لوكى قايتا تىرىلىپ چاقماق ئىلاھى 4 كە تەسر كۆرسىتىدۇ

图片[1]-لوكى قايتا تىرىلىپ چاقماق ئىلاھى 4 كە تەسر كۆرسىتىدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر … 

“قىساسكارلار 3” نىڭ بىشىدىلا ، ئازدۇرغۇچى ئىلاھ لوكى ، چاقماق ئىلاھى ۋە ئاسگاردلىقلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلغان ئىدى . بۇمۇ نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى ئەڭ چوڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشقا ئايلىنىپ قالغان .

图片[2]-لوكى قايتا تىرىلىپ چاقماق ئىلاھى 4 كە تەسر كۆرسىتىدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

لىكىن “قىساسكارلار 4” تە ، كەلەۈسىدىن كەلگەن قىساسكارلار ۋاقىت ھالقىش ساياھىتى بىلەن 2012- يىلىغا كىلىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان تۇتۇلۇپ بولغان لوكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بوشلۇق تىشىنى ئوغۇرلاپ يىراقلارغا قىچىپ كىتىدۇ . بۇ دەل ئازدۇرغۇچى ئىلاھىنىڭ ۋەقەلىك ئىچىدىكى قايتا تىرلىشىگە بىر سەۋەپ بولغان .

图片[3]-لوكى قايتا تىرىلىپ چاقماق ئىلاھى 4 كە تەسر كۆرسىتىدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

بۇ خىل ئۇسۇلدىكى “قايتا تىرلىش” مەستانىلەرگە باشقىچە بىر خىل خۇشاللىنارلىق تەسىر بەرگەن ، ھەمدە لوكىنىڭ قايتىپ كىلىشىگە قايتا ئۈمۈد باغلىغان . پەقەتلا شۇ قايتىپ كەلگەن لوكى بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان ئۇ لوكى ئەمەس ، بەلكى تىخىمۇ ياش ، تىخىمۇ ھىيلىگەر بولغان لوكى .

图片[4]-لوكى قايتا تىرىلىپ چاقماق ئىلاھى 4 كە تەسر كۆرسىتىدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

شۇنداقلا ئۇنىڭ تىخىمۇ “ياش” بولغان سالاھىيتى ، نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنىڭ مارۋىل ئۇنى قايتا ڧىلىم ئالىمى ئىچىگە كىرگۈزمەيدۇ دىگەن خاتا قارشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . لىكىن يىقىندىكى ئەڭ يىڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا : لوكىنىڭ “چاقماق ئىلاھى 4” ڧىلىمىدە چىقىش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن .

图片[5]-لوكى قايتا تىرىلىپ چاقماق ئىلاھى 4 كە تەسر كۆرسىتىدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

بۇ دەل مارۋىلنىڭ “قىساسكارلار 3” تىكى قۇربان بولغان لوكىنى مارۋىل ڧىلىم ئالىمىغا قايتۇرۇپ ئەكەلمەكچى بولغىنىدىن دىرەك بىرىدۇ ، ھەمدە 2012- يىلىدىكى نۇرغۇنلىغان خەتەرنى بىشدىن ئۆتكۈزگەن لوكىنى ھازىرقى مارۋىل ڧىلىم ئالىمىنىڭ بىر ئەزاسى قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ . 

图片[6]-لوكى قايتا تىرىلىپ چاقماق ئىلاھى 4 كە تەسر كۆرسىتىدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ئەڭ يىڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا : لوكى بوشلۇق تىشى ئارقىلىق كۆپلىگەن پاراللىل ئالەم ئىچىدە “ئويناپ يۈرگەن” ، ئاخىرىدا مارۋىل ڧىلىم ئالىمىنىڭ ئاساسىي ۋاقىت سىزىقىغا كەلگەندە دەل “چاقماق ئىلاھى 4” نىڭ ۋاقىت سىزىقىغا توغرا كىلىپ قالغان . ھەمدە ئايال چاقماق ئىلاھىنىڭ بولقىسىمۇ لوكى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى مۇمكىن ئىكەن . 

图片[7]-لوكى قايتا تىرىلىپ چاقماق ئىلاھى 4 كە تەسر كۆرسىتىدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ئەڭ يىڭى ئورگان تەرەپ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، يەنىمۇ ئىنچىكە نۇقتىلاردىن سۆزلىسەك : بۇ لوكى تىخى بايىلا نۇرغۇنلىغان بۇزغۇنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەلبىي قەھرىمان ، ئۇنىڭدا ئەسلىدىكى لوكىنىڭ بىشىدىن ئۆتكۈزگەن گۇناھىنى تونۇش جەريانى بولمىغان ، شۇڭا ئۇ نۇرغۇنلىغان تارىخى ۋەقەلىكلەرگە قوشۇلغان ، ھەمدە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى قالايمىغان قىلۋەتكەن ، ئۇ تىخى يەنە بىر تۆلەشكە تىگىشلىك بەدەلنى تۆلىگەندىن كىيىن ئاندىن ئۆزىنىڭ “گۇناھىنى تونۇش” باشقۇچىغا قەدەم قويىدۇ .

شۇڭا ، مۇھىم نۇقتىسى كەلدى : لوكى قانداق قىلغاندا ئاندىن ئايال چاقماق ئىلاھىغا ياردەم قىلىپ  مىجولنىر (چاقماق ئىلاھى بولقىسى)  كۆتۈرگۈزەلەيدۇ ؟ 

图片[8]-لوكى قايتا تىرىلىپ چاقماق ئىلاھى 4 كە تەسر كۆرسىتىدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

مەيلى گۇناھى ئىغىر بولغان لوكى بولسۇن ، ياكى گۇناھىنى تونۇپ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان لوكى بولسۇن ، ھىچقايسىسى مىجولنىرنى كۆرۈرەلمەيدۇ . لىكىن مارۋىل ڧىلىم ئالىمىدە لوكى پەقەت بىرلا قىتىم مىجولنىرنى كۆتۈرگەن ، ئىلگىركى “چاقماق ئىلاھى 2” نىڭ يۇيۋىتىلگەن بۆلىكىدە ، لوكى ئۆزىنىڭ خىيالى سىزىم پەيدا قىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق مىجولنىرنى كۆتۈرگەن . 

لىكىن مارۋىل چاتما رەسىمىدە بولسا ، لوكى مىجولنىرنى قىينالمايلا كۆتۈرەلەيدۇ ، ئالدىنقى يىلىدىكى چوڭ ۋەقەلىك “چەكسىزلىك” يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ، لوكى ئۆزىنڭ پاراللىل ئالەمدىكى ئۆزىنى كۆرگەن ، ئۇ مىجولنىرنى كۆتۈرەلەپلا قالماي ، يەنە تىخى ئالتە دانە گۆھەر تاش بار بولغان جەڭ كىيىمىنى كىيىپ تۇراتتى . ئەلۋەتتە بىز ھازىر بۇنى كۆرۈپلا قويساق بولىدۇ خالاس ، چاتما رەسىمدىكى بارلىق ۋەقەلىكنىڭ مارۋىل ڧىلىمى ئىچىدە ئەينەن بولىشى ناتايىن ، ڧىلىملار ئىچىدە يۈز بەرمەيدۇ .

图片[9]-لوكى قايتا تىرىلىپ چاقماق ئىلاھى 4 كە تەسر كۆرسىتىدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

شۇڭا ، لوكى قانداقلا قىلمىسۇن ئۇدۇللا مىجولنىرنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كىلەلمەيدۇ . لوكى مىجولنىرنى ئۆزى كۆتۈرەلمەيدۇ ، شۇڭا ئۇ چوقۇم خىيالى سىزىم پەيدا قىلىش ئىقتىدارىغا ۋە بوشلۇق تىشىنىڭ كۈچىگە تايىنىدۇ .

图片[10]-لوكى قايتا تىرىلىپ چاقماق ئىلاھى 4 كە تەسر كۆرسىتىدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

قانداقلا ئىش يۈز بەرسۇن ، ئەڭ ئاخىرىدا ئايال چاقماق ئىلاھى چوقۇم مىجولنىرنى كۆتۈرەلەيدۇ ، بۇمۇ چوقۇم بوشلۇق تىشىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئەمەلگە ئىشىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى چوڭ . پەقەت قوللىنىش ئۇسۇلىلا ئوخشىماسلىقى مۇمكىن .

图片[11]-لوكى قايتا تىرىلىپ چاقماق ئىلاھى 4 كە تەسر كۆرسىتىدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
بىزنىڭ ئىنىق دىققەت قىلشىمىزغا تىگىشلىكى شۇكى ، گەرچە لوكىنىڭ مارۋىل ڧىلىم ئالىمىگە قايتىپ كىلىش مۇمكىنچىلىقى بولىسمۇ ، لىكىن ئۇ ھەرگىزمۇ “ئۇزۇن مۇددەت پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ” . 

“قىساسكارلار 4” تە ، گۇيى سىھىر ئۇستازى مۇنداق بىر گەپنى قىلغان :  “چەكسىز گۆھەر تاشلار بولمىغان ئالەم ، زۇلمەت كۈچىنىڭ ۋەھىمىسىگە ئۇچىرايدۇ” .  بۇ بەلكىم ئەينى چاغدا 2012- يىلى قىساسكارلار قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمىگەن ۋاقىتتا ، تىخى نۇرغۇنلىغان بالايى ئاپەتلەر تىخى كەلمىگەندەكلا ئىش . 

图片[12]-لوكى قايتا تىرىلىپ چاقماق ئىلاھى 4 كە تەسر كۆرسىتىدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ئۇندىن كىيىن ، خوك گۇيىدىن ۋاقىت تىشىنى ئىلىپ كەتتى ، ئوخشاشلا ۋاقىتتا ، لوكىمۇ بوشلۇق تىشىنى “ئوغۇرلاپ” قىچىپ كەتتى . بۇ پاراللىل ئالەمنىڭ زۇلمەت كۈچىگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن مارۋىل سىنارىيەلەشتۈرگۈچىلىرى چوقۇم يەنە باشقا بىر خىل ئۇسۇل ئارقىلىق لوكى ئوغۇرلاپ قاچقان بوشلۇق تىشىنى يەنە 2012- يىلىدىكى ئۆز ئورنىغا قايتۇرۇپ قويىدۇ .

شۇڭا ، مەيلى لوكى قانداقلا قىچىپ “چاقماق ئىلاھى 4” ۋاقىت سىزىقىغا قايتىپ كىلىپ ، ئايال چاقماق ئىلاھىغا ياردەم قىلىپ مىجولنىرنى كۆرۈرگۈزسۇن ، لىكىن يەنە بىر ئالەمنىڭ تەڭپۇڭلىقى ئۈچۈن ، ئۇ چوقۇم بوشلۇق تىشىنى ئىلىپ ئۆتمۈشكە قايتىپ كىتىدۇ .

图片[13]-لوكى قايتا تىرىلىپ چاقماق ئىلاھى 4 كە تەسر كۆرسىتىدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

لىكىن ، لوكىنىڭ كەلگۈسىگە كەلگەندىن كىيىنمۇ ناھايىتى كۆپ ئىشلارنى بىلىپ كەتكەنلىكىنى ئايرىپ قويساق بولمايدۇ ، ھازىرقى ئادەملەر چوقۇم لوكىنى قويۇپ بىرىش ئەمەس ، پەقەت بوشلۇق تىشىنىڭ ئۆزىنىلا ئۆتمۈشكە قايتۇرۋىتىشنى ئويلىشىدۇ ، بۇ خىل ئىھتىماللىق بولماي قالمايدۇ .

لىكىن ئىشلار قايسى تەرەپكە قاراپ تەرەقىي قىلسۇن ، بۇ قىتىم “قايتا تىرىلگەن” لوكىنىڭ ئۇزۇنراق ياشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .  چۈنكى ھاياتى ئىچىنىشلىق تىراگىدىيەلەر بىلەن تولغان  چاقماق ئىلاھى سورنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرى ئاللىقاچان كۆپۈككە ئايلىنىپ بولدى ، بۇ ۋاقتتىكى سور چوقۇم 2012- يىلىدىكى ئۆزىگە قارىغاندا لوكىدەك بۇ ئىنىسىگە تىخىمۇ ئىھتىياجلىق بولشى مۇمكىن ! 

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن .

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى سىز ئاۋال ئىنكاس يىزىڭ

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ