ھەقىقەت تىشى ھەققىدە

图片[1]-ھەقىقەت تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

دوستلار ياخشىمۇسىلەر؟
ئېلان چىكىش ئارقىلىق مىنى قوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. سىز ئېلاننى چەككەچ مىنى قوللىسىڭىز مۇشۇ قوللىرىم سىز ئۈچۈن كىنو تەھلىلى يوللاپ ھارمايدۇ.

图片[2]-ھەقىقەت تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

 تۈنگۈنكى تىمامدا زانوسنىڭ ئككىنجى تاشنى قانداق قولغا چۈشۈرگەنلىكى ۋە بوشلۇق تىشىنىڭ كۈچ قۇدىرىتىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. بۈگۈن زانوسنىڭ ئۈچىنجى تاشنى قانداق قولغا چۈشۈرگەنلىكى ۋە ھەقىقەت تىشىنىڭ قانداق كۈچى بارلىقىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز. 

图片[3]-ھەقىقەت تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ھەقىقەت تىشى: ئالەم بەرپا بولغان چاغدا پارتىلاشتىن كىلپ چىققان 6 دانە تاشنىڭ بىرى.  كۈچ قۇدىرىتى : كۆڭۈلگە پۈككەن ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، ھىچقانداق فىزىكىلىق چەكلىمىسىگە ئۇچىرىمايدۇ. مەسىلەن كونتىرول قىلغۇچى نىمىنى خاتا دىسە شۇ خاتا، نىمىنى توغرا دىسە شۇ توغرا بولىدۇ، ھەتتاكى كۆڭلىدە ئارزۇ قىلدىغان ئىشلىرى شۇ پىتى رىئاللىققا ئايلىنىدۇ.  

图片[4]-ھەقىقەت تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى :ھەقىقەت تىشى دەل چاقماق ئىلاھى 2-بۆلۈمىدىكى ئىفىر زەرىچىسى (以太粒子) شۇ، چاقماق ئىلاھى 2-بۆلۈمىدە سۇيۇقلۇق شەكىلىدە بىز بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ. لىكىن زانوس بۇ تاشنى يىغىپ ساقلىغۇچىنىڭ يىنىدىن تارتىۋالىدۇ. ئۇنداقتا ھەقىقەت تىشى قانداق بولۇپ يىغىپ ساقلىغۇچىنىڭ قولىدا بولىدۇ ؟  
بىز ئاۋۋال چاقماق ئىلاھى 2-بۆلۈمىدىن باشلاپ سۆزلەيلى .

图片[5]-ھەقىقەت تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

چاقماق ئىلاھى 2-بۆلۈمى قىساسكارلار ئىتتىپاقى نىيۇيوركتا ئۇرۇش قىلىپ بولغاندىن كىيىن چاقماق ئىلاھى زور ئىنىسى لوكىنى ئاسكارد تۈرمسگە قامايدۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا زۇلمەت زېرىكى مالىكىز(Malekith) ئىغىر زەرىچىسنى قولغا چۈشۈرۈپ 9 چوڭ پادىشاھلىققا ھۆكۈمران بولۇش ۋە پۈتۈن ئالەمنى زۇلمەتكە قاپلاش مەقسىتىدە ئاسكاردقا ھۇجۇم قىلىپ تاشنى ئىلىپ كىتىدۇ. 

图片[6]-ھەقىقەت تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
مالىكىز : زۇلمەت زېىركىنىڭ باش قوماندانى شۇنداقلا زۇلمەت دۇنياسى ۋىتارھامنىڭ پادىشاھى. كۆڭلىدە ئاسكاردلىقلاردىن ئۆچ ئىلىشنى ئويلايدۇ ۋە ئۇرۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭ يىرىم يۈزىنى زەخمىلەندۇرىدۇ .فىلىم ئاخىرىدا چاقماق ئىلاھى ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق تاشنى قولغا چۈشۈرىدۇ، ئاسكارد پادىشاھى ئوۋدىن (Odin) بۇ تاشنىڭ خەتەرلىكلىكنى بىلىپ چاقماق ئىلاھىنىڭ سەپدىشى بولغان سىيف ۋە ۋورىستاگقا بۇ تاشنى يىغىپ ساقلىغۇچىغا تاپشۇرۇپ بىرىشنى تاپىلايدۇ.

图片[7]-ھەقىقەت تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
زانوس ئىككنىجى تاشنى قولغا چۈشۈرگەندىن كىين يىغىپ ساقلىغۇچىنىڭ پىلانىتىغا بىرىپ تاشنى قولغا چۈشۈرىدۇ. نەق مۇشۇ چاغدا سامان يولى قوغدىغۇچىلىرى كىلىدۇ، گامورا زانوس تەرپىدىن تۇتۇپ كىتىلىدۇ. بۇ دەل زانوسنىڭ تۆتىنجى تاشنى قولغا چۈشۈرىشنىڭ ئاساسى بوپ قالىدۇ. 

图片[8]-ھەقىقەت تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
زانوس ئۈچىنجى تاشنى قولغا چۈشۈردى ھەممە ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىندەك بولىدۇ، ئەمدى زانوسنىڭ دىگەن گىپى گەپ بولىدۇ. ئەمدى ئۇ روھ تىشىنى ئىزدەشكە ئاتلىنىدۇ،  روھ تىشىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار ؟ كۈچ قۇدىرىتى قانچىلىك ؟  قىزىقسىڭىز ئەتىدىكى تىمامغا دىقەت قىلىڭ . 

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى سىز ئاۋال ئىنكاس يىزىڭ

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ