ۋاندا ۋىژىن 4-قىسىم تېتىم ڧىلىمى كەلدى ، بۇ قسىم بەك مۇھىم..

 

خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر  … 

 

يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش ، مارۋىل ھەر پەيشەنبە كۈنى <ۋاندا ۋىژىن>تېلۋىزىيسى تۆتىنجى قىسمىنىڭ تېتىم ڧىلىمنى يوللىدى ، بۇ قىتىمقى تېتىم ڧىلىمى پەقەت 15 سىكۇنتلىقلا ، ئورگان تەرەپ بۇ ڧىلىمگە : “كىلەر قىسىمغا تەيارلىق قىلىشقا يەتكۈدەك مەزمۇن قالمىدى.” دەپ قويغان .

 

بۇ قىتىمقى تېتىم ڧىلىمىدىن بىز شۇنى كۆرۋالالايمىزكى ، ئالدىدىكى قىسىملاردىكى كىلىپ چىققان مەسىللەر ئىچىدىن ، ۋىژىن ئاللىقاچان بۇ دۇنيانىڭ ئانچە توغرا ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ يەتكەن ئىدى ، ۋاندامۇ بۇ يوشۇرۇن مەخپىيەتلىكلەرنىڭ خۇددى ئۆزىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ پەردە ئارقىسدىكى باش ئوبراز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتكەن ئىدى .

 

ئەگەر سىز بۇئالدىدكى ئۈچ قىسىمنىڭ مەزمۇنىنى چۈشنىشتە قىينالغان بولسىڭىز ، ئەنسىرمەڭ ، چۈنكى تۆتىنجى قىسىمدىن باشلاپ پۈتكۈل تېلۋىزىيە ۋەقەلىكى بۇرمىلىنىش نۇقتىسغا كىلىدۇ . 

 

 

ئورگان تەرەپنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا ، <ۋاندا ۋىژىن> تۆتىنجى قىسىمىدىن باشلاپ ، ھىكايىنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىنى يەنە باشقا بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرىدىكەن ، باشقا بىر تەرەپتىن سۆزلەش ئارقىلىق ھىكايە مەزمۇنىنى داۋاملاشتۇرىدكەن ، ئەگەر پەرەز قىلشىم خاتا بولمىسا ، تۆتىنجى قسىمدىن تارتىپ بىز ئىلاھى قىلىچ ئىدارىسى بىلەن تىخىمۇ چوڭقۇر ھالدا چۈشنىش ئۈچۈن ، دىققىتىمىز ئالەم بوشلۇقىدىكى ئىلاھى قىلىچ ئىدارىسىدە بولىدۇ .

 

ئۈچىنجى قىسىمنىڭ ئاخىرىدا ۋاندا مونىكانى خىيالى دۇنيا ئىچىدىن چىقىرىپ تاشلايدۇ ، خىيالى دۇنيا سىرتىدا بولسا نۇرغۇنلىغان ئىلاھى قىلىچ ئىدارىسى ئالاھىدە خادىملىرى بار ئىدى،ھەمدە بۇلار ئارىسىدمۇ بىز <چاقماق ئىلاھى 2>دىكى دەيسىي (پاراكىتكانىت ئوقۇغۇچى) ، <چۈمۈلە ئادەم2> دىكى جىمىي . ۋۇ (ئالاھىدە خادىم) قاتارلىق كونا ئارتىسلارنى كۆرەلەيمىز .

 

تۆتىنجى قىسىمدىن باشلاپ بەلكىم پۈتۈن ڧىلىمنىڭ ۋەقەلىك رىتىمى تىزلىشىشى مۇمكىن ، مارۋىلمۇ ئىلاھى قىلىچ ئىدارىسى ئارقىلىق بىزگە تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان سىرلارنى يىشىپ بىرىدۇ ، مەسىلەن : “خىيالى دۇنيا قانداق پەيدا بولدى ؟ <قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4> تىن كىيىن ۋاندا زادى نىمىلەرنى بىشىدىن كەچۈردى ، نىمىشقا بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى دىگەندەك .”

 

 

ئۇندىن باشقا بىز يەنە بىلشكە تىگىشلىك ئىشلار بار، خىيالى دۇنيا ئىچىدىكى نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ھەممسى ، ۋاندانىڭ خىيالى سىزمىدىكى ئىنكاسلار ھىساپلىنىدۇ ، ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەستىن پۈتۈن خىيالى دۇنياغا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى بىلدۇرۋاتاتتى .

 

ئۈچىنجى قىسىمدىمۇ ، ھازىرلا تۇغاي دەپ قالغان ۋاندا بىلەن مونىكانىڭ دىئالوگلىرى ، خۇددى <قىساسكارلار ئىتتىپاقى3>تىكى مەزمۇنغا ئوخشاپ قالغان ، يىڭى بىر ھاياتلىقنى ئاپىرىدە قىلغان ۋاقىتتىمۇ ۋاندا خۇددى ۋىژىننى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرگەن ۋاقتىنى ئەسلەپ قالغاندەك تۇراتتى . 

 

 

<قىساسكارلار 3> ۋىژىن : ماڭا قاراڭ

<ۋاندا ۋىژىن> مونىكا : سىز ناھايىتى ياخشى قىلدىڭىز، ماڭا قاراڭ

 

 

<قىساسكارلار 3> ۋىژىن : بىزنىڭ ۋاقتىمىز قالمىدى

<ۋاندا ۋىژىن> مونىكا : بىزنىڭ ۋاقىتمىز قالمىدى


 

<قىساسكارلار 3> ۋاندا : مەن قىلالمايمەن

<ۋاندا ۋىژىن> ۋاندا : ياق ، مەن قىلالمايمەن

 

 

<قىساسكارلار 3> ۋىژىن : سىز قىلالايسىز

<ۋاندا ۋىژىن> مونىكا : سىز قىلالايسىز

 

ئوخشاش بىر سەھنە سۆزى ، ئەمما ئوخشاش بولمىغىنى شۇكى <قىساسكارلار 3> تە ۋاندا ئۆز قولى بىلەن سۆيگىنىنى ئۆلتۈرۋىتىدۇ ، ئەمما <ۋاندا ۋىژىن> دا بولسا ۋىژىن بىلەن بولغان باللىرىنى تۇغىدۇ .

 

بەلكىم ۋاندا ئىزچىل ھالدا ۋىژىننى ئۆلتۈرگىنىگە پۇشايمان قىلىپ كەلگەن بولىشى مۇمكىن ، شۇڭا خىيالى دۇنيادا ئۇ ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا ئەينى ۋاقىتتا ئىيتلغان گەپلەرنى قايتا كۆرگەن ، ھەمدە سۆيگۈننى ئۆلتۈرۋىتشنى ئۆزگەرتىپ يىڭى بىر ھاياتلىق ئاپىرىدە قلىشقا ئايلاندۇرغان ، بۇ بەلكىم ۋاندانىڭ ئۆزىنىڭ قلىمىشلىرىغا بولغان گۇناھىنى يۇيۇش پۇرسىتىدۇ ، ھەمدە ئەينى ۋاقىتتكى ئازاپلىق ئەسلىمىلىردىن قىچىشنى ئويلاپ قىلغان ئىشلىرىدۇ . 

 

 

ھىممم ، <ۋاندا ۋىژىن> گەرچە ھەر ۋاقىت بىزگە ۋاندا بىلەن ۋىژىننىڭ تاتلىق تۇرمۇشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ تۇرسىمۇ ، لىكىن بىز ۋىژىننىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى بىلىمىز ، قارىماققا بۇ ئىككەيلەن ناھايىتى بەخىتلىك ، ئەمما ئاخىرغا بىرىپ بۇ سىرلار ئاشكارلانغاندا چوقۇم ھەممىزنىڭ يۈرىكىنى ئەزگىدەك ئىشلار يۈز برىدۇ .

 

ئەتە <ۋاندا ۋىژىن> تۆتىنجى قسىم يىڭىلىندۇ ، مەن ئەڭ تېز سۈرئەتتە مەستانىلەر بىلەن ۋەقەلىك توغرىسىدا ئورتاقلىىشمەن ! 

 

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلىشىنى قارشى ئالىمەن ~

 

مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولىسڭىز دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ ❤

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ