مارۋىلدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن 10 قەھرىمان

خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر…

“مارۋىل ئالىمى”نىڭ قۇرۇلىشىغا ئەگىشىپ مارۋىل قەھرىمانلىرىنىڭ ئالقىشقا ئىرىشىش سانىمۇ كۆپ ئاشتى ، مارۋىل فىلىملىرىنىڭ كەينى كەينىدىن مۇۋەپىقىيەت قازىنىشى ئەڭ ياخشى ئىسپات بولالايدۇ ،  ھازىر پەقەت “مارۋىل” دىگەن خەتكۈچى بار بولغان فىلەملەر ئاساسەن چوڭ سىتىلىۋاتىدۇ، ھىچ بولمىغاندا بىلەت كىرىمى ناچار بولمايدۇ .
مارۋىل بىزگە نۇرغۇنلىغان قەھرىمانلارنى تونۇشتۇردى ، ئەمدى بىز قەھرىمانلار ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ ئالقىشقا ئىرىشكەن قەھرىمانلارنى كۆرۈپ ئۆتەيلى .

10- ئۆلۈك نەۋكەر


ئىپلاسلىقى ئۇنىڭ قەھرىمانلارغا قارشى ئىپادىسى بولىدۇ ، ئالقىشقا ئىرىششىمۇ ناھايىتى ياخشى ، “ئۆلۆلۈك نەۋكەر 1-2” بۆلۈملىرى قويۇلماي تۇرۇپلا تاماشىبىنلارنىڭ دىققەت مەركىزىنى ئۆزىگە قارتىۋالغانلىقىدىنلا ئۇنىڭ قانچىلىك ئالقىشلىققا ئىرىشكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ ، دۆلىتىمىزدىكى ئالقىشقا ئىرشىش كۈچى پەقەت “مارۋىل چەمبىرىكى”دىكى ئادەملار بىلەنلا چەكلىنىدۇ ، شۇڭا باشقىلارنىڭ ئۆلۈك نەۋكەرنى چۈشىنىشى ئانچە كۆپ ئەمەس ، شۇنداقتىمۇ ئالقىشقا ئىرشىشى كۈچى يەنىلا تۈۋەن ئەمەس .

9- غەلىتە دوكتۇر


دوكتۇر سىتىرەنج دۆلەت ئىچىدە ئانچە نامى يوق ، “غەلىتە دوكتۇر” فىلىمىنىڭ بىلەت كىرىمىمۇ ئەينى چاغدا ئانچە پارتىلمىغان ، لىكىن ئىيتىپ قويۇشقا ئەرزىگۈدەك بىر يىرى شۇكى غەلىتە دوكتۇر فىلىمىمۇ كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك ناھايىتى ياخشى كىنو . فىلىم مەزمۇنى بولامدۇ ۋە ياكى ئۈنۈم جەھەتتە بولامدۇ ھوللىۋۇت فىلىملىرىدىن قىلىشمايدۇ . غەلىتە دوكتۇر “چاقماق ئىلاھى 3” ۋە “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3” تىكى ئىپادىسىدىنلا كۆپلىگەن ئالقىشلارغا ئىرىشكەن ، ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى نامىمۇ شۇ سەۋەبلىك ئۆرلىگەن.

8- ماگىنىت شاھى


دىمىسەك بولمايدىغىنى شۇكى ماگىنىت شاھىنىڭ ئالقىشقا ئىرىشىش سانى ئىنتايىن يۇقىرى، ھىچ بولىمىغاندا كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە ئۇ X پىراففىسوردىن ئازراق يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ، لىكىن ئىتراپ قىلمىساق بولمايدىغىنى شۇكى ، X جەڭچىلىرى ئىچىدە ، X پىراففىسور يەنىلا بىر قالتىس ئادەم ، ماگىنىت شاھىمۇ بەزىدە ئاقكۆڭۈل بەزىدە رەھىمسىز بولىدىغان قەھرىمانلارغا قارشى ئوبراز ، ئەگەر X جەڭچىلىرى مارۋىل ئالىمىنىڭ ئىچىگە قىتىلغان بولسا ، ئۇنداقتا ماگىنىت شاھىنىڭ رولى X پىروففىسوردىن يۇقىرى بولۇشىدا گەپ يوق ، ماگىنىت شاھى بىر ئۆمۈر ئۆز قىرىنداشلىرى ئۈچۈن تىرىشقان ، بىر تەرەپتىن ئىنسانلار بىلەن ئىلىشسا ، يەنە بىر تەرەپتىن X جەڭچىلىرى بىلەنمۇ تىركىشىپ باقاتتى .

7-يىشىل گىگانىت ئادەم


ىشىل گىگانىت ئادەم بولسا مارۋىلنىڭ كونا ئالقىشلىق چولپىنى ، ئۇنىڭ فىلىمى ناھايىتى بۇرۇنلا سىنارىيەنى ئۆزگەرتىلىپ كىنو قىلپ ئىشلەنگەن ، لىكىن بىلەت كىرىمى ئانچە ياخشى بولمىغان ، مارۋىل ئالىمى “پولات ساۋۇت پالۋان” نى ئىشلەشكە كىرىشكەندىن  تارتىپلا “تەڭداشسىز خوك” فىلىمى قويۇلغان ، بۇمۇ يىشىل گىگانىت ئادەمنىڭ مارۋىلدىكى ئورنىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا ئىكەنلىكىنى بىلۋالغىلى بولىدۇ، فىلىم تارقالغاندىن كىينلا يىشىل گىگانىت ئادەم ئالقىشقا ئىرىشىپ مەستانىلىرى كۆپلەپ ئاشقان .

6- چاقماق ئىلاھى


سور بولسا ئاسكارد ئىلاھلار ئوردىسىدىن كەلگەن ، ئەمىلىي كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك ، لىكىن ئالدىنقى مەزگىللەردە ئالقىشلىقا ئىرشىشى ئانچە ياخشى بولمىغان ، “چاقماق ئىلاھى 3” تىن كىيىن سىتان لى تەرپىدىن چىچى ياستىلۋىتىپ ، كۈچى يەنە بىر قەۋەت كۆتۈرۈلگەن ، مەستانىلىرىمۇ كۆپلەپ ئاشقان ، “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3” تە ئۆزى يالغۇز زانوسقا كۈچلۈك زەربە بىرەلىگەن بىردىنبىر قەھىرمان بولغانلىقى ئۈچۈن تىخىمۇ ئالقىشقا ئىرىشكەن .

5- قارا تۇل خوتۇن


ناتاشا رومانوۋا قىساسكارلار ئىتتىپاقى ئىچىدىكى بىر گۈل بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئالاھىدە شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ، گەرچە ئىقتىدارى بەك كۆزگە كۆرنەرلىك بولمىسىمۇ ، لىكىن ئۇ گۈزەلدە ، قىساسكارلار ئىتتىپاقىدىمۇ يەنىلا قارا تۇل خوتۇن كەم بولسا بولمايدۇ ، بۇمۇ دەل ئۇنىڭ كۆپ ئالقىشقا ئىرىشكەنلىكىنىڭ سەۋەبى بولغانلىقىدىن ، ھەمدە مارۋىل ھازىر قارا تۇل خوتۇننىڭ ئايرىم فىلىمىنى سۈرەتكە تارتىشنى باشلاپ بولدى ، بەلكىم 2020- يىللىرى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ قىلىشى مۇمكىن .

4- ئۆمۈچۈك پالۋان


ئۆمۈچۈك پالۋاننى بۇ ئورۇنغا قويۇپ قويساق ھەقىچان كۆپ ئادەملەر قايىل بولمايدۇ ، ھەقىچان ئۆمۈچۈك پالۋاننى بىرىنجى ئورۇنغا قويمىز دەيدۇ ، ئۆمۈچۈك پالۋان ئالقىشقا كۆپ ئىرىشكەن ، ھەتتا سىتان لى بوۋايمۇ ئۆمۈچۈك پالۋانغا ئەڭ ئامراق ئىكەنلىكىنى بىرلا قىتىم دىگەن ئەمەس ، لىكىن بۇ يەردە ئىيتىلىۋاتقان فىلىمدىن قارىغاندا ئۆمۈچۈك پالۋان بۇرۇنقىدەك ئانچە كۆپ ئالقىشقا ئىرشەلمىگەندەك قىلىدۇ ، “ئۆمۈچۈك پالۋان : قەھرىماننىڭ قايتىپ كىلىشى ” ناملىق فىلىمنى قانچە ئادەم پولات ساۋۇت پالۋاننى كۆرۈش ئۈچۈن باردى ، ھازىرقى توم . خوللاند ئۇنچە كۆپ بىلەت كىرىمى يارتالمىدى .

3 – ئامېرىكا كاپىتانى


چوڭ نامى بار سىتىۋن روجىس ئەڭ ئاساسلىق قەھرىمان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالقىشلىق دەرجىسى ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ كىلۋاتىدۇ ، ھەمدە كىرىس دىۋانىسنىڭ سەرخىل رول ئىلىشى ، ئامېركا كاپىتاننىڭ ئالقىشلىق كۈچى ئىزچىل يۇقىرى كۆتىرلىۋاتىدۇ . گەرچە بەك ئالاھىدە ئىقتىدارى بولمىسىمۇ ، لىكىن قارشى تەرەپنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ، ئامېرىكا كاپىتانى ھەر زامان كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرغا چىقىپ كۆرەش قىلىدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭدا پولاتتەك ئىرادە ۋە يۇقىرى بولغان باشقۇرۇش تالانتى بار .

2- پولات بۆرە


بۆرە تاغىمىزنىڭ ئالقىشلىق كۈچىنى سەل قارىساق بولمايدۇ ، ئەسلى پولات بۆرىنىڭ ئالقىشلىق كۈچى ئەمىليەتتە بۇنچە كۆپ ئەمەس ، بۇ شيۇ جەكمەننىڭ 17 يىللىق چىدامچانلىقىغا قاراشقا توغرا كىلىدۇ ، ئۇ بىزگە ئۆزگىچە بىر پولات بۆرىنى تونۇتتى ، ھازىرقى پولات بۆرىنىڭ ئالقىشلىق كۈچى كىشىنى چۆچىتىدۇ ، ھازىر قارايدىغان بولساق ۋاجىرا بۆرە  شيۇ جەكمەنگە ئايلىنىپ بولدى ، گەرچە ئۇ فىلەملەردە “لوگىن” دەپ ئاتىلىپ بىزگە ئۇنتۇلغىسىز تەسىرلەرنى قالدۇرغان بولسىمۇ ، لىكىن كۆپلىگەن فىلىم مەستانىلىرى ئۇنىڭ قايتىپ كىلىشىنى ئۈمۈد قىلىسىمۇ ، لىكىن يەنىلا ئۇنىڭ بۇرۇنقىدەك جاپا تارتىشىنى خالىمايتى ، پولات بۆرىنىڭ نەشىر ھوقۇقى مارۋىلغا ئۆتۈپ بولدى ، ئەمدى بىز بۇندىن كىيىن بۆرە تاغىمىزنىڭ مارۋىل بىلەن قانداق سۆھبەتتە بولدىغىنغا قارايمىزدە .

1- پولات پالۋان

 
مارۋىل ئالىمىنىڭ قۇرغۇچىسى ، ھەمدە قۇتقازغۇچىسى ،  ئەگەر پولات پالۋان بولمىغان بولسا ھازىرقى غايەت زور بولغان مارۋىل ئالىمى بولمىغان بولاتتى ، تىلغا ئالمىساق بولمايدىغان يىرى شۇكى روبىېرت دوۋنىي پولات پالۋاننىڭ رولىغا چىقىپ ئۇنى تىرىلدۇردى . ھاكاۋۇر ، مەنمەنچى بولغان تونىي سىتارك ، دەل شۇ دوۋنىينىڭ ئۆزى شۇ ئىدى . ئۇ مارۋىل ئالىمىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق روھى بولۇپ قالدى، ئون يىل ئىچىدىكى ھەرخىل بىرلىكتە چۈشكەن رەسىملەردە ئۇ ھەرۋاقىت ئەڭ مەركىزىدە تۇرۇپ كەلدى ، پولات پالۋاننىڭ مارۋىل ئالىمىدىكى ئالقىشلىق كۈچىگە گەپ كەتمەيدۇ ، ئەڭ كۆپ ئالقىشلىق كۈچىگە ئىگە قەھرىمان .

يۇقارقى رەت تەرتىپى ئامېركا تەرەپتىكى رەت تەرتىپىگە ئوخشىمايدۇ ، بۇنى مەن توردىكى كۆپ ساندىكى سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش ئارقىلىق تۈزدۈم ، ھەممە يەرلەرنىڭ ئۆز قىزىقىشى ئوخشىمايدۇ ، دۆلىتىمىز ئىچىمۇ ھەم شۇنداق ، شۇڭا قەھرىمانلار كۆرسەتكۈچى ، ئارتىسلار ، شۇ توغرىسىدكى تىمىلار ،ھەمدە بىلەت كىرىمى قاتارلىقلارنى سىتاستىكلاش ئارقىلىق بۇ دۆلەت ئىچى رەت تەرتىۋىنى تۈزدۈم ، بەلكىم بەك توغرا بولماسلىقمۇ مۇمكىن ، ھىساپتا ئازراق يىقىنلىشىدۇ ، ئەگەر مەن يىتىشتۈرەلمىگەن يەرلەر بولسا مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس قالدۇرۇش ئارقىلىق تولۇقلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش1تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ