ئۆمۈچۈك پالۋان 2 دىكى رەڭلىك تۇخۇم چۈشەنچىلىرى


خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر … 

ئاۋال بىلەت كىرىمى ئەھۋالىنى سۆزلەپ ئۆتەي : ” ئۆمۈچۈك پالۋان 2 : قەھرىماننىڭ يىراققا سەپەر قىلىشى ” ڧىلىمى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى قويۇلغاندىن تارتىپ 6-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ سائەت 10 غىچە دۆلىتىمىز چوڭ قۇرۇقلىقى ئومۇمىي بىلەت كىرىمى 660 مىلىيون يۈەن بولدى . 

بۈگۈن ئاساسلىقى “ئۆمۈچۈك پالۋان 2 : قەھرىماننىڭ يىراققا سەپەر قىلىشى” ڧىلىمىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى رەڭلىك تۇخۇمنى تەپسىلىي مۇلاھىزە قىلىمىز . 

بۇ ئىككى رەڭلىك تۇخۇمنى كۆرمەكچى بولسىڭىز چوقۇم ڧىلىمنىڭ ئەڭ ئاخىرىغىچە ساقلاپ تۇرشىڭىز كىرەك . (خىتى چىقسىلا تۈگىدى كىنو دەپ قوپۇپ چىكەتمەڭلا )

بىرىنجى رەڭلىك تۇخۇم : پىتىر پاكنىڭ سالاھىيتى ئاشكارلىنىپ كەتتى 

بۇ رەڭلىك تۇخۇمنى چۈشەندۈرۈشتىن ئاۋال ، ڧىلىمدىكى ئىنچىكە نۇقتىدىن بىرنى ئەسلىشىمىز كىرەك . 

سىرلىق مىھماننىڭ پىلانى ئاشكارلىنىپ كەتكەن چاغدا ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ خىيالى سىزىم تىخىنىكىسىنى ئىشلەيدىغان ئادەم بارماق دىسكىسىنى ئىلۋالغان پىتىلا قىچىپ كەتكەن ، بەلكىم شۇ بارماق دىسكىدا بارلىق سانلىق مەلۇماتلار ساقلانغان بولىشى مۇمكىن .
 ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئاشكارلانغان قىسقا ۋىدىئو بولسا ، بەلكىم مۇشۇ قىچىپ كەتكەن تىخنىكنىڭ ئۆزگەرتىپ ياساپ بولغاندىن كىيىن نامسىز ھالدا يوللىغان قىسقا ۋىدىئوسى بولغان بولىشى مۇمكىن . 

يەنە بىر تەرەپتىن بۇ رەڭلىك تۇخۇمدا گىزىتخانا باشلىقى سىمونس مەيدانغا چىققان .

سىمونىس بولسا كىلاسسك “ئۆمۈچۈك پالۋان” ئۈچ بۆلۈم ڧىلىمىدىكى كونا ئارتىس ئىدى ، ھەمىمىزنىڭ يادىدا بولىشى مۇمكىن ، ئۇ داۋاملىق ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ ئەتتىي بەشىرىسىنى ئاچىمەن دەپلا يۈرىدىغان ئادەم ئىدى ، لىكىن ھەر قىتىم ئويلىغىنىدەك بىر ئىش بولمايتى ، بەلكىم ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىشى مەستانىلەرگىمۇ بىر خۇشاللىق ئاتا قىلدىغۇ دەيمەن . 

بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرنىڭ خەۋەر قىلىشچە : مارۋىل ئۆمۈچۈك پالۋان ڧىلىمىدىن 9 دانە ئىشلەيدىكەن ، ڧىلىم ۋەقەلىكىدە بولسا پىتىر پاكنىڭ تولۇق ئوتتۇرا ، ئالىي مەكتەپ ، ۋە خىزمەتكە چىققاندىن كىيىنكى تۇرمۇشى بايان قىلىنىپ ئىشلىنىدۇ . ئەلۋەتتە گوللاندىيلىك ئىنىمىز مارۋىل بىلەن توختام تۈزۈپ بولدى .

كىچىك ئۆمۈچۈكنىڭ ئەمدى چوڭ بولدىغان يىرى كەلدى ، بەلكىم ئۇ تاكى خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن ئاندىن ئۆز ئالدىغا بىر قەھرىمان بولالىشى مۇمكىن . 
بۇ رەڭلىك تۇخۇمدا گىزىتخانا باشلىقىنىڭ چىقىشىنىڭ ئۆزىلا ، كەلگۈسىدە پىتىر پاك بىلەن ئۇنىڭ ئوتۇرسىدا نۇرغۇنلىغان چىتىشلىق مەزمۇنلار يۈز بىرىدۇ . گىزىتخانا باشلىقى ھەرگىزمۇ ئۇنى ئاسانلا بوش قويۋىتىدغاندەك ئەمەس .

ئەمدىلىكتە پىتىر پاكنىڭ سالاھىيتى ئاشكارلانغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا كىلىدغان بىسىممۇ ناھايىتى چوڭ بولىدۇ . بۇ نۇقتا خۇددىي “پولات ساۋۇت پالۋان 1” دىكى ، تونىي سىتاركىنىڭ ئۆزىنى “مەن پولات ساۋۇت پالۋان” دىگەن گىپىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاۋارچىلىقلارنى باشلاپ كەلگىنگە ئوخشاش .

بىر دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان بولۇش سۈپىتى بىلەن ، سالاھىتىنى ئاشكارلاش ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان ئاۋارچىلىقلارنى ئىلىپ كىلىدۇ ، چۈنكى شۇنىڭغا سالاھىيتى ئاشكارلانغان ئادەمنىڭ ئەتراپىدىكى ئائىلسىدىكىلەر ، دوستلىرى ، سۆيگىنى قاتالىقلارنىڭ ھەممىسىگە بۇ ئىش چىتىشلىق بولۇپ ئاۋارچىلىق ئىشلار تەڭ يىتىپ كىلىدۇ .

ئىككىنجى رەڭلىك تۇخۇم : سىكىرول ئادەملىرى ئىشلەمچى بولۇپ قالدى 

بۇ رەڭلىك تۇخۇم پۈتۈن ڧىلىمدىكى ئىلاھى قالقان ئىدارىسى باشلىقى ۋە شىيرنىڭ ئەسلى سىكىرول ئادىمى تالوس ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان . 

بۇمۇ ھەم “ئىدارە باشلقى” نىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنچە ئاسان سرىلىق مىھان تەرپىدىن ئاسانلا ئالدىنىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ ، چۈنكى ڧىلىمنىڭ بىشىدىن ئاخىرغىچە ئۇ پەقەتلا بىر سىكىرول ئادىمى . 

بۇنىڭدىن بىز مۇلاھىزە قىلىدغان تىمىلار چىقتى .

ئەمسە ئىدارا باشلىقى نىك ڧۇرىي قاچاندىن تارتىپ سىكىرول ئادەملىرى تەرپىدىن ئورنىغا دەسستىلگەن ؟

مىنىڭچە : “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4” تىن بۇرۇنقىسىنىڭ ھەممسى ئىدارە باشلىقنىڭ ئۆزى شۇ . 

بىر تەرەپتىن ئىيتقاندا ، نىك ڧۇرىي بولسا دەرىجىدىن تاشقىرى ئالاھىدە خادىم ، ئۇ  ھەرقانداق بىر ئادەمگە ئىشەنمەيدۇ ؛ 
“پولات ساۋۇت پالۋان 1” دىن تارتىپ “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 2” گىچە ، ئىدارە باشلىقى ئاساسەن ھەر بىر ئۇرۇش مەيدانلىرىنى قول ئىلىكىدە باشقۇرۇپ تۇردى ، بۇنىڭدىنلا بىز ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىدارە باشلىقى ئىكەنلىكىنى بىلۋالالايمىز .
ھەمدە ، مارۋىلمۇ بۇندىن بۇرۇنقى ھەممە ۋەقەلىكلەرنى ئۆرۈپ ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىنىڭ ھەممىسىنى سىكىرول ئادەم تەرپىدىن ئۆزگەرگەن دەپ دەلىللىيەلمەيدۇ . 

يەنە بىر تەرەپتىن ئىدارە باشلىقى ھىچكىمگە ئىشەنمەيدۇ ، ئۇنىڭ قولىدا ئۆزى ئىشىنىدىغان كوزىرى بار : مارۋىل كاپىتانى بىلەن ئالاقىلشالايدغان چاقىرغۇ . 

“قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3” تە ئىدارە باشلىقى چاقىرغۇ ئارقىلىق مارۋىل كاپىتانىغا خەۋەر يولىغاندىن كىين كۈلگە ئايلىنىپ كىتىدۇ ، بىز بۇنىڭدىن ئىدارە باشلىقىنىڭ “ئىشەنچ” ۋە “مەخپىي” نەرسىلەرنى سىكىرول ئادەملىرىگە تاپشۇرمايدغانلىقىنى ھىس قىلالايمىز .

“قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4” تە ئىدارە باشلىقى تونىينىڭ دەپنە مۇراسىمىدا مەيدانغا چىقىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ھەممە ئادەم يەر شارىنىڭ سىرتىدىكى ئالەمدە نۇرغۇنلىغان خەۋىپلەرنىڭ بارلىقىنى بايقايدۇ ، يەرشارىدىكى سەلبىي ئوبرازلار ئەڭ چوڭ بولغاندىمۇ ئارزاق بىر ئاۋارچىلىقلا قوزغىيالايدۇ خالاس . 

بۇنىڭدىن ئىككىنجى سۇئال پەيدا بولدى . 

ئىلاھى قىلىچ ئىدارىسىنىڭ يوشۇرۇن ئەسكەرتىلىشى 

مارۋىل چاتما رەسىمىدە ، ئىلاھى قىلىچ ئىدارسى بولسا تاشقى پىلانىت ئادەملىرى ۋە يەرشارى ئادەملىرى بىرلىشىپ قۇرغان ، خىزمەت ئورنى بولسا ئالەم بوشلۇقىدا ، پىلانىتلار ئارا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ۋە زىدىيەتلەرنى ھەل قىلىدۇ ، شەكلى ئاساسەن ئىلاھى  قالقان ئىدارىسىگە ئوخشايدۇ . 
ئىككىنجى رەڭلىك تۇخۇمدا نىك ڧۇرىي تالوسنىڭ تىلغۇنىنى قويۋىتىپلا قول ئاستىدىكىلەرگە داۋاملىق خىزمەت قىلىشنى تاپىلايدۇ ، قول ئاستىدىكلەر بولسا سىكىرول ئادەملىرى ، ئۇنىڭ تۇرۋاتقان يىرى بولسا ئالەم بوشلۇقىدا ، شۇنىڭدىن بىز ئىلاھى قىلىچ ئىدارىسىنىڭ يوشۇرۇنچە بىزگە شەپە بىرۋاتقانلىقىنى ھىس قىلالايمىز .

بۇ ئورەك سەل چوڭراق  ، لىكىن ماھىيتى مارۋىلنىڭ تەرەقىيات ئەندىزىدسىگە چۈشىدۇ .

مارۋىل ڧىلىم ئالىمىنى بىز بىر نەچچە كىچىك ئۆلچەمدىكى ھىكايىگە بۆلىمىز : 

كوچا ئۆلچىمى ( ئۆمۈچۈك پالۋاننى ۋەكىل قىلىدۇ )
يەرشارى ئۆلچىمى ( قىساسكارلارنى ۋەكىل قىلىدۇ )
ئالەم ئۆلچىمى ( سامانيولى قوغدىغۇچىلىرىنى ۋە زانوسنى ۋەكىل قىلىدۇ )
كۆپ ئىلمىنىتلىق ئۆلچەم ( سىھىر ، كىۋانىت ئىلمى ، پاراللىل ئالەمنى ۋەكىل قىلىدۇ )

سىرلىق قىلىچ ئىدارىسىنىڭ مەيدانغا چىقىشى ، يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكەن بارىلىق ئۆلچەمدىكى ھىكايىلەرنى تۇتاشتۇرىدۇ . مانا بۇ مارۋىلنىڭ ئەڭ يامان يىرى ! 

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن .

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ