بوشلۇق تىشى ھەققدە


دوستلار ياخشىمۇسىلەر؟
ئېلان چىكىش ئارقىلىق مىنى قوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. سىز ئېلاننى چەككەچ مىنى قوللىسىڭىز مۇشۇ قوللىرىم سىز ئۈچۈن كىنو تەھلىلى يوللاپ ھارمايدۇ.

 تۈنگۈنكى تىمامدا قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3- بۆلۈمىدىكى باش پىرسوناژ زانوسنىڭ كۈچ قۇدرەت تىشىنى قانداق قولغا كەلتۈرگىننى سۆزلەپ ئوتتۇق ، بۈگۈن فىلىمنىڭ بىشىدىكى كۆرۈنۈش : زانوسنىڭ بوشلۇق تىشىنى چاقماق ئىلاھىنىڭ ئالەم كىمىسدىن ئىلىپ كىتىش ۋەقەلىكى ۋە بوشلۇق تىشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز …


بوشلۇق تىشى : ئالەم بەرپا بولغان چاغدا پارتىلاشتىن كىلپ چىققان 6 دانە تاشنىڭ بىرى. بۇ تاشنىڭ رولى : ھەرقانداق ۋاقىىتتا بىر ئورۇندىن يەنە بىر ئورۇنغا يەتكۈزۈش، ھەمدە بوشلۇقنى خالىغانچە كونتىرول قىلىش. مەسىلەن كونتىرول قىلغۇچى بىر يەردە تۇرۇپ يەنە بىر يەرگە بارماقچى بولۇپ خىيالى ئاياغلاشماي تۇرۇپلا ئۆزىنى شۇ يەردە كۆرىدۇ. 

ھەممەيلەنگە مەلۇم : چاقماق ئىلاھى 3-بۆلۈمىدە ئاسكارد ۋەيران بولغاندىن كىيىن بۇلار بىر ئالەم كىمىسىگە چىقىپ يەرشارىغا ماڭغان ئىدى. ئەپسۇس قىساسكارلارئىتىپاقى 3-بۆلۈمىىنىڭ بىشىدىلا يول ئۈستىدە زانوس ئالەم كىمسىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئىككىنجى تاشنى قولغا چۈشۈرىدۇ. ئۇنداقتا ئىككىنجى تاشنى لوكى قانداق قولغا چۈشۈردى؟

بۇنى چۈشەندۈرۈشتە يەنە باشقا فىلىملەرنى ئەسلەشكە توغرا كەلدى.
بوشلۇق تىشى ئەڭ ئاۋۋال ئامېرىكا كاپىتانى 1-بۆلۈمىدە بىز بىلەن ئۇچىراشقان ئىدى.


بوشلۇق تىشىمۇ ئالدى كەينى بولۇپ 6 قېتىم قولدىن قولغا ئۆتكەن.

1-ئىگىسى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى بىر ئەسكەرنىڭ قولىغا چۈشكەن (بۇ ئەسكەرنىڭ قولىغا قانداق چۈشكىنى تىخىچە نامەلۇم) ھەم بۇ تاشنىڭ كۈچ قۇدىرىتىنى بىلمەيتى. 
2-ئىگىسى قىزىل سۆڭەك: 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن ھايات قالغان ناتسىسلار قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى (گىتلىر ئەمەس) ھەمدە توققۇز باشلىق يىلان تەشكىلاتىنىڭ باش قوماندانى. بۇ تاشنى ئۇ مۇقەددەس دەپ قارالغان چىركاۋدىن قولغا چۈشۈرگەن. ئۇ تاشنىڭ كۈچ قۇدىرتىدىن پايدىلىنىپ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىلا يۇقىرى ئىنىرگىيەلىك لازىر نۇرلۇق ئۇرۇش قوراللىرىنى ياسىغان. ( قىزىل بويالغان خەتكە كېينچە تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىلىدۇ)


 3-ئىگىسى ئىلاھى قالقان ئىدارىسى (神盾局). ئامېرىكا كاپتانى 1-بۆلۈمىدە ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق قىزىل سۆڭەكتىن تارتىۋالىدۇ ھەمدە ئىلاھى قالقان ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. ( قىزىل بويالغان خەتكە كېينچە تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىلىدۇ)


4-ئىگىسى لوكى (Loki) . قىساسكارلار ئىتتىپاقى 1-بۆلۈمىدە ئىلاھى قالقان ئىدارىسى بۇ تاشنى تەتقىق قىلۋاتقان ۋاقتىدا تۇيۇقسىز يەتكۈزۈش ئىشىكى ئىچىلىپ لوكى پەيدا بولۇپ ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق تاشنى ئىلىۋالىدۇ. 


5-ئىگىسى ئاسكاردلىقلار. قىساسكارلار ئىتتىپاقى 1-بۆلۈمىنىڭ ئاخىرىدا لوكى مەغلۇپ بولغاندىن  كىيىن ئۇنىڭ ئاكىسى بولغان چاقماق ئىلاھى تاشنى ئاسكاردقا ئىلىپ كىتىدۇ ھەمدە ئوردىنىڭ مەخپى ساقلاش ئۆيىگە قويۇپ قويىدۇ. 


6-ئىگىسى يەنىلا لوكى. چاقماق ئىلاھى 3-بۆلۈمىنىڭ ئاخىرىدا چاقماق ئىلاھى ئاچىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىنىسى لوكىغا ئوت يالقۇنى گىگانىت ئادىمى سۇرتۇرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، شۇ ۋاقىتتا لوكى تاشنى يەنە ئوغۇرلىۋالىدۇ. دىمەك بۇ تاش ئۇنىڭ قولىغا ئىككىنجى قىتىم چۈشىدۇ .
7-ئىگىسى زانوس ، ئاسكاردلىقلار يەرشارىغا قايتىپ كىتۋاتقان يول ئۈستىدا لوكىنىڭ قولىدىن ئىلىۋالىدۇ .

دىمەك بوشلۇق تىشى مۇشۇنچىلا جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۈپ زانوسنىڭ قولىغا چۈشتى. 


ئەتىدىكى تىمامدا قىساسكارلار ئىتتپاقى ئۈچىنجى بۆلۈمىنىڭ فىلىم چۈشەندۇرلىشىنى يەنە سۆزلەيمەن  .

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ