ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ يىقىن دوستى سەلبىي ئوبرازغا ئايلىنامۇ ؟

خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر … 

ھەممىمىزگە مەلۇم ، ھازىرغىچە 3 خىل نەشىردكى ئۆمۈچۈك پالۋان فىلىمى (توبىي رولدىكى ، گارفىلىد رولىدىكى ۋە خوللاند رولىدىكى ) بار ، ھەممىسنى ئوخشىمىغان رىژىسور ئىشلەپ ئوخشاش بولمىغان ھىكايىلەرنى بىزگە سۇنغان . 

گەرچە بۇ 3 خىل نەشىردكى ئۆمۈچۈك پالۋان فىلىمىنىڭ مەزمۇنى ، سۈرەتكە تارتىش ئۇسلۇبى ۋە يادرولۇق قىممەت قارىشى تۈپتىن ئوخشاش بولمىسىمۇ ، لىكىن بەزى بىر نۇقتىلاردا يەنىلا بىرلىككە كىلىدۇ — ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ ئەڭ يىقىن ئادىمى سەلبىي ئوبرازغا ئايلىنىپ قالىدۇ . 

توبىي . ماكىۋىر رولىدىكى ئۆمۈچۈك پالۋاندا ئوسبىن بايۋەتچە ئاخىرىدا دادىسىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ يىڭى ئەۋلاد يىشىل ئالۋاستىغا ئايلىنىدۇ ، ھەمدە ئەڭ يىقىن دوسىتى پىتىر . پاك بىلەن دۈشمەنلىشىدۇ . 

ئاندىرو .  گارفىلىد رولدىكى ئۆمۈچۈك پالۋان فىلىمدا بولسا كوننىس دوكتۇر كەسلەنچۈككە دوكتۇرغا ئايلىنىدۇ ، ئىلگىرى پىتىر . پاكنىڭ دادىسى بىلەن يىقىن دوسلاردىن بولغان كوننىس دوكتۇر ئىزچىل ئۇنى يىتەكلەپ ماڭىدۇ ، لىكىن ئاخىرىدا ئۇ كەسلەنچۈك ئادەمگە ئايلىنىدۇ ھەمدە ئۆمۈچۈك پالۋان بىلەن جەڭ قىلىدۇ . 

ئالدىنقى يىلى قويۇلغان كارتون فىلىم دىمۇ ئوخشاش ۋەقەلىك يۈز بەرگەن ، قارا ئۆمۈچۈك مىللىسنىڭ تاغىسىمۇ ئەڭ باشتا ئۇنىڭ ئەڭ يىقىن ئادىمى ئىدى ، لىكىن فىلىم ئاخىرىدا ئۇ سەلبىي ئوبرازغا ئايلىنىپ قالىدۇ . 

ھازىرقى نۆۋەتتە پەقەت خوللاند رولىدىكى ئۆمۈچۈك پالۋان فىلىمىدىلا تىخى ئۇنىڭ يىقىن ئادەملىرىنىڭ سەلبىي ئوبرازغا ئايلانغانلىق ۋەقەلىكى چىقىپ باقمىدى . 

لىكىن يىقىندا بىر مارۋىل ئارتىسىنىڭ تۇرمۇش رەسىمى ، خوللاند رولىدىكى ئۆمۈچۈك پالۋاندىمۇ يىقىن دوستنىڭ سەلبىي ئوبرازغا ئايلنىپ قىلىشنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالىدغاندەك كۆرىنىپ تۇراتتى . 

تىخى بىرنەچچە كۈن ئالددا ، خوللاند رولىدىكى ئۆمۈچۈك پالۋان فىلىمىدىكى ، نىد نىڭ رولىغا چىققۇچى جەكوپ . باتىلون ئۆزىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئورۇقلىغان رەسىمىنى توردا تارقاتقان .

ئىيتىلىشىچە بۇ قىتىم ئۇ ساق 50 جىڭدىن ئارتۇق ئورۇقلىغان ، ئىلگىركىگە سىلشتۇرغاندا ئىنقلا ئوخشىمىغان بىر ئادەم بولۇپ چىققان . 

جەكوپ نىمىشقا سۈرەتكە تارتىلىشنىڭ ئالدىدا ئورۇقلايدۇ ؟ 

بۇ ھەقتە تورداشلىرىمىز پەرەز قىلىشىپ ئۆمۈچۈك پالۋان فىلىمىدىكى نىد بەلكىم مەلۇم ئىشلار سەۋەبىدىن سەلبىي ئوبراز — “ياۋۇز ئالۋاستى” غا ئايلنىپ ئۆمۈچۈك پالۋان بىلەن دۈشمەنلىشىدۇ دەپ قارىدى . 

ئەملىيەتتە بولسا مارۋىل چاتما رەسىملىكىدە ، نىد . لىز بولسا ناھايىتى ئازاپقا تولغان ،    ھەسرەتكە تولغان بىر ئوبراز . 

مارۋىل چاتما رەسىمىدىكى نىد . لىزمۇ ئوخشاشلا گىزىتخانىنىڭ بىر مۇخبىرى ئىدى ، لىكىن ئۇ ئۆمۈچۈك پالۋاندىن ئازراق ياش چوڭ ، ھەمدە گىزىتخانىغا كىرگەن ۋاقتىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇزۇنراق ، خىزمەت سىتاژىمۇ پىتىر . پاكتىن يۇقىرى . 

پىتىر . پاك ئىلگىرى گىزىتخانا باشلىقىنىڭ كاتىپى بىتتىي . بىرانىت بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ، لىكىن كىيىنسىرى داۋاملىق ئۆمۈچۈك پالۋانغا ئۆزگىرىپ ھەققانىيەتنى قوغداش ئۈچۈن بىتتىينى كۆپ قىتىم يالغۇز قويغاچقا ئايرىلىپ كەتكەن . 

كىيىن ، نىد . لىز بىلەن بىتتي . بىرانىت توي قىلىدۇ ، پىتىر . پاك يەنىلا قولداش سۈپىتىدە بۇ ئىككەيلەننىڭ توي مۇراسىمىدا مەيدانغا چىقىدۇ ، بەلكىم بۇمۇ پىتىر . پاكنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇلارغا بەخىت تىلگىنى بولسا كىرەك . 

گىزىتخانا باشلىقى جون . جامىسنىڭ بىسىم قىلىشى تەسىرىدە ،  گىزىتخانىدىكى مۇخبىرلارنىڭ ھەممىسى ئالاقزادە بولۇپ ، داۋاملىق چوڭ خەۋەرلەرنى تارقىتىپ يۈز ئابرويىمنى كۆتىرۋالسام دەپ يۈرەتتى .

تۇيۇقسىز ، نىد . لىز ئۆزىنىڭ خىزمەت ساھەسىدىكى باش كۆتۈرۈش پۇرسىتىنى تىپىۋالدى : ئۇ سەلبىي ئوبراز ياۋۇز ئالۋاستىنى بايقاپ قالغان ئىدى ، ھەمدە ئۇنىڭ پىيىگە چۈشتى . 

ئەملىيەتتە ياۋۇز ئالۋاستى ئاللىقاچان نىدنىڭ ئۆزىگە ئەگىشۋاتقانلىقىنى بايقىغان ئىدى ، بۇ قاپ يۈرەك مۇخبىردىن ئۆچ ئىلىش مەقسىتدە ، ياۋۇز ئالۋاستى نىدنىڭ مىڭىسىنى يۇيىدۇ ، ھەمدە نىدكە ئۆزىنىڭ ھەقىقى ياۋۇز ئالۋاستى ئىكەنلىكىگە ئىشنىشكە دەۋەت قىلىدۇ . 

ئاخىردا ، ياۋۇز ئالۋاستى نىدتىن پايدىلىنىپ نەچچە قىتىم كىلىپ چىققان ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئارتىپ قويىدۇ ، ھەمدە نىدنىڭ ھەقىقي ياۋۇز ئالۋاستى ئىكەنلىكنى ئاشكارلىۋىتىىپ ، قاتىللار نىدنى ئىزدەپ بىرىپ ناھايىتى قەبىھ ۋاستىلەر بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرۋىتىدۇ . 

ئەلۋەتتە ، نىدنىڭ  <ئۆمۈچۈك پالۋان 3> تە سەلبىي ئوبراز ياۋۇز ئالۋاستىغا ئايلىنىپ قىلىشى پەقەتلا بىر پەرەز . 

مارۋىل فىلىمىدىكى نىدنىڭ ھەقىقىي ئوبرازى بولسا ، مارۋىل چاتما رەسىمى دىكى قارا ئۆمۈچۈك قىزنىڭ يىقىن دوستى كورىيەلىك Ganke Lee . 

چاتما رەسىمدىكى Ganke Lee نىڭ مەيلى تەقى تۇرقى جەھەتتە بولسۇن ياكى لاھىيلنىش ئۇسلۇبى بولسۇن فىلىمدىكى نىد بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىدۇ . 

ئەمدى جەكوپنىڭ ئورۇقلىشىدىكى سەۋەبىگە قارىساق ، بىز يەنىلا تە سۆزلىنىدىغان ھىكايىلەرگە قۇلاق سالساق بولىدۇ ، سەھنىدىكى ئوبرازلارنىڭ تەقى تۇرقىنىڭ ئالمششى تەبىي ئەھۋال ، نىد يەنىلا ئىلگىركى نىد شۇ ، ئەمدى ئۇ ياۋۇز ئالۋاستىغا ئايلىنامدۇ ۋە ياكى داۋاملىق ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ ئارقىسدىن ئۈن تۈنسىز قوللىغۇچىسى بولۇپ تۇرىۋىرەمدۇ ، بۇنى بىز ئەمدە فىلىم قويۇلغاندا ئاندىن بىلەلەيمىز ، قىنى ساقلاپ باقايلى ~

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن ~ 

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ