قىساسكارلار 4 تىكى ۋاقىت بوشلۇقدىن ھالقىپ ئۆتۈش ساياھىتى

 خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر … 

بەلكىم مەستانىلەرنىڭ ھەممىسى “قىساسكارلار 4” نىڭ تېتىم ڧىلىمىنى كۆرگەن ۋاقىتىلا بۇ ڧىلىمدە ۋاقىت بوشلۇقىدىن ھالقىپ ئۆتۈش بايان قىلدىغانلىقىنى ھىس قىلغاندۇ . لىكىن ئويلاپمۇ باقمىغىنى شۇكى قىساسكارلار ھالقىپ ئۆتكەن ۋاقىت سىزىقى ناھايىتى ئىنىق ھالدا مارۋىل ڧىلىم ئالىمىنىڭ ۋاقىت سىزقى ئۈستىگە نەق چۈشىدۇ ، مەستانىلەر ڧىلىمنى كۆرگەندىن كىيىن بۇ نۇقتىنى ناھايىتى ئىنىق چۈشىندۇ .
تۆۋەندە مەن “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4 : ئاخىرقى ئۇرۇش” ڧىلىىمىنىڭ ۋاقىت سىزقىنى مەستانىلەرگە  سۇنىمەن ، ڧىلىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ھىس قىغنىڭىز بويىچە ئەمىليلەشتۈرۋالسىڭىز بولىدۇ .

“قىساسكارلار ئىتىتپاقى 4” نىڭ مەيدانغا كىرىش ۋاقتى بولسا ، “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3” يەنى چەكسىز ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ 21 كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ،  ئالەم بوشلۇقىدا ئاشلىق تۈگەپ ھاياتىدىن ئۈمۈد ئۈزەي دەپ قالغان پولات پالۋان بىلەن نىبۇلانى ، مارۋىل كاپىتانى قۇتقۇزىۋلىپ يەرشارىغا قايتۇرۇپ ئەكىلىدۇ ، قىساسكارلار زانوسنىڭ ئىزدىركىنى بىلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ گۈللۈكىگە بىرىپ چەكسىز گۆھەر تاشلارنى قايتۇرۇپ ئەكەلمەكچى بولىدۇ ، لىكىن تاشلارنىڭ ئاللىقاچان زانوس تەرپىدىن ۋەيران قىلۋىتىلگىننى بىلگەن چاقماق ئىلاھى غەزەپ بىلەن ئۇنىڭ كاللىسىنى چىپىۋىتىدۇ .

چەكسىز گۆھەر تاشتىن پايدىلنىپ بۇ مەغلۇپ بولغان ئۇرۇشنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بىردىن بىر ئىشەنچى دەل 5 يىلدىن كىيىن يۈز بىرىدۇ ، تاكى ئەڭ مۇھىم ئوبراز — چاشقان مىككىي ،  چۈمۈلە ئادەمنى كىۋانىت دۇنياسىدىن تارتىپ ئىچچىقانغا قەدەر !  بۇ چاغدا ۋاقىت ئاللىقاچان 2023 -يىىلىغا بىرىپ بولىدۇ(نىمىشقا چاشقان مىككىي دىيشىمنىڭ سەۋەبىنى مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس قايتۇرىشىغا قويۇپ قويۇدۇم)

ئىنچىكە ئويلايدىغان مەستانىلەر چوقۇم بۇنى بايقايدۇ ، بۇ يىلمۇ دەل ھەم “X جەڭچى : كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىش” ڧىلىمىنىڭ ھىكايسى يۈز بەرگەن يىلى شۇ .

چۈمۈلە ئادەم قىساسكارلار بازىسىغا يىتىپ كىلىپ كاپىتان قاتارلىقلارغا ، كىۋانىت دۇنياسىدىن پايدىلنىپ ۋاقىت بوشلۇقىدىن ھالقىپ ئۆتۈش ئويىنى ئىيتىدۇ . ھەمدە شۇلار بىلەن بىرلىشىپ بىرىپ تونىينى قايىل قىلىدۇ ، پىيىم دوكتۇرنىڭ كىۋانىت زەرچىسى تىخنىكىسى ئارقىلىپ ئۆتمۈشكە قايتىپ زانوس قولدىن قاس چىقىرىپ كۈلگە ئايلاندۇرۋەتكەنلەرنىڭ ھەممىسنى قۇتۇلدۇرۇپ كەلمەكچى بولىدۇ .

شۇڭا “قىساسكارلار 4” تە ، قىساسكارلارنىڭ ھەممىسى ئايرىم ئايرىم بۆلۈنۈپ ئوخشىمىغان گۆھەر تاشلارنى قايتۇرۇپ كىلىش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ .

ۋاقىت تىشى ، قەلىب تىشى ، بوشلۇق تىشىنى ئىزدەش 
(ۋاقىت سىزىقى : 2012-يىلى “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 1”)

پولات پالۋان ، ئامېرىكا كاپىتان ، چۈمۈلە ئادەم ۋە يىشىل گىگانىت ئادەم بىرلىكتە 2012- يىلىغا كىلىدۇ . 

1. خوك گۇيى سىھىر ئۇستازىنى تىپىپ ئۇنىڭدىن ۋاقىت تىشىنى سورايدۇ ، گۇيى ئۇنىڭغا 5 يىل بالدۇر كىلۋالغانلىقىنى ئىيتىدۇ ، بۇ دەل “خىسلەتلىك دوكتۇر” ڧىلمىنىڭ 2017-يىلى يۈز بىردىغىنى بىلەن بىركىدۇ . ئارقىدىن خوك گۇيىنى ئۆزىنىڭ گىپى ئارقىلىق ئىشەندۈرگەندىن كىىين ، ئاندىن ۋاقىت تىشىنى ئۇنىڭغا بىرىدۇ . (گۇيى خىسلەتلىك دوكتۇرنىڭ نىمىشقا ۋاقىت تىشىنى زانوسقا بەرگەنلىكىدىن ئەجەپلىنىدۇ ، بۇ دەل گۇيىنىڭ ۋاقىت تىشىدىن پايدىلنىپ چەكسىز ئۇرۇشنى يۈز بەرگىننى كۆرەلمىگىننىڭ سەۋەبى ، شۇڭا بۇيەردىكى گۇيي پاراللىل ئالەمگە مەنسۇپ ئەمەس دەپ قارساق بولىدۇ ، ھەقىقىي ۋاقىت ئىچىدىكى گۇيىنىڭ ئۆزى شۇ)

2. كاپىتان بىر ئىغىز “توققۇز باشلىق يىلان ياشىسۇن” دەپلا قەلىب تىشىنى ئالداپ ئىلىپ چىقتى ، ۋەزىپە تامام ! (تاش ھوقۇق ھاسسىنىڭ ئىچىدە)

3. ئۇقۇشماسلىققا ئۇچىرغىنى شۇكى تونىي بىلەن چۈمۈلە ئادەم بوشلۇق تىشىنى قولغا چۈشۈرەلمەيدۇ ، لوكى بۇيەردىكى پۇرسەتتىن پايدىلنىپ بوشلۇق تىشىنى ئىشلتىپ قىچىپ كىتىدۇ . ۋەزىپە مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ، بۇلار ئامالسىز تىخىمۇ ئىلگىركى ۋاقىتقا قايتىپ تاشنى ئىلىپ كەلمەكچى بولىدۇ ، شۇڭا تونىي بىلەن كاپىتان 1970- يىلدىكى ئىلاھى قالقان ئىدارىسىگە كىلىدۇ .


ئۇلارنىڭ بۇيەرگە كىلىش مەقسىتى يالغۇز بوشلۇق تىىشىلا ئەمەس ، يەنە دوكتۇر پىيىمنىڭ تىخمۇ كۆپ بولغان كىۋانت زەرچىسىگە ئىرىشىش .

ھەقىقەت تىشىنى ئىزدەش 
(ۋاقىت سىزىقى : 2013-يىلى “چاقماق ئىلاھى 2”)

زور بىلەن راكىتا راكون 2013- يىلىدىكى ئاسگاردقا بىرىپ ھەقىقەت تىشىنى ئىزدەيدۇ .

ھەقىقەت تىشى (ئىڧىر زەرىچىسى) ، شۇ ۋاقىتتا يەرشارىلىق جىن . ڧوسىتنىڭ بەدىنىدە ئىدى ، ئارقىدىن چاقماق ئىلاھى ئۇنى ئاسگاردقا ئىلىپ كىلىدۇ . زور بىلەن راكىتا راكون شۇ ۋاقىتقا قايتىدۇ .


ئىيتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىگۈدەك ئىش شۇكى ، “قىساسكارلار 4” تە سور بىلەن راكىتا راكون لوكى قاماقلىق ئۆينىڭ يىنىدىن ئوغۇرلىقچە تىزلا ئۆتۈپ كىتىدۇ ، بۇ يەردە ئىكران لوكىنىڭ يان يۈزىگىلا چۈشرۈلگەن ، ئەممە “چاقماق ئىلاھى 2” دە ، ئوخشاش بىر ۋاقىت ئىچىدە لوكى قولدىكى ئويناۋاتقان نەرسىنى توختىتۇپ سەل ئىككىلنىپ بىرنىمنى ئويلاپ قالىدۇ …. بۇ توغرا كىلىپ قىلىشمۇ ؟
راكىتا راكون جىن . ڧوسىتنىڭ بەدىندىكى ئىغىر زەرچىسنى ئىلىپ چىقىدۇ ، چاقماق ئىلاھى بولسا ئاپىسىدىن تەسەللىي تاپىدۇ ، ھەمدە بولقىسنى ئىلىپ يەرشارىغا قايتىدۇ .

كۈچ تىشى ۋە روھ تىشىنى ئىزدەش
(ۋاقىت سىزىقى : 2014-يىلى “سامانيولى قوغدغۇچىلىرى 1”)

قارا تۇل خوتۇن ، بۈركۈت كۆز ، جەڭ ماسىنىسى ، نىبۇلا بىرلىكتە 2014- يىلىغا بارىدۇ ، ئىككى گورۇپىغا بۆلۈنۈپ كۈچ تىشى ۋە روھ تىىشىنى ئىزدەيدۇ .

جەڭ ماشىنىسى بىلەن نىبۇلا بىرلىكتە موراگ پىلانىتىغا بارىدۇ ، ھەمدە كۈچ تىشىنى ئىلپ كىلىشكە مەسئۇل بولىدۇ . شۇنداق ئىيتقاندا ئىنىق ۋاقتى “سامانيولى قوغدىغۇچىلىرى1” نىڭ مەيدان باشلانغان ۋاقتىغا توغرا كىلىدۇ .

ئارقدىكىسى روھ تىشى ، بۈركۈت كۆز بىلەن قارا تۇل خوتۇن بىرلىكتە ۋورمىيىر پىلانىتىغا بارىدۇ . ۋاقىت ئوخشاشلا 2014- يىلى ، بۇ ئىككىسىنىڭ بىلمەيدىغىنى شۇكى روھ تىشىنىڭ قانداق بولغاندا ئاندىن ئۆز قولىغا چۈشىدىغىنى . بۇ بىر بارسا كەلمەس يول ئىدى ، قارا تۇل خوتۇن بىلەن بۈركۈت كۆز ئىچىدە بىرى چوقۇم ئۆلىشى كىرەك ئىدى .
ناتاشا بولسا بىر ئۆمۈر ۋەزىپە ئىجرا قلىپ كەلگەن ئادەم ، ئۇنىڭ ئائىسىدىكلەر يوق ، بار دىيلسە چوقۇمشۇ سەپداشلىرى ۋە شۇ قوغداۋاتقان دۇنيا بولىدۇ ،شۇڭا ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلشقا زارى بولىدۇ.
كىلىنىت بولسا ڧىلىمنىڭ بىشىدىلا ئائلسىدىكلەردىن ئايرىلىپ قالدۇ، ھەمدە بۇ ئازاپقا چىدىيالماي سەرگەردان بوپ كىتىدۇ ، ناتاشانىڭ كۈچىمۇ بۇ ئاخىرقى ئۇرۇشقا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش ئىلىپ كىلەلمەيدۇ ، ھەمدە كىلىنتنىڭ ئائلسىدىكلەر بار ، ئۇ ئائلسدىكلەرنىڭ قايتىپ كىلشىنى ناھايىتى ئۈمۈد قىلىدۇ ، ناتاشا ئايرىلىپ قىلىشنىڭ ئازابىنى چۈشەنگەچكە ئۆزىنى قۇربان قىلىدۇ .
بۇ ئىككىسنىڭ ئوتتۇردىكى ئۇرۇشمۇ ئەملىيەتتە “قىساسكارلار 1” دىكى ئىككى ئادەمنىڭ ئۇرىشىغا ھۆرمەت بىلدۈرگەنلىك بوپ ھىساپلىنىدۇ . ئوخشاش ئىككى ئادەم ، ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىمۇ ھەم ئوخشاش بولغان ، قارا تۇل خوتۇن يىڭىپ چىقتى ، ئالدىنقى قىتىمدا بۈركۈت كۆز ئۇنىڭغا رەھمەت ئىيتقان ، ئەمما بۇ قىتىم ياش ئاققۇزدى ….

شۇنداق قىلىپ 6 دانە تاشنى قىساسكارلار ئۆتمۈشتىن قايتۇرۇپ ئەكىلىدۇ ، قىساسكارلارنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتى ئاخىرى يىتىپ كىلىدۇ ، خوك پەلەينى كىيىپ قولدىن بىر قاس چىقىرىدۇ،  كۈلگە ئايلانغانلارنىڭ ھەممىسى قايتىپ كىلىدۇ .

قىساسكارلارنىڭ ۋاقىت بوشلۇقىدىن ھالقىپ ئۆتكەندە قىلغان بىر خاتالىقى شۇكى ، ئۆتمۈشتىكى زانوسقا ئۆزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى بىلدۈرۈپ قويۇش بولدى ، شۇڭا زانوس پۇرسەتتىن پايدىلنىپ كەلگۈسىگە كىلىدۇ ۋە قىساسكارلار بىلەن بولغان ئاخىرقى جەڭنى باشلايدۇ .

مەستانىلەرنىڭ ڧىلىمگە قارىتا چۈشۈنەلمىگەن ياكى ۋەقەلىكنىڭ سەۋەبىنى ئۇقالمىغان ئورۇنلىرى بولسا ئىنكاس رايونىغا سۇئالىنى قويۇپ قويشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . ئەتىدىكى تىمامدا “قىساسكارلار 4” ئىچىدىكى مەستانىلەر چۈشىنەلمىگەن سۇئاللارنى بىر بىرلەپ يىشىپ چۈشەندۈرىمەن !!! 

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن .


© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ