مارۋىل كاپىتانى ڧىلىمىنىڭ 5 چوڭ يارقىن نۇقتىسى

图片[1]-مارۋىل كاپىتانى ڧىلىمىنىڭ 5 چوڭ يارقىن نۇقتىسى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

دوستلار ياخشىمۇسىلەر؟

مارۋىل ڧىلىمى “مارۋىل كاپىتانى” ئاللىقاچان كىنوخانىدا قويۇلۇپ بولدى ، ھازىرغا قەدەر دۆلەت ئىچىدىكى بىلەت كىرىمى 140مىليونغا يەتتى .

 图片[2]-مارۋىل كاپىتانى ڧىلىمىنىڭ 5 چوڭ يارقىن نۇقتىسى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ڧىلىم كىنوخانىدا قويۇلۇشقا باشلىغاندىن تارتىپلا ، تاماشبىنلارنىڭ ئالقىش سادالىرى كىنوخانىنى بىر ئالغان ئىدى ، ئەتراپتىكى مۇھىتمۇ ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى . 
مارۋىل كاپىتانى ئىزچىل ھالدا مەستانىلەرنىڭ “ئەڭ ئاخىرقى قۇتقازغۇچى” دەپ تەرىپلىشىگە ئىرىشىپ كىلۋاتىدۇ .
ھازىر قارايدىغان بولساق ، بۇ  “قۇتقازغۇچى”نىڭ ئورنى ناھايىتى ماسلاشقان  ، زانوسنى مەغلۇپ قىلىشقا ئۈمۈد ئەكىلىپلا قالماي ، يەنە كىلىپ مەستانىلەرگە مارۋىل ڧىلىملىرىنىڭ تەرەقىياتىغا بولغان ئشىنچىسىنى تىكلىگەن .

图片[3]-مارۋىل كاپىتانى ڧىلىمىنىڭ 5 چوڭ يارقىن نۇقتىسى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ئۇنداقتا بۇ ڧىلىمنى كۆرۈشتىن ئاۋال قايسى تەرەپلىرىگە بەكىرەك دىققەت قىلىمىز ؟ 
بۈگۈن ، بىز بىرلىكتە ئادىيغىنە مەستانىلەرنىڭ ڧىلىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كىينكى چۈشەنچىسى بىلەن بىرلىكتە بەھرىمان بولۇپ باقايلى . 

1. كىرى ئادەملىرىنىڭ يۇقىرى پەن تىخنىكىلىق سەۋىيسى 

مارۋىل چاتما رەسىمىدە ، كىرى ئادەملىرى بىلەن سىكىرول ئادەملىرىنىڭ ئىلىم پەن تىخنىكىىسى ئاللىقاچان يەرشارىدىن نەچچە يۈز يىل ھالقىپ كەتكەن .
لىكىن ، كىرى ئادەملىرىنىڭ پەن تىخنىكا سەۋىيەسى سىكىرول ئادەملىرىدىن بىر قەدەر ئۈستۈن تۇرىدۇ . 

图片[4]-مارۋىل كاپىتانى ڧىلىمىنىڭ 5 چوڭ يارقىن نۇقتىسى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

لىكىن ئەجەبلىنەرلىك يىرى شۇكى : كىرى ئادەملىرىنىڭ پەن تىخنىكىسى يۇقىرى بولسىمۇ ، سىكىرول ئادەملىرىنىڭ” ئۆزگىرىش تىخنىكىسىنى” ئىنىق پەرىق ئىتىپ چىقالمايدۇ .
مارۋىل كاپىتانى ڧىلىمىدىمۇ بىز بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ چىقالايمىز .
ڧىلىمدە كىرى ئادەملىرىنىڭ يۇقىرى پەن تىخنىكىلىق ئىمارەتلىرى ، يۇقىرى پەن تىخنىكىلىق قوراللىرى  ۋە دەرجىدىن تاشقىرى ئەقىل پاراسىتى ، مىنىڭچە ھەممىمىزنىڭ ھەيرانلىقىمىزنى قوزغايدۇ . 

2. سىكىرول ئادەملىرىنىڭ “ئۆزگىرىش تىخنىكىسى”

مارۋىل چاتما رەسىمىدە ، سىكىرول ئادەملىرىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى بولسا “خالىغانچە ئۆزىنىڭ گىنىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ ، ھەتتاكى DNA دىن تارتىپ ئۆزگەرتەلەيدۇ” .

图片[5]-مارۋىل كاپىتانى ڧىلىمىنىڭ 5 چوڭ يارقىن نۇقتىسى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

بۇ خىل ئىقتىدار ئۇلارغا خالىغانچە باشقا مىللەت ۋە ئېرىقتىكىلەرنىڭ تاشقى شەكلى ۋە ئاۋازىنى دوراتقۇزالايدۇ . ئۆزگىرىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان سىكرول ئادەملىرى بولسا ھەتتاكى باشقىلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچىنىمۇ دورىيالايدۇ ، ھەتتاكى قارشى تەرەپنىڭ ھىسىياتىنى ۋە خاتىرىسىنى سىزەلەيدۇ. 
سىكىرول ئادەملىرى ئۆز ماكانىنىڭ چوڭىيشى ئۈچۈن ، توختىماستىن باشقا پىلانىتلارغا سوقۇنۇپ كىرىدۇ . 

图片[6]-مارۋىل كاپىتانى ڧىلىمىنىڭ 5 چوڭ يارقىن نۇقتىسى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

مارۋىل ڧىلىمى “مارۋىل كاپىتانى”دا ، سىكىرول ئادەملىرى قارشى تەرەپنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچىنى دورىيالمىغاندىن باشقا ، باشقا ھەممە ئىقتىدارى نامايەن قىلىپ چىقىرىدۇ .

“سەن ھىچقانداق بىر ئادەمگە ئىشىنەلمەيسەن .”

ئەلۋەتتە شۇنداق ، سىكىرول ئادەملىرى پەقەتلا بىرسىگە بىرلا قاراپ قويسىلا ، ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى شەكلىگە ئۆزگىرەلەيدۇ . سىكىرول ئادەملىرىنىڭ “ئۆزگىرىش ئىقتىدارى” خۇددى “جاسسۇسلار ئۇرۇشى” غا ئوخشاش ، ھاياجانغا ۋە تەمتىرەشكە تولغان . 

图片[7]-مارۋىل كاپىتانى ڧىلىمىنىڭ 5 چوڭ يارقىن نۇقتىسى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ڧىلىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن كۆپچىلىكنىڭ بۇ مىللەتكە باشقىچە قىزقىپ قارايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .

3. نىك ڧۇرىي ۋە كوۋسىننىڭ ياش ھالىتى 

“مارۋىل كاپىتانى” تېتىم ڧىلىمى ۋە تەشۋىقات رەسىملىرىدىنلا ، 90- يىللاردىكى نىك ڧۇرىي ۋە كوۋسىن كۆپلىگەن مەستانىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ .

图片[8]-مارۋىل كاپىتانى ڧىلىمىنىڭ 5 چوڭ يارقىن نۇقتىسى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

“مارۋىل كاپىتانى” ڧىلىمىدە ، نىك ڧۇرىي ۋە كوۋسىننىڭ كۆپلىگەن ھەجىۋىي كۆرنۈشلىرى كىرگۈزۈلگەن .
نىك ڧۇرىي بولسا دەرىجىسى تۆۋەنرەك ، باشقا ئالاھىدە ھوقۇقى يوق ئىلاھى قالقان ئىدارىسى ئالاھىدە خادىمى ، كوۋسىن بولسا ئەمدى خىزمەتكە كىرگەن ، ناھايىتى ھەجىۋىي ئىلاھى قالقان ئىدارىسى يىڭى خادىمى . 

图片[9]-مارۋىل كاپىتانى ڧىلىمىنىڭ 5 چوڭ يارقىن نۇقتىسى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

بىر يۈزى بولسا ناھايىتى ئەقىللىق ھىلە مىكىرىگە تولغان ؛ يەنە بىر يۈزى بولسا بىر ئەگەشكۈچى ، لىكىن نۇرغۇنلىغان توغرا قارارلارنى چىقارغان .

4. مارۋىل كاپىتاننىڭ ئۇستازى

مارۋىل چاتما رەسىمىدە ، مارۋىل كاپىتاننىڭ ئۇستازى بولسا تۇنجى ئەۋلاد مارۋىل كاپىتانى “Mar-Vell” .
Mar-Vell”  بولسا ئەسلىدە بىر كىرى ئادىمى ، ئۇ كىرى ئادەملىرىنىڭ ھۆكۈمىرانى “ئەڭ يۇقىرى ئەقىل پاراسەت” تەرپىدىن يەرشارىغا ئەۋەتىلگەن ئىشپىيۇن ئىدى . 

图片[10]-مارۋىل كاپىتانى ڧىلىمىنىڭ 5 چوڭ يارقىن نۇقتىسى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
لىكىن Mar-Vell” بولسا بىر تىنىچلىقپەرۋەر بولغاچقا ، ئەڭ ئاخىرىدا يەرشارى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ياردەملەرنى بىرىدۇ ، شۇڭا ئۇ “مارۋىل كاپىتانى” دەپ ئاتالغان .
“مارۋىل كاپىتانى” ڧىلىمىدە ، مارۋىل كاپىتانى خاتىرىسىنى يوقىتىش سەۋەبلىك ، نۇرغۇنلىغان ئۇستاز تۇتىدۇ . 

图片[11]-مارۋىل كاپىتانى ڧىلىمىنىڭ 5 چوڭ يارقىن نۇقتىسى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

جۇدى . لاۋ كىرى ئادەملىرى قوماندانى رولىنى ئالىدۇ ھەمدە مارۋىل كاپىتاننىڭ ئۇستازلىرىنىڭ بىرى ، لىكىن ئىشلار ئۇنچە ئاددىي ئەمەس ئىدى .
بۇ بۆلەك مەزمۇن ، نۇرغۇنلىغان ئىلمىنىتلار بىلەن تولغان : يۇمۇرىستىك ، ھەركەتچان ، جاسۇسلار ئۇرۇشى ، تەسىرلىك …. دىگەندەك . 

5. مارۋىل كاپىتاننىڭ كۈچلۈك ئىقتىدارى 

مارۋىل چاتما رەسىمىدە ، مارۋىل كاپىتانى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان كۈچ قۇدىرەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي ، يەنە كىلىپ خالىغانچە ئۇچۇلايدۇ ، ھەمدە ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىدارى “قوش يۇلتۇز ھالىتى” .

图片[12]-مارۋىل كاپىتانى ڧىلىمىنىڭ 5 چوڭ يارقىن نۇقتىسى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

قوش يۇلتۇز ھالىتى” دە ، مارۋىل كاپىتانى ئالەم دەرىجىلىك نۇر دولقۇنى ۋە ئىنىرگىيەنى كونتىرول قىلالايدۇ ، يەنە ناھايىتى كۈچلۈك ئىقتىدارىمۇ بار ، ھەمدە نۇر تىزلىكىدىن ئىشىپ ئۇچالايدۇ .
“مارۋىل كاپىتانى” تېتىم ڧىلىمىدە ، بىز ئاللىقاچان مارۋىل كاپىتاننىڭ “قوش يۇلتۇز ھالىتى” گە ئۆتكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز ، ڧىلىمدىكى ئىپادىسى بولسا پۈتۈن مەيداننى زىل زىلگە سالغۇدەك ئىدى . 

图片[13]-مارۋىل كاپىتانى ڧىلىمىنىڭ 5 چوڭ يارقىن نۇقتىسى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ڧىلىمنىڭ ئەۋجىگە چىققان بۆلىكىدىنلا ، مارۋىل كاپىتاننىڭ كۈچ قۇدرىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلۋالالايمىز .  
ئەگەر “قىساسكارلار 4” تە زانوس ئۇدۇللا مارۋىل كاپىتانىغا ئۇچراپ قالسا ، زانوستىن “قورقتۇڭمۇ ؟ “ دەپ سورايدىغان يەرگە كەلدى . 

ڧىلىمنىڭ ئاخىردىىكى مەزمۇندىن ، كۆپچىلىك نۇرغۇنلىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ تاپالايدۇ .
بۇ ڧىلىم “ئامېرىكا كاپىتانى 1” ، “ئامېرىكا كاپىتانى 2” ، “سامانيولى قوغدىغۇچىلىرى 1” ، “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 1” ، “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3” ، “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4” قاتارلىق ڧىلىملار بىلەن باغلىنىشلىق  مۇناسىۋىتى بار . 

图片[14]-مارۋىل كاپىتانى ڧىلىمىنىڭ 5 چوڭ يارقىن نۇقتىسى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

كۆپچىلىكنىڭ كىنوخانىغا بىرىپ “مارۋىل كاپىتانى” ڧىلىمىدىن ھوزۇر ئىلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن .

مەستانىلەرنىڭ يەنە قانداق ئوي پىكىرى ۋە سۇئاللىرى بولسا ئىنكاس رايونىغا قالدۇرۇپ پىكىرلىششىڭلارنى  قارشى ئالىمەن . 
 

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى سىز ئاۋال ئىنكاس يىزىڭ

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ