قىساسكارلار 3 تىكى يۇيۋىتىلگەن مەزمۇننى قايتا كۆرەلەيمىز

خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر …

ئەڭ يىڭى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا ، مارۋىلنىڭ تۆتنجى بۆلەك مەزمۇنلىرىنىڭ يىتىپ كىلشىگە ئەگىشىپ ، بۆلىكىنىڭ يۇيۋىتىلگەن فىلىم بۆلىكى قايتا ئىكران يۈزىگە چىقىپ بىز بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ ، ئارىسىدىكى بىرى بولسا : ” چاقماق ئىلاھى بىلەن راكىتا راكوننىڭ ئالۋاستى يىلان بىلەن جەڭ قىلىپ بوران چاپقۇن بۇزغۇنچىسىنى قولغا چۈشۈرگەن ۋەقەلىكى . “

قويۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ، مارۋىل فىلىمنىڭ دەسلەپكى لاھلىينىش ئۇقۇم رەسىملىرىنى ئىلان قىلغان ، ئارىسىدىكى بىرى بولسا چاقماق ئىلاھىنىڭ بوران چاپقۇن بۇزغۇنچىسىنى قولغا چۈشۈرۈشتىكى يەنە بىر ۋەقەلىكى بوپ ھىساپلىندۇ ، بۇ ۋەقەلىكتە چاقماق ئىلاھى بىلەن راكىتا راكون بىر سىرلىق پىلانىتقا كىلىدۇ ، ھەمدە بۇيەردىن چاقماق ئىلاھىنىڭ يىڭى قورالى (چاقماق ئىلاھى پالتىسى) — بوران چاپقۇن بۇزغۇنچسىنى قولغا چۈشۈرىدۇ .

لىكىن ئوخشاش ۋاقىتتا بوران چاپقۇن بۇزغۇنچىسىنىڭ قوغدىغۇچىسى ، يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ( دۇنيا چوڭ يىلىنى ) ئالۋاستى يىلان بىلەن ئۇچىرىشىدۇ ، ئاخىرىدا چاقماق ئىلاھى بىلەن راكون ئالۋاستى يىلان بىلەن قانلىق جەڭ قىلغاندىن كىين ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، چاقماق ئىلاھى بوران چاپقۇن بۇزغۇنچىسىغا ئىگە بولىدۇ .

لىكىن بۇ ۋەقەلىك ئەينى ۋاقىتتا مارۋىل تەرپىدىن شاللىۋىتلگەن ، ھەمدە ئۆزگەرتىپ ئىشلنىپ پاكىنەكلەر شاھىنى ئىزدەپ ياردەم سوراش شەكلىنى قوللىنىلغان ، بەلكىم مارۋىل فىلىم لاھىيلىگۈچىلىرى يەنىلا ئالدىنقى بۆلەك ۋەقەلىككە كۆڭۈل بىلسە كىرەك ، شۇڭا بۇ قىتىملىق ئالۋاستى يىلان بىلەن بولغان ئۇرۇش ۋەقەلىكىنى يەنە بىرخىل ئۇسۇلدا مارۋىل تۆتىنجى بۆلەك فىلىمى دا قايتۇرۇپ ئەكەلمەكچى بولغان .

ئالدىنقى مەزگىللەردە مارۋىل ئادەتتىن تاشقىرى ئەجدىھانىڭ فىلىمىدا سەلبىي قەھرىمان بولۇپ مەيدانغا چىقىدغانلىقىنى ئىلان قىلغان ئىدى ، ھەمدە ئادەتتىن تاشقىرى ئەجدىھا ئالۋاستى يىلاننىڭ ئورنىغا دەسستىلىپ قايتىدىن تىكى يۇيۋىتلگەن مەزمۇننىڭ ئورنىنى تولۇقلايدۇ .

ئەمەلىيەتتە ، چاقماق ئىلاھى بىلەن ئالۋاستى يىلاننىڭ ئۇرۇشى ۋەقەلىكىنىڭ ئىلھامى كىلىش مەنبەسى بولسا ، مارۋىل چاتما رەسىمى . بۇ چاتما رەسىمدە  پولات پالۋان بلەن ئادەتتىن تاشقىرى ئەجدىھانىڭ ئۇرۇشى بايان قىلنغان ، لاھىيلىگۈچىنىڭ ئىيتىشىچە ئۇلار ئالۋاستى يىلاننى لاھىيلىگەندە نۇرغۇنلىغان ئادەتتىن تاشقىرى ئەجدىھانىڭ ئىلمىنىتلىرىنى قوللانغان ، ھەمدە قانات ۋە چوڭ مۈڭگۈز قوشۇپ قويغان .

مۇشۇ سەۋەپتىن ، بۇ بۆلەك مەزمۇننى فىلىمىغا قويغاندىن كىين ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان . ئوخشاشلا ۋاقىتتا فىلىم مەزمۇنىدا مەلۇم بىر ۋاستە ئارقىلىق فىلىمىنى تۇتاشتۇرىدۇ ، ئۇچۇرنى ئاشكارلىغۇچىنىڭ ئىيتىشىچە بۇ ۋەقەلىكنى ئىلگىرى مەستانىلەر ئويلاپمۇ باقمىغان ، ئەگەر بۇ مەخپىيەتلىك ئاشكارلىنىپ كەتسە ، چوقۇم نۇرغۇنلىغان ئادەم بۇ ئىككى فىلىمنىڭ ئۆزئارا باغلىنىش مۇناسىۋىتگە ھەيران قالىدۇ !

مارۋىل فىلىم ئالىمىگىمۇ ھازىر 13 يىلچە بولاي دەپ قالدى ، لىكىن مارۋىل ئەزەلدىن رەڭلىك تۇخۇم بۆلىكىنى بىزدىن ئاياپ باققىنى يوق ، بۈگۈنكى يازمامدا ئىيتلىپ ئۆتكەن سىرلىق رەڭلىك تۇخۇم ۋەقەلىكىنى مەستانىلەر بىلەن مۇنازىرلىشىشنى ئويلىدۇم ، بىز تەسەۋۋۇرىمىزنى كەڭ ئىچىپ ئويلاپ باقايلى ، قىنى ھازىر پەرەز قىلغان ۋەقەلىك فىلىم قويۇلغاندا راسلا مەيدانغا چىقامدۇ ؟

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن ~

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ