خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر …
“قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4 : ئاخىرقى ئۇرۇش” تا ، قارا تۇل خوتۇن بىلەن بۈركۈت كۆز ۋاقىت ھالقىپ ئۆتۈپ ۋورمىير پىلانىتىغا بارغاندا قىزىل سۆڭەك قارا تۇل خوتۇننىڭ دادسىنىڭ ئىسمىنى ئىتىپ ئۆتىدۇ — Ivan ، ناتاشا باشتا تىزلا ئىنكاس بىلدۈرەلمەي قالىدۇ ، ئۇ ھەتتاكى بۇ ئىسمنى ئاڭلاپمۇ باقمىغاندەك قىلاتتى .
ئۇنداقتا ، بۇ Ivan دىگەن زادى كىمۇ ؟
مارۋىل چاتما رەسىمىدە ، Ivan نىڭ تولۇق ئىسمى بولسا Ivan Petrovich Bezukhov , ئۇنىڭ سالاھىيتى بولسا قارا تۇل خوتۇننىڭ بىقىۋالغان دادىسى .
ناتاشا تىخى بوۋاق ۋاقتىدا ، Ivan بىر ئوت كەتكەن قۇرلۇش ئارىسىدىن ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ ، ئاندىن ئۇنىڭ بىقىۋالغۇچى دادىسى بولۇپ قالىدۇ .
ئۇندىن كىيىن ، Ivan ناتاشانى قارا تۇل خوتۇن پىلانىغا ئىلىپ كىرىدۇ . “قىزىل ئۆي” ئىچىدە مەشىقىنى قوبۇل قىلغان ناتاشا بىر مۇنەۋۋەر ئەسكەر ۋە ئىشپىيۇن بولۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ .
ناتاشا “قىزىل ئۆي” دىن ئايرىلغاندىن كىيىن ، Ivan ئۇنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولىدۇ ، لىكىن ۋەقەلىك مۇشۇ يەردىن باشلاپلا غەلىتە ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ . ناتاشا Ivan نى ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ ئورنىغا قويسا ، لىكىن Ivan ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ .
ئاخىرىدا ، ناتاشا ئامالسىز Ivan نى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ تىخىمۇ ساراڭلارچە بوپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
بۇ ساراڭلارچە ئاشىق بولغان Ivan ئەمدى قارا تۇل خوتۇننىڭ ئايرىم ڧىلىمىدە مەيدانغا چىقامۇ ؟
مارۋىل كۆپ ساندىكى ڧىلىملەر ئارسىدىكى ئىنچىكە نۇقتىلارنى بۇندىن كىيىنكى ڧىلىملىرىگە ئاساس سىلىش ئۈچۈن تەييارلىق ھازىرلاپ قويدى ، “قىساسكارلار 4” تە تىلغا ئىلىنغان Ivan دىگەن ئىسىم ھەرگىزمۇ بىر تاساددىبىلىق ئەمەس ، بۇ ئوبرازنىڭ قارا تۇل خوتۇن ئايرىم ڧىلىمىدا مەيدانغا چىقىش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى .
پەقەت مارۋىل چاتما رەسىمى ئىچىدىكى ۋەقەلىكلا مۇشۇنداق غەيرى ، بەلكىم قارا تۇل خوتۇن ئايرىم ڧىلىمىدا Ivan ئىسىملىك بۇ ئوبراز ئوتتۇرغا چىققان بىلەنمۇ بەلكىم ، چاتما رەسمدىكى ئۇ ۋەقەلىكلەر قايتا يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن .
قارا تۇل خوتۇن ئايرىم ڧىلىمى پىلاندا مۇشۇ يىلى 6- ئاينىڭ 6- كۈنى سۈرەتكە تارتىشنى باشلايدۇ ، بەلكىم كىلەر يىلى قويۇلىشى مۇمكىن . سىكارلىت . يوھانسون بۇ ڧىلىمگە باش رول بولۇپلا قالغاي ، يەنە ڧىلىمگە رىژىسورلۇق قىلىدۇ . ھەممىمزنىڭ بىر كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ !!!
مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن .
ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ
تىزىملىتىش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش