خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر …
“قىساسكارالار ئىتتىپاقى 4 : ئاخىرىقى ئۇرۇش” مارۋىل سىتودىيسىنىڭ ئەڭ نادىر ئەسىرى ، مارۋىل ئون بىر يىل ئىچىدە ، 22 ڧىلىم ئىشىلىدى ، 400 مىليون مەبلەغ سەرىپ قىلىپ ئىشلىگەن ، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي كىنو رىۋايىتىنى ياراتتى .
دوۋبىيەن تورىدا ئۇنۋىرىسال باھاسى 9.2 بولدى ، دۆلەت ئچىدىلا بىلەت كىرىمى 700 مىليوندىن ئىشىپ بولدى ، تۈنگۈنكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا تۇنجى قويۇلۇش بىلەت كىرىمىنىڭ ئۆزىلا 527مىليون بولغان ، مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا دۆلەت ئىچىدكى بىلەت كىرىمى 3مىليارد 500 مىليون غولغان ، بۇ ئادامنى ھەيران قىلارلىق نەتىجىلەر دۆلتىمىز تارىىدىكى كىنو بىلەت كىرىمى تارىخىنى يىڭىلىدى .
تۈنگۈن مەستانىلەر بىلەن ڧىلىمنىڭ ئالدىنقى مەزمۇنىدىكى ۋەقەلىكلەر ۋە ئوبرازلار ھالىتى توغۇرلۇق ئورتاقلاشقان ئىدۇق . بۈگۈن ڧىلىمنىڭ ئاخىرقى مەزمۇنى ، ھەمدە ڧىلىمنىڭ ئەڭ ئەۋجىگە چىققان بۆلىكى توغرىسىدا مۇنازىرلىشىپ باقايلى .
ڧىلىمنىڭ كىيىنكى بۆلىكى مارۋىل تارىخىدىكى ئەڭ ھەشەمتلىك ھەم ئالدىنقى ڧىلىملاردا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان كۆزنەكلەر بار .
ۋاقىت بوشلۇقىدىن ھالقىپ ئۆتۈش
“قىساسكارلار 4” نىڭ ئۆزى بىزگە ئىككى خىل ئۇقۇمنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ : كىۋانىت دۇنياسى ۋە ۋاقىت بوشلۇقى .
كىۋانىت دۇنياسى بولسا ۋاقىت بوشلۇقىدىن ھالقىپ ئۆتۈشنىڭ ئاچقۇچى ، ۋاقىت بوشلۇقىدىن ھالقىپ ئۆتۈش بولسا كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مەركىزى نۇقتىسى .
قىساسكارلار زانوسقا بەدەل تۆلەتكۈزدى ، ئۇنى ئۆلتۈردى ، ئەمما ئالەم قايتا ئەسلىگە كەلمىدى ، كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەنلەر يەنىلا ئەسلىگە كەلمىدى . قىساسكارلار بۇ قىتىم ئالەمنى قايتا ئەسلىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۆتمۈشتىن چەكسىز گۆھەر تاشلارنى يىغىپ كىلىدۇ ۋە چەكسىز پەلەي ئارقىلىق كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەنلەرنى قايتا تىرىلدۇرۈپ كىلىدۇ .
ئەلۋەتتە بۇ يەردە قايتا تىرىلگىنى پەقەت زانوس ئالدىنقى قىتىم كۈلگە ئايلاندۇرۋەتكەن ئوبرازلار ، ھەرگىزمۇ ئەمىلىي ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئەمەس ، مەسىلەن ۋىزوننى ئىلىپ ئىيتساق ، ئۇ ئالدىنقى قىتىم زانوس بىشىدىن گۆھەر تاشنى يۇلۇپ ئىلۋالغانلىق سەۋەبدىن ئۆلگەن، شۇڭا ئۇ قايتا تىرىلمىدى ، ئەمدى لوكى بىلەن گامورا غا كەلسەك ، بۇلارنىڭ ئىككىلىسى “قىساسكارلار 3” تە ئۆلۈپ كەتكەن ، رەسمىي ھالەتتە تىرلمىدى ، پەقەت ئۆتمۈشكە قايتىپ بارغاندا ئۇلارنىڭ ھايات ۋاقىتنى بىز كۆرەلىدۇق خالاس ، ئۆتمۈشتىكى گامورا كەلگۈسىدە ئۆلدىغانلىقىنى بىلپ زانوستىن يۈز ئۆرىدى ، يولتۇز بايۋەتچىسنى قايتا ياخشى كۆرەلەمدۇ يوق ئۇنىسى نامەلۇم . لوكى بولسا 2012 – يىلىدىكى قىساسكارلار ئۇرۇشى مەزگىلىدىن بوشلۇق تىشىنى ئىشلىتىپ كۆزدىن غايىپ بولدى ، نەگە كەتكىنى تىخى نامەلۇم شۇنداق ئىيتقاندا بۇ ئىككى ئوبراز تىخى ئۆلمىدى .
يوشۇرۇن بومبا
نىبۇلانىڭ بۇ ڧىلىمدىكى ئەڭ مۇھىم ئوبراز بولۇپ قىلىشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز ، مارۋىل ھەقىقەتەن ڧىلىم مەزمۇنىنى ناھايىتى يوشۇرۇن تۇتۇپتىكەن. ئالدىنقى تېتىم ڧىلىملىردىنمۇ بۇ ھەقتە قىلىچىلىك ئۇچۇرغا ئىرشەلمەيمىز .
نىبۇلا ئەڭ باشتىلا قىساسكارلارغا زانوسنىڭ ئورنىنى تىپىشىغا ياردەمدە بولىدۇ ، ھەم كىيىنكى ۋاقىت بوشلۇقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ گۆھەر تاشنى قولغا چۈشۈردىغان چاغدىمۇ قىلچە ئىككىلەنمەي قىساسكارلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ .
نىبۇلا كىچىكىدىن زانوسنىڭ خورلىشىغا ، قاتتىق مەشىق قىلدۇرشىغا ئۇچراپ كەلگەن ، ئۇ داۋاملىق ۋەزىپىسنى ياخىشى ئورۇندىيامىسا زانوس ئۇنىڭ بەدىننى ئاز ئازدىن مىخانىك قۇرۇلما قىلىپ ئۆزگەرتىكەن . شۇنداق بولۇپ ئۇ زانوسنىڭ ئەڭ چوڭ كوزىرى بولۇپ قالغان .
ھارىزقى نىبۇلا بىلەن ئۆتمۈشتىكى نىبۇلانىڭ مىخانىك خاتىرسى ماس قەدەملىك ساقلىنىپ قىلىپ ، ئۆتمۈشتىكى زانوس نىبۇلانى تۇتقۇن قلىۋالىدۇ، ھەمدە كەلگۈسىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسنى ئەينەن ئۇقىۋالدۇ . ھەمدە ئۆتمۈشتىكى ئۆزىگە سادىق بولدىغان نىبۇلانى يەرشارىغا قايتىپ ئىشپىيۇنلىققا سالىدۇ ، ۋە ئۆزىنىڭ ئالەم كىمىسنى ۋاقىت بوشلۇقدىن پايدىلنىپ ھازىرقى ۋاقىتقا كىلىدۇ ۋە قىساسكارلار بىلەن يەنە بىر قىتىم قاتتىق جەڭ قىلىدۇ .
قەھرىمانلارنىڭ قايتا تىرىلىشى
تاشنى ئىزدەش جەريانىدا ئۇلار ئۆزى كۆرۈشنى ئەڭ ئارزۇ قىلغان ئادملىرى بىلەن كۆرشىدۇ، تونىي دادىسى خوۋارد سىتارك بىلەن ئاخىرى كۆڭلى قانغۇدەك پاراڭلىشىدۇ ، ھەمدە دادىسغا : “قىلغان بارىلىق ئىشلىرىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ” دەيدۇ . سىتىۋىن بولسا ئۆزىنىڭ مەشۇقى بولغان ئالاھىدە خادىم كاتنى ئەڭ يىقىن ئارلىقتىن كۆرىۋالىدۇ . سور بولسا ئۆزىنىڭ ئاپىسى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆزىگە تەسەللىي تاپىدۇ ، ھەمدە قايتىش ئالدىدا ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى بولقىسى (مىجولنىر) نى قولغا چۈشۈرۋىلىپ قايتىپ كىتىدۇ .
قەھرىمانلار 6 دانە تاشنىڭ ھەممىنى ئۆتمۈشتىن قايتۇرۇپ ئەكىلىدۇ . بەننا دوكتۇر پەلەينى كىيىپ قولىدىن قاس چىقىرىدۇ- دە كۈلگە ئايلانغان بارلىق مەۋجۇداتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ .
زانوس ھەممە تاشنىڭ بىر يەرگە يىغىلغىننى بىلپ ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي نىبۇلانىڭ ۋاقىت بوشلۇقىدىن ھالقىش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ئالەم كىمىسنى يەرشارىغا ئەكىلىدۇ .
زانوس ئالەم كىمىسى ئارقىلىق قىساسكارلار بازىسىنى ۋەيران قىلۋىتىدۇ ، قىساسكارلاردىكى ئۈچ چوڭ كاتتا باش زانوس بىلەن دوئىلغا چۈشىدۇ .
جەڭ ناھايىتى كەسكىن داۋاملىشىدۇ ، ئىشىنىمەنكى بۇ مارۋىل تارىخىدىكى ئەڭ كەسكىن ئەڭ ھەيۋەتلىك رىۋايەت تۈسىنى ئالغان بىر ئۇرۇش بولۇپ قالىدۇ .ئەينى ۋاقىتتكى زانوس ناھايىتى كۈچلۈك بولغانلىقتىن بۇ ئۈچىنىك كۈچى يىتشمەي قالىدۇ .
چاقماق ئىلاھى بىر قولىدا پالىتىسى (بوران چاپقۇن بۇزغۇنچىسى) يەنە بىر قولىدا بولقىسى (مىجولنىر) بار ھالەتتىمۇ زانوسنىڭ قايتۇرما زەربىسىدە ھاياتدىن ئايرىلغىلى تاس قالىدۇ ، شۇ ۋاقىىتا مۆجىزە يۈز بىرىدۇ ، ئامېرىكا كاپىتانى بولقىنى (مىجولنىر) ناھايىتى مۇكەممەل ھالەتتە كونتىرول قىلىپ زانوسقا قايتۇرما زەربە بىرىدۇ . زانوس غەزەپكە كىلىپ كاپىتانغا ئۆزىنى ئاتىدۇ دە كۈچلۈك قىلىچىنىڭ زەربىلىرى بىلەن كاپىتاننىڭ قالقىنىنى سۇندۇرۋىتىدۇ .
دەسلەپتە مەنمۇ ناھايىتى ھەيران قالغان دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق نەرسە چىقىلىپ كەتتىغۇ ، بۇ “قىساسكارلار 2” دىكى پولات پالۋاننىڭ خىيالى سىزىمىدىكسى بىلەن ئوخشاش بولغان بىر كۈن بولدى . ئەمما كاپىتان ئىشىپ قالغان يىرىم قالقاننى كۆتۈرۈپ قولىغا تىخىمۇ چىڭ باغلىدى دە يەنە دەس تۇرۇپ داۋاملىق ئۇرۇش قىلماقچى بولدى .
دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق نەرسە بىر جىسىم ئەمەس بەلكى — پولاتتىنمۇ قاتتىق ئىرادە .
قىساسكارلارنىڭ يىغىلىشى
شۇ ئەسنادا قايتا تىرىلگەن قەھرىمانلارنىڭ ھەممىسنى خىسلەتلىك دوكتۇر يەتكۈزۈش ئىشكى ئارقىلىق بۇ نەق مەيدانغا باشلاپ كەلگەن ئىدى .
تىتان پىلانىتىدا كۈلگە ئايلانغان ئۆمۈچۈك پالۋان سامانيولى قوغدىغۇچىلىرى ، ۋاكاندادىكى قارا قاپلان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ، ۋاڭ ۋە سىھىرگەرلەر بىرلەشمسدكى بارلىق مۇرتلار ، يەنە قالغان كۈلگە ئايلانغان بارىلىق قەھرىمانلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش مەيدانىغا كىلىدۇ .
ئۇرۇش ناھايىتى چوڭ كۆلەملىك ئىلىپ بىرلىدۇ ، زانوس ئالەم كىمسى ئارقىلىق ھوجۇم قىلغاندا ، مارۋىل كاپىتانى قوش يۇلتۇز ھالىتى ئارقلىق يىتىپ كىلىپ ئۇنىڭ ئالەم كىمىسنى پاچاقلىۋىتدۇ . ھەمدە زانوسنى ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇشقا باشلايدۇ ، زانوس پەلەينى قولىغا ئىلۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قايتا قولدىن قاس چىقىردغان پۇرسەت بەرمەيدۇ ، زانوس كۈچ قۇدرەت تىشنى قولغا ئىلپ تاشنىڭ كۈچىدىن پايدلنىپ مارۋىل كاپىتاننى ئۇرۇپ ئۇچۇرۋىتىدۇ .
زانوس قولىغا پەلەينى قايتا بىر قىتىم كىيىدۇ ، پولات پالۋان مەيۈسلەنگەن ھالدا خىسلەتلىك دوكتۇرغا قارغاندا ، دوكتۇر ئەڭ ئاخىرقى بىر قىتىملىق پۇرسىتنىڭ ئەمدى يىتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ . پولات پالۋان ئىتىلىپ چىقىپ زانوسنىڭ قولىنى تۇتىۋالىدۇ دە گۆھەر تاشنىڭ ھەممىنى ئۆزنىڭ پولات ساۋۇتنىڭ قول قىسمىغا چىقىرۋالىدۇ .
پولات پالۋان تاشنىڭ ھەممىنى قولىغا كىرگۈزۈپ تۇرۇپ “مەن پولات پالۋان” دەيدۇ دە قولىدىن قاس چىقىرىپ زانوس ۋە قول ئاستىدىكى بارىلىق قوشۇنىنى بىرنى قويماي كۈلگە ئايلاندۇرۋىتىدۇ .
گۆھەر تاشنى ئىشلتىش ئۈچۈن ناھايىتى كۈچلۈك بەدەن ۋە كۈچ تەلەپ قىلىندىغان بولغاچقا پولات پالۋان ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ .
تۇنجى ئەۋلاد قىساسكارلار
پولات پالۋان ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ ، چاقماق ئىلاھى گۈناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن سامانيولى قوغدىغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئالەم بوشلۇقىغا سەپەر قىلىدۇ . قارا تۇل خوتۇن روھ تىشىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىدۇ ، بۈركۈت كۆز ئائىلسىدكلەر ئۈچۈن قىساسكارلار ئىتتىپاقىدىن چىكىنىپ چىقىدۇ ، ئامېرىكا كاپىتانى گۆھەر تاشلارنى ئۆتمۈشكە قايتۇرۇپ ئەكىتىپ قايتا يىنىپ كەلمەيدۇ ، ئۆزىنىڭ سۆيگۈنىگە بەرگەن ۋەدىسنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، بىر ئەسىرگە يىقىن سوزۇلغان تانسىنى ئاخىرى ئوينايدۇ .
بۇ ئەڭ گۈزەل نەتىجە ئەمەس ، لىكىن ئەڭ مۇكەممەل بولغان نەتىجە .
مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن .
ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ
تىزىملىتىش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش