بۇ ئوبراز مەيدانغا چىققان بولسا كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىش بولمايتى

خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر …

بۈگۈن مەستانىلەر بىلەن مارۋىل چاتما رەسىمىدىكى مۇنۇ بىر ئۆزگەرگەن ئادەم توغرىسىدا پاراڭلىشىپ باققىم كەلدى .

بۇ ئۆزگەرگەن ئادەمنىڭ ئىقتىدارى سەل ئالاھىدىرەك ، ئەگەر ئۇ مەيدانغا چىققان بولسا ، (X جەڭچى : كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىش) تىكى قىينچىلىقلار ھەرگىزمۇ بۇنداق تەسكە توختىمغان بولاتتى .

” X جەڭچى : كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىش ” ڧىلىمىنىڭ ھازىرقى دوۋبەن باھا نۇمىرى 8.2 ، ھىساپتا <X جەڭچى> تۈرىدىكى ڧىلىملار ئىچىدە ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن ڧىلىمنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ .

ڧىلىمدا ، ئۆزگەرگەن ئادەملەرنى قىرىشقا باشلىغان ئەقىلىي ئىقتدارلىق ماشىنا ئادەم “قاراۋۇل”  ڧىلىم مەزمۇندىكى ئاساسلىق ھەركەتلەندۈرگۈچ رولىنى ئوينايدۇ .

قاراۋۇل بولسا ئالۋاستى قىزنىڭ ئۆزگىرىش ئىقتدارنى ئشلەتكەن ئاساستا ، ھەرقانداق ئۆزگەرگەن ئادەملەرنىڭ ئالاھىدە ئىقتدارنى ئۆزىگە كۆچۈرەلەيدۇ ، ئۇنىڭدىكى بۇ ئىقتىدار ئۆزگەرگەن ئادەملەرگە ناھايىتى چوڭ بالايى ئاپەت ئىلىپ كەلگەن .

ڧىلىمدىكى “قاراۋۇل” ھىساپتا ھىچكىم تەڭ كىلەلمىگۈدەك ھالەتكە كىلىپ قالغان …

ئەمما مارۋىل چاتما رەسىمىدە بىر ئۆزگەرگەن ئادەم بار بولۇپ ، ئۇ مانا مۇشۇنداق “قاراۋۇللار” نى بويسۇندۇرىدغان ئىقتىدارى بار ئىدى .

 

ئۇنىڭ ئىسمى Trinary ، ھىندىستاندىن كەلگەن گىنى ئۆزگەرگەن قىزچاق .

مىخانىك كونتىروللىغۇچى

Trinary ھىندىستاندا تۇغۇلغان ، بىر جۈپ چوڭ كۆزى ، قىنىق رەڭلىك تىرىسى ۋە ئوماققىنە كەلگەن ئۆرۈمە چىچى بار ، ئۇنىڭ تۇغۇلىشىدىنلا مىخانىك قۇرۇلىمار ۋە ئىلىكتىرون تىخنىكىسنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى بار .

مارۋىل چاتما رەسىمىدىكى ئۆلچەمدە ، ھىندىستان بولسا ئەر ئاياللانىڭ مۇئاشى ئىغىر دەرجىدىكى تەڭپۇڭسىز بىر دۆلەت ھىساپلىنىدۇ . ئاددىي قىلىپ ئىيتقاندا ئەرلەرنىڭ كىرىمى ئاياللارنىڭكىدىن %25 يۇقىرى بولىدۇ .

بىر قىتىم ، ھىندىستاندىكى بارلىق ئىشچى ئاياللارنىڭ كىرىمى تۇيۇقسىز %25 ئۈسۈپ كەتكەن .

ئەمىليەتتە بولسا Trinary تۇيۇقسىز 25 دانە ئەڭ يۇقىرى قاتلامدىكى CEO نىڭ نۇمىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ، بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسنى ئىشچى ئاياللارنىڭ مۇئاشىغا قىتىۋەتكەن . (ھىساپتا خاككىر تىخنىكىسى دەپ قارساق بولىدۇ)

ئەڭ ئەجەبلىنەرلىك يىرى شۇكى : Trinary نىڭ دادىسى ئۇنى پاش قىلىدۇ ، ھەمدە ساقىچىلار كىلپ ئۇنى تۇتۇپ كىتىدۇ .

ھەرقانداق ئىلىكترونلۇق ئەسۋابلارنىڭ مەخپىي نۇمىرىنى بىلىش

Trinary نىڭ ئالاھىدە ئىقتدارى ، ئۇنىڭ ئىلىكترون تىخنىكىسى ۋە ئاساسىي قاتلام كود بۆلىكىدىكى بىلىمىدىن ئايرىلالمايدۇ .

ھەرقانداق بىر تىلڧۇننى ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويسا ، ئۇ پەقەت بىر ئويلىنىپلا تىلغۇننىڭ مەخپىي نۇمۇرلىرىنى تىپىۋالالايدۇ .

ئەلۋەتتە ، ھەممە ئادەمنىڭ بانكا كارتىسنىڭ مەخپىي نۇمىرى بولسا بۇ ئادەمنىڭ مەخپيەتلىكى ھىساپلىنىدۇ .

لىكىن Trinary تۈرمىدە قاماقلىق ھالەتتە ، جىن . گىرىي(سۇمرۇغ قىز) غا بىر مەخپىي نۇمۇر كىرگۈزۈلگەن ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋىدئۇسىنى ئەۋەتىدۇ ، ۋىدىئونىڭ ئىچىش مەخپىي نۇمىرى بولسا جىن . گىرىينىڭ بانكا كارتىسنىڭ مەخپىي نۇمىرى ئىدى …

قاراۋۇلنى كونتىرول قىلىش

مارۋىل چاتما رەسىمىدە ، قاراۋۇلنىڭ ۋەزىپىسى ئۆزگەرگەن ئادەملەرنى تىپىپ ئۆلتۈرۈش ، بۇ ۋەقەلىك  ” X جەڭچى : كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىش “  ڧىلىمدىكى مەزمۇن بىلەن ئوخشاش ، قاراۋۇل ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزگەرگەن ئادەملەرنى قوغلاپ تۇتۇپ ئۆلتۈرۋىتەتتى .

قاراۋۇل ، ئەمەلىيەتتىن ئىلىپ ئىيتساق بىر ئەقلىي ئىقتدارلىق ماشىنا ئادەم ، ئىلىكترونلۇق ئەسۋابلارغا تەۋە .

بىر قىتىم ، قاراۋۇل تۇيۇقسىز X جەڭچىلىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ .

Trinary پەقەت كەينىگە ئۆرۈلۈپ قولىنى كۆتۈرگىنىچە ، “ئولتۇر” دىگەن گەپنى قىلىدۇ ، بىر گىگانىت قاراۋۇل ماشىنا ئادەم خۇددى ئەرمەك ھايۋانغا ئوخشاش شۇ ھامان جايىدىلا ئولتۇرۇپ قالىدۇ .

ئارقىدىن ، بۇ قاراۋۇل ماشىنا ئادەم ئۆزگەرتىلىپ X جەڭچىلىرىنىڭ مەخسۇس ئايرۇپىلانى بولۇپ قالىدۇ .

ئاخىرىدا Trinary بۇ ماشىنا ئادەمنى بىزەپ بىر قىزچاق تۈسىنى ئالغان ماشنا ئادەمگە ئۆزگەرتىپ قويىدۇ . (كۆكرەك قىسمىدىكى گۈلگە قارساڭلار بولىدۇ)

ھەرقانداق بىر ئىلىكتىرون ئەسۋابى ، Trinary غا نىسبەتەن ئىيتقاندا خالىغانچە ياساپ چىققىلى بولىدغان مىخانىك قۇرۇلىملار خالاس .

ئاساسىي قۇرۇلما سانلىق مەلۇماتىنى ئۆزگەرتىش ، ئۇنىڭغا خۇددى يانچۇقىدىن بىر نەرسىنى ئالغاندەكلا ناھايىتى ئاسان . بىر ئۇچۇپ كىتپ بارغان ئايروپىلاننىڭ رادارىنى ئۆچۈرۋىتىش ، ئۇنىڭغا يولدا كىتۋاتقاندەكلا ئاسان بىلىندۇ .

ئەڭ مۇھىمى شۇكى : بۇنداق ئۆزگەرتىشلەر ھەرگىزمۇ كۆپ ۋاقىت تەلەپ قىلمايدۇ ، ئۇ پەقەت جايىدا تۇرۇپ بىر خىيال قىلسلا كۇپايە .

بۇ ئوماق ھىندستانلىق قىزچاق ، چەڭ قىلغاندا قىلچە تىز پۈكمەيدۇ ،

ئەلۋەتتە بەزى تۇرۇپ تۇرۇپ كاللىسدىن كىتدغان ئىشلارمۇ بوپ تۇرىدۇ …

بەلكىم بۇ ئوبرازنىڭ قارشى ئىلىنىش كۈچى ئۇنچە چوڭ بولماسلىقى مۇمكىن ، ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى مارۋىل ڧىلىملىردا مەيدانغا چىقىش ئىھتىماللىقمۇ ئۇنچە بەك چوڭ ئەمەس .

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن ~

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ