پولات پالۋاننىڭ جەڭ ساۋۇتى توغرىسىدا

خەيرلىك كەچ مەستانىلەر …

پولات پالۋان بولسا مارۋىل ڧىلىملىردىكى رىۋايەت دەرجىسىدىكى ئوبراز ، ئاددى ئىنسان ، لىكىن تالانتلىق ئەقىل پاراسىتى ئارقىلىق دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان بولۇپ كىلىۋاتىدۇ ، بۇنداق ئوبراز كەمدىن كەم ئۇچىرايدۇ ، بۈگۈنگە قەدەر ، بىز ئۇنىڭ نەچچە خىل جەڭ ساۋۇتىنى كۆردۇق ، ھەمدە ھەر بىر قىتىملىق يىڭى ساۋۇت ئۈستۈرلىشىدىن پولات پالۋاننىڭ توختىماي كۈچىيۋاتقانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ ، ئەمدى بىز قىسقىغىنە 10 يىل ئىچىدىكى پولات پالۋاننىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىنى كۆرۈپ باقايلى ، رېئاكسىيە قازىنى ۋە جەڭ ساتۇتىغا قاراپلا ئۇنىڭ قانچىلىك تالانتى بارلىقىى بىلۋالالايمىز .


ئەڭ ئالدىدىكسى ئالۋەتتە Mark1 – نۇمۇرلۇق جەڭ ساۋۇتى ، شۇنداقلا پولات پالۋاننىڭ تۇنجى جەڭ ساۋۇتى ، بۇ ساۋۇت گەرچە ئىنتايىن ناچار مۇھىت ئاستىدا تاسىلىپ چىققان بولسىمۇ ، رېئاكسىيە قازىىنىمۇ ئۆز قولى ئارقىلىق ياسىلىپ چىققان ، جەڭ ساۋۇتى ۋە رېئاكسىيە قازىنى بەكلا ئاددىي بولسىمۇ ، لىكىن پولات پالۋاننىڭ جىننى قۇتقۇزۇپ قالغان ، شۇنداقلا مۇشۇ ئارقىلىق پولات پالۋاننىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان ھاياتى باشلانغان . 



ئىككىنجىسى بولسا Mark 3 – نۇمۇرلۇق جەڭ ساۋۇتى ، شۇنداقلا “پولات پالۋان 1” دە كۆرەلەيمىز ، رېئاكسىيە قازىنى بىر قەدەم ئىلگىرلىگىنىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ، تىخىمۇ كۆركەم ، جەڭ ساۋۇتىدىمۇ نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەر بولغان ، Mark1 – نۇمۇرغا ئوخشاش ئىغىر ۋە كالامپاي ئەمەس ، جەڭ ساۋۇتىنىڭ يۈز قىسمى قىزىل ۋە ئالتۇن رەڭ بىرلەشتۈرلۈپ ، پولات پالۋاننىڭ بەلگىسىگە ئايلانغان .



ئۈچىنجىسى بولسا Mark 5 -نۇمۇرلۇق جەڭ ساۋۇتى ، “پولات پالۋان 2” دە بىز بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ ، ئۇنىڭ رېئاكسىيە قازىنىمۇ ئوخشاشلا يۇمىلاق شەكىلدە ،  ئىنېرگيە تەمىنلەش ئىقتىدارى تىخىمۇ ئاشۇرۇلغان .
Mark 5 -نۇمۇرلۇق جەڭ ساۋۇتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئەپچىل ، ئىلىپ يۈرۈشكە قولايلىق ، ئىشلىتلمىگەن ۋاقتىدا ، كىچكلىتىپ بىر دانە قول چامىدانى بولىدۇ ، قوزغىتىپلا قالسا ئاپتۇماتتىك ھالدا بەدەنگە كىيىلىدۇ ، ناھايىتى كىلىشكەن ، Mark 5 – نۇمۇرلۇق جەڭ ساۋۇتىنىڭ بارلىققا كىلىشى پولات پالۋاننىڭ كۆپ خىللىق ئۆزگىرىشنىڭ باشلىنىشى ھىساپلىنىدۇ .



تۆتىنجىسى بولسا  Mark 6 – نۇمۇرلۇق جەڭ ساۋۇتى ، ئۇنىڭ رېئاكسىيە قارىنىغا مىتىروئىت يايسىمان رېئاكسىيە قازىنى ئىشلىتىلگەن . شەكلىمۇ ئۆزگىرىپ بىر ئاستىغا قارتىلغان ئۈچبۇلۇڭ شەكلىگە كەلگەن ، بۇ جەڭ ساۋۇتىنىڭ مۇداپىئە كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك ، پولات پالۋان دەل مۇشۇ ساۋۇتنى كىيىپ چاقماق ئىلاھىنىڭ ئىغىر زەربىسىدىن ساقلىنىپ قالغان . رېئاكسىيە قازىنىمۇ ئەڭ يىڭى بىر ئىلمىنىتنى ئىشلەتكەن بولۇپ ، تونىي سىتاركنىڭ پاللادىي ئىلمىنتىنىڭ ئۆز بەدىنىگە بولغان زىيىندىن ساقلاپ قالغان .



بەشىنجىسى بولسا  Mark 42 نۇمۇرلۇق سەرگەردان ناملىق جەڭ ساۋۇتى ، شۇنداقلا مەستانىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرگەن بىر جەڭ ساۋۇتى بوپ ھىساپلىنىدۇ ، رېئاكسىيە قازىنى يەنە يۇمىلاق شەكىلگە ئۆزگىرىدۇ ، ئوتتۇرسىدا ئاستىغا قارىتلغان ئۈچبۇلۇڭ شەكلى بار ، بۇ ساۋۇتى بولسا پولات پالۋاننىڭ جەڭ ساۋۇىتنىڭ بىرىكتۈرلىشىنىڭ دەسلەپكى مۇساپە كۆرسەتكۈچى ، يىراق مۇساپىلىك كونتىرول قىلىش ۋە ئاپتۇماتىك قوراشتۇرلۇش ئىقتىدارى بار ، لىكىن مۇقىملىق ئىقتىدارى ياخشى بولمىغانلىقتىن نەچچە قىتىم باشقىلار ئالدىدا كۈلكىگە قالغان ، شۇنداقلا ئەڭ ھەجىۋىي بولغان بىر جەڭ ساۋۇتى ھىساپلىنىدۇ . 



ئاخىرقىسى بولسا “قىساسكارلار 3” تىكى  Mark 50 نۇمۇرلۇق نامىي جەڭ ساۋۇتى ، كۆپ قىتىملىق يىڭىلاشتىن كىيىن ، رېئاكسىيە قازىنى تىخىمۇ كۈچلۈك بولدى ، ئوخشاشلا ئىنىرگىيە تەمىنلىشىمۇ ئوخشاشلا تىخىمۇ كۆتۈرۈلدى . Mark 50 -نۇمۇر بولسا پولات ساۋۇت پالۋاننىڭ ھازىرقى ئەڭ ئىلغار بولغان جەڭ ساۋۇتى ، نامىي تىخنىكىسى ئىشلىتىلگەن ، ھەر قانداق بىر شەكىلگە ئۆزگىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ، مۇشۇ جەڭ ساۋۇتى ئارقىلىقلا پولات پالۋان زانوسنى ئۇرۇپ تۇنجى تامچە قان ئاققۇزغان ، ئەمىلىي كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك .


يۇقارقى  6 دانە جەڭ ساۋۇتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ھەمدە رېئاكسىيە قازىنىنىڭ ئۈزلۈكسىز يىڭىلىنىشىدىن ، بىز پولات ساۋۇت پالۋاننىڭ تالانتلىق ئەقىل پاراسىتىنى كۆرۋالاللايمىز ، ھىكايىنىڭ تەرەقىي قىلشىغا ئەگىشىپ ، تىخىمۇ كۈچلۈك جەڭ ساۋۇتلىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا مەيدانغا چىقىدۇ ، بىرلىكتە كۈتۈپ باقايلى .


مەستانىلەرنىڭ يەنە قانداق ئوي پىكىرى بولسا ئىنكاس رايونىغا قالدۇرۇپ پىكىرلىششىڭلارنى  قارشى ئالىمەن . 
 

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ