بەننا خاتىرىسى

بەننا خاتىرىسى

2018-يىلى 4- ئاينىڭ 29-كۈنى ،  بىز مەغلۇب بولدۇق 

ئاخىرىدا زانوس يەنىلا غەلبە قىلىدى ، ماڭا نىشبەتەن ئىيتقاندا بۇ كۆڭلۈمدە ئۇنتۇلغىسىز بىر ئىش بولۇپ قالدى ؛ ئالدى بىلەن خوك يىڭىلدى ، ئارقىدىن بەننامۇ يىڭىلدى ، ئاخىرىدا بىز تەڭ يىڭىلدۇق ، گەرچە ھىچكىم مىنى ئەيىپلىمىسىمۇ ، لىكىن بۇ ئىشتا مەن ئۆزۈمنى بەكلا ئەيىپلەپ كەتكەن ئىدىم .
مەن خوك بىلەن پاراڭلىشىپ بىقىشقا ئۇرۇنۇپ باقتىم ، لىكىن ئۇنىڭدىن بىرە سادا قايتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، خۇددى مىنىڭ بەدىنىمدە قايتا مەۋجۇت بولمىغاندەكلا قىلاتتى ، ساكار يۇلتۇزىدىكى نەچە يىلدا ، خوك مىنى ماشىننىڭ كەينى ساندۇقىغا سولاپ قويغاندەكلا قىلاتتى ، لىكىن ھازىر مەن ئۆزۈم ياكغۇز ماشىنا ھەيداۋاتقاندەكلا ھىسياتتا ئىدىم ، يان ئورۇندۇقتىن تارتىپ كەينى ساندۇققىچە ھەممىسى قۇپقۇرۇق ئىدى ، ھىچكىممۇ تۇيۇقسىز كىلىپ قولۇمدىكى رولنى تارتىۋىلىشقا ئۇرۇنمايتى ؛ ئۇزۇندىن بىرى قىساسكارلار ئىتتىپاقى ئىچىدە مەن ئۇنىڭغا موھتاج بولغىنىمدا ئۇ مىنى كونتىرول قىلاتتى ، شۇڭا مەنمۇ ئۇ سەۋەبلىك دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان بولغان ئىدىم ، گەرچە ۋەيران قىلغان نەرسىلەر كۆپ بولسىمۇ ، لىكىن پەيتى كەلگەندە كۆپچىلىككە ياردەم قىلالايتىم . 
دەل ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا خوك يىڭىلدى ، مەن يەرشارىغا يەتكۈزۋىتىلدىم ، ئۇ ماڭا ھاردىم دىدى ، ھەتتاكى زانوس بىلەن ئىلىشقان ۋاقىتتىمۇ ئۇ چىقىشنى خالىمىغان ئىدى .
مەنمۇ ھاردىم ، ئۇنىڭ ئويغىنىشىنى ساقلاپ ئۇنىڭ بىلەن ئوبدان پاراڭلىشىپ باقاي .

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ،  خوك ئويغاندى 

مەن ئۇنىڭدىن زورلاپ سۇئال سورىمىدىم ، ئۇمۇ ھەم ماڭا ئاكتىپلىق بىلەن ماڭا چۈشەندۈرمىدى ؛ گەرچە مەن : “مەن ئىزچىل ھالدا غەزەپلىنىۋاتىمەن” دىيەلىسەممۇ ، لىكىن ھازىر مەن ئاللىقاچان غەزەپلەنمەيدىغان بولدۇم ، ھەتتاكى مەنمۇ خوكنىڭ قايتا غەزەپلەنمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم ، ئۇ ئەمدە ھەرگىزمۇ مىنىڭ بەدىنىمنى كونتىرول قىلىشنى ئويلىمايدۇ ، مەنمۇ ھەم يالغۇز ياشاپ ئادەتتىكى كۈنلىرىمنى ئۆتكۈزۋاتاتتىم ، ھىچكىم مىنى قوغلاپ تۇتمايدۇ ، ھىچكىممۇ مەندىن قورقمايدۇ ، مەن ئاللىقاچان بىرۇس بەننا بولۇپ بولدۇم . 


2020-يىلى 1-ئاينىڭ 8- كۈنى ، مەن خوك بىلەن پاراڭلىشىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ قويدۇم 

لىكىن مەن ئۇنى چاقىرغاندا ، ئۇ ھىچقانداق جاۋاپ قايتۇرمىدى ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى ئىزچىل چاقىرىۋەردىم ، ھەتتاكى تاماق يىگەن ۋاقىتتىمۇ كۆڭلىمدە ئۇنى چاقىرىپ تۇراتتىم ، مەن ئۇنى 3046 قىتىم چاقىرغاندىن كىيىن ، ئۇ بىر ئىغىزلا جاۋاپ قايتۇردى : “خوك تۇخۇم يىيىشنى ياقتۇرمايدۇ ! ” 


2020- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى  ، قاقشاشلار ئىچىدە تولغان كۈنلىرىم باشلاندى 

يەنىلا شۇ كارايىتى چاغلىق كىچىك ئىشلار ، مەسىلەن “خوك ئىشتان كىيىشنى ياقتۇرمايدۇ” ، “خوك پەلەمپەي بىلەن مىڭىشنى ياقتۇرمايدۇ”  دىگەندەك ، ئۇ يەنىلا چىقىشنى خالىمايۋاتاتتى ، ھەتتاكى تۈنگۈن ئاخشام مەن كوچىدا بۇلاڭچىلارغا ئۇچراپ كومپىيۇتىرىمنى يوقىتىپ قويدۇم ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تەنقىدلەشكە باشلىدىم ، بۈگۈن مەن ئۈچ چىنە تۇخۇم قورۇمسى يىدىم . 

2021-يىلى 2-ئاينىڭ 28- كۈنى ، كىچىككىنە كاشىلا كۆرۈلدى 

تەجرىبىخانىدىكى گامما نۇرى ئىھتىياتسىزلىقتىن ئازراق ئاشكارىلىنىپ قالدى ، بىراق ھېلىمۇ ياخشى بولغىنى مەن پارامېتىرىنى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈردۈم ، ئانچە چوڭ تەسىر پەيدا قىلمىدى ، لېكىن كۆكسۈمدىكى تېرە سەل يېشىل نۇر چىقىشقا باشلىدى ، خوكتىن نېمە ئىش يۈز بەردى دەپ سورىسام ، ئۇ ” يەر شارى خوكنى ياخشى كۆرمەيدۇ” دەپ بولۇپلا يەنە ئۈن تىنسىز غايىپ بولدى .
بۇ ئۈچ يىلدا مەن خوكنى دائىم چۈشۈمدە كۆرىمەن ، ئۇ ماڭا ساكار يۇلتۇزى ھەققىدىكى نۇرغۇن ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى ، مەن بۇنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى بىلمەيمەن ، لېكىن مەن ئۇنىڭ غەزەپلىك چىرايىدىن ئىپتىخارلانغانلىقىنى ھىس قىلدىم . 
بۇرۇن خوك بەننا ئەمەس ئىدى ، نەچچە يىلدىن بېرى مەن خوكنى بىر خىل كېسەل دەپ قاراپ ، تۈپ يىلتىزىدىن تۈگىتىشنى ئويلاپ كەلگەن ئىدىم ، لېكىن مەن ئۇنىڭ ياردىمىدە ئىزچىل ھالدا ئۆزۈمنىڭ ۋارىچىلىقلىرىمنى ھەل قىلىپ كەلگەن ئىدىم ، مەن ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغىنىم شۇكى ، خوك بەلكىم بەننا شۇدۇ ، سىناپ باقسام بولارمۇ؟  

2021-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ، مەن بەك ئۇزۇن تەييارلىق قىلدىم ، بۈگۈندىن باشلاپ پىلانىمنى باشلاشنى قارار قىلدىم 

مەن يېڭى گامما تەجرىبىخانىسىنى قۇرۇپ ، يېڭى گامما نۇرى رادىئاتسىيىسى ئارقىلىق خوك بىلەن ئۆزۈمنى مۇكەممەل ھالدا بىرلەشتۈردۈم ، بۇ تېخنىكىنى مەن 8 ئاي تەتقىق قىلدىم ، 8 ئاي ئىچىدە مەن يەنىلا خوك بىلەن تاكاللىشىمەن ، يەنىلا ئۇرۇشىمەن ، لېكىن ئۇ مېنىڭ يەشكۈچى دورامغا ئايلىنىپ بولغان ئىدى .  


2022-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى،  مەن تەجرىبىنى باشلىغان كۈندىن باشلاپ ، خوك ماڭا قايتا گەپ قىلىپ باقمىدى
 
ھازىرغا قەدەر مېنىڭ تېرەم پۈتۈنلەي يېشىل رەڭگە ئۆزگەردى ، ھەمدە كۈچىممۇ كۈنسىرى كۈچىيىۋاتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەن يەنىلا كاللامنى سەگەك تۇتىۋاتىمەن ، يەنىلا ئەزەلدىن بار بولغان بەننانىڭ تەپەككۇرىغا ئىگە بولدۇم ، مەن خۇشال بولدۇم ، ھەم كۆڭلۈم يېرىم بولدى ، خۇددى بىر قەدىناس دوستۇم بىلەن خوشلاشقاندەك بولدۇم ، بەلكىم مەندەك بىر ئادەمنىڭ دوستى كېتىپ قالسا ، ھەرگىز قايتىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن .  

2022-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ،  مېنىڭ تاشقى قىياپىتىم ۋە ئىقتىدارىم خوك بىلەن ئاساسەن ئوخشاش 
 
بىراق مەن خوكنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بەزىدە بار بەزىدە يوقتەك ھېس قىلدىم ، بۈگۈن گاما تەجرىبىخانىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، بىر قانچە كىچىك دوست مېنىڭ قىساسكارلار ئىتتىپاقىدىكى يېشىل گىگانت ئادەم ئىكەنلىكىمنى تونۇۋالدى ، ئۇلار باشتا سەل قورقۇپ قالدى ، لېكىن مەن ئۇلارغا يەڭگىللىك بىلەن سالام بەرگەندە ، ئۇلار ناھايىتى ھەيران قالدى ، ئۇلار مەن بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر كىچىك قىز مېنىڭ يۈزۈمگە سۆيۈپ قويدى ، شۇ چاغدا مەن تۇيۇقسىز خوكنىڭ چىقماقچى بولغىننى ھىس قىلىپ قالدىم ، مەن دەرھال كەيپىياتىمنى كونترول قىلدىم ، ئۇزۇن مەزگىللىك رادىئاتسىيە قوبۇل قىلىش ئارقىلىق خوك مېنىڭ بەدىنىمنى تارتۋالالمايدىغان بولدى .  

مېنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى ، خوكنىڭ چىرايىدىن مەن ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان مۇلايىملىق چىقىپ تۇراتتى .  
يەر شارى ئەمدى خوكقا ئۆچ ئەمەس .  
ئۇ بەك خۇشال .  

2023-يىل 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ، كۆپچىلىك 2012-يىلىدىكى نيۇ-يوركقا بېرىشنى قارار قىلدى   

خوك ئىككىمىزنىڭ ۋەزىپىسى نيۇ-يوركتىكى مۇقەددەس جايغا بېرىپ ۋاقىت تىشىنى  ئىزدەش ئىدى ، مېنىڭ روھىمنى گۇيى سىھىر ئۇستازى تېنىمدىن ئايرىپ چىققان چاغدا ، مەن تۇيۇقسىز خوكنىڭ ھالىتىنى بىر كۆرۈپ باققۇم كەلدى ، ئۇ چوقۇم بىر يېشىل چوڭ سېمىز ئادەم . 

لېكىن ، پەقەت برۇس بەننا بار. 
ئەمدى ھەرگىزمۇ خوك مەۋجۇت ئەمەس …  

ئاپتور : (Caesar)  

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ