مارۋىلدىكى ئۆلىشى ئەڭ تەس 4 قەھرىمان

图片[1]-مارۋىلدىكى ئۆلىشى ئەڭ تەس 4 قەھرىمان-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

خەيرلىك كەچ مەستانىلەر … 

مارۋىل ڧىلىملىرىدا ، نۇرغۇنلىغان جەڭ قىلش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك قەھرىمانلار بار ، لىكىن شۇنداق بولغانسىرى بەزىلىرىنىڭ ھاياتى كۈچى ئاجىز ، لىكىن بىرنەچچە ئالاھىدە لاھىيەلەنگەن قەھرىمانلار بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش ئىقتىدارلىرى بار ، تۆۋەندە مارۋىل ڧىلىملىردىكى ئاشۇ ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان قەھرىمانلارنى كۆرۈپ باقايلى. 

 گىروت 

图片[2]-مارۋىلدىكى ئۆلىشى ئەڭ تەس 4 قەھرىمان-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
سامان يولى قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ئەزالىرى قارماققا بىر بىردىن ئىشەنچىسىزدەكلا كۆرىنىدۇ ، لىكىن ئۇلارنىڭ كىلىپ چىقىشى ناھايىتى ئالاھىدە ، ئارسىدىكى گىروت بولسا گىگانىت گۈل گىياھ مىللىتىنىڭ پادىشاھى ، ئۇلارنىڭ قەبىلىسنىڭ بىر ئالاھىدە ئىقتىدارى بار ، ئۇ بولسىمۇ ئۆسۈملۈككە ئوخشاش ئۆز بەدىننى قايتا ھاياتلىققا ئىرىشتۈرەلەيدۇ . “سامان يولى قوغدىغۇچىلىرى 1” ڧىلىمىدە ، گىروت دوسىتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بەدىنى ئارقىلىق پارتىلاش زەربىسىنى توسۇپ قالىدۇ . 

图片[3]-مارۋىلدىكى ئۆلىشى ئەڭ تەس 4 قەھرىمان-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

گەرچە گىروت پارتىلاشتىن بەدىنى پارچە پارچە بولۇپ كەتسىمۇ ، لىكىن راكىتا راكون ئۇنىڭ بىر دەرەخ شىخىنى تىپىۋىلىپ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىدۇ . “سامان يولى قوغدىغۇچىلىرى 2” دە گىروت قايتا ھاياتلىققا ئىرىشىپ كىچىك بالا قىياپىتىدە بىز بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ ، ئاندىن “قىساسكارلار 3” كە كەلگەندە ، گىروتنىڭ بويى ئاللىقاچان راكىتا راكوننىڭ بويىدىن ئىگىز بولۇپ كىتىدۇ ، ھەم ئۆزىنىڭ بىلىكىنى كىسىپ چاقماق ئىلاھىنىڭ يىڭى قورالىغا تۇتقۇچ قىلىپ بىرىدۇ ، گىروت چەكسىز قايتا تىرىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە .

图片[4]-مارۋىلدىكى ئۆلىشى ئەڭ تەس 4 قەھرىمان-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ياۋۇز چەۋەنداز 

图片[5]-مارۋىلدىكى ئۆلىشى ئەڭ تەس 4 قەھرىمان-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
ڧىلىمدە جوننىي بىلەن دادىسى ، موتسىكىلت مىنىش ماھارىتى ئارقىلىق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ ، جوننىينىڭ دادىسى راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ ، دادىسىنىڭ كىسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن ئۇنىڭ روھى ئالۋاستى تەرپىدىن تارتىۋىلىنىدۇ ، ئارقىدىن ياۋۇز چەۋەندازغا ئايلىنىدۇ . 

图片[6]-مارۋىلدىكى ئۆلىشى ئەڭ تەس 4 قەھرىمان-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

جوننىينىڭ ھاياتى كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك ، مەيلى قانداقلا زەربىگە ئۇچىرىسۇن ھىچنىمە بولمايدۇ ، ئۇ ياۋۇز چەۋەندازغا ئايلانغان چاغدا ھەرقانداق زەربىدىن ئامان قالالايدۇ ، ئەگەر ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا قايتىدىن تىرىلىدۇ .

图片[7]-مارۋىلدىكى ئۆلىشى ئەڭ تەس 4 قەھرىمان-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

پولات بۆرە 
图片[8]-مارۋىلدىكى ئۆلىشى ئەڭ تەس 4 قەھرىمان-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

بۆرە تاغىمىزنىڭ ئىقتىدارىغا بەلكىم نۇرغۇنلىغان مەستانىلەر ھەۋەس قىلىدىغۇ دەيمەن ، ئۇنىڭ تۇغۇلۇشتىنلا ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بار ، بۇ ئىقتىدار بۆرە تاغمىزغا جەڭدە تىز پۈكمەس بىر شارائىت ھازىرلاپ بىرىدۇ . 

图片[9]-مارۋىلدىكى ئۆلىشى ئەڭ تەس 4 قەھرىمان-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
ڧىلىملەردە بىز نۇرغۇن قىتىم پولات بۆرىنىڭ دۈشمىننىڭ قولىدا ئۆلەي دەپ قالغان ھالىتىنى كۆرىمىز ، لىكىن ئۇ دەرھاللا ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ يەنە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلالايدۇ ، بۇنداق بولغاندا بۆرە تاغىمىزنىڭ جەڭ قىلىش كۈچى بارغانسىرى ئىشىپ بارىدۇ . 

图片[10]-مارۋىلدىكى ئۆلىشى ئەڭ تەس 4 قەھرىمان-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ئۆلۈك نەۋكەر

图片[11]-مارۋىلدىكى ئۆلىشى ئەڭ تەس 4 قەھرىمان-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
ئۆلۈك نەۋكەرمۇ بۆرە تاغمىزغا ئوخشاش ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ، چۈنكى بۇ ئىقتىدار دەل بۆرە تاغمىزدىن كەلگەن ، گەرچە بۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى بولمىسىمۇ لىكىن ئىقتىدارغا كەلگەندە بۆرە تامىزدىنمۇ يامانراق . 

图片[12]-مارۋىلدىكى ئۆلىشى ئەڭ تەس 4 قەھرىمان-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىدىن باشقا ، ئۆلۈك نەۋكەرنىڭ يەنە بىر ناھايىتى كۈچلۈك بولغان BUG ئىقتىدارى بار ،  ئۇ بولسىمۇ قايتا تىرىلىش ئىقتدارى ،  بۇ ئۆلۈك نەۋكەرنى تىخىمۇ قورقماس قىلغان ، ئۆلۈك نەۋكەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالسىمۇ ، ۋە ياكى پارتىلاپ نەچچە پارچە بولۇپ كەتسىمۇ يەنىلا ئۆلمەيدۇ ، بۇ ئۆلۈك نەۋكەرنى مارۋىلدىكى ھاياتىنى ئەڭ قەدىرلىمەيدىغان ئوبراز قىلىپ ئىپادىلەندۈرۈپ قويغان . 

图片[13]-مارۋىلدىكى ئۆلىشى ئەڭ تەس 4 قەھرىمان-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

يۇقارقىلىرى بولسا مارۋىل ئالىمىدىكى قايتا تىرىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئوبرازلار ، كۆپچىلىك يەنە قايسى ئوبرازلارغا ئامراق ؟ ئۆزۈڭلارنىڭ كۆز قارشىنى ئىنكاس قىلىپ قايتۇرۇڭلار 

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى سىز ئاۋال ئىنكاس يىزىڭ

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ