روھ تىشى ھەققىدە

图片[1]-روھ تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
دوستلار ياخشىمۇسىلەر؟
ئېلان چىكىش ئارقىلىق مىنى قوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. سىز ئېلاننى چەككەچ مىنى قوللىسىڭىز مۇشۇ قوللىرىم سىز ئۈچۈن كىنو تەھلىلى يوللاپ ھارمايدۇ.

图片[2]-روھ تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

 تۈنگۈنكى تىمامدا زانوسنىڭ ئۈچىنجى تاشنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق، زانوس ئۈچ تاشنى قولغا كىرگۈزۈپ بولدى تۆتىنجى تاشنى قانداق قولغا چۈشۈرىدۇ؟ روھ تىشىنىڭ قانداق كۈچ قۇدىرىتى بار؟ بۈگۈن روھ تىشى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىمىز.

图片[3]-روھ تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
روھ تىشى: ئالەم بەرپا بولغان چاغدا پارتىلاشتىن كىلپ چىققان 6 دانە تاشنىڭ بىرى.
كۈچ قۇدىرىتى : ھەر قانداق بىر مەۋجۇداتتىكى روھنى تارتىپ چىقىرىش ،كونتىرول قىلىش ۋە ئۆزگەرتىىش ئالاھىدىلىكى بار. روھ تىشى ھايات جانلىقتىكى روھنى كونتىرول قىلىپلا قالماي ئۆلگەن جانلىقتىكى روھنىمۇباشقۇرالايدۇ، روھ تىشى ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئايرىم ئىڭى ۋە ئىچىرقاپ كەتكەن روھى بار . كونتىرول قىلىغۇچى ھايات ۋە ئۆلۈمنى كونتىرول قىلالايدۇ.

图片[4]-روھ تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
زانوس ئۈچىنجى تاشنى قولغا چۈشۈرگەندىن كىيىن گامورانى تۇتۋىلىپ ئۇنىڭدىن روھ تىشىنىڭ ئىزدىرىكىنى قىلىدۇ. ھەمدە گامورانى روھ تىشى ساقلانغان ۋورمىر پىلانىتىغا بىللە ئاپىرىدۇ. 

图片[5]-روھ تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
زانوس ۋورمىر پىلانىتىدا قىزىل سۆڭەكنى ئۇچىرىتىدۇ، ھەممەيلەنگە مەلۇم قىزىل سۆڭەك ئامېرىكا كاپىتانى فىلىمىدە ئالەم كۇپى(بوشلۇق تىشى) ئارقىلىق باشقا بىر بوشلۇققا كىتىدۇ، لىكىن بىز بۇيەردە قىزىل سۆڭەكنى ئۆلۈك روھ سۈپتىدە كۆرىمىز، ئۇنىڭغا نىمە بولدى؟ نىمشقا بۇيەردە تاشنىڭ ساقلىغۇچىسى بوپ قالدۇ؟  

图片[6]-روھ تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
قىزىل سۆڭەك بوشلۇق ھالقىپ كەلگەندىن كىيىن روھ تىشىغا ئىرىشمەكچى بولىدۇ، ئۇ ئۆز ئالدىغا تاشىنى كونتىرول قىلاماي ئۆلۈك روھقا ئايلىنىپ تاشنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ قالىدۇ.  شۇڭا ئۇ زانوس تاشقا ئىرىشمەكچى بولغاندا ئۇنىڭغا تاشقا قانداق ئىرىشىش توغرىسىدا يول باشلايدۇ . 
 تاشنىڭ كۈچ قۇدىرىتىنى بايان قىلىپ ئۆتتۇق روھ تىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئىڭى بار، ئۇ 6 دانە تاش ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇڭا قىزىل سۆڭەك تاشقا ئىرشىشنى ئويلايدۇ لىكىن تاشقا ئىرىشەلمەيدۇ، زانوس تاشقا ئىرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كىچكدىن باشلاپ بىقىپ چوڭ قىلغان قىزى گامورانى قۇربان قىلىدۇ. 

图片[7]-روھ تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
زانوس روھ تىشىغا ئىرىشكەندىن كىيىن قىزىل سۆڭەككە ئوخشاش ئۆلۈك روھقا ئايلىنىپ قالمايدۇ، لىكىن بىرئاز ۋاقىت ھۇشسىز يىتىپ قالىدۇ، مانا بۇنىڭدىن روھ تىشىنىڭ كۈچىنىڭ باشقا تاشلارغا قارىغاندا تىخمۇ ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

图片[8]-روھ تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
 فىلىم ئاخىرىدا زانوس 6 تاشنىڭ ھەممىنى ئىشلەتكەن ۋاقتىدا قىزى گامورانىڭ كىچىك ۋاقتى بىلەن ئۆز ئارا پاراڭلىشىدۇ. كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى روھ تىشى گامورانىڭ روھىنى تارتىۋالغان. بەلكىم روھ تىشى ھايات ۋە ئۆلۈمنىڭ ھالقىلىق ئاچقۇچىدۇر، قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4-بۆلۈمىدە بەلكىم روھ تىشى ئارقىلىق بەزى ئۆلۈپ كەتكەن پالۋانلار قايتا تىرلىشىمۇ مۇمكىن (بۇ بىر پەرەزغۇ ) .

زانوس تۆتىنجى تاشنى قولغا چۈشۈردى، ئەمدى بەشىنجىسىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پىلانىتىغا قايتىدۇ ، ۋاقىت تىشىنىڭ قانداق كۈچى بار ، زانوس قانداق قىلىپ قولغا چۈشۈرىدۇ ؟ ئەتىدىكى تىمامدا ۋاقىت تىشىنى تالشىش جىڭىنى تەپسىلى تەھلىل قىلمىز .

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى سىز ئاۋال ئىنكاس يىزىڭ

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ