خوك قولىدىن قاس چىقارغاندا نىمە ئۈچۈن شۇنچە قىينلىپ كىتىدۇ ؟

 

خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر  … 

 

مارۋىل فىلىمى <قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4 : ئاخىرقى جەڭ> دە ،  بىز ئىككى قتىملىق قولدىن قاس چىقىرىشنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق .

 

 

بىرىنجىسى ، خوكنىڭ قولىدىن قاس چىقىرىشى ، ئىككىنجىسى پولات پالۋاننىڭ قولىدىن قاس چىقىرىشى .

 

ئىشىنىمەنكى مەستانىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلدى ، ئۇ بولسىمۇ خوك قولىدىن قاس چىقارغان ۋاقىتتا ، خۇددى “جان تالىشىپ” قالغاندەكلا تۇرۇپ بەك قىينىلىپ كەتتى ، ئەمما پولات پالۋان قولىدىن قاس چىقارغان ۋاقىتتا بولسا قارىماققا ناھايىتى ئاسانلا بىر ئىشتەك تۇيغۇ بەردى .

 

 

بۇ زادى قانداق ئىش ؟ خوك قاس چىقارغاندا ئاغرىق ئازابىدا شۇندا بولۇپ قالدىمۇ ؟ ياكى باشقا سەۋەپلەرمۇ بارمۇ ؟

 

بۈگۈن ، بىز بىللە ئولتۇرۇپ <قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4> نىڭ مەزمۇنلىرى ئۈستىدە توختىلىپ باقايلى ، بۇ ھەقتە ئويلاپ قالغان دوسلارغا ياردىمى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .

 

بىز فىلىم ۋەقەلىكىنى ئويلاپ باقايلى ، “خوكنىڭ قولىدىن قاس چىقىرىشى” ، “پولات پالۋاننىڭ قولدىن قاس چىقىرىشى” ۋە <قىساسكارلار ئىتتپاقى 3> تىكى “زانوسنىڭ قولىدىن قاس چىقرىشى” ۋەقەلىكنى بىز بۇيەردە ئايرىم ئىككى باسقۇچقا بۆلىمىز . 

 

 

بىرىنجى باسقۇچ : 6 دانە چەكسىز گۆھەر تاش ئېنىرگىيسى ئىلىپ كەلگەن غايەت زور بىسىم كۈچى .

ئىككىنجى باسقۇچ : ئۆزىنىڭ ئويلىغان ئارزۇسىنى چەكسىز گۆھەر تاشلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش .

 

ئەمدى بىز زانوس ، خوك ۋە پولات پالۋان قاتارلىق بۇ 3 ئادەمنىڭ قولدىن قاس چىقىرىش جەريانىنى كۆرۈپ باقايلى .  ئەلۋەتتە ، گۆھەر تاش ئېنىرگىيسى ئىلىپ كەلگەن بىسىم چوقۇم بىشىدىن ئۆتىدۇ ، پەقەتلا زانوس بەكلا كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن گۆھەر تاش ئىلىپ كەلگەن بىسىم ۋاقتى سەل قىسقا بولۇپ قالدى خالاس .

 

خوك يشىل گىگانىت ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ، بەدەن ساپاسى ھەممدىن كۈچلۈك ئورۇندا تۇرىدۇ ، لىكىن 6 دانە گۆھەر تاشنىڭ ئېنىرگىيسى ئۇنىڭ بىر بىلىكىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋىتىدۇ .

 

 

پولات پالۋان بولسا ئادەتتكى ئادەم ، گەرچە يۇقىرى پەن تېخنىكلىق جەڭ ساۋۇتى ئۇنى قوغداپ تۇرسىمۇ ، لىكىن ئاخىردا يەنىلا گۆھەر تاشلانىڭ ئېنىرگىيسى تەسىردە بەدىنى چىرىپ كىتىدۇ ، ھەمدە بەدىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدغان زەربىگە ئۇچىراپ ئۆلۈپ كىتىدۇ .

 

بۇ ئىككەيلەننىڭ بىسىمگە ئۇچىرغان ۋاقىت پەرىقى بەك چوڭمۇ ئەمەس ، پەقەت شۇ خوك قولىدىن قاس چىقارغاندا ئۇنىڭ جان تالاشقان كۆرنىشىنى بىزگە ئالاھىدە قىلىپ كۆرسەتكەن خالاس ، ئەڭ چوڭ بىسىمغا ئۇچىرىغىنى يەنىلا پولاپ پالۋان بولسا كىرەك .

 

 

خوك قولدىن قاس چىقىردغان ۋاقىتتا “ماڭا ھىچنىمە بولمىدى” دەيدۇ ، بۇ ۋاقىت دەل ئۇنىڭ گۆھەر تاشلارنىڭ ئېنىرگىيسىگە ماسلىشالىغان ۋاقتى ھىساپلىنىدۇ ، لىكىن پولات پالۋان بۇ ئېنىرگىيگە ماسلىشىپ بولۇپلا “مەن پولات پالۋان” دەيدۇ .

 

پەرىق دەل مۇشۇ يەردە

 

خوك “ماڭا ھىچنىمە بولمىدى” دەپ بولۇپ تاكى قولدىن قاس چىقارغىچە ، خىلى بىر ۋاقىت ئۆتىدۇ …

 

 

بىز دەپ ئۆتكەن خوكنىڭ “جان تالىشىش” ۋاقتىمۇ دەل مۇشۇ ئارقىدكى بىر بۆلەك ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ .

 

خوك نىمشقا بۇ باسقۇچتا ئۇنچە كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلىدۇ ؟ 

 

ئالدى بىلەن ئىيتقاندا ، خوك ھەل قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر بار ، ھەم ناھايىتى مۇرەككەپ ، خوك پۈتۈن كائىناتتكى بارىلىق كۈلگە ئايلنىپ كەتكەن يىرىم مەۋجۇداتلارنى قايتا ئەسلىگە ئەكىلىدۇ .

 

مەستانىلەرنىڭ سۇئاللىرى : 5 يىل ئالدىدا يوقاپ كەتكەن ۋاقىتتا ماشىنا ھەيداۋاتقان بولسا ، ھازىر قايتىپ كەلگەندە قاندا بولىدۇ ، قانداق يەردە ئەسلىگە كىلىدۇ ؟ 5 يىل ئالدىدا يوقاپ كەتكەندە ئايروپىلاندا بولىسچۇ ، ئەمدى ئەسلىگە كەلگەندە قەيەردە بولىدۇ ؟ …. دىگەندەك

 

 

كەيۋىن فەيىج ئورگان تورىدا بۇ ھەقتە جاۋاپ بەرگەن : خوك ناھايىتى ئەقىللىق ، ئۇ ھەربىر مەۋجۇداتنىڭ قايتا تىرىلگەندىن كىيىنكى تۇيۇقسىز يۈز بىرىپ قالىدغان ئىھتىماللىق مەسىلىلەرنىمۇ ئويلاپ ئۆتكەن .

گەرچە <قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4> تە بۇنداق كىچىك ۋەقەلىكلەردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، لىكىن مەستانىلەرنىڭ سورىغان سۇئاللىرى يەنىلا ئەقىلگە ئۇيغۇن كىلىدۇ .

 

يەنە كىلىپ ، پولات پالۋان ئۇنىڭغا قايتا ئەسكەرتكەن : بۇ 5 يىلنىڭزى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئۆزگەرتمە .

 

پولات پالۋاننىڭ بۇ گىپى خوكقا نىشبەتەن يەنە بىر ھالقىلىق ئۇچۇر بولۇپ قالغان .

 

 

<قىساسكارلار ئىتتپاقى 4> نىڭ ئاخىرىدىمۇ خوك ئۆزى ئاغزى بىلەن : “مىنىڭ ناتاشانىمۇ بىللە قايتۇرۇپ كەلگىم بار ئىدى” دەيدۇ .

 

بۇيەردىن شۇنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى ، كۆرىنەرلىك ھالەتتىكى ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنى قايتا تىرىلدۇرۈپ ئەكەلگىلى بولمايدۇ . 

قارا تۇل خوتۇننىڭ قۇربان بولىشى ، باشقا كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەنلەرگە ئوخشىمايدۇ ، كۈلگە ئايلانغانلارنى يەنە گۆھەر تاشلار ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ ، ئەمما ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى قايتا تىرىلدۇرگىلى بولمايدۇ .

 

بۇ بىرنەچچە قەۋەت مۇرەككەپ مەسىللەر ، ئەلۋەتتە خوكنى ئازاپلاپ قويىدۇ ، چۈنكى ئۇ يىتەرلىك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئۆزىنىڭ بارىلىق ئويلىغان ئىشلىرىنى گۆھەر تاشلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىشى كىرەك ، شۇڭا دەسلەپتە ئۇ گۆھەر تاشلارنىڭ ئېنىرگىيسىگە كۆنۈپ بولۇپ ئۆزىنىڭ بارلىق ئويلىغانلىرىنى يەتكۈزگىچە بولغان باسقۇچتا گۆھەر تاشلارنىڭ ئېنىرگىيە بسىمى ئاستىدا شۇنداق “جان تالىشىپ” كىتىدۇ . 

 

پولات پالۋانچۇ ؟ ئۇ پەقەت ئىقلا قىلىپ : پۈتۈن ئالەمدىكى بارىلىق زانوس قوشۇنى كۈلگە ئايلنىپ كەتسۇن ، پەقەت بىر گامورا ھايات قالسۇن دەپ ئويلىسىلا بولدى ، شۇڭا ئۇنچە كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق .

 

 

بۇيەردىن شۇنى چۈشىنشىمىز كىرەككى ، 6 دانە چەكسىز گۆھەر تاشنىڭ تۈرتكىسدە ، بىر ئادەمنىڭ خىيالى پەقەت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ . ئەمما خىيال قىلغان ئىشنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسىنى يەنىلا نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ .

 

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلىشىنى قارشى ئالىمەن ~

 

مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولىسڭىز دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ ❤

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش1تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ