خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر …
مارۋىل فىلىم ئالىمى ۋاقتى 2018- يىلى نۇرغۇنلىغان چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەردى .
ئاسگارد ۋەيران بولدى ، لوكى بىلەن گامورا قۇربان بولدى ، يىشىل گىگانىت ئادەم ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ئايرىم خاراكتىر سۈپتىدە مەيدانغا چىقتى ، زانوس قولىدىن قاس چىقىرىش ئارقىلىق پۈتۈن ئالەمدىكى يىرىم مەۋجۇداتنى كۈلگە ئايلاندۇرۋەتتى ، چەكسىز گۆھەر تاشلار ۋەيران قىلۋىتىلدى ، چاقماق ئىلاھى قىساس ئوتى ئچىدە زانوسنىڭ كاللىسىنى چاپتى …..
ئەمدى يەرشارىدىكى سىھرىگەر ھەزرەتلەرگە قارايدىغان بولساق ، 2018- يىلى بولسا سىھىرگەرلەر تارىخىدىكى ئەڭ زۇلمەتلىك بىر يىل بولدى . ئۇلار ئۆزىنىڭ يول باشچىسىدىن ئايرىلىپ قالدى ، يەنە كىلىپ باشقا زۇلمەت بوشلۇقىدىن كىلىدىغان دۈشمەنلەرنى توسۇيدىغان سىھىرقورالى — ئاگاموتتو كۆزى دىنمۇ ئايرىلىپ قالدى .
غەلىتە دوكتۇرنىڭ ئالدىدىكى ، سىھرىگەر پىرى ئۇستازلارنىڭ ھەممىسى ھىچ بولمىغاندا جەڭ قىلغان ۋاقتىدا ئاگاموتتو كۆزىنى ئىشلىتىپ باققان . ئۇلارغا نىسبەتەن ئىيتقاندا ۋاقىت تىشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا كەلگۈسىدىكى ۋاقىت سىزىقىنى پەرەز قىلىش ، ھەمدە شۇ پەرەز قىلىش يەكۈنىگە ئاساسلىنىپ ، ئۆزىگە پايدىسىز بولغان تەرەپلەردىكى زىيانلىق ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش ئارقىلىق يەرشارىنى قوغداش مەقسىتىگە يىتىدۇ .
ۋاقىت تىشى ۋەيران قىلۋىتىلگەندىن كىيىن ، سىھرىگەر پىرى ئۇستازنىڭ ئەڭ چوڭ قورالى يوقايدۇ ، لىكىن بۇ ھەرگىزمۇ غەلىتە دوكتۇرنىڭ كەلگۈسىنى پەرەز قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ .
سىھرىگەر پىرى ئۇستازنىڭ ۋاقىت تىشىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىش جەريانىدىكى تەجىربىسىگە ئاساسەن ئىيتقاندا ، مارۋىل فىلىم ئالىمىدە ھىقچانداق بىر كىشى ۋاقىت ئىلمىنى ئۇلاردەك چۈشەنمەيدۇ .
بۇ دەل سىھىرگەر پىرى گۇيى ئۇستازنىڭ “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4” تە ، ۋاقىتتىن ھالقىپ كەلگەن بەننا دوكتۇرغا ، ۋاقىت قائىدىسىگە مۇناسۋەتلىك دەرىس سۆزلىگەنلىكىنىڭ ئاساسى . چۈنكى ئۇ شۇ بىرنەچچە يىل ئالدىدىلا ۋاقىت بوشلۇقىدىن ھالقىپ كەلگەن بەننا دوكتۇرنىڭ ۋاقىتتىن قانداق پايدىلانغانلىقى ۋە ئۇنىڭ پىلانىنىڭ قانداق ھادىسە كەلتۈرۈپ چىقىردىغىننى بىلىشىدىكى سەۋەپ .
كالىستىرو كىتابىدا ، ئاگاموتتو كۆزىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى ۋە تەجىربىلىرى تەپسىلىي خاتىرلەنگەن ، لىكىن ۋاقىت تىشىنى ۋەيران بولىشىغا ئەگىشىپ ، كىتابتىكى بىلىملەرنىڭمۇ ئىشلىتىلىش ئورنى قالمىغان ئىدى ، ھازىر ۋاقىت بوشلۇقىدىن ھالقىپ ئۆتىدىغان بىردىنبىر ئۇسۇل دەل كىۋانىت تونىلىدىن ئۆتۈش .
لىكىن سىھرىگەر پىرى ئۇستازلارغا نىسبەتەن ئىيتقاندا ، چەكسىز گۆھەر تاش بولمىغان شارائىت ئىچىدىمۇ ، ئۇلار پىيم دوكتۇر ، پولات پالۋان قاتارلىقلاردىنمۇ بەكىرەك كۆپ ئىلمىنىتلىق ئالەمنى چۈشىنىدۇ ، ئەلۋەتتە كىۋانىت تونىلىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە .
“غەلىتە دوكتۇر” فىلىمىدە ، ئۆزىنىڭ گىپىدىلا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن سىتىۋىن . سىتىرەنج گۇيىنىڭ ئالدىدا ناھايىتى جاھللىق بىلەن چوڭ سۆزلەيدۇ ، ئارقىدىن گۇيى ئۇنىڭ تەپەككۇرىنى چەكسىزلىگەن بوشلۇقلار ئىچىگە سايە قىلىپ تاشلايدۇ .
مۇشۇ بوشلۇقلار ئىچىدە دەل پىيم دوكتۇر ئىجاد قىلغان كىۋانت تونىلىمۇ بار ، بۇ سىھرىگەر پىرى ئۇستازلارنىڭ سىرلىق بولغان كىۋانت تونىلىغا بولغان تونىشىنى ئىسپاتلايدۇ ، ھەتتاكى ئۇلار تۇنجى ئەۋلاد سىرىق ھەرە قىزدىنمۇ بالدۇر كىۋانىت تونىلىغا يىتىپ بارغانلار بولىشى مۇمكىن .
“غەلىتە دوكتۇر” فىلىمىدە ، ھەم ساۋاق قىرىنداش موردۇنىڭ بىر ئىغىز سۆزى بار :
“سىھرىي ئۈزۈكنى پىششىق مەشىق قىلىش ، سىھرىگەر ماھرىتى ئىچىدە ناھايىتى مۇھىم ، ئۇلار بىزنىڭ ئەركىن ھالەتتە ھەرخىل ئالەملەرنى ھالقىپ ئۆتىشىمىزگە ياردەم بىرىدۇ .”
بۇ خىل يەتكۈزۈش ئىشىكى ھاسىل قىلالايدىغان سىھىر قورالى ، سىھرىگەرلەرنىڭ كىۋانت تونىلى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ ، غەلىتە دوكتۇر بۇ سىھىر ئۈزۈكنى ئىشلىتىپ ناھايىتى ئاسانلا كىۋانت تونىلىغا كىرەلەيدۇ .
لىكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارايدىغان بولساق ، ھازىرغا كەلگىچە تىخى ھىچقانداق سىھىرگەر پىرى ئۇستاز كىۋانىت تونىلى ئارقىلىق ۋاقىت ھالقىپ باقمىغان ، ئەڭ ئاۋالقى سەۋەبنى ئىلىپ ئىيتساق ئۇلار ئىلگىرى ئىنتايىن ئاسان ئۇسۇلنى قوللانغان ، ئۇ بولسىمۇ ئاگاموتتو كۆزى ؛
يەنە كىلىپ سىھرىگەر ئۇستازلارنىڭ ھازىرقى زامان پەن تىخنىكىسىنى چۈشنىش ئىقتىدارى ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن ئوخشاش ، سىھرىگەرلىك تەرەپتە ئۇلار بىر تالانىت ئىگىسى ، لىكىن كىۋانىت فىزىكا ئىلمىي جەھەتتە ، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاشلا كۆپنى بىلمەيدۇ .
ئەمما غەلىتە دوكتۇر ئوخشىمايدۇ ، ئۇ بولسا دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق قەھرىمانلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ ، ھازىرقى زامان ئەڭ ئىلغار بولغان تىببىي پەنلەر دوكتۇرى ، ئۇنىڭ پەن تىخنىكا ئۈستىدىكى تونۇش ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارى ، ئالدىنقى ھەر قانداق بىر سىھرىگەر پىرى ئۇستازدىن ئىشىپ چۈشىدۇ .
قىساسكارلار ۋاقىت ھالقىپ ئۆتۈش ئۈچۈن چوقۇم كىۋانىت تونىلى ياسىشى كىرەك ، ئەمما غەلىتە دوكتۇرغا پەقەت بىرتال سىھىر ئۈزۈكى بولسىلا كۇپايە .
مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن
ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ
تىزىملىتىش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش