چەكسىز گۆھەر تاشنىڭ كىلىپ چىقىشى

图片[1]-چەكسىز گۆھەر تاشنىڭ كىلىپ چىقىشى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

دوستلار ياخشىمۇسىلەر؟

چەكسىز گۆھەر تاش بولسا پۈتۈن مارۋىل فىلىم ئالىمىنىڭ تەرەقىياتىنى يۈرگۈزىدىغان يادرولۇق قورال .

چەكسىز گۆھەر تاشنىڭ ئەسلىي قىياپىتى قانداق ؟ گۆھەر تاشلار ئالەم بوشلۇقىدا قانچىلىك ۋاقىت ئىقىپ يۈردى ؟ گۆھەر تاشنىڭ نىمە ئۈچۈن ئالەمنى ۋەيران قىلغۇدەك كۈچ قۇدىرىتى بار؟

图片[2]-چەكسىز گۆھەر تاشنىڭ كىلىپ چىقىشى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

بۇنىڭ جاۋابىنى بىز مارۋىل چاتما رەسىملىرىدە تاپالايمىز . 

مارۋىل داۋاملىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىن ، ئەپسانە ،ھىكايىلەرنى چاتما رەسىم ئىچىگە قىستۇرۋىتىدۇ .

مەسىلەن جۇڭگۇدىكى كۇئىلۇن تىغى ، بۇددا دىنى ؛ يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى خىركىلىس ، كىرانوس ؛ شىمالىي ياۋروپا ئەپسانىلىرىدىكى ئاسكارد ئىلاھلىرى قاتارلىقلار .

 

图片[3]-چەكسىز گۆھەر تاشنىڭ كىلىپ چىقىشى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

چەكسىز گۆھەر تاشنىڭ ھىكايسى دەل شۇ يۇنان ئەپسانىلىرى بىلەن باغلىنىشلىق .

‘ Nemesis بۇ سۆزنىڭ مەنىسى “جازاسىنى يىمەك” دىگەن مەنىدە ، يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى زۇسنىڭ  قىزى قىساسكار ئايال ئىلاھنىڭ ئىسمى دەل نىمسىس .

图片[4]-چەكسىز گۆھەر تاشنىڭ كىلىپ چىقىشى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

نىمسىس رەھىمسىز ھەققانىيەتنى ، كىسىم چىقىرىشنىڭ مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ ، يۇنان ئەپسانىلىرىدە ، ئۇ ئىلاھلارنى ھۆرمەتلىمىگەن ئىنسانلارنى جازالايدۇ ، ھەتتا بەزى باشقۇرۇشقا كۆنمىگەن ، ھاكاۋۇر بولۇپ كەتكەن ئىلاھلارمۇ ئۇنىڭ قىساس ئىلىش ئوبىكتى ئىدى .

مارۋىل ھەجىۋىي رەسىمىدە نىمسىس چەكسىز گۆھەر تاشنىڭ ئالدىنقى تىنى بولغان .

ئالەم تىخى بەرپا بولمىغان ، ھاياتلىق تىخى شەكىللەنمىگەن ۋاقىتتىلا چەكسىز گۆھەر تاش مەۋجۇت ئىدى .

چەكسىز گۆھەر تاش ئالەمدىكى تۇنجى ئىلاھ ئىدى ، شۇنداقلا قىساسكار ئايال ئىلاھ نىمسىسنىڭ ھاياتىنىڭ داۋاملىششنىڭ ئاساسى ئىدى . 

图片[5]-چەكسىز گۆھەر تاشنىڭ كىلىپ چىقىشى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

 

قىساسكار ئايال ئىلاھ ئالەم بوشلۇقىدا نەچچە مىلىيارد يىل لەيلەپ يۈرۈپ ، بۇ جەرياندا ئاز بولمىغان ئالەم قانۇنىيتىنى چۈشەنگەن ، كۈچ قۇدرەت ، قەلىب ، ۋاقىت ، بوشلۇق ، ھەقىقەت ، روھ ، قىساسكار ئايال ئىلاھ ھەممسىنىڭ قانۇنىيتىنى تىزگىنلىيەلەيتى . 

لىكىن كىيىنكى نەچچە مىلىيارد يىللار ئىچىدە ، ئالەمدە ئىككىنجى بىر ھاياتلىق پەيدا بولمىغان ، قىساسكار ئايال ئىلاھ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن زىرىكىپ ، يالغۇزلۇق ئىچىدە ئۆز ھاياتىدىن ناھايىتى  بىزار بولغان . 

图片[6]-چەكسىز گۆھەر تاشنىڭ كىلىپ چىقىشى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

 

شۇنىڭ بىلەن قىساسكار ئايال ئىلاھ ئۆز بەدىننى پارچىلۋىتىدۇ ، ئۇنىڭ ھاياتى ئاياغلاشقاندا ، يەتتە دانە چەكسىز گۆھەر تاش پەيدا بولىدۇ ، بۇ گۆھەر تاشلار ئايرىم ھالدا نىمسىسنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى باشقۇرغان ئالەم قانۇنىيتىگە ئىگە ئىدى . 

ھازىرغىچە مارۋىل فىلىملىرىدە بىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەن تاشلاردىن باشقا ، يەنە بىر گۆھەر تاش قىساسكار ئايال ئىلاھنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ — ئۆزلۈك تىشى

ئۆزلۈك تىشى ھازرىغىچە تىخى مارۋىل ڧىلىملىرى ئارسىدا پەيدا بولۇپ باقمىدى ، بۇ پەقەت مارۋىل چاتما رەسىمى ھىكايىسى بىلەنلا چەكلىنىدۇ .

图片[7]-چەكسىز گۆھەر تاشنىڭ كىلىپ چىقىشى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

گەرچە مارۋىل ئالىمىدە ئىلاھلار ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ ، لىكىن نىمسىس ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇردىغان ئىلاھ ھىساپلىنىدۇ . 

图片[8]-چەكسىز گۆھەر تاشنىڭ كىلىپ چىقىشى-مارۋىل مەستانىلەر جەمگاھى

مارۋىل چاتما رەسىمى “چەكسىز پەلەي” دە ، زانوس 6 دانە چەكسىز گۆھەر تاشنى كونتىرول قىلىپ ، ھاياتلىق سوتى دەرجىسىدىن تۆۋەن تۇردىغان بارىلىق ئىلاھلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ ، بۇنىڭدىنلا نىمسىسنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇ. 

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن . 

 

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى سىز ئاۋال ئىنكاس يىزىڭ

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ