مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-كىيىنكى قىسىم

图片[1]-مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-كىيىنكى قىسىم-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

دوستلار ياخشىمۇسىلەر؟

图片[2]-مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-كىيىنكى قىسىم-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

مارۋىل ئالىمىنى ئىلىپ ئىيتساق ، ھەرخىل قوراللارنىڭ سانىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ . MCU نىڭ تەرەقىياتى يەرشارىدىن باشلاپ سامان يولى سىستىمىسىغىچە ، ھەتتاكى ھەرقايسى ئالەم بوشلۇقلىرىغىچە كىڭەيدى ، مارۋىل سىتودىيەسى فىلىم ئارقىلىق بىزگە ئەمىليەتتىن پەقەتلا ئوخشاش بولمىغان ئىلىم پەن مەدىنىيتىنى بىزگە تونۇشتۇردى . بەلكىم بۇمۇ مارۋىل چاتما رەسىملىرىنىڭ ئىكرانغا چىقاندىن كىيىن كىشىلەرنى شۇنچە ئۆزىگە قاراتقانلىقىنىڭ سەۋەبى بولىشى مۇمكىن . تۆۋەندە بىز مارۋىل فىلىم ئالىمىدىكى بىزگە تونۇشلۇق بولغان قوراللار بىلەن تونشۇپ ئۆتەيلى . 


10. پولات ساۋۇت قوشۇنى —– پولات پالۋان ئىشلىتىدۇ 

图片[3]-مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-كىيىنكى قىسىم-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

پولات پالۋانى تونۇشتۇرمىساممۇ ھەممىىمىزگە تونۇشلۇققۇ دەيمەن ، تونىي سىتارك ئۆز ئالدىغا بىر پولات ساۋۇت قوشۇنى ياساپ چىقىدۇ ، ھەممىسىنىڭ ئىقتىدارى ئۆزگىچە ، ئادەمسىز ئۇچۇش ، قولىدىن لازىر نۇرچىقىرىش قاتارلىقلارنى ئەقلىي ئىقتىدارغا تاينىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ ، ئۇنىڭ يەنە يىشىل گىگانىت ئادەمگە قارىشى ساۋۇتى ، نامىي تىخنىكىسى ئارقىلىق ئىشلەنگەن ساۋۇتى قاتارلىقلار ھەممىمىزگە چوڭقۇر تەسىر بەرگەن .  

11. گانگىنىر —— ئوۋدىن ئىشلىتىدۇ

图片[4]-مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-كىيىنكى قىسىم-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

گانگىنىر (Gungnyir) ، ئەسلى بولسا ئىلاھلار ئوردىسى ئاسكاردنىڭ ھۆكۈمرانىنىڭ ھاسىسى ، يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئوۋدىننىڭ قورالى ، ئالەم دەرخىنىڭ (Yggdrasil) شىخىدىن ياسالغان . كۈچ قۇدىرىتى ناھايىتى كۈچلۈك ، “بىر ئاتسىلا چوقۇم نىشانىغا تىگىدۇ” دىگەندەك ئازراقمۇ خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ ، ھەرقانداق نەرسىنى تىشىپ ئۆتەلەيدۇ ، ئارقىدىن ئىگىسنىڭ قولىغا قايتىپ كىلىدۇ . ئوۋدىن ئىشلەتكەن چاغدا بىر خىل ئالەمنى كىزىپ ئۆتىدىغان نۇر چىقىرىدىغان بولۇپ ، يەر يۈزىدىكى ئادەملەر ئۇنى “چاقماق” دەپ ئاتايدۇ ، يەنە بىر خىل ئاتىلىشى بولسا “ئاقار يۇلتۇز” ، ئەپسانىلەردە ئىيتىلىشىچە گانگىنىرغا قاراپ ئارزۇ قىلغانلارنىڭ ئارزۇسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى خاتىرلەنگەن ، بۇمۇ بەلكىم ھازىرقى ئاقار يۇلتۇزغا قاراپ تىلەك تىلەشنىڭ كىلىپ چىقىشى بولىشىمۇ مۇمكىن .

12. ۋەيران قىلغۇچى ماشىنا ئادەم —–ئاسكارد ھۆكۈمرانى ئىشلىتىدۇ

图片[5]-مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-كىيىنكى قىسىم-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

چاقماق ئىلاھى 1 دە ۋەيران قىلغۇچى ماشىنا ئادەم تۇنجى بولۇپ بىز بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ ، ۋەيران قىلغۇچى بولسا گانگىنىر ئىشلەتكۈچىنىڭ كونتىروللىقىدا بولىدۇ . چاتما رەسىمدە ۋەيران قىلغۇچى ئەسلى ئاسمان ئىلاھى مىللىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ياساپ چىقىلغان ئىلاھى قورال بولۇپ ئاسكاردنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوراللىرىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ . گەرچە فىلىمدە كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمىغىنى بىلەن بىز بۇنى ناھايىتى كۈچلۈك قورال دەپ پەرەز قىلساق بولىدۇ .

13. زۇلمەت زەئىپ قىلىچى —– خەيلا ئىشلىتىدۇ 

图片[6]-مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-كىيىنكى قىسىم-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

چاقماق ئىلاھى 3 تە ئوۋدىننىڭ چوڭ قىزى ئۈلۈم ئايال ئىلاھى خەيلا ئاسكاردقا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ، زۇلمەت زەئىپ قىلىچى تۇنجى بولۇپ بىز بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ. خەيلا بۇ قىلىچنى ئالاھىدە ياخشى كۆرسە  كىرەك مۇشۇ سىرلىق تۇردىغان ئۆلۈم قىلىچىنى ئىشلىتىدۇ . بۇ قىلىچ چەكسىز ھالدا ئۆزگىرەلەيدۇ ، چاقماق ئىلاھى 3تە كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى خەيلا بىر ماھارەت بىلەنلا نەچچە مىڭ تال قىلىچ ئارقىلىق بىر قوشۇن ئايال چەۋەندازلارنى قىرۋىتىدۇ . سۇرتۇر بىلەن ئىلىشقاندىمۇ چوڭ كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان غايەت زور چوڭايتىلغان قىلىچ ئارقىلىق ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ .

14. شەپەق قىلىچى —– يالقۇن گىگانىت ئادىمى سۇرتۇر ئىشلىتىدۇ

图片[7]-مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-كىيىنكى قىسىم-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

شەپەق قىلىچى بولسا يالقۇن گىگانىت ئادىمى سۇرتۇرنىڭ قورالى . شەپەق قىلىچى مەڭگۈ سۇرتۇرغا ئەگىشىدىغان بولۇپ ، سۇرتۇر مەغلۇپ بولسا قىلىچمۇ يوقىلىدۇ، ھەمدە بۇ قىلچمۇ سۇرتۇرنىڭ بەدەن چوڭ كىچىكلىكىگە ئەگىشىپ چوڭىيىدۇ .

15. ئەبەدىي يالقۇنى —– ئوۋدىننىڭ غەزىنە ئۆيىدە 

图片[8]-مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-كىيىنكى قىسىم-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

چاقماق ئىلاھى 3 تە ، خەيلا ئوۋدىننىڭ غەزىنە ئۆيىنى ئايلىنۋاتقاندا ، ئالەم كۇپىنى بولىدىغان نەرسە دەپلا ئاتايدۇ ، لكىن ئەبەدىي يالقۇنىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بۇنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك قورال ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ، سۇرتۇرمۇ بۇنىڭغا ئىرشىشنى ناھايىتى ئۈمۈد قىلىدۇ ، چۈنكى بۇ ئوتقا ئىرىشكەندىن كىيىن مۇكەممەل ھالدا ئەسلىگە كىلەلەيدۇ ، ۋە بۇنىڭ ئالدىدا خەيلا بۇ ئوت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئارمىيسىنى تىرىلدۇرىدۇ ، ئەبەدىي يالقۇنىنىڭ يەنە قانداق ئىلاھى كۈچى بارMCU تىخى بىزگە ئىنىق جاۋابىنى ئىيتىپ بەرمىدى .

16. مىجولنىر —– چاقماق ئىلاھى ئىشلىتىدۇ

图片[9]-مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-كىيىنكى قىسىم-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

بۇ بولقا بولسا بىر ھالاكەتكە يۈزلەنگەن پىلانىتنىڭ يادروسىدىكى ئالاھىدە مىتالدىن ئىشلەنگەن . ئىزچىل چاقماق ئىلاھىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالى بولۇپ قالغان ، تاكى چاقماق ئىلاھى 3 تە خەيلا مىجىپ سۇندۇرۋەتكەنگە قەدەر . چاقماق ئىلاھى بولقىسى ئارقىلىق يىقى ئارلىق ئۇرۇشى قىلىدۇ ۋە ئۇ ئارقىلىق ئۇچالايدۇ ، بولقىمۇ ئۇنى كۆتۈرۈپ ئوينىتش سالاھىيتى بار ئادەمگىلا ئىتائەت بىلدۇرىدۇ ، بەلكىم بۇمۇ چاقماق ئىلاھىنىڭلا باشقۇرالايدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.


بوران چاپقۇن بۇزغۇنچىسى —— چاقماق ئىلاھىنىڭ يىڭى قورالى

图片[10]-مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-كىيىنكى قىسىم-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

بوران چاپقۇن بۇزغۇنچىسى چاقماق ئىلاھىغا ئالەمنىڭ ئەڭ دەسلەپتىكى كۈچىنى باشقۇرغۇزالايدۇ ، ۋە بىر دەرىجىدە چاقماق ئىلاھى بىلەن بىللە باغلىنىپ تۇرىدۇ ، ھەمدە چاقماق ئىلاھىنىڭ ئەسلى بار بولغان تالانتىنى ئاشۇرىدۇ. قىساسكارلار 3 تە ئەڭ ھاياجانلىق كۆرۈنۈشلەنىڭ بىرى بولسا ، بوران چاپقۇن بۇزغۇنچىسى ياسىلىپ چىققان چاغدا ، نېدۋىلىيا يۇلتۇزى ئىنىرگىيسىنىڭ زەربىسىدە چاقماق ئىلاھى ئۆلەيلا دەپ قالىدۇ ، لىكىن دەل شۇ ۋاقىتتا بوران چاپقۇن بۇزغۇنچىسى ياسىلىپ پۈتۈپ، چاقماق ئىلاھىنىڭ تىنىدكى ۋە نېدۋىلىيا يۇلتۇزىنىڭ ئىنىرگىيسىنى تولۇق چىقىرىدۇ ۋە چاقماق ئىلاھىغا قايتا كۈچلۈك بولغان ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بىلەن ھەسەن ھۈسەن كۆۋرۈكىنىڭ يەتكۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ ، ( چاقماق ئىلاھىنىڭ ۋاكاندادىكى ئۇرۇش مەيدانىغا تۇيۇقسىز كىلىشىمۇ مۇشۇ پالتىنىڭ خاسىيىتى ) . كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغىنى شۇكى بوران چاپقۇن بۇزغۇنچىسى ۋاكاندادىكى ئاخىرقى جەڭدە زانوس 6 دانە چەكسىز تاشتىن قويۇپ بەرگەن نۇردىمۇ ھىچقانداق بىر زەربىگە ئۇچرىماي ئۇدۇل ئۇچۇپ بىرىپ زانوسنىڭ كۆكرىكىنى چىپىپ تاشلايدۇ .


18. چەكسىز پەلەي —– زانوس ئىشلىتىدۇ 

图片[11]-مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللار-كىيىنكى قىسىم-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ھەر بىر چەكسىز تاشنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدە كۈچ قۇدرىتى بار ، تاشلارنىڭ ھەممىنى چەكسىز پەلەينىڭ ئۈستىگە يىغقاندا ئالەمدىكى ئەڭ كۈچلۈك كۈچ قۇدىرەت پەيدا بولىدۇ . قىساسكارلار 3 تە زانوس ئەڭ ئاخىرى 6 دانە چەكسىز تاشنى چەكسىز پەلەينىڭ ئۈستىگە يىغىپ بولۇپ ، قولىدىن بىر قاس چىقىرىش ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ ئالەمنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ ، ئالەمدىكى يىرىم مەۋجۇدات كۈلگە ئايلىنىپ كىتىدۇ .

MCU دا كۈچلۈك قوراللار ناھايىتى كۆپ ، مەن دەپ ئۆتكىنى پەقەت بىر قىسمى ، ئەگەر چۈشۈپ قالغانلىرى بولسا كۆپچىلىكنىڭ ئىنكاس ئارقىلىق پىكىر بىرىشىنى قارشى ئالىمەن .

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى سىز ئاۋال ئىنكاس يىزىڭ

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ