ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

 

خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر  … 

 

<ۋاندا ۋىژىن> تېلۋىزىيەسى 4-قىسمى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، بىز ئالدىدىكى قىسىملىرىدكى ھەجىۋىي كۆرنىشلەردىن 180 گىرادۇس بۇرلۇپلا ھىكايىنىڭ بۇرمىلنىش نۇقتىسىغا كىلىپ قالدۇق ، ھىكايە جەريانىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپلا قالماي ، يەنە بىزنى مارۋىل كائىناتى قوينىغا ئىلىپ كەلگەندەكلا قىلاتتى .

 

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

 

4-قىسىمدكى ئۇچۇر مىقدارى ناھايىتى كۆپ ، ئالددىكى قىسملاردكى بوشلۇقلارنى تولوقلاپلا قالماستىن ، بىزنىڭ ئىزچىل پەرەز قلىپ كىلىۋاتقان مەسلىرىمىزنىڭ جاۋابى چىقتى ، بەلكىم نۇرغۇنلىغان مەستانىلەر ڧىلىمنى كۆرگەن ۋاقىتتا ھاياجانلانغان بولىشى مۇمكىن .

 

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

 

ئەمدى بىز بۇ قسىمدىكى مەزمۇنلار چۈشەنچىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشنى باشلايلى !

ئەگەر ڧىلىمنى كۆرمىگەن دوسلار بولسا ئۇدۇل مۇشۇ يازمىنىڭ ئەڭ ئاستىدىن ئورگان ئەپچىقىغا كىرىپ كۆرۋالسىڭىز بولىدۇ ، ھەقسىز !

 

1. قاس چىقىرىش ۋەقەسى 

 

تۆتىنجى قسىم باشلىنپلا مونىكا كۈلگە ئايلنىپ كەتكەن ھالىتىدىن ئەسلىگە قايتىدۇ ، بۇنڭدىنلا بىز بۇ ۋاقتنىڭ <قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4> تىكى خوكنىڭ قولدىن قاس چىقارغان ۋاقىتى ئىكەنلىكىنى بىلۋالالايمىز ، يەنە كلىپ ھىكايە مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا ، مونىكا خىيالى دۇنياغا كىرىپ قالغان بولسا ئەسلىگە كلىپ بولغاندىن كىيىنكى 3 ھەپتىدىن كىيىن ، يەنە بىر كۈن ئۆتكەندىن كىيىن دەيسى خىيالى دۇنيا ئىچىدىكى ۋەقەلەرنى كۆزىتىشكە باشلغان ۋەقەلىك بولىدۇ .

 

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

 

2. مارۋىل كاپىتان

 

مونىكا ئەسلىگە كەلگەن ۋاقىتتا ، نۇرغۇنلىغان تەگلىك سەھنە سۆزلىرى چىقىپ قالدى ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى <مارۋىل كاپىتان> ڧىلىمىدىن كەلگەن ، بەزىلىرى مونىكا بىلەن ئاپىسى مارىيانىڭ دىئالوگلىرى ،ئەڭ ئاخىرقىسى بولسا مارۋىل كاپىتانى مونىكا كىچىك ۋاقتىدا قويۇپ قويغان ئەكىلەتمە ئىسىم “كەپسىز لىتنات”.

 

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

 

3. قىلىچ ئىدارىسى

 

مارۋىل كائىناتىدىكى قىلىچ ئىدارىسى رەسىمى مەيدانغا چىقتى ، قىلىچ ئىدارىسنىڭ تولۇق ئاتىلىشى بولسا “دۇنيا مۇھىتى ئۆلچەش ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى” ، خۇددى ئىسمىغا ئوخشاشلا ، قالقان ئىدارىسى بەكەرەك باشقىلارنىڭ خەۋىپكە ئۇچىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىپ قوغدىغاندەكلا ، قىلىچ ئىدارىسى ئۆز خاسلىقى بىلەن ئالدىن ھۇجۇم قىلىشنى بەكىرەك ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ ، بۇ نۇقتا مونىكا بىلەن تايلورنىڭ دىئالوگىدا ناھايىتى ئىنىق ئىپادىلەنگەن .

 

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

 

4. قايتا ئەسلىگە كىلىش

 

قىلىچ ئىدارىسىنىڭ زالىدىكى چوڭ ئىكراندا ھازىر “قايتا ئەسلىگە كىلىش” نامىدىكى خەۋەر قويلىۋاتاتتى ، بۇ سۆز ئەڭ ئاۋال <ئۆمۈچۈك پالۋان2> دە ئوتۇرغا قويۇلغان ، ھەمدە خوكنىڭ قولىدىن قاس چىقىرىپ بۇرۇن يوقاپ كەتكەن بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىك ۋەقەسى مۇشۇ سۆز ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئىدى ، بۇنىڭ ۋاقىت سىزقىمۇ دەل <قىساسكارلار ئىتتىپاقى4> يۈز بىرىپ 3 ھەپتىدىن كيىن يۈز بەرگەن .

 

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

 

5. مارىيا . رامبو

 

قىلىچ ئىدارىسىدىكى تامدا مارىيا . رامبونىڭ بىر پارچە رەسىمى ئىسقلىق تۇراتتى ، بەلكىم ھەممىڭلار بۇنى كۆدڭلا ، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئوتۇرىدا يەنە بىر “يۇلتۇز” دەيدغان ئاتالغۇسىمۇ بار ، بۇ مارىيانىڭ شەرەپلىك ئاتالغۇسى ، ئوخشاشلا مونىكا بۇندىن كىيىن يەنە بىر دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانغا ئايلىنىدۇ ، بۇ قەھرىماننىڭ ئىسمىمۇ “يۇلتۇز” .

 

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

 

6. يىڭى پەن تېخنىكا 

 

مونىكا بىلەن تايلورنىڭ دىئالوگىدىن بىز قىلىچ ئىدارىسىنىڭ قوراللىرىنىڭ ناھايىتى سەرخىل ئىكەنلىكىنى بىلۋالالايمىز ، ئادەم توشۇش پىلاندىن تارتىپ نامىي تېخنىكىسىغىچە ، ھەتتا ئەقلىي ئىقتدارنىڭمۇ بارلىقى سۆزلىنىپ ئۆتكەن ، كىيىنكى ئىككى خىل تېخنىكا ئىنىقلا ۋاكاندادىن ۋە سىتارك گورۇھىدىن كەلگەن تېخنىكىلار.

 

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

 

7. يىڭى زىللاند

 

تېلۋىزيەدە ۋاندا قاتارلىقلار تۇرىدغان كىچىك يىزىنىڭ ئورنى يىڭى زىللاندقا جايلاشقان ، مارۋىل كائىناتىدا بۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇن ھىساپلىنىدۇ ، ئامېرىكا كاپىتانى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىمۇ مۇشۇ يىڭى زىللاندقا جايلاشقان ، بۇيەردە نۇرغۇنلىغان ھەربىي ئىشلار تەجىربىخانىلىرى ۋە بازىلىرى بار .

 

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

 

بىرنجى قسىمدىكى ۋاقتتىلا بىزگە بۇ ئورۇننىڭ ئاساسىي ئورنىنى بىلدۈرگەن.

 

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

 

8. جىمىي . ۋۇ

 

<چۈمۈلە ئادەم 2> دىكى FBI ئالاھىدە خادىمى جىمىي . ۋۇ بىز بىلەن يەنە بىر قىتىم كۆرۈشتى ، ئۇ نەچچە يىل سەرىپ قىلىپ قارت ئۇچۇرش ماھارىتنى ئۈگەندى ، ھەمدە بۇ ماھارىتى ئارقىلق بىزگە ئۆزىنى تونۇشتۇردى .

 

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

 

9. ئادەمسىز رازۋىدكا ئايروپىلانى

 

بۇ كۆرۈنۈشتىن تارتىپلا ۋەقەلىك ئالدىنقى قىسملاردكى يوچۇقلارنى تولدۇرۇشقا باشلاپ كەتتى ، ئەڭ ئالدىدا ۋاندا بۇنىڭ قىزىل رەڭلىك تىك ئۇچار ئىكەنلىكىنى كۆردى ، ئارقىدىن مونىكا خىيالى دۇنيا سىرتىدا تۇرۇپ رازۋىدكا ئايروپىلاننى قويۇپ بەردى ، بۇ پەقەتلا خىيالى دۇنيا ئىچىگە كىرىپ بولغاندىن كىيىنكى شەكىلنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشى .

 

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى


10 . ھەرە باققۇچى 

قىزىل رەڭلىك تىك ئۇچارغا ئوخشاش ، بىز باشتىكى قىسمدا كۆرگەن ھەرە باققۇچى بولسا خىيالى دۇنياغا كىرىپلا شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن قوغداش كىيمى كىيۋالغان ئالاھىدە خادىم ،قىلىچ ئىدارىسنىڭ پەيدا بولىشى پەقەت خىيالى دۇنيا ئىچىدكى ئۆزىنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەت .

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

 

11. دەيسى .لۇيىس

 

بۇ قسىمدىن بىز ۋاندانى ھەقىقىي كۆزىتىپ تۇرۋاتقان ئادەمنىڭ ئەملىيەتتە دەيسى ئىكەنلىكنى بايقايمىز ، ئوخشىمغان بىر يىرى شۇكى ئىلگىرى <چاقماق ئىلاھى> ڧىلىمىدا جىن . ڧوستىرنىڭ قول ئاستىدكى بۇ پاراكتىكانىت ياردەمچى ھازىر ئۆز ئالدىغا چوڭ ئىشلارنى ھۇجۇتقا چىقىرالايدغان بىر دوكتۇر بولۇپ بولغان ئىدى .

 

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

 

12. ئۇچۇر توپلاش

 

بىرنەچچە كۈنلۈك كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ، قىلىچ ئىدارىسىمۇ بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەققىي ماھىيتىنى چۈشنىپ يەتتى ، ھازىرغا كەلگىچە خىيالى دۇنيا ئىچىدە مەيدانغا چىققان خوشنا خۇلۇم ، دوست بۇرادەر ، خىزمەتداش رولىدىكى بارىلىق ئەزالارنىڭ ھەقىقىي دۇنيادىكى ئۇچۇرىنى ئىگەللەپ بولدى، پەقەتلا ئەگىنىس ۋە دوتىينىڭ شەخسى سالاھىيتى ھازىرغىچە ئىنىقلانمىغان ئىدى ، بەلكىم مۇشۇ ئىككەيلەندە نۇرغۇنلىغان مەخپىيەتلىكلەر يوشۇرۇنغان بولىشى مۇمكىن ،

 

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

 

13. رادىئودىن كەلگەن ئاۋاز

 

ئالدىنقى قىسملاردىكى رادىئو ئىچىدىن چىققان غەلىتە ئاۋازمۇ بۇ قىسمدا بىزگە ئىنىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بىرلدى ، ئەملىيەتتە دەيسى ۋە جىمىي بىرلىشىپ خىيالىي دۇنيا ئىچىگە ئۇچۇر يەتكۈزگەن ، ئەمما خىيالى دۇنيا ئىچىدە بۇئۇچۇر توسالغۇغا ئۇچىراپ كىلىپ چىققان ھادىسە دەل رادىئو ئىچىدكى ئاۋاز شۇ .

 

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

 

14. ۋاندانىڭ ئەس ھوشى جايىدا

 

ۋاندا مونىكانىڭ ئانچە نورمال ئەمەسلىكىنى بايقىغان ۋاقىتتا ، ئۇدۇللا مونىكانى [سىرتتىن كەلگەنلەر] قاتارىغا چىقىرىپ تاشلىغان ، بۇنىڭدىنلا بىز بولىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسنى ۋاندا ئۆزى بىلىپ تۇرۇپ قىلۋاتقان ئىش دەپ يەكۈن چىقىرالايمىز ، بارىلىق ئىشلارنىڭ تۈپ يىلتزى دەل ۋىژىننى قايتا تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقىلغان ساختىلىق ۋە يالغانچىلىق دەپ قارىساق بولىدۇ .

 

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

 

15.ۋىژىننڭ جەسسىتى 

 

ۋىژىن سىرىتتىن قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتىلا ، ئالاھىدە ئىكران ئۈنۈمى ئارقىلىق ۋىژىننىڭ تۇرقىنى غۇۋالاشتۇرۋەتكەن ، بۇ دەل كىيىنكى قەدەم ئۈچۈن بىسلغان بىر ئالاھىدە كۆرۈنۈش ، قارايدغان بولساق بۇ يەردكى ۋىژىننىڭ رەڭگىمۇ ئازتولا ئۆزگىرىپ بولغان ئىدى .

 

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

 

ئارقىدىنلا ھۇجۇم باشلاندى ، قورقۇنۇچلۇق جەسەت كۆرىنىشى بەلكىم ھەممە مەستانىلەرنى بىرخىل قىلىپ قويغاندۇ …

 

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

 

17. نىمىشقا ئالتە تەرەپلىك بولىدۇ 

 

جىمىي كىلىپ چىققان مەسىللەرنى خاتىرلەۋاتقاندىكى بىرنجى سۇئالى بولسا نىمىشقا ھەممە نەرسە ئالتە تەرەپلىك بولدۇ ؟

 

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

 

قىلىچ ئىدارىسىدكى كۆزىتىش نۇقتىسىدا شۇنى كۆرەلەيمىز ، پۈتۈن خىيالى دۇنيانىڭ چوڭلىقى دەل مۇشۇ غايەت زور ئالتە تەرەپلىك شەكىلدە ، ھەمدە كونا تېلۋىزورنىڭ ئىچىدكى ئىكرانمۇ ئالتە تەرەپلىك شەكىلدە ، قىلىچ ئىدارىسدىكى ئالاھىدە خادىم قوغداش كىيمى كىيۋىلىپ كىرىپ يەنە ھەرە باققۇچىغا ئايلىنىپ قالدى ، بۇيەدە ئويلىساقمۇ ھەرىنىڭ ئۇۋىسىمۇ ئالتە تەرەپلىك شەكلىدىن تەركىپ تاپىدۇ ئەمەسمۇ …

 

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرىۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

 

بۇيەردە تىخى نۇرغۇنلىغان ئادەمنى ھەيران قالدۇردغان كۆرۈنۈشلەر بار ، قىلىچ ئىدارىسى باشلىقى تايلورنىڭ ئىشخانسىدمۇ كۆپلىگەن ئالتە تەرەپلىك شەكىللە بار ، بىز بۇ نۇقتىدىن تۇرۇپلا ئىدارە باشلىقنىڭ بۇ قىتىمقى خىيالى دۇنيا ۋەقەسى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ قارىساق بولامدۇ ؟

ئىشقىلىپ توققۇز باشلىق يىلان بولمىسلا بولدغۇ ، ئۇڧ …

 

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

 

ئىشقلىپ بۇ قىسمدا نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلارنى بىراقلا ئاشكارلىدى ، يەنە نۇرغۇنلىغان مەسىللەر ئالدىمىزدا با ، لىكىن نىملا دىگەن بىلەن بۇقىسىمنى كۆرۈپ ئاندىن راۋۇرۇس بىر قسىم كىنو كۆگەندەك بوپتىمە ، بەلكىم ھەممە مەستانىلەرمۇ شۇنداق بولغاندۇ ، 5-قىسمى كىلەر جۈمە كۈنى قويۇلىدۇ ، شۇ ۋاقىتتا بىز قالغان نۇقتىلار ھەققىدە مۇنازىرگە چۈشەمىز ~~

ۋاندا ۋىژىن 1-بۆلۈم كۆرۈش ئادىرىسى ___ بۇيەرنى بىسىڭ 

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلىشىنى قارشى ئالىمەن ~

 

مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولىسڭىز دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ ❤

ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىمدىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ