خەيرىلىك سەھەر مەستانىلەر …
“قىساسكارلار 3” ۋە “قىساسكارلار 4” تە قىزىل سۆڭەك ئىزچىل ھالدا روھ تىشىنى قوغدىغۇچى سالاھىيتىدە تۇرىدۇ .
ئوخشاشلا ۋاقىتتا ، ئۇنىڭ ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخىنى بىلۋالالايدىغان ئىقتىدارى بار . ھەر قىتىم ۋورمىير پىلانىتىغا ئادەم كەلسە ، قىزىل سۆڭەك ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىدۇ .
زانوس ، ئالارىس ئوغلى ؛ گامورا زانوسنىڭ قىزى ؛ ناتاشا ئىۋاننىڭ قىزى ؛ كىلىنىت ئىدىس ئوغلى .
ڧىلىمدا قىزىل سۆڭەك بۇ تۆت كىشىنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ چىقىدۇ .
زانوسنىڭ دادىسى تىتان پىلانىتىنىڭ ھۆكۈمىرانى ئالارىس ، گامورا بولسا زانوسنىڭ بىقىۋالغان قىزى ، قارا تۇل خوتۇن بولسا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئالاھىدە خادىمىنىڭ قۇتقۇزىۋالغان قىزى ، ئەمدى بۈركۈت كۆز كىلىنتنىڭ دادىسى ئىدىس دىگەن كىمۇ ؟
تۇنجى ئەۋلاد 6 قىساسكارلارنىڭ ئىچىدە قارا تۇل خوتۇن ۋە بۈركۈت كۆزدىن باشقا ، قالغان قەھرىمانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئايرىم ڧىلىمى بار ، كىلەر يىلى “قارا تۇل خوتۇن” ئايرىم ڧىلىمى ئىشلىنىدۇ ھەم كىنوخانىدا بىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ .
پۈتۈن قىساسكارلار ئىچىدا پەقەت بۈركۈت كۆزنىڭلا كىلىپ چىقىش تارىخىنى مارۋىل بىزگە ڧىلىم ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەرمىگەن ، ئۇ بىر تاشلىۋىتىلگەن قىساسكار بولۇپ قالغان ئىدى .
لىكىن بۈركۈت كۆزنىڭ مارۋىل چاتما رەسىمى ئىچىدە يەنىلا كىلىپ چىقىش تارىخى ناھايىتى تولۇق ئەكىس ئەتۈرۈپ بىرىلگەن . بۈگۈن بىز بۈركۈت كۆزنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەيلى .
بۈركۈت كۆزنىڭ دادىسى ئىدىس
بۈركۈت كۆزنىڭ يۇرتى بولسا ئىخوۋا شىتاتىدا بولۇپ ، باشقا قەھرىمانلار ئائىلىسى بىلەن سىلىشتۇرغاندا ھىچقانچە ئەمەس .
بۈركۈت كۆزنىڭ دادىسى ئىدىس بولسا بىر زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان زومىگەر ئىدى ، بۈركۈت كۆزنىڭ يەنە داۋاملىق توقۇنۇشۇپ قالىدىغان ئاكىسى بار ئىدى .
بۈركۈت كۆزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان بولۇشىغا دەل شۇ ھاراقكەش دادىسى سەۋەپچى بولغان ئىدى .
بىر قىتىم ئىدىس ھاراق ئىچىپ بولۇپ ، بۈركۈت كۆزنىڭ ئاپىسىنى ئىلىپ سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرىمىز دەپ چىقىپ كىتىپ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچىراپ ھەر ئىككىلىسى ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ .
بۈركۈت كۆز بىلەن ئاكىسى ئامالسىز دارىلتامدا ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ ، ئۇيەردە 6 يىل تۇرمۇش كەچۈرگەندىن كىيىن ، قۇرامىغا يەتكەن بۈركۈت كۆز بىر سىرىك ئۆمىكىدە ئىشلەيدۇ .
بۈركۈت كۆزنىڭ ئۇستازى Swordsman ۋە Trick Shot
بۈركۈت كۆزنىڭ ئىلشىش ماھارەتلىرى ۋە ئوقيا ئىتىش ماھارىتىنىڭ ھەممىسى دەل مۇشۇ سىرىك ئۆمىكىدىكى ئىككى ئۇستازىدىن ئۈگەنگەن . چوڭ ئۇستازى Swordsman ئۇنىڭغا ئىلشىش ماھارىتىنى ئۈگىتىدۇ ، ئىككىنجى ئۇستازى Trick Shot ئۇنىڭغا ئوقيا ئىتىش ھامارىتىنى ئۈگىتىدۇ .
لىكىن بۇ ئىككىلىسى ياخشى ئادەملەر ئەمەس ئىدى . چوڭ ئۇستازى بولسا بىر ئاتالغۇدا بايۋەتچە ، لىكىن داۋاملىق كىشلەرنىڭ مال مۈلۈكلىرىنى ئوغۇرلايدىغان ئادەم ئىدى . بۈركۈت كۆز ئۇنىڭ قوشۇمچە كەسپىنى ئۇقۇپ قالغاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن قاچىدۇ ، چوڭ ئۇستازى ھەم ئۇنى قوغلاپ ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ .
بۈركۈت كۆزنىڭ ئىككىنجى ئۇستازى چوڭ ئۇستازىدىنمۇ يامان ئىدى ، مەخسۇس بايلارنىڭلا مال مۈلىكىنى بۇلايتى ، لىكىن بەك رەھىمسىز قەبىھ ئىدى . شۇڭا بۈركۈت كۆز ئۆزىنىڭ ئىككىنجى ئۇستازىدىنمۇ ئايرىلغان ئىدى .
بۈركۈت كۆز ۋە پولات پالۋان
مارۋىل ڧىلىملىرىدە ، بۈركۈت كۆز ۋە قارا تۇل خوتۇن قىساسكارلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئىچكى ئەزالىرى دەپ ھىساپلىنىدۇ . لىكىن چاتما رەسىمدە بولسا ، بۈركۈت كۆز يەنىلا پولات پالۋاننىڭ ئارقىدا تۇردىغان ئەزا ھىساپلىنىدۇ .
بۈركۈت كۆز ماھارەت ئۈگىنىپ بولغاندىن كىيىن كوننىي ئارلىدىكى بىر سىرىك ئۆمىكىگە كىرىپ ئوقتا ئىتىش ماھارىتىنى ئورۇنلايدۇ .
بىر كۈنى ، بۈركۈت كۆز سەھنىدە ماھارەت ئورۇنلاۋاتقاندا ، ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان پولات پالۋان سىرىك ئۆمىكىنىڭ ئۈسىتدە پەيدا بولۇپ قالىدۇ ھەم جىنايەتچىلەرنى ئىلىشىدۇ ، بارىلىق تاماشىبىنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دىققىتى پولات پالۋانغىلا مەركەزلىشىدۇ ، بۈركۈت كۆزگە دىققەت قىلمايدۇ .
بۇ دەل بۈركۈت كۆزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان بولۇش ھاياتىغا باشلاپ كىرىدۇ ، ئۇنىڭمۇ باشقىلار تەرپىدىن ھۆرمەتلىنىش ۋە شان سەرەپ قۇچۇش خىيالى بولىدۇ .
دەل پولات بولغاچقا ، بۈركۈت كۆز قەلبىگە دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان بولۇش ئارزۇسىنى پۈكىدۇ .
كىيىنكى ھىكايىلەر بولسا بەلكىم كۆپىنچە چاتما رەسىم كۆرگەن مەستانىلەرگە مەلۇم بولىشى مۇمكىن ، بۈركۈت كۆز سوۋىت ئىتىپاقىلىق جاسۇس قارا تۇل خوتۇننى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ، ھەم قىساسكارالار ئىتتىپاقىغا كىرىش يولىغا ماڭىدۇ .ئارقىدىن قارا تۇل خوتۇن سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىغا ئاسىيلىق قىلىدۇ ، ھەمدە بۈركۈت كۆز بىلەن بىرلىكتە قىساسكارلار ئىتتىپاقىغا قوشۇلىدۇ . شۇندىن باشلاپ بۈركۈت كۆز قىساسكارلار ئىتتىپاقىنىڭ دائىملىق ئەزاسى بولۇپ قالىدۇ .
گەرچە بۈركۈت كۆزنىڭ ئايرىم ڧىلىمى بولمىسىمۇ ، لىكىن دىسنىي ئاخبارات تاراتقۇلىرىدا ئاللىقاچان بۈركۈت كۆزنىڭ سىنارىيەلىرى قۇرۇلۇپ بولدى .
ئەگەر تىلۋىزىيە ڧىلىمى قىلىپ ئىشلىنىپ ئۇنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى سۆزلىنىپ قالسا ، ئۇنداقتا قارا تۇل خوتۇن ، بۈركۈت كۆزنىڭ دادىسى ئىدىس ، ۋە ئۇنىڭ ئۇستازلىرى بىرلىكتە ئىكىران يۈزىگە چىقىپ قىلىشى مۇمكىن .
مەستانىلەرنىڭ ئىنكاس رايونىدا مۇنازىرە قىلشىنى قارشى ئالىمەن .
ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ
تىزىملىتىش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش