قارا سۇمرۇغ زادى قانچىلىك كۈچلۈك ؟

图片[1]-قارا سۇمرۇغ زادى قانچىلىك كۈچلۈك ؟-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر … 

2019-يىلىدىكى ئەتىياز ۋە ياز پەسىللىرىدە ، ” خوشلىشىش ” مارۋىل فىلىمىدىكى ھالقىلىق سۆزگە ئايلىنىپ قالغاندەك قىلىدۇ.  

4- ئاينىڭ ئاخىرىدا زانوسنى ئەمدى ئۇزىتىپ تۇرساق ، ئەمدى مارۋىلنىڭ يەنە بىر تەرپىدىكى 6- ئاينىڭ بىشىدا يۈز بەرگەن ئاخىرقى ئۇرۇشنى كۈتۈۋىلىپ تۇرۇپتىمىز . 

ڧىلىم ئاساسلىقى “سۇمرۇغ قىز” جىن . گىرىي نىڭ سۇمرۇغ كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغانلىقى ھەققىدە بولغان ھىكايىسنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئىشلەنگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ قاراڭغۇ بىر تەرىپى ئاشكارلىنىپ چىقىدۇ ، ھەمىمىزگە مەلۇم قارا سۇمرۇغنىڭ نامايەن بولىشى بۇ تۇنجى قىتىملىقىمۇ ئەمەس . 

X جەڭچى تۈرىدىكى كونا ئۈچ بۆلۈم ڧىلىمنىڭ “ئاخىرقى جەڭ” دە ، جىن گىرىي قارا سۇمرۇغ تەرپىدىن كونتىرول قىلىنىپ ، مەيدانغا چىقىشى بىلەنلا X پىروڧڧىسورنى ئۆلتۈرۋەتكەن ، ھەتتا ڧىلىم ئاخىردىمۇ پۈتۈن نىيۇ-يوركىنى ۋەيران قىلىۋەتكىلى تاسلا قالغان . 

图片[2]-قارا سۇمرۇغ زادى قانچىلىك كۈچلۈك ؟-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ئالدىنقى رىۋايەت تۈردىكى “X جەڭچى : ۋەھىي” دىمۇ ، جىن گىرىي تۇنجى قىتىم سۇمرۇغ كۈچىنى ئويغىتىپ ، بىر قىتىملىق زەربە بىلەنلا بۇ ئۆزگەرگەن ئادەملەرنىڭ ئەجدادى بولغان ۋەھىينى كۈلگە ئايلاندۇرۋىتىدۇ . 

图片[3]-قارا سۇمرۇغ زادى قانچىلىك كۈچلۈك ؟-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
ئوخشاشلا “X جەڭچى : قارا سۇمرۇغ” ڧىلىمىدىمۇ ، قەھرىمانلار قارا سۇمرۇغ تەرپىدىن ئىغىر تايقىنى يەيدۇ . 

图片[4]-قارا سۇمرۇغ زادى قانچىلىك كۈچلۈك ؟-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
ئۇنداقتا ، سۇمرۇغ كۈچى زادى قانچىلىك كۈچلۈك ؟  بىز ئاۋال ئاددىي ھالدا سۇمرۇغنىڭ كىلىش مەنبەسى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى . 

مارۋىل ڧىلىم ئالىمىدە ، “سۇمرۇغ” ئالەمدىكى قەدىمىي ئىلاھلارنىڭ بىرى ، ھاياتلىق ۋە ئوت يالقۇنىنىڭ بىرىكىشى ، قەلىب كۈچىنىڭ كىلىش مەنبەسى دەپ تەرىپلىنىدۇ . 

图片[5]-قارا سۇمرۇغ زادى قانچىلىك كۈچلۈك ؟-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

مارۋىل ئورگان تەرەپنىڭ جەڭ كۈچى ئىستىرىلكىسىدا ، سۇمرۇغ كۈچىنىڭ جەڭ كۈچى بولسا ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق 7 نۇمۇر !  ھىساپتا بۇنى ئەڭ كۈچلۈك بىر مەۋجۇدات دەپ تەرىپلىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ .  توغرا ، ئۇ شۇنداق قالتس ! 

图片[6]-قارا سۇمرۇغ زادى قانچىلىك كۈچلۈك ؟-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ئەمدى بىز ڧىلىم مەزمۇنىنى ئاددىي بىر چۈشىنىپ ئۆتەيلى … 

مىنىڭچە “قارا سۇمرۇغ” ڧلىمىنى “ھوقۇقدارلار ئۇرۇشى”غا ئوخشاش قىلىپ ئىشلەپ قويغاندەك ھىس قىلدىم ، لىكىن ڧىلىمنىڭ ئەسلى ماھايىتىدىن ئىلىپ ئىيتساق ، ئۇنىڭ ئالدىنقى مەزمۇنى ھەر ھالدا يامان ئەمەس ، لىكىن شۇ ھىسسياتىنى ئىپادىلەيدغان ئورۇندا ئازراق بىسىلىپ قالغاندەك تەسىر بىردىكەن ، ئاساسىي جەھەتتىن يەنە يامان ئەمەس . 

图片[7]-قارا سۇمرۇغ زادى قانچىلىك كۈچلۈك ؟-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ڧىلىمنى بىر جۈملە سۆز بىلەن يىغنچاقلىساق : X پىروڧڧىسور ، X جەڭچىلىرىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا ئىۋەتىدۇ ، كۈتۈلمىگەندە سۇمرۇغ كۈچى جىن . گىرىنىڭ بەدىنىگە كىرىپ قالىدۇ ، ئاندىن ئۇنىڭ قاراڭغۇ تەرەپكە تەرەقىي قىلشىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ ، تاشقى پىلانىتتىن كەلگەن سەلبىي ئوبرازلار سۇمرۇغ كۈچىگە ئىرىشىش ئۈچۈن جىن دىن پايدىلىنىدۇ ، لىكىن X پىروڧڧىسورنىڭ نەسھىتى ئاستىدا ئۇ يەنە قايتا ئۆزىنى تىپىپ ، سەلبىي ئوبراز بىلەن ئۆزىنى بىللە ھالاك قىلىدۇ . 

图片[8]-قارا سۇمرۇغ زادى قانچىلىك كۈچلۈك ؟-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
ڧىلىم ئاخىرى يەنىلا مەستانىلەرنىڭ كۈتكىنىدەك بولمىغان  ، چاتما رەسىمدىكىدەك كۈچلۈك سوقۇشقان جەڭ مەيدانلىرى چىقمايلا قالماي ، يەنە بىر قىسىم سۇمرۇغ كۈچىنى سۈمۈرگەن تاشقى پىلانىتلىق سەلبىي ئوبرازنىڭ سۇمرۇغ كۈچىنى ئازراق ئىشلەتكەن ئورنىمۇ چىقمىدى ، ئاخىرىدا ئىككىلىسى ئاسمانغا چىقىپ كىتىپ پارتىلاشتا تەڭ ئۆلدى .

图片[9]-قارا سۇمرۇغ زادى قانچىلىك كۈچلۈك ؟-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

بەلكىم مەنلا ئەمەس ، ڧىلىمنى كۆرگەن مەستانىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇچقۇر تاپاننىڭ داۋاملىق بىر تەگلىك مۇزىكىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى نامايەن قىلغان بىر كۆرنىشىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلدۇ ، بۇ نۇرغۇن مەستانىنىڭ ناھايىتى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدىغان ئارزۇسى .
لىكىن “قارا سۇمرۇغ” بۇ نۇقتىغا كەلگەندە مەستانىلەرنى ناھايىتى ئۈمۈدسىزلەندۈردى ، ئۇچقۇر تاپان نۇر تىزلىكىدە ئادەم قۇتقۇزغاندىن باشقا ، جىن گىرى بىلەن توقۇنۇشقان چاغدا ئۇددۇللا “ھەققانىيەت ئىتتىپاقى” دىكى چاقماق پالۋاننىڭ خاسىيەتلىك ئادەمگە ئىتىلغان ۋاقتىنى كۆچۈرۈپلا ئاپتۇ ، ئۇنىڭ قۇربان بولۇپ كەتمىگىنىگە خوش بولساق بولغىدەك . 

 图片[10]-قارا سۇمرۇغ زادى قانچىلىك كۈچلۈك ؟-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ئۇندىن باشقا يەنە بىر نۇقتا بولسا ڧىلىم ئاخىرىدا كۆزنەك يوق ، لىكىن بىر مەزمۇننى ياخشى ئىپادىلەپ بىرىپتۇ . 
پىنسىيگە چىققان ماگىنىت شاھى بىلەن X پىروڧڧىسور ئاخىرى ئۇرۇش تالاشلار يوق بولغان خاتىرجەم تۇرمىشىنى باشلىدى …. بەلكىم بۇلار سۇمرۇغ قىزغا رەھمەت ئىيتىشى كىرەكتۇ ، ئەگەر ئۇ بولمىغان بوسا ئۇلار ئىككىسى مەڭگۈ قايتا بىر ئورۇنغا قايتىپ كىلەلمەسلىكى مۇمكىن ئىدى . 

图片[11]-قارا سۇمرۇغ زادى قانچىلىك كۈچلۈك ؟-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن .

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى سىز ئاۋال ئىنكاس يىزىڭ

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ