ئىلاھى قالقان ئىدارىسى ئالاھىدە خادىمى

 

خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر … 

” ئىلاھى قالقان ئىدارىسى ئالاھىدە خادىمى ” تىلۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئۇچۇرى دەسلەپتە چىققان چاغدىلا مەستانىلەر خۇشاللىقىدا تۇرالماي قالغان ئىدى . چۈنكى دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلار ڧىلىمىدىن باشقا ، يەنە بۇ تىلۋىزىيە تىياتىرى مەزمۇنى ئىچىدە ئۇلار ئامراق قەھرىمانلىرىنى كۆرەلەيتى . لىكىن بۇ تىلۋىزىيە تىياتىرى قويۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تورداشلارنىڭ نارازىلقىنى قوزغىغان ئىدى . چۈنكى بۇنىڭدىكى ۋەقەلىكتە ، ئەسلا قايسى بىر قەھرىماننىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتى . بەلكى قىساسكارلار ئىتتىپاقى ڧىلىمىدىكى كولسۇن تىرىلىپ بولۇپ ئۆزى بىر تۈركۈم ئالاھىدە خادىملارنى تەشكىللەپ ھەركەت قىلغان تۈردىكى ھىكايىلەر بايان قىلىنغان . 

ئۇنىڭ ئۈستىگە “ئىلاھى قالقان ئىدارىسى ئالاھىدە خادىمى” تىلۋىزىيە تىياتىرى ۋەقەلىكىدىكى ھېكايە يېڭى باشلانغان چاغدا ، يەنە بىر قىسىم ئاددىي ئىشلار بار ئىدى ، ئالدىدىكى ۋەقەلىك ئون نەچچە قىسىملىق سېلىنچا ئارقىلىق ، كۆپچىلىككە ئۇلارنىڭ ئالاھىدە خىزمەت ئەترىتىدىكى بارلىق ئالاھىدە خادىملارنىڭ ماھارىتىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن ، بىزگە بۇ ۋەقەلىكنىڭ پولات پالۋان 3 تىن كېيىنكى مۇستەقىل كىنو قۇرۇلمىسى بىلەن باغلانغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى . قىساسكارلار ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇرۇنقى كىنولاردىمۇ بۇ بىر قاتار باغلىنىش بار ئىدى .  



قىساسكارلار ئىتتىپاقىدىكى بىر بۆلەك ئېسىڭىزدە بارمۇ ، كولسۇن ئالاھىدە خادىم يەككە-يېگانە ھالدا ئىلاھ قالقان ئىدارىسىنىڭ تەتقىق قىلىپ چىققان قورالى ۋەيران قىلغۇچى بىلەن لوكىنى تۇتقان ، لېكىن لوكى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ كۆلەڭگىسى بىلەن كولسۇننى ئالداپ ئۇنى ئۆلتۈرگەن ، چاقماق ئىلاھى ، پولات پالۋان ، نىك ڧۇرىي ، ئامېرىكا كاپىتانىمۇ ناھايىتى خاپا بولۇپ ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار بىرلىككە كىلىپ لوكىنى  مەغلۇپ قىلغان .

بەلكىم كۆپچىلىكنىڭ كولسۇن ئالاھىدە خادىمنىڭ ئۆلىمىنى كۆرگىنىدىمۇ كۆڭلى يېرىم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ، بۇنداق ئوماق تاغىمىز قانداق ئۆلۈپ كەتتى ، بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى .  لېكىن بىز ھەممىمىز ئۇنىڭ ئۆلمىگەنلىكىگە ئىشىنىمىز .  


ئەلۋەتتە ، كولسىن ئالاھىدە خادىم ئۇنداق ئاسان ئۆلۈپ كەتمەيدۇ ، “ئىلاھى قالقان ئىدارىسى ئالاھىدە خادىمى” ئىچىدە  بىزنىڭ  كولسېن ئالاھىدە خادىم قايتىپ كەلدى . 
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆزىنىڭ سەككىز سېكۇنت ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى .  ھەمدە نىك ڧۇرىي بۇ ئىشنى مەلۇم بىر يەرگە قويۇپ قايتا تىرىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى .  ئەلۋەتتە كولسون ئالاھىدە خادىم قانداق تىرىلىدۇ ؟ مەن ھازىرچە ڧىلىم ۋەقەلىكىنى ئالدىن سىلەرگە بىلدۈرۈپ قويماي ، ياقتۇرىدىغانلار كۆرۈپ بېقىڭلار ، ۋەقەلىكتە تەپسىلى چۈشەندۈرۈشلەر بار .  


ئەينى چاغدا ئامېرىكا كاپىتانى 2 يىڭى قويۇلغان ۋاقىتتا . “ئىلاھى قالقان ئىدارىسى ئالاھىدە خادىمى” ۋەقەلىكىدە بىر قىسىم ئامېرىكا كاپىتانى 2 بىلەن باغلىنىشلىق ۋەقەلىك كۆرۈنگەن . بەك كۆپ سۆزلەشلەر يوق ، پەقەت بىر ئىغىز : “كولسۇن ، مەن ئاللىقاچان ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلشالمىغىلى نەچە ھەپتە بولدى” . 17- قىسمىدىكى بۇ نۇقتا ئۇدۇللا ئىلاھى قالقان ئىدارىسى ئالاھىدە خادىمى بىلەن ئامېرىكا كاپىتانى 2 نى بىر بىرىگە چىتىشتۇردى . ئارقىدىن ئۇدۇللا نىك ڧۇرىينىڭ ئۆلگەنىلىكىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئىيتقان ئىدى . 

ئەلۋەتتە نىك ڧۇرىي ئۇنداق ئاسانلا ئۆلۈپ كەتمەيدۇ ، ئامېرىكا كاپىتانى 2 نى كۆرگەن ھەممە ئادەم ئۇنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى بىلىدۇ ، ھەمدە 18- قىسىمىدىلا بىز ئىلاھى قالقان ئىدارسى باش شىتابىنىڭ ئاۋىئاماتكا تەرپىدىن پارتىلغان كۆرنىشىنى كۆرەلەيمىز ، ھەمدە بۇنىڭ ئىلاھى قالقان ئىدارىسى ئالاھىدە خادىمى بىلەن ئامېرىكا كاپتانى 2 بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تىخىمۇ بەكرەك نامايەن قىلىپ بەرگەن .


ئاساسلىقى شۇكى  بىز بۇنىڭدىن مارۋىل قەھرىمانلار ڧىلىملىرى بىلەن ئىلاھى قالقان ئىدارىسى ئالاھىدە خادىمى تىلۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشلىقىنى بىلۋالالايمىز ، مەستانىلەرنىڭ مارۋىل ڧىلىملىرىگە بولغان چۈشەنچىسىنى تىخىمۇ ئاشۇرۇشى ئۈچۈن “ئىلاھى قالقان ئىدارىسى ئالاھىدە خادىمى” تىلۋىزىيە ڧىلىمىنى كۆرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . 

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن .

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ