خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر …
بۈگۈن مەستانىلەرنىڭ “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4 : ئاخىرقى ئۇرۇش” ڧىلىم مەزمۇنىدىكى چۈشنەلمىگەن ياكى ۋەقەلىكى ئايدىڭ بولمىغان مەزمۇنلارنى ئىنچىكە چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن . دوستلىرىڭلارغا ھەمبەھىرلەپ قويۇڭلار .
ئامېرىكا كاپىتانى نىمىشقا چاقماق ئىلاھىنىڭ بولقىسىنى (مىجولنىر) نى كۆتۈرەلەيدۇ ؟
بۇنىڭغا ئەڭ ئەڭ ئىنچىكە نۇقتىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ ، ئاۋال بىز چاقماق ئىلاھىنىڭ مۇشۇ بولقىسى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى . بۇ زادى قانداق بولقا ؟ قانداق بارلىققا كەلگەن ؟ قانداق ئالاھىدىلكى بار ؟
مىجولنىر — چاقماق ئىلاھى بولقىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، يۇنان ئەپسانىلرىدكى ۋە مارۋىل چاتما رەسىمىدىكى چاقماق ئىلاھىنىڭ قورالى ، ئەپسانىلەردە ئىيتىلىشچە ، بولقىنى ئاتقاندىن كىيىن دەل جايىغا تىگىدۇ ، ھىچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ ، ھەمدە نىشانغا تىگىپ بولغاندىن كىيىن يەنە ئۆزىنىڭ ئىشلەتكەچىسىنىڭ قولىغا قايتىپ كىلەلەيدۇ . بولقىنىڭ بىشى بولسا بىر ھالەكەتكە يۈزلەنگەن پىلانىتنىڭ يادروسىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ ، تۇتقۇچى دۇنيا دەرىخدىن ياسالغان ، ھەرقانداق نەرسىنى ئۇرۇپ ئۇچىرۋىتەلەيدۇ ، بولقا ھاۋا چاقماقنى يىتەكلەپ چۈشەلەيدۇ ، ھەم چاقماقنى كونتىرول قىلىپ نىشانىغا تەككۈزەلەيدۇ . چاقماق ئىلاھى بولقىسى ئارقىلىق يىقى ئارلىق ئۇرۇشى قىلىدۇ ۋە ئۇ ئارقىلىق ئۇچالايدۇ ، بولقىمۇ ئۇنى كۆتۈرۈپ ئوينىتش سالاھىيتى بار ئادەمگىلا ئىتائەت بىلدۇرىدۇ .
بىز ئەمدى چاقماق ئىلاھى 1 دىكى مەزمۇننى بىر ئەسلەپ ئۆتەيلى …
ئەينى چاغدا چاقماق ئىلاھى ئوۋدىننىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنماي ئۆز خائىشى بويىچە ھەركەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ، قەدىمى مۇز ئادەملىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشنى قايتا قوزغاپ قويۇشقا تاس قالىدۇ ، شۇڭا ئوۋدىن ئۇنى جازالاش ئۈچۈن يەر يۈزىگە سۈرگۈن قىلۋىتىدۇ . شۇ ۋاقىتتا تەڭ چاقماق ئىلاھىنىڭ كۈچ قۇدىرىتىنى ئىلىپ تاشلايدۇ ، ھەم بولقىنى قولىغا ئىلىپ (بولقىنى سالاھىيتى توشقان ھەرقانداق ئادەم كۆتۈرەلەيدۇ ) دەپ بولۇپ ، بولقىنىمۇ يەر يۈزىگە تاشلىۋىتىدۇ .
بىز بۇيەردىن شۇنى كۆرۋالالايمىزكى بۇنىڭ ئىسمى چاقماق ئىلاھى بولقسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا چاقماق ئىلاھىلا كۆتۈرەلەيدۇ دەپ قارساق بولمايدۇ . بەلكى بولقا ئۆزىنى كۆتىرەلەيدىغان ئادەمنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ .
ئەمدى قىساسكارلار ئىتتىپاقى 2 گە كىلەيلى …
چاقماق ئىلاھى بارلىق قىساسكارلارغا ئۆزىنىڭ بولقىسىنى كۆتۈرۈپ بىقىشنى ئىيتقاندا ، قىساسكارلار بىردىن سىناپ باقىدۇ ، بۈركۈت كۆز كۆتۈرەلمەيدۇ ، بەننا دوكتۇر كۆتۈرەلمەيدۇ ، پولات ساۋۇت پالۋان بىلەن جەڭ ماشىنىسى كۆتۈرەلمەيدۇ ، قارا تۇل خوتۇن كۆتۈرۈشنى خالىمايدۇ ، كاپىتان بولسا ئورنىنى ئازراق مىدىرىلىتالايدۇ بۇ چاغدا چاقماق ئىلاھىنىڭ چىراي ئىپادىسى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ . بۇيەردىكى ئەڭ توغرا پەرەز شۇكى ئامېرىكا كاپىتانى شۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ بولقىنى كۆتۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلگەن ، لىكىن ئورنىدىن مىدىرلاتقاندىن كىينلا قايتا كۆتۈرۈپ باقمايدۇ .
بەلكىم چاقماق ئىلاھىغا يۈز بەرگەندۇ .
قىساسكارلارمۇ ھەيرانلىقتا بۇنىڭ نىمە ئۈچۈن چاقماق ئىلاھىنىڭ ئۆزىلا كۆرۈرەلەيدىغانلىقنى سورىغاندا چاقماق ئىلاھى ناھايىتى كۆرەڭلىگەن ھالدا سىلەرنىڭ سالاھىيتىڭلار توشمايدۇ دەيدۇ.
بۇنىڭدىن بولقىنىڭ ئۆزىنى كۆتۈرەلەيدىغان ئادەمنى ئۆزى بەلگىلەيدىغىننى بىلۋالغىلى بولىدۇ . بولقا ئۆزىنىڭ قانداق ئادەمگە ئىتائەتمەنلىك بىلدۈرسە بولدىغانلىقىنى بىلىدۇ .
ئىلگىرى ۋىزون بولقىنى كۆتۈرگەن ، شۇ چاغدا ھەممە قىساسكارلار ھەيران قالغان ، ئەمما چاقماق ئىلاھىمۇ بۇنىڭغا قارتا چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن . چۈنكى ئۇمۇ بولقىنىڭ ئۆزىنى كۆتۈرەلەيدىغان ئادەمنى ئۆزى بەلگىلەيدىغىننى ئوبدان بىلىدۇ .
مەستانىلەرنىڭ ھەممىسى مىجولنىرنى ئەڭ كۈچلۈك قورال دەپ قارايدۇ ، دىمىسىمۇ ھەم شۇنداق ، لىكىن بۇيەردە ئىيتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىگۈدەك ئىش شۇكى بۇ ھەرگىزمۇ ئاددىيلا چاقماق ئىلاھىدن باشقا ئادەم كۆتۈرەلمەيدىغان قورال دەپ قاراش .
مارۋىل ئالىمىدە نۇرغۇنلىغان قوراللار بار ، ھەممىسنىڭ كۈچى ۋە خاسىيتى ئوخشىمايدۇ ، مارۋىل تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار توغرىسىدا قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى بىسىڭ .
ئەمەلىيەتتە مارۋىل چاتما رەسىملىرىدە بۇ بولقىنى نۇرغۇن ئادەم كۆتۈرۈپ باققان : قارا تۇل خوتۇن ، ئامېرىكا كاپىتان ، بوران چاپقۇن قىز ، كچىك كەپسىز ، ئۆمۈچۈك پالۋان ، ئوۋدىن ، ئات باشلىق چاقماق ئىلاھى ، ۋىزون ، گىروت ، خەيلا ، خاسىيەتلىك ئادەم (DC بىلەن مارۋىل ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن چاتما رەسىم) .
مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن .
ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ
تىزىملىتىش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش