خوۋارد سىتاركنىڭ ئۆلۈمى 《قارا تۇل خوتۇن》 ڧىلىمىدا ئاشكارلىنىدۇ

图片[1]-خوۋارد سىتاركنىڭ ئۆلۈمى 《قارا تۇل خوتۇن》 ڧىلىمىدا ئاشكارلىنىدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر …

بۇ يىلى يۇقۇم سەۋەبدىن گەرچە مارۋىل ڧىلىملىرى ئارقا ئارقىدىن قويۇلشتىن كىچكتۈرۈلگەن بولسىمۇ ، لىكىن بۇ ھەرگىزمۇ مەستانىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى سۇسلىتالمىدى ، ئەسلى مۇشۇ يىلى 5- ئايدا قويۇلماقچى بولغان ڧىلىمى ئارقا ئارقدىن ئەڭ يىڭى مەزمۇنلارنى چىقىرىپ تۇردى ، بۇمۇ ئورگان تەرەپنىڭ مەستانىلەرگە بولغان بىرخىل ئىشەنچىسى بولسا كىرەك .

يىقىندا مارۋىل ئورگان تەرەپ ڧىلىمدىكى لاتىن ئەۋلادى ئوبرازىنىڭ مۇھىم بىر يىپ ئۇچىنى ئاشكارلىدى .

图片[2]-خوۋارد سىتاركنىڭ ئۆلۈمى 《قارا تۇل خوتۇن》 ڧىلىمىدا ئاشكارلىنىدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ئۇچۇردا ، ڧىلىمدە قەھرىمانلار ئىچكى ئۇرۇشىدىن كىيىن ، ناتاشانىڭ ئۆزى يالغۇز ئامېرىكا ھۆكىمىتىنىڭ قوغلاپ تۇتىشىدىن قاچقانلىقىنى ، ھەمدە ئىلگىركى “قىرىندىشى” نى ئۇچراتقانلىقى ، شۇنىڭ بىلەن ئىزچىل مەخپىي ساقلىنىپ كەلگەن سىرلىق ھىكايىنىڭ ئاشكارلانغانلقى سۆزلەنگەن ، لكىن ئەجەبلنەرلىكى شۇكى ، بۇ قىتىمقى ئىشلار تونىي .سىتارك ۋە سىتىۋىن . روجىس قاتارلىق قىساسكارلار ئىتتپاقىنىڭ يادرولۇق ئەزالىرىغا مۇناسىۋەتلىكتەك تۇراتتى .

ھەممىمىزگە مەلۇم ، ڧىلىمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئامېركا ۋە سوۋىت ئىتتپاقىنىڭ سوغۇق ئۇرۇشى يوشۇرۇنغان ، ئىككى دۆلەت ناھايىتى قىزغىن بولغان ھەربىي ئىشلار مۇسابقىسى ئۆتكۈزىدۇ ، ئامېرىكا ئىككنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياساپ چىققان دەرىجىدىن تاشقىرى جەڭچى قان زەردابى ئامېرىكا كاپىتانىنى بارلىققا كەلتۈردى ، شۇنىڭ بىلەن سوۋىت ئىتتپاقىمۇ بوش كەلمەي مەخپىي ھالدا تەتقىقات ئىلىپ بىرىپ ، سوۋىت  ئارمىيسى كاپىتانى يەنى قىزىل قوغدىغۇچىنى بارلىققا كەلتۈردى .

لىكىن ئىنىقكى ئىككى تەرەپنىڭ رىقابەتلەشكىنى پەقەت بۇلا ئەمەس .

图片[3]-خوۋارد سىتاركنىڭ ئۆلۈمى 《قارا تۇل خوتۇن》 ڧىلىمىدا ئاشكارلىنىدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

بۇ قىتىمقى ئورگان تەرەپ ئوبرازنىڭ قىسقچە تەرجىمھالىدا يەنە تىلغا ئىلىنغىنى ، ڧىلىمىدا ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن 1991 -يىلى خوۋارد.سىتاركنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارلاپ بىرىدۇ .

بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا كاپىتانى 3> تە بىز خوۋارد ئەر ئايالنىڭ ، مىڭىسىنى يۇيۇپ كونتىرول قىلىنغاندىن كىينكى زىمستان جەڭچىسنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلەلەيمىز ، لىكىن ھىچكىم بىزگە بۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسنىڭ سەۋەبىنى دەپ بەرمىگەن .

图片[4]-خوۋارد سىتاركنىڭ ئۆلۈمى 《قارا تۇل خوتۇن》 ڧىلىمىدا ئاشكارلىنىدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

ئەمدى راۋۇرۇس تەسەۋۋۇر قىلىدغان يەرگە كەلدى :

يۇقارقى ماتىرياللاردىن بىز شۇنى كۆرۋالالايمىزكى ، زىمىستان جەڭچىنىڭ خوۋارد . سىتاركنى قەستلەپ ئۆلتۈرشىنىڭ سەۋەبى بولسا ، ئامېرىكا ۋە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىكى ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن . چۈنكى خوۋارد سىتاركنىڭ قولىدا كۆپلىگەن يادرولۇق تەتقىقاتلار تىخنىكىسى بار ، شۇڭا سوۋىت ئىتتىپاقى توققۇز باشلىق يىلان بىلەن تىل برىكتۈرۈپ خوۋارد سىتاركنى قەستلەپ ئۆلتۈرىدۇ . بۇنىڭ ۋەقەنى سىياسىيونلارنىڭ ئىلشىشنىڭ نەتىجىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىساق بولىدۇ .

ئەمدى قىزىل قوغدىغۇچىغا قارايدغان بولساق ، ئورگان تەرەپنىڭ بىكىتكەن ئۆلچىمىدە بولسا ، ئۇ دەل روسىيە (سوۋىت ئىتتپاقى) نىڭ كاپىتانى ، خۇددى ئامېرىكا كاپىتانىغا ئوخشاش . مەلۇم بىر مەنىدىن ئىلىپ ئىيتقاندىمۇ ، ئۇ سوۋىت ئىتتپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمۈدى ئىدى .

ئۇ بىر دەرىجىدىن تاشقىرى جەڭچى ، ئوخشاشلا يەنە كىلپ ئىشپىيۇن سالاھىيتگە ئىگە ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا ئۇنىڭ قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى نۇرغۇن ، لىكىن سوۋىت ئىتتپاقىنىڭ پارچىلنىشى بىلەن ئۇمۇ خاراپلاشىشقا باشلىغان .

图片[5]-خوۋارد سىتاركنىڭ ئۆلۈمى 《قارا تۇل خوتۇن》 ڧىلىمىدا ئاشكارلىنىدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

مارۋىل چاتما رەسىمى تا ئىيتلىپ ئۆتكەندەك ، سوۋىت ئىتتىپاقى ئىزچىل ھالدا يىڭى تەتقىقات نەتىجىسى چىقىرالمايدۇ ، شۇڭا بۇ قىتىمقى ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسدە ئىزچىل ھالدا ئامېرىكا تەرپىدىن بىسلىپ تۇرىدۇ ، لىكىن قىزىل قوغدىغۇچىنىڭ مەيدانغا چىقىشى بۇ ئەھۋالنى ناھايىتى كۆرنەرلىك ھالدا ئۆزگەرتكەن ، لىكىن نىمىشقا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇ بۇنداق خارابلىشىپ كىتىدۇ ؟ ئەسلى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلنىپ كەتسىمۇ ، لىكىن قىزىل قوغدىغۇچىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە بولغان قىممىتى تىخىمۇ چوڭقۇر بولسا توغرا بولاتتى ، بۇنىڭ ئارقىسدا قانداق يوشۇرۇن ۋەقەلىكلەر بار ؟ بىز بۇنى كىنو قويۇلغاندىن كىيىن ئاندىن ئىزدەپ تاپالايمىز .

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن ~

图片[6]-خوۋارد سىتاركنىڭ ئۆلۈمى 《قارا تۇل خوتۇن》 ڧىلىمىدا ئاشكارلىنىدۇ-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى سىز ئاۋال ئىنكاس يىزىڭ

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ