چاقماق ئىلاھى بولقىسنىڭ بۇ ئىقتدارىنى ئىشلتىپ باقمىغان

خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر …

مارۋىل ڧىلىم ئالىمىدە چاقماق ئىلاھى بولقىسى (مىجولنىر) ناھايىتى كۈچلۈك قوراللارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ، چاقماق ئىلاھى بولقىسنىڭ ئۆزدىكى بىر قىسمى بولىسلا ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئالەم بوران چاپقۇنىنىڭ بىر قىسمى ، ئوۋدىن بۇنى بايقىغاندىن كىيىن ، سىھىر بىلەن بوران چاپقۇنلارنى ئۇم پولاتى ئىچىگە بەنىد قىلغان ، ھەمدە پاكىنەكلەر شاھىغا بۇنىڭدىن پايدىلنىپ مىجولنىرنى ياساتقۇزغان .

كىنولاردا ، چاقماق ئىلاھى بولقىسى(مىجولنىر) نىڭ ئىگىسىنى تونۇش ئىقتدارى ، ئىشلەتكۈچنى ئىلپ ئۇچۇش ، چاقماق ۋە بوران چاپقۇن پەيدا قىلىش ، ناھايىتى قاتتىق  ۋە مۇستەھكەم (بۇيەردە خەيلانى سانىماي تۇرايلى) قاتارلىق ئىقتدارلىرى بار ، ھەمدە مۇشۇ ئىقتىدارلىرى ئارقىلىق چاقماق ئىلاھىنى مارۋىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك قەھرىماننىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان .

لىكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى چاقماق ئىلاھى بولقىسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىقتدارى ئەمەس ،چاقماق ئىلاھى بولقىسنىڭ مارۋىل چاتما رەسىملىرىدىكى لاھىيلىنىشىدە ، ئۇنىڭ يەنە ئەڭ كۈچلۈك بولغان بىر سىرلىق ئىقتدارى بار — ئىنىرگىيە قوبۇل قىلىش .

ئۇنىڭ لاھىيلىنىشدە بولسا ، چاقماق ئىلاھى بولقىسى ئەملىيەتتە نۇرغۇنلىغان ئالەم مەۋجۇداتلىرىدىنمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ، ئۇ ئالەم بەرپا بولغان ۋاقىتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە بارلىققا كەلگەن، ھەرقانداق ئالەم ئىنىرگىيسىگە ناھايىتى تونۇش ، ئۇنىڭ چاقماق پەيدا قىلىش ئىقتدارىدىن باشقا  ، چاقماق ئىلاھى بولقىسى يەنە كۆپىنچە ئالەم ئىنىرگىيەلىرنى قوبۇل قىلالايدۇ ، ھەمدە قوبۇل قىلغان ئىنىرگىينى ئۆزىنىڭ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلالايدۇ .

1968- يىلى نەشردىن چىققان <كۆمۈش سەييارە #4> تە ، لوكى ھىلە ئىشلىتپ ، كۈمۈش سەييارىنى كونتىرول قىلىپ چاقماق ئىلاھى بىلەن دۈشمەنلەشتۈرۈپ قويىدۇ، كۈمۈش سەييارە ئالەم ئىنىرگىيسى ئارقلىق چاقماق ئىلاھىغا ھۇجۇم قىلغاندا ، چاقماق ئىلاھى مىجولنىر ئارقىلىق، ناھايىتى ئاسانلا ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئالەم ئىنىرگىيە دولقۇنىنى قوبۇل قىلىۋالىدۇ.

ئوخشاشلا بۇ ئىقتدار ھەتتاكى چەكسىز گۆھەر تاشلار بىلەن تەڭپۇڭ ھالەتتە كۈچئىلشپ تۇرالايدۇ ، مارىۋل چاتما رەسملىرىدە ، چاقماق ئىلاھى  قولىدا چەكسىز گۆھەر تاشلاربار بولغان زانوس بىلەن ئۇرۇش قىلغان .

زانوس چەكسىز گۆھەر تاشلاردىن پايدلنىپ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئىنىرگىيە نۇرىنى چاقماق ئىلاھىغا ئاتىدۇ، چاقماق ئىلاھى مىجولنىرنىڭ ئالاھىدە ئىقتداردىن پايدىلىنىپ ، بۇ نۇرنى قوبۇل قىلۋالىدۇ ، ھەمدە يۈز ھەسسە چوڭايتىپ زانوسقا قايتۇرۋىتىدۇ .

بىر تەرەپتە تۇرۇپ ئوغۇرلىقچە كۆزىتۋاتقان (كۆزەتكۈچىلەر) بۇنىڭدىن ناھايىتى ھەيران قالىدۇ ، ھەتتاكى مىجولنىر قوبۇل قىلغان بۇ ئىنىرگىيە نۇرىنىڭ بىر پىلانىتنى ۋەيران قىلۋەتكۈدەك كۈچى بارلىقىنى بايقايدۇ .

لىكىن بىز چاقماق ئىلاھىنى ئالدىنقى ئىپادىسگە قارايدغان بولساق ، ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ پولات پالۋانغا توك  قاچلاپ بەرگىننى بىلەلەيمىز ، ھەمدە ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى مارۋىل ڧىلىم ئالىمىدىكى مىجولنىر ئاللىقاچان ۋەيران بولدى .

مىجولنىر گەرچە “قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4” تە ناھايىتى ئاز ۋاقىتلا مەيدانغا چىققان بولسىمۇ ، لىكىن يەنىلا كاپىتان تەرپدىن ئۆتمۈشكە قايتۇرۇپ كىتلدى ، مارۋىل مەستانىلىرىنىڭ كىنو ئىچىدە مىجولنىرنىڭ بۇئىقتدارىنى كۆرۈشكە قانچلىك تەقەززا بولغىننى بىلىمىز، ئەمما ساقلاپ تۇرساق “چاقماق ئىلاھى 4” تە مىجولنىر يەنە بىز بىلەن قايتا يۈز كۆرىشىدۇ !

بىز تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى ، ئەگەر مارۋىل ڧىلىم ئالىمىدە مىجولنىرنىڭ بۇ ئىقتدارى پەيدا بولغان بولسا ، زانوسنى مەغلۇب قىلىش ھەرگىزمۇ بۇنچە تەسكە توختىمايتى ، چاقماق ئىلاھىمۇ ئاللقاچان زانوسنىڭ كاللىسنى چىپىپ تاشلىغان بولاتتى .

ئەلۋەتتە ، چاقماق ئىلاھى قىلالشى مۇمكىن ئىدى ، لىكىن ئۇ زانوس بىلەن ئۇچىرشىشنىڭ ئالدىدا خەيلا مىجولنىرنى مىجىپ سۇندۇرۋەتتى …

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن ~

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ