قەلىب تىشى ھەققىدە

图片[1]-قەلىب تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
دوستلار ياخشىمۇسىلەر؟

تۈنگۈنكى تىمامدا زانوسنىڭ تىتان پىلانىتىدا خىسلەتلىك دوكتۇر ۋە پولات  پالۋان قاتارلىق پالۋانلار بىلەن ئىلىشىپ ۋاقىت تىشىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى سۆزلىگەن ئىدۇق. بۈگۈن زانوسنىڭ ئاخىرقى تاش قەلىب تىشىنى قانداق قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ۋە قەلىب تىشىنىڭ كۈچ قۇدىرىتىنى سۆزلەيمىز. 

图片[2]-قەلىب تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
قەلىب تىشى: ئالەم بەرپا بولغان چاغدا پارتىلاشتىن كىلپ چىققان 6 دانە تاشنىڭ بىرى.
كۈچ قۇدىرىتى : ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئىنىرگىيسى بار، ئىشلەتكۈچىنىڭ تەپەككۇرى ۋە  قەلىب كۈچىنى كۈچەيتىدۇ، ھەمدە دۈشمىنىنىڭ ئىڭىنى كونتىرول قىلالايدۇ ۋە خاتىرسىگە كىرىپ خىيالى سىزىم پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر باشقا تاشلارنىڭ كۈچى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە  ئىنىرگىيسى تىخىمۇ كۈچلىنىپ، بارىلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن باشقۇرالايدۇ. (قارشى تەرەپ جانلىق ياكى جىنى يوق بىر جىسىم بولسىمۇ ئوخشاشلا كونتىرول قىلىدۇ)

图片[3]-قەلىب تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى قەلىب تىشى بىز بىلەن قىساسكارلار ئىتتىپاقى 1-بۆلۈمىدە روكىنىڭ ھوقۇق ھاسسى ئىچىدە بىز بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ، روكى ھوقۇق ھاسسى ئارقىلىق بۈركۈت كۆز ۋە ئېرىك دوكتۇر قاتارلىقلارنىڭ ئىڭىنى كونتىرول قىلىۋالىدۇ ۋە ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ. 

图片[4]-قەلىب تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

روكى بوشلۇق تىشىغا ئىرىشكەندىن كىيىن بىر يەتكۈزۈش ئىشىكىنى ئىچىپ زانوسنىڭ قوشۇنىنى باشلاپ كىلىدۇ ۋە نىيۇيوركتا بىر بالايى ئاپەت ياغدۇرىدۇ، فىلىم ئاخىرىدا قارا تۇل خوتۇن ھوقوق ھاسسى ئارقىلىق بوشلۇق تىشى ئاچقان يەتكۈزۈش ئىشىكىنى تاقاپ جەڭنى ئاياغلاشتۇرىدۇ. روكى پولات پالۋاننى كونتىرول قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ لىكىن ئۇنى كونتىرول قىلالمايدۇ ، چۈنكى پولات پالۋاننىڭ كۆكرىكىدىكى يادىرو رېئاكسىيسى بولسا مەڭگۈلۈك بىر ئىنىرگىيە كۈچى، ئۇنىڭدىكى ئىلىمنىت بوشلۇق تىشىدىكىسىگە ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن روكى پولەت پالۋاننىڭ ئىڭىنى كونتىرول قىلالمايدۇ. 

图片[5]-قەلىب تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
قىساسكارلار ئىتتىپاقى 1-بۆلۈمىدە پالۋانلار بىرلىشىپ روكىغا تاقابىل تۇرۇىدۇ، ۋە ھوقۇق ھاسسىنى تارتىۋالىدۇ، ئەمدى قىساسكارلار ئىتتىپاقى 2- بۆلۈمگە قارايلى…. 
ھەممىمىزگە مەلۇم پولات  پالۋان ۋە يىشىل گىگانىت ئادەم ئىككلىسى ئالىم، ئۇلار بىرلىكتە ھوقۇق ھاسسىنىڭ كۈچىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئەجىر سىڭدۈرىدۇ ھەمدە بىرلىكتە ئولىتراننى(Ultron) لاھىيەلەپ چىقىدۇ. پولات پالۋاننىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستىمىسى جارۋىس ھەممىزگە تونۇشلۇق ، ئۇلار جارۋىس بىلەن قەلىب تىشىنى بىللە قويۇپ قويغاندا قەلىب تىشى بىر مەۋھۇم بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستىما جارۋىسقا ھۇجۇم قىلىدۇ. 

图片[6]-قەلىب تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

قەلىب تىشى ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە جارۋىسنىڭ ئىڭىغا كىرىپ ئۆزىنى ئايرىم بىر تەن قىلپ ياساپ چىقىدۇ، ۋە ئۆزىنى ئولتىران دەپ ئاتايدۇ، ئولتىران پولات ساۋۇت پالۋاننىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستىمىسغا ئىرىشكەندىن كىيىن ئۆزىنى توختىماي يىڭىلاپ ئەيدىمەن مىتالى (ۋاجرا بۆرىنىڭ تىرنىقىدكى مىتال) ئارقىلق ئۆز تىننى ياساپ چىقىدۇ، ئەيدىمەن مىتالى ھەممىزگە مەلۇم ئالەمدىكى ئەڭ قاتتىق مىتال ھىساپلىنىدۇ.  

图片[7]-قەلىب تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ئولتىران ئۆز تىننى قەلىب تىىشنى بىرلەشتۇرۇپ ياساش مەقسىتىدە يىڭى بىر تەن ياسايدۇ، ۋە ھوقۇق ھاسسىنى قايتۇرۋالماقچى بولۇپ قىساسكارلار بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ،  يىڭى ياسىماقچى بولغان تەن ياسىلىپ يىرىمغا كەلگەندە قىساسكارلار ئىتتىپاقىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىراپ يىڭى تىنى ۋە قەلىب تىشىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ، قىساسكارلار بۇ يىڭى تەننى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تالاش تارتىش قىلۋاتقاندا ۋىزون تىرىلىدۇ. 

图片[8]-قەلىب تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
يىڭى بىر دەرجىدىن تاشقىرى ماشىنا ئادەم قىساسكارلار ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇپ ئولترانغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرىدۇ، ۋە فىلىم ئاخىرىدا ۋىزوننىڭ قەلىب تىشى كۈچى ئارقىلىق قويۇپ بەرگەن لازىر نۇرى ، چاقماق ئىلاھىنىڭ كۈچى ۋە پولات پالۋاننىڭ بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىشى ئاستىدا ئولتىران ئاخىرى مەغلۇپ بولىدۇ ھەمدە ۋايران بولىدۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ قەلىب تىشى ئىزچىل ۋىزوننىڭ بىشىدا تۇرىدۇ. 
图片[9]-قەلىب تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ئەمدى بىز دىققىتىمىزنى زونوسقا بۇرايلى ، ئۇ خىسلەتلىك دوكتۇردىن ۋاقىت تىشىنى تارتىۋالغاندىن كىيىن بوشلۇق ئاتلاپ يەر شارىغا كىلىدۇ، ھەمدە قىساسكارلاردىن قەلىب تىشىنى تارتىۋىلىش ئۇچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ،  ۋىزون قاتتىق يارلانغانلىق سەۋەبى بىلەن ۋاكاندا دۆلىتىدە ئىلغار پەن تىخنىكا بىلەن داۋالىنۋاتاتتى ، ئۇ ئۆزى سۆيگەن قىز قىزىل پىرىخونغا(Scarlet Witchئەگەر زانوس تاشقا ئىرىشمەكچى بولسا ئۇنىڭ سىھرىي كۈچىنى ئىشلىتىپ تاشنى ۋەيران قىلۋىتىشنى ئىيتىدۇ، ھەمدە فىلىم ئاخىرىدىمۇ زانوسقا تاقابىل تۇرالماي ئامالسىز تاشنى ۋەيران قىلىدۇ، ۋىزونمۇ ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئىيتقان ھالدا ياش ئاققۇزغان ھالدا دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ.

图片[10]-قەلىب تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ئۇلارنىڭ ئىشىغا كەلمىگىنى شۇكى زانوستا ۋاقىت تىشى بار، زانوس رەھىمسىزلىك بىلەن ۋىزوننى قايتا تىرىلدۈرۈپ تاشنى ئىلۋالىدۇ. ھەمدە 6 تاشنىڭ ھەممىنى ئۆز قولىغا چۈشۈرىدۇ، ئۇنىڭ مەقسىتى ئەمدى ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى.

图片[11]-قەلىب تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

چاقماق ئىلاھىنىڭ ئاخىرقى ھۇجۇمى ئۇنى ھالسىزلاندۇرۇپ قويغان بولسىمۇ يەنىلا مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى توسىيالمىدى،  زانوس ھالسىزلانغان ھالدا سەن ئەسلى مىنىڭ بىشىمغا توغىرلاپ ئىتىشىڭ كىرەك ئىدى دىگىنىچە قولىدىن قاس چىقىرىپلا پۈتۈن ئالەمدىكى يىرىم مەۋجۇدانتى كۈلگە ئايلاندۇرۋىتىدۇ. 

图片[12]-قەلىب تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى
قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3-بۆلۈمدىكى زانوسنىڭ بارلىق تاشلارنى يىغىپ ئۆزنىڭ ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىنى بايان قىلىپ بولدۇق ، ئەتىدكى تىمامدا بىز ئالدىنقى تىملىرمىزدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئىلاھى قالقان ئىدارىسى ۋە توققۇز باشلىق يىلان تەشكىلاتىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز،  دىققىتىڭىز سالونىمىزدا بولسۇن  .

图片[13]-قەلىب تىشى ھەققىدە-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى سىز ئاۋال ئىنكاس يىزىڭ

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ