مارۋىلدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن قەھرىمان زادى كىمۇ ؟

خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر … 
بۈگۈن يەنە ئەڭ يىڭى خەۋەرلەرنى ئىلىپ كەلدىم ، تېمىنى كۆرۈپ بولۇپ ئېلان چېكىشنى ئۇنۇتماڭ . ئېلان چەكمىگەن ياش – تام تۈۋىدىكى تاش!

پولات بۆرە ۋە ئامېرىكا كاپىتانىنىڭ مارۋىل ڧىلىملىرىدىكى كۆپ ئورنى ناھايىتى ئوخشىشىپ كىتىدۇ .
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقىدىكى باشلامچى قەھرىمانلار ھىساپلىندۇ ، ئىككىلىسى بەدەن قۇرۇلمسى ئۆزگەرتىلىشتىن ئۆزىنىڭ جەڭ كۈچىنى ئاشۇرغان ، ئىككىلىسىنىڭ قورالى بولسا ئەڭ قاتتىق مىتال دەپ تەرىپلەنگەن — ئەيدىمەن مىتالى . (كاپىتاننىڭ قالقىنى ۋە پولات بۆرىنىڭ تىرنىقى ۋە سۆڭىكى ئەيدىمەن مىتالدىن ياسالغان)

ئوخشاشلا ، بۇلار ئىككىلىسى مارۋىل ڧىلىملىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن قەھرىمانلار . پولات بۆرە بولسا ئۆزىنىڭ تىنىدىكى ئۆزگەرگەن گىن سەۋەبىدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ ، ئامېرىكا كاپىتانى بولسا دەرىجدىن تاشقىرى جەڭچى قان زەردابىنى ئۇرغان ھەمدە قزىل سۆڭەك بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مۇز ئوكيانغا چۈشۈپ كىتىپ مۇز ئارسىدا مۇكەممەل ھالدا ساقلىنىپ قالغان شۇڭا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ، ئۇنداقتا بۇ ئىككىسىنىڭ ئچىدە قايسىنىڭ يىشى بەكەرەك چوڭدۇ ؟ 
“پولات بۆرە 1” گە ئاساسلانغاندا . لوگىن 1832 – يىلى كانادادا تۇغۇلغان . ئەينى چاغدا ئۇ 13 ياش ئىدى ، ئۆزگىرىشچان ئىقتىدارى تۇنجى بولۇپ بايقالغاندا ئۇ كەيپىياتى تۇراقسىز ھالەتتە ئۆز دادىسىنى ئۆلتۈرۋىتىدۇ . 

ئارقىدىن ئۇ ئۆز ئاكىسى خەنجەر چىشلىق يولۋاس بىلەن سەرگەردان تۇرمۇشىنى باشلايدۇ ، ھەمدە بىر ئەسكەر بولىدۇ . ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشى ۋىتنام ئۇرۇشى ۋە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنى بىشىدىن ئۆتكۈزىدۇ .
ئۇزۇن يىللاردىن كىيىن ، پولات بۆرە  X جەڭچىلىرىگە قوشۇلىدۇ ، “X جەڭچى : كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىش” تە ، ئۇ ئۆزگەرگەن ئادەملەرگە ياردەم قىلىپ كەلگۈسىدىكى نەسلى قۇرۇپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . 
لىكىن “پولات بۆرە 3” كە كەلگەندە ، ئارقا كۆرنشى 2029-يىلى ، ئۆزگەرگەن ئادەملەر يەنىلا نەسلى قۇرۇپ كىتىش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ . 

پولات بۆرە ئۆز تىرىشچەنلىقى ئاستىدا بىر توپ ئۆزگەرگەن كىچىك بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ ، ھەمدە ئكزىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە بۇ بالىلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ .  پولات بۆرە بۇ ڧىلىمدە ئۆلگەن ۋاقتىدا ئاللىقاچان 197 ياشتا ئىدى . 
ئامېرىكا كاپىتانى سىتىۋىن روجىس 1918- يىلى بىروكىلىندا تۇغۇلغان . 1943 – يىلى ئامېرىكا ئارمىيسىگە قوشۇلغان ، ھەمدە دەرىجدىن تاشقرى جەڭچى قان زەردابىنى قوبۇل قىلغان ، شۇندىن كىين دەرىجىدىن تاشقرى قەھرىمانغا ئايلانغان . 


1945- يىلى ، ئۇ مۇز ئوكيانغا چۈشۈپ كىتىپ مۇزلار ئارىسىدا ئىغىر ئۇيقۇغا كىتىدۇ ، بىر ئۇخلىغان پىتىلا 67 يىل ئۇخلايدۇ ، تاكى 2012- يىلىغا كىلىپ “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 1” باشلانغان ۋاقىتتا ئاندىن ھوشىغا كىلىدۇ . 
ئارقىدىن “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4” تە 2023 يىلى ئامېرىكا كاپىتانى 105 ياش بولىدۇ ، لىكىن ئۇ گۆھەر تاشلارنى جايىغا ئاپىرىپ قويغىلى بىرىپ 1945- يىلىغا قايتدۇ ، ھەمدە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە پىگگىي بىلەن بىللە ياشاشنى قارار قىلىپ ئاددىي تۇرمۇشنى بىشىدىن كەچۈرىدۇ . 

ئارقىدىن ، بىز يەنە ئامېرىكا كاپىتانىنىڭ قىرىپ كەتكەن ھالىتىنى 2023 يىلى قايتا كۆرىمىز ، ھەمدە قولىدىكى قالقاننى بۈركۈت ئوۋلىغۇچىغا بىرىدۇ .  
بۇنىڭدىن ھىساپلاپ چىقىرالايمىزكى ، بىز 105 ياشلىق كاپىتاننىڭ ھاياتىنى قايتا 1945-2023 يىلغىچە 78 يىل ئۆمۈر كۆردى دەپ ھىساپلىساق ، ئۇنداقتا كاپىتان قالقاننى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ۋاقىتتا ئاللىقاچان 183 ياش بولىدۇ . 

ئاساسىي ھالەتتە ئىيتقاندا ، بىز مارۋىل ڧىلىملىرى ئىچىدىن ھىساپلىغاندا ئامېرىكا كاپىتانىنىڭ يىشىنىڭ پولات بۆرىنىڭ يىشىدىن كىچىك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز ، لىكىن ڧىلىم ئىچىدە كاپىتاننىڭ ئۆلگەن ۋاقتىنى تىخى ئىنىق ئىسپاتلانغىنى يوق ، شۇڭا كاپىتان پولات بۆرىدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىمۇ مۇمكىن . 

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن .

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى جەمئىي3تال

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ

    • oxDU_5XVOGGC0wzsywt6RsrOGCy8
    • 奥丁 雷神 洛吉 古一法师 等等也是长寿命百岁老人
      7ئاي بۇرۇن