمۇ سىتەن لىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ھەقىقىي سۈرەتكە تارتىلغان كۆزنىكى بار . 

“قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4 : ئاخىرىقى ئۇرۇش”  22 مارۋىل ڧىلىملىرىنىڭ ئەڭ چوڭ خاتىمىسى ، چوقۇم ئالدىدىكى 21 ڧىلىمنىڭ ھەممىسنى تۇتاشتۇرىدۇ ، ھەمدە رەڭلىك تۇخۇمنىڭ سانىمۇ ناھايىتى كۆپ …. 

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن 

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ