گۇيى نىمشقا غەلىتە دوكتۇرنى ئەڭ تالانتلىق سىھرىگەر دەيدۇ ؟

图片[1]-گۇيى نىمشقا غەلىتە دوكتۇرنى ئەڭ تالانتلىق سىھرىگەر دەيدۇ ؟-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر …

بېندىكىت . كومبراچ رول ئالغان غەلىتە دوكتۇرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا بىز ئۇنىڭ يۈزىدىن تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە خۇشاللىقلارنى كۆرۋالالايمىز ، ئەگەر سىز ئىزچىل دىققەت قىلغان بولسىڭىز ، غەلىتە دوكتۇرنىڭ تىكى ئىپادىسى ئۆزىنىڭ ئايرىم فىلىمى دىنمۇ ئىشىپ چۈشىدىغانلىقىنى بايقايسىز ، بىلشىمىز كىرەككى بۇ ئىككى فىلىمنىڭ ئارلىقىدا پەقەتلا ئىككى يىل پەرىق بار ، ئەمدىلا بىر يىڭى شاگىرىت سىھرىگەردىن يەرشارىنى قوغداش ۋەزىپىسىى ئۆز ئۈستىگە ئالغان سىھرىگەر ئۇستازىغا ئايلانغان ،  غەلىتە دوكتۇرنىڭ ئالدىغا مىڭىش قەدىمىنى ئەڭ تىز دەپ قارىساق بولىدۇ ، شۇڭا تە گۇيى ئۇنى ئالاھىدە تىلغا ئىلىپ ئەڭ تالانتلىق سىھرىگەر دەپ ئاتايدۇ .

图片[2]-گۇيى نىمشقا غەلىتە دوكتۇرنى ئەڭ تالانتلىق سىھرىگەر دەيدۇ ؟-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

بىلىشىمىز كىرەككى ، سىتىۋىن . سىتىرەنج دەسلەپتە سىھرگەرلىك بىلەن ئۇچىراشقاندا پەقەت ئۆزىنىڭ ناكا بولغان ئىككى قولىنى دەپلا بارغان ئىدى ، ئۇ ۋاقىتلادا سىتىۋىن ھىچنىمىنى بىلمەيتى ، لىكىن ئۆزىنىڭ توختىماي تىرىشىشى نەتىجىسدە ئاخىرى سىھىرگەرلەر دەرۋازىسىدىن كىرەلىگەن ئىدى ، شۇنداق بولغاندىمۇ ئۇ يەنىلا تىخى يىڭى ئۈگەنگۈچىلەر قاتارىدا بولغاچقا كاشىلىياس بىلەن بولغان جەڭدە ناھايىتى قىينالغان ئىدى .

图片[3]-گۇيى نىمشقا غەلىتە دوكتۇرنى ئەڭ تالانتلىق سىھرىگەر دەيدۇ ؟-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

گەرچە ئاخىردا دومامۇ بىلەن ئىلشقاندا ئۇ ۋاقىت تىشىغا ۋە ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراستىگە تايانىپ يەڭگەن بولسىمۇ ، لىكىن سىھىرگەرلەر نۇقتىسىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا ئۇ يەنىلا ئاجىز ئىدى ، شۇڭا گۇيى قۇربان بولغاندا ، يىڭى ئۈگەنگۈچى سىھرىگەر سالاھىيتدىن ئامالسىز سىھرگەرلەر ئۇستازى سالاھىيتىنى ئۆز زىممىسىگە ئالمىسا بولمايتى .

ئارقىدىنلا بىز ئۇنى تە ئۇچراتتۇق ، بۇ ۋاقىتتا غەلىتە دوكتۇرنىڭ ئاللىقاچان سىھىرگەرلەر ئۇستازىغا خاس بولغان سالاپىتى ۋە ھەيۋىسى نامايەن بولۇپ تۇراتتى ، لوكىنى قانغۇدەك بوزەك قىلىپلا قالماي ، يەنە چاقماق ئىلاھىغا ئورۇن يۆتكەشنىڭ قانداق بولىدغانلىقنى بىلدۇرۇپ قويدى ، ئاخىردا ئۇلارنى دادىسنىڭ يىنىغا ئاپىرىپ قويدى  ، لىكىن ئارقىغا ئۇلاپلا ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ زانوس بىلەن بولغان جەڭگە قاتناشتى .

图片[4]-گۇيى نىمشقا غەلىتە دوكتۇرنى ئەڭ تالانتلىق سىھرىگەر دەيدۇ ؟-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

تىتان پىلانىتىدا بولغان جەڭدىمۇ غەلىتە دوكتۇرنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى كۆرنەرلىك بولدى ، ھەرخىل ئادەمنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان سىھىرلەر بىزنى ھاياجانغا سالدى ، غەلىتە دوكتۇرنىڭ تاقابىل تۇردىغىنى پەقەت زانوسلا ئەمەس ، ھەتتا زانوستا پەقەت ئىككى تاللا چەكسىز گۆھەر تاش بولغان بولىسا ، ئاخىرىدا يىڭىپ چىقىدغىنى قەھرىمانلار ئىدى ، ئەپسۇسكى بۇ فىلىمنىڭ باش پىرسوناژى زانوس .

图片[5]-گۇيى نىمشقا غەلىتە دوكتۇرنى ئەڭ تالانتلىق سىھرىگەر دەيدۇ ؟-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

مۇشۇ نۇقتىلار ئىچىدىن بىز غەلىتە دوكتۇرنىڭ قانچلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكنى كۆرۋالالايمىز ، ئۇنىڭ كۈچ قۇدىرىتى ھەرگىزمۇ قانچىلىك يۇقىرى دەرجىدىكى سىھرگەرلىكنى بىلىشى ئەمەس ، بەلكى ئادەتتكى ئادەملەردىن ھالقىپ كەتكەن تەرەقىي قىلىش ئىقتدارى ، قىسقىغنە نەچە يىل ئىچىدە بىر يىڭى ئۈگەنگۈچىدىن سىھىرگەرلەر پىرى ئۇستازى بولۇپ يەرشارىنى قوغداش  بۇرچىنى زىممىسگە ئىلىش ھەرگىزمۇ ئاسان ئىش ئەمەس .

图片[6]-گۇيى نىمشقا غەلىتە دوكتۇرنى ئەڭ تالانتلىق سىھرىگەر دەيدۇ ؟-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

بۇندىن باشقا ، غەلىتە دوكتۇرنىڭ ئىكران يۈزىدە كۆرۈنۈپ باقمىغان بىر ئىقتدارى بار ، ئۇ بولسىمۇ غەلىتە دوكتۇر خالىغانچە ۋاقىت ۋە زامان ھالىقىپ يۈرەلەيدۇ . تە غەلىتە دوكتۇر ۋاقىت تىشى ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى بارلىق يۈز بىردىغان ئىھتىماللىقلارنى كۆرۈپ چىققان ، لىكىن بۇنى غەلىتە دوكتۇر ۋاقىت تىشى بولمىسىمۇ ئۆزى يالغۇز ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ .

图片[7]-گۇيى نىمشقا غەلىتە دوكتۇرنى ئەڭ تالانتلىق سىھرىگەر دەيدۇ ؟-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

نىڭ ئەسلىدىكى مارۋىل چاتما رەسىمىدە ، مۇنداق بىر كۆرۈنۈش بار : غەلىتە دوكتۇر ئۆزىنىڭ روھىنى چىقىرىپ ئۇدۇللا ھەر قايسى پاراللىل ئالەمگە بارىدۇ ، ھەمدە كۆزىتىش ئارقىلق ئوخشمىغان پاراللىل ئالەمدىكى ئوخشاش بولمىغان نەتىجىلەرنى بىلەلەيدۇ .

图片[8]-گۇيى نىمشقا غەلىتە دوكتۇرنى ئەڭ تالانتلىق سىھرىگەر دەيدۇ ؟-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

بىلىشمىز كىرەككى ، ۋاقىت ھالقىپ ئۆتۈش تىخنىكىسىمۇ 5 يىلدىن كىيىنكى تىكى يىشىل گىگانىت ئادەم ۋە پولات پالۋان قاتارلىق پەن تىخنىكا ئالىملىرى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ چىققان ، لىكىن ھىچكىممۇ غەلتە دوكتۇرنىڭ بۇ تىخنىكىنى 5 يىل بۇرۇنلا ئىگىلەپ بولغانلىقىنى ئويلايدۇ ؟ ۋاقىت ھالقىپ ساياھەت قىلىش بولسا غەلىتە دوكتۇرغا نىسبەتەن خۇددى كۈندىلىك خىزمىتىگە ئوخشاشلا ئوڭاي بىر ئىش .

图片[9]-گۇيى نىمشقا غەلىتە دوكتۇرنى ئەڭ تالانتلىق سىھرىگەر دەيدۇ ؟-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ئەگەر غەلىتە دوكتۇر تە زانوس تەرپىدىن كۈلگە ئايلاندۇرۋىتلمگەن بولسا ، ئۇنداقتا تىكى ۋەقەلىك چوقۇم ناھايىتى چوڭ دەرىجىدە ئۆزگەرتىلەتتى ، لىكىن ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق شۇكى ، ئاخىرقى جەڭدە غەلىتە دوكتۇر چىقىپ پەقەت ئىغىزىنىلا ئىشقا سىلىپ قويدى خالاس ، كەلكۈننى توسۇشتىن باشقا ئىشنى قىلالمىدى ، ئەگەر ئۇنداق بولماي قەھرىمانلار بىلەن تەڭ بىرلكتە زانوسقا تاقابىل تۇرغان بولسا ، مىنڭچە غەلىتە دوكتۇر ئۆزىلا يىتشەتتى .

图片[10]-گۇيى نىمشقا غەلىتە دوكتۇرنى ئەڭ تالانتلىق سىھرىگەر دەيدۇ ؟-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

يۇقارقىلارنىڭ ھەممسى ، گۇيىنىڭ نىمىشقا غەلىتە دوكتۇرنى ئەڭ تالانتلىق سىھرىگەر دەپ ئاتىشىدىكى سەۋەبى .

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن ~

图片[11]-گۇيى نىمشقا غەلىتە دوكتۇرنى ئەڭ تالانتلىق سىھرىگەر دەيدۇ ؟-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى سىز ئاۋال ئىنكاس يىزىڭ

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ