ۋاندا ۋە ۋىژىن تېلۋىزىيسى قويۇلدى ! دوۋبەندىكى نۇمىرى 9.1 بولدى

图片[1]-ۋاندا ۋە ۋىژىن تېلۋىزىيسى قويۇلدى ! دوۋبەندىكى نۇمىرى 9.1 بولدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى 

خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر  … 

 

تۈنۈگۈن “ۋاندا ۋە ۋىژىن” تېلۋىزىيسى بىر قىتىمدىلا ئالدىنقى ئىككى قىسىمنى قويدى ، بەلكىم كۆپچىلىكمۇ ھىس قىلغاندۇ  ، مارۋىلنىڭ بۇ قىتىمقى ھەركىتى ھەرگىزمۇ ئىلگىركى مارۋىل فىلىملىرىنى قويۇش ئالدىدكى تەييارلىقىغا ئوخشىمايدۇ ، قارىماققا “پىلاندا ئۆزگىرىش” يۈز بەرگەندەكلا قىلىدۇ  … 

 

بۇ تېلۋىزىيە فىلىمى چەتئەلدە نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، ئەلۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى مەستانىلەرمۇ بوش ئەمەستە ، فىلىم قويۇلۇپ تۇنجى قتىمدىلا دوۋبەن تورىدكى باھاسى ئىزچىل ھالدا 9.1 دا تۇرۇپ كىلۋاتىدۇ ، قارىغاندا مارۋىل مەستانىلىرى بارغانسىرى كۆپىيۋاتقاندەك تۇرىدۇ ، لىكىن فىلىم مەزمۇنىغا قارايدغان بولساق يەنىلا ئادەمنى ئىزىقتۇرۇپ قويىدۇ .

 

图片[2]-ۋاندا ۋە ۋىژىن تېلۋىزىيسى قويۇلدى ! دوۋبەندىكى نۇمىرى 9.1 بولدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

 

نۇرغۇنلىغان مەستانىلەر فىلىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن قايمۇقۇپ قىلىپ : مارۋىل بۇ قىتىم ناھايىتى چوڭ بىر دەۋىر ئاتلاپ كەتىمۇ ؟ ئەمدى 2021 – يىلى كىرۋاتسا 80- يىللىردكى رەڭسىز كىنونى بىزگە كۆسىتىپ نىم قىلدۇ ؟ بۇ ئىككى قىسىمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى نىمە ؟ ھىكايىنىڭ مەزمۇننى قانداق چۈشىنىمىز ؟ …. دىگەندەك سوئاللارنى سورايدۇ .

 

تۆۋەندە مەن بۇ ئىككى قىسىم فىلىم جەريانىدىكى ھالقىلىق مەزمۇنلارنى سۆزلەپ ئۆتىمەن ، مەستانىلەرگە ياردىمى بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . 

 

图片[3]-ۋاندا ۋە ۋىژىن تېلۋىزىيسى قويۇلدى ! دوۋبەندىكى نۇمىرى 9.1 بولدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

 

1. ۋاقىت سىزىقى قاچان ؟ 

 

بۇ ئىككى قسىم فىلىمنىڭ ئادەمنى ئەڭ قايمۇقتۇرىدىغان يىرى دەل : فىلىمدىكى ۋاقىت بىلەن مارۋىل كائىناتى ۋاقىت سىزىقىنىڭ ھىچقانداق بىر تۇتىشىش نۇقتىسى يوق ، شۇڭلاشقا ئاساسلىق ۋاقىت سىزىقىنى پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ .

 

لىكىن بىز ئورگان تەرەپنىڭ چۈشەندۈرشىگە ئاساسەن ئىيتساق ، بۇ فىلىمنىڭ ۋاقىتى “قىساسكارلار ئىتتپاقى 4 : ئاخىرقى ئۇرۇش” تىن كىيىنگە توغرا كىلىدۇ . 

 

图片[4]-ۋاندا ۋە ۋىژىن تېلۋىزىيسى قويۇلدى ! دوۋبەندىكى نۇمىرى 9.1 بولدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

 

2. بۇ فىلىمدە زادى نىمە سۆزلەندى ؟ ھىكايىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى نىمە ؟

 

“ۋاندا ۋە ۋىژىن” بولسا بىر كومىدىيلىك تىياتىر تۈرىگە كىرىدۇ ، كىينكى بۆلەك قىسملىرىدكى فىلىم ئۈنۈمى چوڭ بولغان تىياتىر . “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4” تىن كىيىن قىساسكارلار زانوسنى مەغلۇب قىلىدۇ ، لىكىن سۆيگىنى ۋىژىندىن ئايرىلىپ قالغان ۋاندا يەنىلا ئۆزى يالغۇز بۇ ئازابقا يۈزلەنمىسە بولمايدۇ . 

 

رەڭسىز ئىكران كونا دەۋىردكى كومىديلىك تىياتىرغا ھۆرمەت بىلدۇرۈپلا قالماي ، يەنە بۇنىڭ نورمالسىز بىر دۇنيا ئىكەنلىكىنى بىزگە ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ .

 

图片[5]-ۋاندا ۋە ۋىژىن تېلۋىزىيسى قويۇلدى ! دوۋبەندىكى نۇمىرى 9.1 بولدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

 

بىرنجى قىسىمنىڭ ئاخىردىكى تېلۋىزور ، ئىككىنجى قىسىمنىڭ ئاخىرىدكى يەر ئاستى قۇدۇق ئىچىدىن چىققان ئادەمنىڭ ھەممىسى بىزگە رىئاللىقنىڭ (ئىلاھى قىلىچ ئىدارىسى) بۇ دۇنيانى كۆزىتىپ تۇرۋاتقانلىقى / تەسىر كۆرسىتۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ئەمما ۋاندانىڭ “رىئاللىقنى قوبۇل قىلغۇسى يوق ئىدى” .

 

图片[6]-ۋاندا ۋە ۋىژىن تېلۋىزىيسى قويۇلدى ! دوۋبەندىكى نۇمىرى 9.1 بولدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

 

ھىكايىنىڭ داۋاملىششىغا ئەگىشىپ ، ئىككى دۇنيا بىر بىرى بىلەن بىرلىشىدۇ ، ئازاپلىق رىئاللىق ئاخىرى ۋاندانىڭ كۆز ئالدىغا نامايەن بولىدۇ .

 

3. بۇ تىياتىر قانچە قىسىم ؟ 

 

بۇ تىياتىر ئومۇمىي 9 قسىىم ، تۈنۈگۈن تۇنجى قويۇلىشىدىلا ئىككى قىسمى چىقتى ، ئەمدى ھەر ھەپتىسى بىر قسىمدىن يىڭلىنىدۇ ، چوڭ كۆلەملىك ھىكايىلەرنىڭ ھەممىسى كىينكى قىسىملىرىدا . شۇڭا بەك كۆپ مەزمۇنلارغا ھازىرلا بىرنىم دىگلى بولمايدۇ ، شۇڭا مەستانىلەرنىڭ سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

图片[7]-ۋاندا ۋە ۋىژىن تېلۋىزىيسى قويۇلدى ! دوۋبەندىكى نۇمىرى 9.1 بولدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

 

4. فىلىم مەزمۇندىكى ئورۇن قەيەر ؟ 

 

ئۇلارنىڭ دىئالوگلىرىغا ئاساسلانغاندا ۋاندا ۋە ۋىژىن ھازىر ناھايىتى “بەختلىك” ھالدا ۋىستىۋىي ناملىق بىر كىچىك بازاردا ياشاۋاتىدۇ .

 

بۇ بىر خىيالى سىزىمدىكى ئورۇن ، ۋىژىن تىخى ئۆلۈپ كەتمىدى ، ئاددىي ئىشلەمچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ ، بۇ ئىككەيلەن ناھايىتى ئامراق ئەر خوتۇنلاردىن بولۇپ كەتتى ، خوشنىلىرىنى ئۆيگە چاقىرىپ ئەكىلىپ مىھمان قىلىپ ، يىغلىش ئۆتكىزىپ سىھىرگەرلىك كۆرسىتىپ دىگەندەك ئىشقىلىپ خۇددى بىر ياخشى چۈشكىلا ئوخشايتى . 

 

图片[8]-ۋاندا ۋە ۋىژىن تېلۋىزىيسى قويۇلدى ! دوۋبەندىكى نۇمىرى 9.1 بولدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

 

5. بىز دىققەت قىلشقا تىگشلىك ئوبرازلار بارمۇ ؟ ۋىژىن قانداق بولۇپ تىرلىپ قالدى ؟ 

 

ھەممىزگە مەلۇمكى ۋىژىن ئاللىقاچان “قىساسكارلار ئىتتپاقى 3” تە قۇربان بولغان ، شۇڭا بۇ يەردە بىز ۋىژىننىڭ تىرلىپ قىلىشنى پەقەت : ۋاندانىڭ سىھىر ئىشلىتىشى ياكى پەرەز قىلىشدىن كىلىپ چىققان دەپ پەرەز قىلىمىز .

 

图片[9]-ۋاندا ۋە ۋىژىن تېلۋىزىيسى قويۇلدى ! دوۋبەندىكى نۇمىرى 9.1 بولدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

 

پاۋلو . بىتاننىي ئىلگىرى TV Lineنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا : ۋىژىننىڭ ئەھۋالىغا كىينكى بىرنەچچە قىسىمدا ئىنىق ھالدا چۈشەنچە بىرلىدۇ دىگەن ، شۇڭا مەستانىلەر سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلاپ مارۋىلنىڭ بىزگە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىيتىپ بىرىشىنى كۈتەيلى .

 

ئەمدى فىلىمدىكى ۋاندا ۋىژىندىن باشقا ، يەنە مەيدانغا چىققان تۆۋەندكى 3 ئوبرازغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ ، ئالددىكى ئىككىسنى مارۋىل تەرەپ ئاللىبۇرۇن تەشۋىقات مۇقاۋىسىغا چىقىرىپ بولغان .

 

图片[10]-ۋاندا ۋە ۋىژىن تېلۋىزىيسى قويۇلدى ! دوۋبەندىكى نۇمىرى 9.1 بولدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
图片[11]-ۋاندا ۋە ۋىژىن تېلۋىزىيسى قويۇلدى ! دوۋبەندىكى نۇمىرى 9.1 بولدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
图片[12]-ۋاندا ۋە ۋىژىن تېلۋىزىيسى قويۇلدى ! دوۋبەندىكى نۇمىرى 9.1 بولدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

 

ئەڭ ئاخىردىكىسگە دىققەت قىلشمىزغا ئەرزىگدەك يىرى شۇكى ، مارۋىل ئىلگىرى بۇ ئوبرازنى تېتىم فىلىمى ئىچىدە بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرمىگەن ، ئەمما فىلىمدە بولسا مۇشۇ خىنىملا خۇددى ۋاندانىڭ ئويلىغانلىرىنى بىلۋالغاندەك ، ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەندەك قىلىدۇ ، بەلكىم بۇمۇ بىر يوشۇرۇن بەلگە بولىشى مۇمكىن .

 

فىلىمىڭ مەزمۇنى ئانچە كۆپ ئەمەس ، نۇرغۇنلىغان مەزمۇنلارغا ئالدىراپلا يەكۈن چىقارغىلى بولمايدۇ ، شۇڭا مەستانىلەر بىلەن ئاۋال مۇشنىچلىك مەزمۇندىلا بىرلىككە كىلەلىدىم ، كۆپچىلىكنىڭ يەنە قانداق ئويلىغانلىرى ياكى چۈشەنمىگەن ئورۇنلىرى بولسا ئىنكاس رايونىدا سۆز قالدۇرىشىنى قارشى ئالىمەن ~~

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلىشىنى قارشى ئالىمەن ~

 

مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولىسڭىز دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ ❤

图片[13]-ۋاندا ۋە ۋىژىن تېلۋىزىيسى قويۇلدى ! دوۋبەندىكى نۇمىرى 9.1 بولدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش1تارتۇقلاش
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى جەمىي1تال

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ