ۋاقىت تىشى ھەققىدە


دوستلار ياخشىمۇسىلەر؟
ئېلان چىكىش ئارقىلىق مىنى قوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. سىز ئېلاننى چەككەچ مىنى قوللىسىڭىز مۇشۇ قوللىرىم سىز ئۈچۈن كىنو تەھلىلى يوللاپ ھارمايدۇ.


تۈنگۈنكى تىمامدا زانوسنىڭ تۆتىنجى تاشنى قانداق قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ۋە روھ تىشىنىڭ قانداق ئالاھىدىلكى بارلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق . بۈگۈن زانوسنىڭ بەشىنجى تاشقا ئىرشىش جەريانى ۋە فىلىمدىكى ۋاقىت تىشىنى تالشىش جىڭىنى مۇلاھىزە قىلىمىز. 


ۋاقىت تىشى: ئالەم بەرپا بولغان چاغدا پارتىلاشتىن كىلپ چىققان 6 دانە تاشنىڭ بىرى.
كۈچ قۇدىرىتى : كونتىرول قىلغۇچى تاش ئارقىلىق ھەر قانداق بىر ۋاقىت ئارلىقىغا بارالايدۇ، ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىنى باشقۇرالايدۇ. تاشنى قورال قىلىپ دۇشمەننى بىر ۋاقىت بوشلۇقىغا سولاپ قويالايدۇ.   

فىلىمدە خىسلەتلىك دوكتۇر، پولات ساۋۇت پالۋان، ئۆمۈچۈك پالۋانلار تىتان پىلانىتىغا كەلگەندە سامان يولى قوغدىغۇچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ، ھەمدە دۈشمىننىڭ زانوس ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن بىرلىكتە زانوسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش تاكتىكىلىرى توغرىسىدا مۇنازىرلىشدۇ، نەق مۇشۇ چاغدا خىسلەتلىك دوكتۇر ۋاقىت تىشى ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى 14000605 قىتىم يۈز برىدىغان ئىھتىماللىقنى كۆرۈپ چىقىدۇ ۋە پولات ساۋۇت پالۋانغا زانوسنى يىڭىش پۇرسىتىنىڭ پەقەت بىر قىتىملا ئىكەنلىكىنى دەيدۇ.

نەق شۇ ۋاقىتتا  زانوس تىتان پىلانىتىغا قايتىپ كىلىدۇ،  خىسلەتلىك دوكتۇر زانوسنىڭ نىمە ئۈچۈن چەكسىز تاشلارنى يىغىۋاتقانلىقىنى سورىغاندا زانوس ئۆزنىڭ ئويىنى سۆزلەپ بىرىدۇ، زانوسنىڭ دىققىتى چىچىلىپ تۇرغاندا پولات ساۋۇت پالۋان تۇنجى بولۇپ زانوسقا ھۇجۇم قىلىدۇ، ئارقىدىن يۇلتۇز بايۋەتچىسى ، ئۆمۈچۈك پالۋانلار قاتارلىقلار ئارقا ئارقىدىن زانوسقا ھۇجۇم قىلىشقا باشلايدۇ.

پالۋانلار ئارقا ئارقىدىن زانوسقا ھۇجۇم قىلىپ قايتۇرما زەربە بىرىدىغان پۇرسەت بەرمەيدۇ ، پالۋانلار بىرلىشىپ زانوسنى مېدىرلىيالماس قىلىپ قويغاندا ياچىۋەك قىز ئاسماندىن سەكرەپ چۈشۈپ زانوسنى ھۇشسىزلاندۇرۇىدۇ، نەق مۇشۇ ۋاقىتتا يۇلتۇز بايۋەتچىسى زانوستىن سۆيگۈنى گامورانىڭ ئىزدىرىكىنى بىلگەندىن كىيىن كەيپىياتى تۇراقسىزلىشپ زانوسنى قايتا ئۇرۇشقا باشلايدۇ، ھۇشسىزلانغان زانوس ئەسلىگە كىلپ قايتۇرما زەربە بىرىشكە باشلايدۇ.

زانوسنىڭ 4 دانە چەكسىز تىشى بار پالۋانلارغا تاقابىل تۇرۇشقا يىتەرلىك ئەمىلىي كۈچى بار، ئارقىدىن خىسلەتلىك دوكتۇر زانوس بىلەن ئىلىشدۇ، لىكىن يەنىلا زانوس كۈچ قۇدرەت تىشى ئارقىلىق خسلەتلىك دوكتۇرنى يىڭىۋلىدۇ.

ئارقىدىن پولات ساۋۇت پالۋان ئۆزنىڭ ئىلغار پەن تىخنىكىلىق قوراللىرى بىلەن زانوسقا ھۇجۇم قىلىدۇ، لىكىن زانوس ناھايتى كۈچلۈك بولغاچقا يەنىلا مەغلۇپ بولىدۇ، زانوس پولات ساۋۇت پالۋاننى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا خىسلەتلىك دوكتۇر ۋاقىت تىشىنى زانوسقا بىرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدۇ .

بەلكىم ھەممىمىز ئويلاپ قىلشىمىز مۇمكىن ، خىسلەتلىك دوكتۇر پولات ساۋۇت پالۋان بىلەن تىتان پىلانىتىغا بېرىۋاتقان ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ تاشنى قوغداش ئۈچۈن ھەممدىن كىچىدىغانلىقنى ھەتتاكى پولات ساۋۇت پالۋاننىڭ ھاياتى خەۋىپ ئاستىدا قالسىمۇ ئىككىلەنمەستىن تاشنى قوغدايدىغانلىقنى ئىيتىدۇ، لىكىن نىمشقا ئىشلار بۇ دەرجىگە بارغاندا ۋاقىت تىشىنى زانوسقا بىرىپ پولات ساۋۇت پالۋاننىڭ جىنىنى قۇتقۇزۇپ قالدۇ؟ خىسلەتلىك دوكتۇر زانوسنى ۋاقىت ئارلىقىغا بەنىت قىلىپ قويسا بولاتتىغۇ ؟ نىمىشقا ئۇنداق قىلماي زانوسنى ئارزۇيىغا يەتكۈزىدۇ؟

خىسلەتلىك دوكتۇر فىلىمىدە ئۇ زۇلمەت بوشلۇقىنىڭ ھۆكۈمىرانى بولغان دومامۇنى(Dormammu) بىر ۋاقىت ئارلىقىغا سولاپ قويۇپ ئۇنىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرۇش مەقسىتىنى ۋەيران قىلىدۇ، ھەمدە ئۇنى ئۆز ئورنىغا قايتۇرىۋىتىدۇ. ئەمما زانوسقا كەلگەندە نىمشقا شۇنداق قىلىپ زانوسنى ۋاقىت ئارلىقىغا سولاپ قويمايدۇ ؟ چۈنكى زانوستا ھازىر تۆت تاش بار ، ۋاقىت تىشى ئۇنى بىر ۋاقىت بوشلۇقىغا سولاپ قويالىغان بىلەن زانوس يەنە بوشلۇق تىشى ئارقىلىق باشقا ئورۇنغا يۆتكىلەلەيدۇ ، ھەمدە خىسلەتلىك دوكتۇر ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر ۋاقىت ئىچىدە شۇڭا ۋاقىت بوشلۇقى ئىچىگە سولاپ قويغىلى بولمايدۇ .


خسلەتلىك دوكتۇر زانوس بىلەن ئىلىشۋاتقاندا ئۆز روھىنى پارچىلاپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغاندا  زانوس روھ تىشى ئارقىلىق ئاسانلا خىسلەتلىك دوكتۇرنىڭ ئۆز تىننى پەرىقلەندۇرۋالىدۇ ۋە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىدۇ ، خىسلەتلىك دوكتۇر روھ باشقۇرۇشنى خىلى پىششىق بىلگەچكە ئۆز روھىنى دەرھال قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالىدۇ، بولمىسا خىسلەتلىك دوكتۇرمۇ ئۆلۈك روھقا ئايلىنىپ قالاتتى .

خىسلەتلىك دوكتۇر نىمىشقا ۋاقىت تىشنى زانوسقا بىرىش ئارقىلىق پولات ساۋۇت پالۋاننىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ؟ ئەگەر زانوس ۋاقىت تىشىغا ئىرشەلمىسە ئۆز مەقسىتىگە يىتەلمەيدۇ ئەمەسمۇ ؟  ھەممەيلەنگە مەلۇم  خىسلەتلىك دوكتۇر تىتان پىلانىتىغا كەلگەندە كەلگۈسىدىكى يۈز بىردىغان 14000605 قىتىملىق ئىھتىماللقنى كۆرۈپ چىقىدۇ، شۇڭا ئۇ ھازىر يۈز بەرگەن ئىھتىماللىقنىمۇ ھەتتاكى زانوسنىڭ تاشنى ئىلىپ نىمىش قىلدىغانلىقنىمۇ پەرەز قىلىپ بولدى.

 شۇڭا ئۇ پولات ساۋۇت پالۋاننىڭ كەلگۈسىدكى مۇھىملىقنى بىلىپ ئۇنى ھايات قويدى ، يۇلتۇز بايۋەتچىسى زانوسنى ئۇرغان چاغدىمۇ ئۇنى توسىمىدى ، ھەتتاكى فىلىم ئاخىرىدا ئۆزى ئۆلىدىغان چاغدا پولات ساۋۇت پالۋانغا بىزنىڭ بۇنىڭدىن باشقا تاللىشىمىز يوق دەيدۇ، كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى خىسلەتلىك دوكتۇر كەلگۈسىنى كۆرۈش جەريانىدا قانداق قىلغاندا زانوسنى مەغلۇب قىلغىلى بولدىغانلىقنى ئۇقۇپ بولغان ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىپ بولغان شۇڭا ئۇ تاش ئارقىلىق پولات ساۋۇت پالۋاننىڭ جىنىنى قۇتقۇزىۋالىدۇ، ئەگەر ئۇ زانوسنى قانداق يىڭىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرىنى باشقىلارغا دەپ بەرسە بەلكىم بۇ ئىشلار يۈز بەرمىگەن بولىشىمۇ مۇمكىن (كىپىنەك ئىففىكتى) ئىدى. 

زانوس بەشىنجى تاشقا ئىرىشتى ئاخىرقى قەلىب تىشىنى قانداق قولغا چۈشۈرىدۇ؟ قەلىب تىشى قانداق تاش ؟ قەلىب تىشى قانداق ئىشلارنى بىشىدىن ئۆتكۈزۇپ زانوسنىڭ قولىغا چۈشىدۇ ؟ بۇنى ئەتىكى تىمامدا تەپسىلىي تەھلىل قىلىمىز . 

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ