مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-ئالدىنقى قىسمى

图片[1]-مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-ئالدىنقى قىسمى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

دوستلار ياخشىمۇسىلەر؟

图片[2]-مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-ئالدىنقى قىسمى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

مارۋىل ئالىمىنى ئىلىپ ئىيتساق ، ھەرخىل قوراللارنىڭ سانىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ . MCU يەرشارىدىن باشلاپ سامان يولى سىستىمىسىغىچە ، ھەتتاكى ھەرقايسى ئالەم بوشلۇقلىرىغىچە كىڭەيدى ، مارۋىل سىتودىيەسى فىلىم ئارقىلىق بىزگە ئەمىليەتتىن پەقەتلا ئوخشاش بولمىغان ئىلىم پەن مەدىنىيتىنى بىزگە تونۇشتۇردى . بەلكىم بۇمۇ مارۋىل چاتما رەسىملىرىنىڭ ئىكرانغا چىقاندىن كىيىن كىشىلەرنى شۇنچە ئۆزىگە قاراتقانلىقىنىڭ سەۋەبى بولىشى مۇمكىن . تۆۋەندە بىز مارۋىل فىلىم ئالىمىدىكى بىزگە تونۇشلۇق بولغان قوراللار بىلەن تونشۇپ ئۆتەيلى . 

1 . ھاياتلىق سوت ھاسىسى —– خسلەتلىك دوكتۇر فىلىمدە مودۇ ئىشلىتىدۇ 

图片[3]-مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-ئالدىنقى قىسمى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ھاياتلىق سوت ھاسىسى ھازىرغىچە “خسلەتلىك دوكتۇر”فىلمىدىلا بىز بىلەن ئۇچىرشىپ باقتى ، ئۇنىڭ كۈچىنى سەل قاراشقا بولمايدۇ. مودۇ خسلەتلىك دوكتۇرنى مەشىقلاندۇرۋاتقاندا مۇشۇ قورالنى ئىشلىتىدۇ . ھەجىۋىي رەسىمدە بۇ ئالاھىدە كۈچلۈك بىر قورال بولۇپ ھىسابلىنىدۇ ، لىكىن فىلىمدە كۈچى تولۇق ئىپادىلىنىپ چىقىرىلمىدى . بەلكىم بۇندىن كىينكى فىلىملەردە قايتا چىقىشى مۇمكىن .
 
2. تۇل خوتۇن چاقمىقى —– قارا تۇل خوتۇن ئىشلىتىدۇ

图片[4]-مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-ئالدىنقى قىسمى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

قارا تۇل خوتۇن ئىككى قولىدا داۋاملىق بىز ئالاھىدە ئىشلەنگەن بىلەيزۈكتەك بويۇمنى ئىلىپ يۈرىدۇ ، بۇ دەل تۇل خوتۇن چاقمىقى ، بۇ قورال ئوق ، مىكرو تىپتىكى بومبا ، ياش ئاققۇزۇش توپى چىقرالايدۇ ، 30مىڭ ۋولتلۇق توك ئىقىمى بار . قىساسكارلاردىكى باشقا قەھرىمانلارغا قارىغاندا بۇ ھەقىقەتەن تەس كىلىدۇ . ھەم قارا تۇل خوتۇنمۇ ئەڭ ماھىر ئالاھىدە خادىم بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق قوراللارنى ئىشلىتدۇ .

3. قوش تۇربىلىق ئىنىرگىيە تاپانچىسى —– يۇلتۇز بايۋەتچىسى ئىشلىتىدۇ

图片[5]-مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-ئالدىنقى قىسمى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

سامان يولى قوغدىغۇچىسى يۇلتۇز بايۋەتچىسى پىتىر كۇۋىلنىڭ بەلگىلىك تىپتىكى قورالى . قوش تۇربىلىق ئىنىرگىيە تاپانچىسى چاتما رەسىمدىكى ئىلمىنىتى فىلىمگە چىققاندىن كىيىن ئاسمان زىمىن پەرىقلەنگەن ،  فىلمدىكى يۇلتۇز بايۋەتچىسىنىڭ قورالىنىڭ كۈچى ئىغىر دەرىجىدە ئاجىزلىتۋىتىلگەن ، شۇڭا ئۇمۇ ئىنىرگىيە تاپانچىسىنى ئىلىپ پاڭ پاڭ قىلپلا ئاتالايدۇ . (باشقا ئىقتىدارىمۇ با دىمەكچىدە )

4. مىخانىك مىتال بىلەك —– زىمستان جەڭچىسىنىڭ 

图片[6]-مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-ئالدىنقى قىسمى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

مىخانىك بىلەك بولسا ھازىرقى زامان فىلىملىردە بىزگە ناتونۇش ئەمەس بولغان قورال ، ئامېرىكا كاپىتانىنىڭ يىقىن دوستى باكىي “ئامېرىكا كاپىتانى 1″فىلىمىدە پويىزدىن چۈشۈپ كىتىپ ، توققۇز باشلىق يىلان تەرپىدىن كونتىرول قىلنىدۇ ۋە بىلىكىنى ئالماشتۇرىدۇ . باكىينىڭ بۇ بىلىكى كۈچىمەيلا ئىلاھى قالقان ئىدارىسىنىڭ بىر دالا ئاپتىموبىلىنى ۋە بۈركۈت ئوۋچىسىنىڭ بىر قانىتىنى سۇندۇرۋىتىدۇ . بەلكىم بۇ بىلەكنىڭ ئاجىزلىقى يۇمشاقىلىق دەرجىسى يىتەرلىك ئەمەس بولشى مۇمكىن ، “ئامېرىكا كاپىتانى 3” تە ئۆمۈچۈك پالۋان باكىي بىلەن ئىلىشقان كۆرنىشىدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇ .

5. ئەيدىمەن پولات قالقىنى —– ئامېرىكا كاپىتانى ئىشلىتىدۇ 

图片[7]-مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-ئالدىنقى قىسمى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ئامېرىكا كاپىتانىنىڭ بەلگىلىمىلك قورالى بولغان قالقان بولسا ئەينى چاغدا پولاتتىن ئىشلەنگەن، ئارقىدىن  خوۋارد سىتارك (پولات ساۋۇت پالۋاننىڭ دادىسى) ئامېرىكا كاپىتانى ئۈچۈن ئەيدىمەن پولاتى ئارقىلىق بۇ قالقاننى ياساپ چىققان . گەرچە قالقان ئادەتتە مۇداپىئە ئۈچۈن ئىشلىتىلسىمۇ ، ئەيدىمەن پولاتى ئارقىلىق ياسالغان بۇ قالقان ئامېرىكا كاپىتاننىڭ قولىدا تۇرۇپ ئۇنى يىڭىلمەس قەھرىمان قىلىدغان قورال بولۇپ قالغان. 


6. ئۆمۈچۈك تورى پۈركۈگۈچ —– ئۆمۈچۈك پالۋان ئىشلىتىدۇ 

图片[8]-مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-ئالدىنقى قىسمى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

پىتىر پاك نىڭ ئۆمۈچۈك تورى پۈركۈگۈچىنىڭ ئۆمۈچۈك تورى چىقىرىش ئالاھىدىلكىگە قارىتا ئۆگەرتىلىپ ئىشلەنگەن ، ناھايىتى چىداملىق ۋە كۆپ خىل ئۆزگىرىشلەرگە ئىگە . ئۆمۈچۈك پالۋان ئۇ قورالى ئارقىلق بىنالار ئارسىدا ئۇچۇپ يۇرىدۇ ۋە دۈشمەن بىلەن ئىلشقاندا ئۆزىنى يارلاندۇرماي تۇرۇپ دۇشمىننى تىزگىنلىيەلەيدۇ .ئەڭ دەسلەپكى تور پۈركۈگۈچ ناھايىتى ئاددىي بولغاچقا پولات ئۇنىڭ ئۈچۈن قورالىنى يىڭىلاپ 576 خىل تور پۈركۈگۈچنىڭ بىرلەشمە شەكلىنى ياساپ بىرىدۇ .

7. خورفىنىد ئىلاھى قىلىچى —– خەمدار ئىشلىتىدۇ

图片[9]-مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-ئالدىنقى قىسمى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
خورفىند ئىلاھى قىلىچى مارۋىل ئالىمىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قىلىچلارنىڭ بىرى بوپ ھىسابلىنىدۇ . خەمدال چاقماق ئىلاھى فىلىملىرىدە كۆپ قىتىم ئاسكاردلىقلارنى باشقا پىلانىتلارغا يەتكۈزۈپ قويىدۇ ، بۇ قىلىچ ھەمدە توققۇز چوڭ پادىشاھلىققا تۇتشىدىغان ھەسەن ھۈسەن كۆۋرۈكىنىڭ ئاچقۇچى . زانوس ئاسكاردلىقلارنىڭ ئالەم كىمىسىگە ھۇجۇم قىلغاندا خەمدال ئەڭ ئاخرىقى كۈچى بىلەن يىشىل گىگانىت ئادەمنى يەرشارىغا يەتكۈزۈپ قويىدۇ ، بۇمۇ قىلىچنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ئىشلىتىلىشى بوپ ھىساپلىنىدۇ .

8. ياكا ئوقياسى —– يوندۇ ئىشلىتىدۇ 

图片[10]-مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-ئالدىنقى قىسمى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

بۇ قورال بولسا ھەجىۋىي رەسىمدىكى پەقەت ئاتسىمان ئادەم يۇلتۇزى 4-نۇمۇردىلا بولىدىغان ئالاھىدە مىتال ئارقىلىق ئىشلەنگەن . مىتالنىڭ ئۆز قىسمى ئادەم ئاۋازىنى پەرىق ئىتەلەيدۇ ، ئىسقىرىتىش ئارقىلىق ئوقيانىڭ يۆلنىشىنى ۋە سۈرئىتىنى كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ . سامان يولى قوغدىغۇچىلىرى فىلىملىرىدە ھەممىمىزگە ئۇنتۇلغىسىز ئەسلىمە قالدۇرغان كۆرنىشلەرنىڭ ئىچىدە يوندۇنىڭ ئىسقىرتىپلا ياكا ئوقياسى ئارقىلىق دۈشمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلغىننى كۆرىمىز ، پەقەت ئۇ ئىسقارتسىلا نەچە سىكۇنىت ئىچىدىلا بىر قوشۇن ئەسكەرلەرنى يوقىتالايدۇ .

9. قارا ئۆڭكۈر بومبىسى —– زۇلمەت زىرەكلىرى ئىشلىتىدۇ

图片[11]-مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-ئالدىنقى قىسمى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

بەلكىم بۇ بومبىنىڭ كۈچى ناھايىتى ئاجىز بولسا كىرەك ، MCU دىكى چاقماق ئىلاھى 2 دە زۇلمەت زىرەكلىرى ئاسكاردقا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندە ئىشلىتىدۇ ، بومبىنڭ ئالاھىدىلىكى بولسا پارتىلىغان چاغدا بىر كىچىك قارا ئۆڭكۈر پەيدا بولۇپ پارتىلاش دائىرسى ئىچىدىكى ھەممە نەرسىنى سۈمۈرۈپ كىتىدۇ ، كەمچىلىكى شۇكى پارتىلاش دائىرىسى ناچايىتى كىچىك .

مەزمۇنلارغا قىزىقتىڭىزمۇ ؟ ئەمسە ئىلاننى چەككەچ ئىنكاسڭىزنى قالدۇرۇڭ .

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى سىز ئاۋال ئىنكاس يىزىڭ

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ