مارۋىل سىتودىيسىدىن ئەڭ يىڭى تىياتىر——رىۋايەت

图片[1]-مارۋىل سىتودىيسىدىن ئەڭ يىڭى تىياتىر——رىۋايەت-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

 

خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر  … 

 

بۈگۈن مارۋىل سىودىيسى تەرپىدىن ئىشلەنگەن “رىۋايەت” تۈرى ، دىسنىي + مىدىياسى ۋە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تارقىتىلدى .

 

مارۋىل سىتودىيسىدىن ئەڭ يىڭى تىياتىر - رىۋايەت

 

“رىۋايەت” تۈرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەركىزى نۇقتىسى بولسا مارۋىل كائىناتىدىكى مۇھىم ۋاقىتلار ، قەھرىمانلار ، سەلبىي قەھرىمانلارنى بىرمۇ بىر مەركەز قىلغان ئاساستا ئۇلارنىڭ بارىلىق ئىش ئىزلىرى ۋە ھىكايىلىرىنى تېخىمۇ ئىنىق بولغان ئاساستا چۈشەندۈرۈش .

 

مەزكۇر تۈر ئەڭ ئالدى بىلەن ئىككى قىسىم قويۇلدى ، ئايرىم ھالدا ۋاندا ۋە ۋىژىن نىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە ھازىرغا كەلگىچە بولغان ھىكايىلىرى ، ئەلۋەتتە كىلەر ھەپتە ئاخىرىدا “ۋاندا ۋە ۋىژىن” ناملىق تېلۋىزىيە تىياتىرى رەسمىي ھالدا قويۇلۇشقا باشلايدۇ ، شۇ ۋاقىتتا مەن ئەڭ تېز سۈرئەتتە مەستانىلەرگە يىڭى تىياتىرنى تونۇشتۇرىمەن . 

 

ھەيران قالارلىقى شۇكى ، مەزكۇر تۈر بىز باشتا ئويلىغاندەك “ھۆججەتلىك فىلىم” شەكلىدە ئەمەس ، فىلىمدىن كىيىنكى زىيارەت ، ئاخبارات ئۇچۇرى ۋە ئاشكارلانمغان كۆرۈنۈش قاتارلىقلار يوق ، ئىنىق قىلىپ ئىيتقاندا بۇ تۈردىكى فىلىملەر ئاساسەن : ئورگان تەرەپنىڭ بارلىق فىلىملەردىن پايدىلىنىپ ئەڭ نادىر كۆرۈنۈشلەرنى بىر بىرگە چىتشى ئارقىلىق ئايرىم بىر ئوبرازنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلىگەن قىسقا فىلىمى دەپ قارىساق بولىدۇ .

 

مارۋىل سىتودىيسىدىن ئەڭ يىڭى تىياتىر - رىۋايەت

 

بۈگۈنكى تارقىتىلغان ئىككى فىلىمنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 7 مىنۇتلار ئەتراپىدا ، شۇڭا ئاۋال ئىككلى فىلىمنى چىقرىپ قويدۇم كۆرۈپ ھوزۇرلىنشڭلارنى ئۈمۈد قىلمەن .

 

مارۋىل سىتودىيسىدىن ئەڭ يىڭى تىياتىر - رىۋايەت

 

ۋاندا . مەكسىموف (Wanda Maximoff) بىز بىلەن “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 2 : ئولتىران ئەسىرى” ناملىق فىلىمدا تۇنجى يۈز كۆرۈشكەن ، ئەڭ ئاۋال قىساسكارلارنىڭ دۈشمىنى قىياپىتىدە ، ئاندىن قايتا ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىپ قىساسكارلار بىلەن بىر سەپكە قوشۇلغان . 

 

ۋاندا ئۆزىنىڭ بەدىنىكى كۈچ قۇدىرەتنى بايقايدۇ ، ئوخشاشلا ۋاقىتتا ئۇ ناھايىتى ئالاھىدە بولغان بىر تەن — ۋىژىن — بىلەن بولغان ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئىچدىن يەنە بىرخىل كۈچ قۇدىرەتكە ئېرىشىدۇ . 

 

“رىۋايەت” ۋاندانىڭ قانداق ئىچنىشلىق تەقدىرلەرنى بىشدىن ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە قانداق بولۇپ ئۆزىنىڭ ئەڭ يىقىن ئادەملىرىن ئايرىلغانلقى توغرىسىدىكى ھىكايىسىنى سۆزلەيدۇ ، ۋاندانىڭ قانداق بەدەل تۆلەپ خائوس ناملىق كۈچ قۇدىرتنى كونتىرول قىلغانلىقى ، ۋە ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن ساداقەتلىكنى ئۆزنىڭ ئەڭ يىقىن ئادىمگىمۇ بەرمىگەنلىكى ھەققىدە سۆزلەيدۇ .

 

مارۋىل سىتودىيسىدىن ئەڭ يىڭى تىياتىر - رىۋايەت

 

ئوخشاش “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 2 : ئولتىران ئەسىرى” ناملىق فىلىمدا بىز ۋىژىن بىلەن تۇنجى يۈز كۆرۈشكەن ، فىلىمدا ئۇ گەرچە ئىنسانلار تەرپدىن ياسالغان بىر تەڭداشسىز ماشنا ئادەم بولسىمۇ ، لىكىن ئۇ ئاخىرىدا ئىنسانلار تەرەپتە تۇرۇپ كۆرەش قىلىشنى تاللايدۇ .

 

مەزكۇر فىلىم ۋىژىننىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ ، ئۇنىڭ  “ئامېرىكا كاپىتانى 3 : ئىچكى ئۇرۇش” فىلىمىدا ۋاندا مەكسىموف بىلەن بولغان بىر مەزگىللىك رومانتىك ھىسياتىنى تەسۋىرلەيدۇ ، بۇ جەرياندا ئۇ ئىنسانلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھالدا چۈشىنىپ يىتىدۇ ، تەرەقىي قىلىپ تېخىمۇ ئادىمىيلىك ھالىتىگە كىلىدۇ .

 

بارىلىق نۇقتىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا كەلگەندە مەركەزلىشىدۇ ، ئۇ ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىدۇ ، ھەمدە ئۆزىنىڭ سۆيگىنىنى ئۆزىمۇ ئىشەنچ قىلالمىغان بىر كەلگۈسىگە قالدۇرۇپ قويىدۇ .

 

بۇ ئىككەيلەن ئوخشاشلا “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 2” دە تەڭلا مەيدانغا چىققان ، ئۇلارنىڭ تەقدىرى ئاللىبۇرۇن باغلىنىپ بولغان ئىدى .

لىكىن بۇلارنىڭ مارۋىل كائىناتىدىكى كىيىنكى نىشانلىرى تىخى ئىنىق ئەمەس ، بەلكىم ئىچىنىشلىق ھادىسلەر قايتا يۈز بىرىشىمۇ مۇمكىن ، ئاساسلىق مەزمۇننى يەنىلا “ۋاندا ۋە ۋىژىن” ناملىق تېلۋىزىيە تىياتىرىنىڭ قويۇلۇپ بىزگە سۆزلەپ بىرىشىنى كۈتمىسەك بولمايدۇ .

 

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلىشىنى قارشى ئالىمەن ~

 

مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولىسڭىز دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ ❤

مارۋىل سىتودىيسىدىن ئەڭ يىڭى تىياتىر - رىۋايەت

 

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى سىز ئاۋال ئىنكاس يىزىڭ

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ