قىساسكارلار ئىتىپاقى 3-بۆلۈمدىكى ئىنچىكە نۇقتىلار

دوستلار ياخشىمۇسىلەر؟

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى قىساسكارلار ئىتىپاقى 3-بۆلۈمىدە زانوس (thanos)  ئۆزىنىڭ  ئالەم بوشلۇقىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارزۇسنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالەم يىڭى بەرپا بولغاندا پارتىلاشتىن كىلىپ چىققان 6 دانە چەكسىز گۆھەر تاشنى قولغا كەلتۈرۈش ۋەقەلىكى بايان قىلىنىدۇ .  

ئۇنداقتا مۇنداق سۇئالدىن بىرسى كىلىپ چىقىدۇ : زانوس نىمە ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئارزۇ قىلپ قالىدۇ ؟



ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئارزۇسى توغرىدەك تۇرغىنى بىلەن ئالەم بوشلۇقىدىكى يىرىم مەۋجۇداتنى يوق قىلۋىتەتتى. چۈنكى زانوس ساتۇرىن پىلانىتىنىڭ ھەمراھى بولغان تىتان پىلانىتىدىن كىلىپ چىققان بولۇپ ، ئەينى ۋاقىتتا تىتان پىلانىتىنىڭ نوپۇسى ئىشىپ  كىتىش سەۋەبىدىن ئېكىلوگىيە تەڭپۇڭسىزلىشىش كىلىپ چىقىپ پىلانىتى خارابىلىققا ئايلانغان . پىلانىتتىكى ئەڭ كۈچلۈك مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈن ، زانوس كىچكىدىن باشلاپ ئالەم بوشلۇقى بىلىملىرى ۋە كۈچىنى توپلاشقا كىرىشكەن ، شۇ سەۋەبلىك زانوس ئۆزىنىڭ پىلانىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن پۈتۈن ئالەم بوشلىقىنى ئۆزىنىڭ پىلانىتىدەك بولىدۇ دەپ قاراپ، ئىكىلوگىيەنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن ئالەم بوشلۇقىدىكى يىرىم مەۋجۇداتنى قىرىش ئويىنى قان قېنىغا سىڭدۈرىۋىتىدۇ. 

شۇڭا ئۇ 6 دانە چەكسىز گۆھەر تېشىنى بىر يەرگە يىغىشنى ئويلايدۇ، ھەمدە قىساسكارلار ئىتتىپاقى ۋە سامان يولى قوغدىغۇچىلىرى قاتارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى پالۋانلار بىلەن تىركىشىپ ئۆزىنىڭ بۇ ئارزۇسىنى فىلىم ئاخىرىدا ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

كىنو بايانىدا بۇ گۆھەرنى قانداق قولغا چۈشۈرگىنى ئىنىق كۆرسىتىلگەن، كىنو بىشىدىلا چاقماق ئىلاھىنىڭ ئىنىسى ( لوكى ) دىن بوشلۇق گۆھەر تىشىنى قولغا چۈشۈرۈپ قىچىپ كېتىدۇ، بۇ ئۇنىڭ قولغا چۈشۈرگەن ئىككىنجى تىشى ئىدى. ئۇنداقتا بىرىنجى تاش يەنى كۈچ قۇدرەت تېشى قانداق پەيدا بولدى؟ ئۇ قەيەردىن قولغا چۈشۈردى؟ بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن سامان يولى قوغدىغۇچىلىرىنىڭ 1-بۆلۈمىدىن سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

مەستانىلەرگە مەلۇم: بۇ تاشنى قولغا چۈشۈرگەنلەر تەڭداشسىز كۈچ قۇدرەتكە ئىگە بولاتتى. زانوس بۇ تاشنى بىلگەن ۋاقىتتا بۇنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن كاللا قاتۇرغان، بۇ تاش قولدىن قولغا 5 قېتىم ئۆتۈپ ئاخىرى زانوسنىڭ قولىدا توختىغان. ئۇنداقتا بۇ تاشنىڭ ئىگىلىرى كىم؟
بىرىنجى ئىگىسى ئالەم پارتىلاپ تاشلار چىچىلىپ كەتكەن ۋاقىتتا بۇ تاش ئاسمان ئىلاھى مىللىتى قولىدا ئىدى.


ئىككىنجى ئىگىسى كىرى ئادىمىنىڭ ئەجداتلىرى بولۇپ، بۇ تاش ئەسلى شۇ جەمەتنىڭ ئەۋلادى رونانغا قالاتتى.


ئۈچىنجى ئېگىسى يۇلتۇز بايۋەتچىسى ( پىتىر ) بولۇپ ئۇ تاشنى روناننىڭ ئەجداتلىرى قويۇپ قويغان ئورۇندىن ئوغۇرلىۋالغان. 


قولغا چۈشۈرگەندىن كىيىن سېتىۋەتمەكچى بولۇپ يىغىپ ساقلىغۇچىنىڭ يېنىغا بارغاندا ئۇنىڭدىن بۇ تاشنىڭ كۈچ قۇدرىتىنى بىلىدۇ. ئاندىن سەيدار يۇلتۇزى، يېڭى يۇلتۇز ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن سەيدار يۇلتۇزى بۇ تاشنىڭ تۆتىنجى ئىگىسى بولغان.


بەشىنجى ئىگىسى زانوس بولۇپ ئۇ سەيدار يۇلتۇزىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق بۇ تاشنى قولغا چۈشۈرگەن.

كىلەركە يازمامدا ئىككىنجى تاشنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدا داۋاملىق توختىلىمەن …

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ