قارا تۇل خوتۇننىڭ ئەڭ سەرخىل بولغان كۆزنەكلرى

خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر … 

ھازىرغا كەلگىچە ، مارۋىل ڧىلىمى “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4” نىڭ دۆلىتىمىزدىكى بىلەت كىرىمى 4 مىليارد 230 مىليون يۈەنگە يەتتى . 
ئەتە ، “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4” ڧىلىمى بەلكىم كىنوخانىلاردا قويۇلۇشتىن توختىشى مۇمكىن ، بىلەت كىرمىنىڭ بۇ دەرىجىگە بىرىپ يىتىشىمۇ ئاسان ئەمەس . 

“قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4” تە ، قارا تۇل خوتۇن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ روھ تىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ ، بۇ دەقىقىدە نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنىڭ كۆڭلى يىرىم بولدىغۇ دەيمەن . 

بۇگۈن بىز بىرلىكتە ، مارۋىل ڧىلىملىرى ئىچىدىكى ، قارا تۇل خوتۇننىڭ ئەڭ سەرخىل بولغان كۆزنەكلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى 


1. لوكىنى ئالداش 

ھەمىمىزگە مەلۇم ، لوكىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى بولسا “ئالدامچى ئىلاھ/ئىزىقتۇرغۇچى ئىلاھ” . 

لىكىن قارا تۇل خوتۇن ئەقىللىق بولۇپلا قالماي يەنىلا بۇنىڭ تىگى تەكتىنى بىلپ يىتەلەيدۇ ، ھەم ئۆزىنىڭ ئالاھىدە خادىم بولغان تەجىربىلىرى ئارقىلىق ئوڭۇشلۇق ھالدا لوكىنى ئالداپ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلۋالىدۇ . 

بۇ چاغدا بەلكىم ھەمىمىز قارا تۇل خوتۇننىڭ قىساسكارلار ئىتتىپاقى ئىچىدىكى ئورنىنى بىلۋالالايمىزغۇ دەيمەن . 

2. پورشىما مىيدنايت بىلەن جەڭ قىلىشى

“قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3” تە ، قارا تۇل خوتۇن پورشىما مىيدنايت بىلەن ئىككى قىتىم جەڭ قىلىدۇ .

گەرچە ڧىلىمدىكى سەلبىي قەھرىمانلارنىڭ كۈچى ئاجىزلىتىۋىتىلگەن بولسىمۇ ، لىكىن پورشىما مىيدنايت يەنىلا زانوسنىڭ ئەڭ كۈچلۈك جەڭچىلىرىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ .

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى : قارا تۇل خوتۇن “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4” نىڭ ئاخىرىدىكى جەڭگىچە ھايات تۇرالمىدى ، ئەگەر بار بولغان بولسا چوقۇم يەنە بىر قىتىم پورشىما مىيدنايتنى ئۇرۇپ يىقىتقان بولاتتى . 


3. يىشىل گىگانىت ئادەم تەرپىدىن رەت قىلىنىشى 

“قىساسكارلار ئىتتىپاقى 2” دە ، قارا تۇل خوتۇن بىلەن يىشىل گىگانىت ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتى خىلى ئىشىپ قالىدۇ . 

ئەپسۇس ، “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 2” نىڭ ئاخىرىدا ، يىشىل گىگانىت ئادەم ئۆزىنىڭ كۆپچىلىككە يەنە ئاۋارچىلىق ئەكىلىپ بىرىشىدىن ئەنسىرەپ ، ئاكتىپ ھالدا قارا تۇل خوتۇننىڭ قىلىپ قالغىن دىيشىگە قارماي كىتىپ قالىدۇ . 

بۇ دەقىقىدە ، قارا تۇل خوتۇن پەقەت ئۆزىنىڭ بىر سەپدىشىنىڭلا كىتىشىگە قاراپ تۇرالماي قالماي ، يەنە يىشىل گىگانىت ئادەمنڭ كىتىشىگە قىيمايۋاتقان ئىدى . 


4. زىمىستان جەڭچىسى بىلەن بولغان جەڭ

“ئامېرىكا كاپىتانى 2” دە  ، زىمىستان جەڭچى مەيدانغا چىقىدۇ ، بىر مىڭىسى يۇيۋىتىلگەن جەڭچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، زىمىستان جەڭچىسىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئۇرۇش قىلىش كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك . 

لىكىن ، قارا تۇل خوتۇن زىمىستان جەڭچىسى بىلەن قىسقا ۋاقىتلىق ئۇرۇش قىلىش جەريانىدا بىزگە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ ، ھەتتاكى زىمىستان جەڭچىسىمۇ بۇ بۆلەكنى سۈرەتكە ئىلىشتا ناھايىتى قىينالغانلىقىنى ئىيتىدۇ . 


5. بۇداپشىت

“قىساسكارلار 1” دە ، قارا تۇل خوتۇن بۇداپشىت ۋەزىپىسىنى تىلغا ئىلىپ ئۆتكەن . 

“قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4” تە ، قارا تۇل خوتۇن ۋە بۈركۈت كۆز ۋورمىيىر پىلانىتىغا بارغاندا ، بۈركۈت كۆز يەنە بىر قىتىم “بۇداپشىت پىلانىغا بەكلا ئۇزۇن بولدى” دەيدۇ ، ئارقىدىن قارا تۇل خوتۇن بۇنى ئاڭلاپلا كۈلىشكە باشلايدۇ . 


6. قۇياش پاتتى 

“قىساسكارلار ئىتتىپاقى 2” دە ، پەقەت قارا تۇل خوتۇنلا يىشىل گىگانىت ئادەمنى تىنىچلاندۇرالايدۇ . 

لىكىن ئۇنى تىنىچلاندۇرۇش جەريانىدا چوقۇم بىر كىلاسسىك بولغان سەھنە سۆزى “قۇياش پاتتى” دىگەن سۆزنى ئىشلىتىش كىرەك ئىدى . 

مارۋىل ڧىلىم ئالىمىدە ، قارا تۇل خوتۇندىن باشقا ھىچكىم بۇ سۆزنى ئۇنىڭغا دەپ باقمىغان . ئەلۋەتتە چاقماق ئىلاھى دەپ باققان لىكىن ئارقىدىن قانداق بولغىننى ئۆزەڭلارغا ئايانغۇ دەيمەن ~ 


7. كارىدور ئۇرۇشى 

“پولات پالۋان 2” دە ، قارا تۇل خوتۇن تۇنجى بولۇپ مەيدانغا چىقىدۇ ، بەلكىم بۇ ۋاقىتتىكى ناتاشا ئەڭ گۈزەل بولشى مۇمكىن ، قايسىڭلار شۇنداق دەپ قارايسلەر . 


ئەڭ سەرخىل نۇقتا بولغىنى بولسا : قارا تۇل خوتۇن كارىدوردا ماڭغۇچە بىر توپ ئۇششاق ئەسكەرلەرنىڭ ئەدىپنى بىرىپ ماڭىدۇ . 

8. مىڭىسى يۇيۇلغان بۈركۈت كۆز بىلەن ئىلىشىش

“قىساسكارلار ئىتتىپاقى 1” دە ، بۈركۈت كۈز لوكىنىڭ ھوقۇق ھاسسى تەرپىدىن كونتىرول قىلنىدۇ . 

قارا تۇل خوتۇن بۈركۈت كۆزگە ئۇدۇل تۇرۇپ يۈزلىنىپ ، ئاخىرى ئوڭۇشلۇق ھالدا بۈركۈت كۆزنى ئۇرۇپ ھوشىدىن كەتكۈزۋىتىدۇ . 


9. ئورۇندۇق ئۇرۇشى 

“قىساسكارلار ئىتتىپاقى 1” دە ، قارا تۇل خوتۇن تۇنجى بولۇپ مەيدانغا چىققاندا بىر ئورۇندۇققا باغلاقلىق پىتى سوراققا تارتىلىدۇ . 
ھىچكىمنىڭ ئويلاپمۇ باقمىغىنى شۇكى ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قارا تۇل خوتۇننىڭ پىلانى ئىدى . 

ئورۇندۇققا باغلاقلىق قارا تۇل خوتۇن ، نەچچە ماھارىتى ئارقىلىقلا يىنىدىكى نەچچە ئادەمنى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۋىتىدۇ ، بۇ بەلكىم مارۋىل تارىخىدىكى قارا تۇل خوتۇننىڭ تالانتىنى ئەڭ يۇقىرى ھالەتتە ئىپادىلەپ بەرگەن مەنزىرە بولىشى مۇمكىن .

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن .

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ