چاقماق ئىلاھى2 دە ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكى قانداق بولۇپ ساقىيىپ قالدى

图片[1]-چاقماق ئىلاھى2 دە ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكى قانداق بولۇپ ساقىيىپ قالدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر …

مارۋىل فىلىمى <چاقماق ئىلاھى 1> نىڭ ئاخىرىدا ، چاقماق ئىلاھى ھەسەن ھۈسەن كۆۋرۈكىنى بولقىسى بىلەن ئۇرۇپ چىقىۋىتىدۇ .

图片[2]-چاقماق ئىلاھى2 دە ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكى قانداق بولۇپ ساقىيىپ قالدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

چاقماق ئىلاھىنىڭ شۇ ۋاقىتتا ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكىنى چىقىۋەتكەندىكى كەيپىياتىدىن ، خۇددى ئۆزىنىڭ كىيىنلىكىنى ئويلاشمىغاندەك ، ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكىنى قايتا ياساشنىڭ ناھايىتى قىيىنلىقىنى كۆرۋالغىلى بولاتتى .

لىكىن مارۋىل فىلىمى <چاقماق ئىلاھى 2> گە كەلگەندە ، ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكى تۇيۇقسىزلا ساقىيىپ ئەسلى ھالىتىگە كىلىپ قالغاندەك تۇراتتى .

图片[3]-چاقماق ئىلاھى2 دە ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكى قانداق بولۇپ ساقىيىپ قالدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

لىكىن فىلىم مەزمۇنى ئىچىدە ، بىزگە ئىنىق قىلىپ ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكىنىڭ قانداق بولۇپ ساقىيىپ قالغانلىقىغا بىر چۈشەنچە بەرمىگەن ئىدى ، بۇمۇ نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرگە بىر سۇئال بولۇپ قالدۇرۇلۇپ قويۇلغاندەكلا تۇراتتى .

ئەملىيەتتە ، ئورگان تەرەپ تارقاتقان فىلىم مەزمۇنىغا تەڭداش چاتما رەسىم “چاقماق ئىلاھى 2 : زۇلمەت دۇنياسىنىڭ يىتپ كىلىشى” دە ، بىزگە ناھايىتى ئىنىق قىلىپ چۈشەندۈرلۈش بىرلگەن .

توققۇز ئىقلىمدىكى خەۋىپ

ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكى ۋەيران بولغاندىن كىيىن ، ئاسگاردنىڭ باشقۇرىشى ئاستىدىكى توققۇز ئىقلىم (توققۇز چوڭ پادىشاھلىق) نۇرغۇنلىغان خەۋىپلەرگە ئۇچىرىغان .

图片[4]-چاقماق ئىلاھى2 دە ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكى قانداق بولۇپ ساقىيىپ قالدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

بىر تەرەپتىن ئىيتقاندا ، ھەسەن ھۈسەن كۆۋرۈكىدە غايەت زور ئىنىرگىيە ساقلانغان بولىشى مۇمكىن .

ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكى تۇيۇقسىز ۋەيران بولۇپ ، توققۇز ئىقلىم تەڭپۇڭلىقىنى يوقاتقان ، ھەتتا توققۇز ئىقلىمدىن باشقا جايلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن .

يەنە كىلىپ ، ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكى ۋەيران بولغاندىن كىيىن ، ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكىنىڭ يەتكۈزۈش ئىقتدارى ئىشلىمەيدۇ .

图片[5]-چاقماق ئىلاھى2 دە ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكى قانداق بولۇپ ساقىيىپ قالدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

بۇنداق بولغاندا ئاسگارد قوشۇنى توققۇز ئىقلىمغا يىتىپ بارالمايدۇ ، ھەرقايسى ئىقلىملاردا ئۇرۇش ۋە قالايمىقانچىلىق پەيدا بولىدۇ .

بۇنىڭ ئارسىدىكى تىپىك مىسال : يەرشارى (مىدگارد / ئوتتۇرا ھويلا)  لوكى ۋە چىتارۇي ئادەملىرىنىڭ باستۇرۇپ كىرىشىگە ئۇچىرايدۇ .

图片[6]-چاقماق ئىلاھى2 دە ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكى قانداق بولۇپ ساقىيىپ قالدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

بۇ ۋەقەتلىك ئۇدۇل كەلگەن فىلىم بولسا <قىساسكارلار ئىتتىپاقى 1> نىڭ ۋەقەلىكى .

زۇلمەت ئېنىرگىيسى

ئوۋدىن لوكى بىلەن بوشلۇق گۆھەر تىشىنىڭ ئوخشاشلا ۋاقىتتا يەرشارىدا پەيدا بولغانلىقىنى بىلگەن ۋاقتىدا ، چاقماق ئىلاھىنى يەرشارىغا يەتكۈزۈپ قويماقچى بولىدۇ .

图片[7]-چاقماق ئىلاھى2 دە ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكى قانداق بولۇپ ساقىيىپ قالدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ئوۋدىننىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەپ بولسا بىرىنجىدىن لوكىنى جازالاش ، ھەممىدنن مۇھىمى شۇكى : بوشلۇق گۆھەر تىشىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكىنى قايتا ياساپ چىقىش ئىدى .

لىكىن چاقماق ئىلاھى ئۆز كۆڭلىدە پەقەت ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكىلا يەتكۈزۈش ئىقتدارىغا ئىگە دەپ قارايتى .

图片[8]-چاقماق ئىلاھى2 دە ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكى قانداق بولۇپ ساقىيىپ قالدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

بۇ ۋاقىتتا ،  ئوۋدىن يەتكۈزۈش ئىقتدارنى ئىشلىتىش  ئۈچۈن  زۇلمەت ئېنىرگىيسىنى ( Dark Energy ) ئىشلەتسە بولىدغانلىقىنى ئىيتىپ بەردى .

بۇ ئۇقۇم ،  دە لوكى بىلەن چاقماق ئىلاھىنىڭ دىئالوگىدا ئىيتىلىپ ئۆتكەن ، يەنە نىڭ بىشىدا ، زانوس چاقماق ئىلاھىنىڭ كىمىسگە ھۇجۇم قىلىپ يشىل گىگانىت ئادەمنىمۇ ياتقۇزۇپ قويغاندىن كىيىن ، خەمدار زۇلمەت ئېنىرگىيسى ئارقىلىق يشىل گىگانىت ئادەمنى يەرشارىغا يەتكۈزۈپ قويىدۇ .

图片[9]-چاقماق ئىلاھى2 دە ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكى قانداق بولۇپ ساقىيىپ قالدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

زۇلمەت ئېنىرگىيسىنى ئىشلەتكەندە ، ئىشلەتكۈچىنىڭ بەدىنىگە نىسبەتەن ناھايىتى زور بىر بىسىم پەيدا بولىدۇ ، ئەلۋەتتە ، يەتكۈزۈلگىچىمۇ ئوخشاش غايەت زور بىسىمگە بەرداشلىق بىرەلىشى كىرەك .

ئەينى ۋاقىتتا چاقماق ئىلاھى يەرشارىغا يەتكۈزۈلگەندە ئۇدۇل يەرگە چۈشۈپ يوغان بىر ئورەك پەيدا بولۇپ قالغان ،  ھەتتا بىر ۋاقىتقىچە ھوشىدىن كىتىپ ئەسلىگە كىلەلمىگەن . ( بۇ كۆرۈنۈش بولسا دە چاقماق ئىلاھىنىڭ مەيدانغا چىققان ۋاقتىدكى ۋەقەلىكى )

图片[10]-چاقماق ئىلاھى2 دە ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكى قانداق بولۇپ ساقىيىپ قالدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

بۇ خىل يەتكۈزۈش ئىقتدارى ، خۇددى چۆرۈپ تاشلىۋەتكەندەكلا ، يەتكۈزۈلگىچىنىڭ بەدىنىگە ناھايىتى چوڭ بىسىم ئىلىپ كىلىدۇ .

<قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3> تىكى خەمدارنىڭ زۇلمەت ئېنىرگىيسنى ئىشلتىپ يىشىل گىگانىت ئادەمنى يەتكۈزىشىمۇ ئوخشاش مۇشۇ ئۇسۇلدا ، يىشىل گىگانىت ئادەم ئۇدۇل چۈشكىنىچە غەيرى دوكتۇرنىڭ ئۆيدىن يوغان بىر تۆشۈك ئىچىپ ئادەم قىياپىتىگە قايتىپ كىتىدۇ .

ھەسەن ھۈسەن كۆۋرۈكىنى قايتا ياساش

مارۋىل فىلىمى <قىساسكارلار ئىتتىپاقى 1> نىڭ ئاخىرىدا ، چاقماق ئىلاھى لوكىنى تۇتقۇن قىلىپ بوشلۇق گۆھەر تىشى بىلەن تەڭ ئاسگاردقا قايتىپ كىتىدۇ .

图片[11]-چاقماق ئىلاھى2 دە ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكى قانداق بولۇپ ساقىيىپ قالدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

لوكى ئوۋدىننىڭ جازالىشىنى قوبۇل قىلىپ ، ئاسگارد تۈرمىسىدە قامىلىدۇ .

چاقماق ئىلاھى بوشلۇق گۆھەر تىشىنى خەمدارنىڭ قولىغا يەتكۈزىدۇ ، ھەمدە ئوڭۇشلۇق ھالدا ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكىنى قايتا ياساپ چىقىدۇ .

图片[12]-چاقماق ئىلاھى2 دە ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكى قانداق بولۇپ ساقىيىپ قالدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

بۇ ۋەقەلىكتىن كىيىن ، چاقماق ئىلاھى ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكىنىڭ يەتكۈزۈش ئىقتدارىدا ، تېز سۈرئەتتە توققۇز ئىقلىمدىكى ئۇرۇش مالمانچىلىقىنى بىسقتۇرىدۇ . ( بۇ ۋەقەلىك فىلىمنىڭ بىشىدىكى ۋەقەلىككە ئۇدۇل كەلگەن ) .

يۇقارقىلار ، دەل <چاقماق ئىلاھى 2> دىكى ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكىنىڭ قانداق بولۇپ قايتا ساقىيىپ قالغانلىقىنىڭ ئومۇمەن چۈشەندۈرلىشى .

图片[13]-چاقماق ئىلاھى2 دە ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكى قانداق بولۇپ ساقىيىپ قالدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن ~


图片[14]-چاقماق ئىلاھى2 دە ھەسەن ھۈسەن كۆۋرىكى قانداق بولۇپ ساقىيىپ قالدى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى سىز ئاۋال ئىنكاس يىزىڭ

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ