زانوسنىڭ كىلپ چىقىشى

خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر …

مارۋىل ئالىمدىكى ئەڭ چوڭ سەلبىي ئوبرازنىڭ بىرى زانوس بۇرۇن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئالەمدىكى يىرىم مەۋجۇداتنى كۈلگە ئايلاندۇرۋىتىدۇ،  ئەمەلىي كۈچى بولسا مۇشۇ چاققىچە مارۋىل فىلىملىردە چىققان ھەرقانداق بىر قەھرىماندىن كۈچلۈك . سەلبىي ئوبراز بولۇش سۈپتى بىلەن ئۇ ھىسياتسىز، رەھىمسىز، شۇنداق بولغاچقا مارۋىل مەستانىلىرى ئىچىدە بەكرەك ئالقىشقا ئىرىشكەن . شۇڭا بىز بۈگۈن بۇ سەلبىي ئوبرازنىڭ قانداق دۇنياغا كەلگىننى سۆزلەپ ئۆتەيلى .  

ئاپىرىدە بولۇش 

“نىمىش بولدى ! نىمىشقا بۇنچە ئاغرىيدۇ ! نىمىشقا مەن ئۇنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايمەن !” 
“خانىم ، سىز ئالدىرماڭ ، بالىنىڭ بوينى كىندىك بىغى بىلەن باغلىنىپ قاپتۇ ! تىز، مەن ئۇنى كىسۋىتەي ….
“ۋاھ ~”
بوغۇلۇپ يىغلىغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا ، تىتان پىلانىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ھۆكۈمرانى ئا · لارىس بۇ ئۆمرىدىكى پەخرى بولغان ئوغلىغا ئىرىشتى .  

ئەسلى قائىدە بويىنچە كەلگەندە ، ھۆكۈمراننىڭ ئوغلى دۇنياغا كۆز ئاچقاندا ھەممە ئادەم ئۇنىڭ ئۈچۈن بەخىت تىلشەتتى، لىكىن ئوپىراتسىيە ئۆيىدىكى دوختۇرلار قۇچاقتىكى بوۋاقنى كۆرۈپ ، ھەيرانلىقتا ئاغزىنى ئىچىپلا قالدى يۇ ئىغىز ئاچالمىدى . ئاردىن بىر دوختۇر چىقىتىدە ئوتتۇردىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ ، ھۆكۈمرانىغا ئۆزىنىڭ گىن تىخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ بۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىدغانلىقىغا ۋەدە بەردى ، بۇ بالىنىڭ نىمشقا بۇنداق غەلىتە بولدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى …
“سىسىق قولۇڭنى ئوغلۇمدىن نىرى تارىت !” لارىس دوختۇرنى ئەيىپلىدى، “مەن سەنلەرنىڭ ھىچقانداق تەكشۈرۈش نەتىجىلىرڭگە ئىھتىياجلىق ئەمەس ، مىنىڭمۇ كۆزۈم بار! “
“ئۇنىڭغا قارا ، نىم دىگەن مۇكەممەل ، نىمانچە ساغلام ، ئۆلۈمگە تىز پۈكمەيدىغان بالا.”
ئۇ بوۋاقنى قۇچاقلىدى، ۋە ئۆزىنىڭ يىقىملىق تۆۋەن ئاۋازى بىلەن پىچىرلىدى . “سۆيۈملۈگۈم  ، زانوس . “

“ئۇنى ماڭا كۆرسىتىڭ ، قەدىرلىكىم. ” لارىسنىڭ ئايالى سۇسان كارۋاتتا يىرىم ياتقىنىچە ئۇنىڭغا دىدى، بىراق ئۇ بالىنىڭ تۇرقىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئۈمۈدكە تولغان كۆزلىرى ناھايىتى تىزلا قورقۇنۇچقا تولدى. ئۆزنىڭ قولىدىكى بوۋاقنىڭ پۈتۈن بەدىنى سۆسۈن رەڭدە ، يۇزلىرىدە يىرىڭ ئىششىق ۋە تاتۇقلار بىلەن تولغان ، ئىككى كۆزىدە قارا رەڭدىن باشقا ، ئەسلى كۆز قارچۇغى بولىدىغان يەردە قىپقىزىل بىر نۇريىنىپ تۇراتتى. 

“ئۇ چىرايلىقمىكەن ؟ ” لارىس يىنىدا تۇرۇپ سورىغاچ ئايالىنىڭ ھەركىتىگە ئىنكاس قايتۇردى ، ئايالى يىنىدكى ئوپىراتسىيە پىچىقىنى قولىغا ئالدىدە ، ئۇدۇللا زانوسقا تىقماقچى بولدى. لارىس ناھايىتى تىزلا ئايالىنى تىزگىنلىۋىلىپ، دوختۇرغا ئۇنىڭغا تىنىچلاندۇرۇش ئوكۇلى ئۇرۇشنى بۇيرىدى. بۇ ئانا ۋارقىرماقتا، ۋارقىرغىنىچە ئۇ ئىككى كۆزدىن كۆرگەن ھەقىقەتنى سۆزلىمەكتە ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوغلى ئەمەس، ئۇ بىر ھەممىنى ۋەيران قىلىدىغان بىر غەلىتە مەخلۇق . 

بالىلىق

تۇغۇلغان ۋاقىتىدىكى ئىشلار زانوسنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ئانچە تەسىر يەتكۈزەلمىدى. بالا ۋاقىتتىكى زانوس ناھايىتى ئاق كۆڭۈل ھەم ئوماق، تىتان پىلانىتى ھۆكۈمرانىنىڭ ئوغلى بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇ دادىسىنىڭ ياخشى گىنلىرغا ۋارىسلىق قىلدى، ناھايىتى ئەقىللىق. گەرچە سەت بولسىمۇ، كىلشكەن ئوغۇللار ۋە گۈزەل قىزلار ئانچە دىققەت قىلمايتى ، ئۇلار بۇ سۆسۈن رەڭلىك بالىنى ھىچكىمگە ئوخشىمايدىغان دەپ قارايتى، ناھايىتى تىزلا ئۇنىڭ بىلەن يىقىن بولۇشۇپ كەتتى. 

گەرچە بالىلار ناھايتى ياخشى چىقىشىپ ئۆتكىنى بىلەن ، لىكىن زانوسنىڭ گۆدەك قەلبىدە يەنىلا بىر قارا تۇمان بار ئىدى. ئۇ ساراڭلار ساناتوريىسىنڭ بىر قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قۇيۇلغان ئاپىسىنى يوقلاپ بارغاندا ، ئاپىسىغا ئۆزىنىڭ بۇ بىرنەچچە يىلنىڭزى ئىزچىل قورقۇنۇشلۇق ئىشلارنى چۈشەۋاتقانلىقىنى ، تۆت يىلنىڭزى بىرە كۈنمۇ قارا باسماي ئۇخلاپ باقمىغانلىقىنى ئىييىتتى . زانوس چۈشىدە زاكىدا تۇرغان ئۆزىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن پىچاق تىقماقچى بولغىننى ، مۇزدەك پىچاقنىڭ نۇرىنى كۆرۈپ، بوۋاق ۋاقتىدكى ئۇنىڭ ئازراقمۇ ئۈن چىقىرىپ يىغلىمغانلىقىنى ئاپىسىغا ئىيتىپ بەردى. گەرچە ئۇ نىمە سەۋەپتىن بۇنداق چۈش كۆردىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ ، بۇ چۈشنىڭ نىمىنى ئىپادىلەيدىغىننىمۇ بىلەلمەيۋاتقان ئىدى، لىكىن بۇ چۈشلەر ئۇنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزدى، شۇنىڭ ئۈچۈن كىچىك زانوس بىر چارە تاپتى، ئۇ ئۇخلىماسلىقنى ئۈگەندى. 


بۇ يامان چۈشلەردىن كىيىنكى ئاسارەتلەر زانوسنى ئۆلۈمدىن قورقىدىغان قىلىپ قويدى. بىر قىتىم مۇئەللىم مەكتەپتە جەسەت پارچىلاش دەرسىنى ئۆتىۋاتقاندا ، ئوپراتسىيە پىچىقىنى تۇتقان زانوس كەسلەنچۈكنىڭ جەسسىتىگە قاراپ، كۆڭلى ئىلىشىپ قۇسسۇپ چىقىرىۋەتتىدە ، ئارقىدىنلا دەرىسخانىدىن ئايرىلدى. 

زانوس يول ئەتراپىغا قۇسسىۋاتقاندا ، بىر قىزچاق چىقىپ كەلدى ، ئۇ ئۆزىنىڭ زانوسنىڭ قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىنى ئىييتتى. زانوسنىڭ “ئاجىزلىقى” غا بولغان كەمچىلكىنى كۆزدە تۇتۇپ قىزچاق ئۆزىنىڭ تىنىچراق بولغان بىر ئۆڭكۈرنى بايقىغانلىقىنى ئىيتىدۇ، ھەمدە زانوسقا بىرىپ كۆرۈپ بىقىشىنى ، بەلكىم بۇ يەرنىڭ ئۇنىڭ قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلالىشىنى ، ھىچ بولمىسا يەنە دەرىستە جەسەتنى كۆرۈپ قۇسۇپ سامايدىغانلىقنى  ئىيتىدۇ .

بۇ قىزچاقنىڭى گىپىگە ئىشەنگەن زانوس بىر نەچچە دوستلىرىنى ئىلىپ بۇ سىرلىق ئۆڭكۈرگە بارماقچى بولىدۇ،  لىكىن تۇيۇقسىزلا تاغ گۆمۈرلۈپ ، بارىلىق بالىلار كەسلەنچۈك ئۆڭكۈرىگە سولىنىپ قالىدۇ ، باشقا بالىلارنىڭ ھەممىسى قاراڭغۇلىقتا ئىچىرقاپ كەتكەن كەسلەنچۈكلەرگە يەم بوپ كىتىدۇ. 

پەقەت زانوسلا ھايات قالىدۇ ، ئۆز كۆزى بىلەن يىقىن دوستلىرىنىڭ ياۋايى مەخلۇق تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگىننى كۆرۈپ ئۇ گەپ قىلمايدىغان ھاڭۋاقتى بوپ قالىدۇ. ئۇ يولدا كىتىۋىتىپ ، باشقىلارنىڭ پىچىرلاشقىننى ئاڭلاپ قالاتتى : “تىتان پىلانىتىدا ئۇزۇندىن بۇيان بالىلار ئۆلۈپ باقمىغان ؛ ئۇ ئۆڭكۈر چەكلەنگەن رايون تۇرسا ، ئەجىبا باشقىلار ئۇنىڭغا دەپ بەرمىگەندىمۇ؟ ، باللارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كىتىپتۇ ، ئاشۇ سۆسۈن رەڭلىك …”

زانوس تۈگىشىپ كەتتى ، ئۇ  نىمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭلا ھايات قالغىننى بىلمەيتى ، نىمىشقا تۇغۇلۇشتىنلا باشقىلارغا ئوخشىمايدۇ. قىزچاق ئۇنىڭ يىنغا بىرىپ نەسىھەت قىلدى، زانوسقا بۇ قىيىنچىلىقلارغا توغرا قاراشقا دەۋەت قىلدى، ئاندىن بۇنىڭ ھەل بولدىغانلىقىنى ئىييتتى . كاللىسى يۇيۇلغان زانوس پىچاقنى قولىغا ئالغىنىچە ئۆڭكۈرگە قايتىدۇ ، ھەمدە بۇ كەسلەنچۈكلەرنىڭ ھەممىنى پارچە پارچە قىلۋىتىدۇ. 

ياشلىق

ۋاقىت ناھايىتى تىز ئۆتتى، 12ياشلىق زانوس ئۆزىنىڭ پىلانىتىنى تەكشۈرۈشكە كىرىشتى، 13يىشىدا ساتۇرىن پىلانىتىدا مىڭىشنى، ئالەم سەپىرى قىلىشنى، 15 يىشىدا ئۇ ئالەمنى كۆزىتىپ سامانيولى سىستىمىسدىكى تۈمەن مىڭلىغان پىلانىتلارنى سىزشىنى ئۈگەندى، بىراق چەكسىز ئالەم يەنىلا ئۇ ئىرىشمەكچى بولغان جاۋابىنى بەرمىگەن ئىدى، شۇڭا ئۇ باشقا يولدا جاۋاپ ئىزدىمەكچى بولدى. 

زانوس بارا – بارا تىخىمۇ كۆپلىگەن تەجىربىلەرنى ئىشلەشكە كىرىشتى ، ھەمدە ئۆزىنىڭ مۇشۇنىڭدىن بىر جاۋاپقا ئىرشىشىنى ئۈمۈد قىلۋاتاتتى . ئەينى چاغدىكى ئۆزىنىڭ يىقىن دوسلىرىنىڭ ئۆلشىگە سەۋەپچى بولغان كەسلەنچۈكتىن تارتىپ پۈتۈن بەدىننى تۈك قاپلىغان ياۋايى ئادەمگىچە، لىكىن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى سۇئالغا يەنىلا جاۋاپ يىزىلدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ خىزمەت جەريانىدا بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلمايتى، لىكىن ھەر بىر پىچاق سالغاندا ھەربىر پارچە پىچاق ئىزلىرى ئۇنىڭدىن سورايتى : مەن كىم ؟ مەن قەيەردە ؟ نىمىشقا مەنلا باشقىلارغا ئوخشىمايمەن ؟ مىنىڭ تەغدىرىم زادى نىمە ؟  ھەممە مەۋجۇداتلارنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان جاۋاپ زادى قەيەردە ؟ مۇشۇنىڭ ئۈچۈن مەن يەنە قانچىلىك قان تەر ئاققۇزسام ئاندىن جاۋاپقا ئىرشەلەيمەن .

ھەرقىتىملىق تەجىربىنىڭ ۋاقتى نەچچە سائەتكە بارغاندا ، زانوس تەجىربە بويۇمىنىڭ ئىچىدىن جاۋابىنى ئىزدەيتى، ئۇ پارچىلىنىپ كەتكەن گۆش پارچىلىرى ئارىسىدىن ئىزدىنىشكە ئۇرىناتتى، بىراق ئۇ ئاخىرىىدا يەنىلا بىر دۆۋە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈرىدىغان جەسەت پارچىلىرىغىلا ئىرىشتى، ئەڭ دەسلەپتىكىسىگە ئوخشاش، بۇ تىتانلىق يەنىلا ھىچقانداق جاۋاپقا ئىرىشەلمىدى . 

ھىلقى قىز زانوسنىڭ يىنىغا كىلىپ قۇلقىغا پىچىرلىدى ، ئۇنىڭغا ئۆلتۈرۈش كىرەكلىكىنى ، پەقەت ئۆلتۈرۈشنىڭلا ئاندىن ئۇنىڭغا ياردەم بىرەلەيدىغانلىقىنى ئىيتتى ، ئۇ پەقەت ئۆلتۈرۈش بولغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ يالغۇزلۇقنى ھىس قىلالمايدىغانلىقىنى ، پەقەت يىڭى قان تۆكەندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى بوشلۇقنى تولۇقلىيالايدۇ . زانوس قەلبىدىكى تۈگۈننى ئىچىشنى مەقسەت قىلدى ، ئاخىرى چىداپ تۇرالمىغان ھالدا ئۆزىنىڭ يۇرتداشلىردىن قول سىلىشنى قارار قىلدى، ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇشتىنلا بىرغەلىتە مەخلۇق ئىكەنلىكىنىڭ ئەينى ئەھۋالىنى ئىزدەنمەكچى بولدى . 

ئۇ تىتان ئادەملىرىنى قىرىشقا باشلىدى ، ھەمدە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلىم پەن ئۈچۈن دەپ ئاتىدى . ھەتتاكى ئۆزىنىڭ قىرىنداشلىرىنىڭ ئىسسىق قىنى يۈز كۆزلىرىدە ئىقىپ يۈرسىمۇ ، زانوس يەنىلا جاۋاپقا ئىرشەلمىدى . لىكىن ئۇ قىز يەنىلا زانوسنىڭ يىنىدا ئىدى ، ئۇنىڭغا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ تىخى يىتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئىييتتى . 

قىرىشلار باشلىنىپ كەتتى ، زانوس ئۆز ئۆزىنى يوقىتىپ قويدى ، جاۋاپنى ئىزدەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ قىزچاقنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى . زانوس ئۇنى قۇچاقلاشنى ئارزۇ قىلدى ، ئەكىسچە ئۇ قىزدىن بىر كاچات يەپ تاشلىۋىتىلدى . قىزچاق زانوسقا مۇھەببەت بۇنداق ئاجىز ۋە ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان ئادەملەرگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ، كىچىك باللارغا ۋە توخۇ يۈرۈەكلەرگىمۇ ئەسلا بىرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئىيتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ سۆيگۈسىنى قۇبۇل قىلىشقا لايىق كەمىدى ، قىزنىڭ سۆيشىگىمۇ لايىق كەممىدى . بۇ ئىشلارنىڭ جاۋابىنى بىلىش ئۈچۈن ، ئۇ ئاپىسىنى باغلىدى ، بىر ئۆزىنىڭ گۇناھىنى باشتىن ئاخىر ئۇقىدىغان ئادەم ، شۇنداق قىلىپ زانوسنىڭ قولىدا ئۆلگەن ئون سەككىزىنجى ئادەم دەل ئۇنىڭ ئاپىسى بولۇپ قالدى . 

قۇرامىغا يىتىش

 
زانوسنىڭ ئاپىسى ئۆلگەن شۇ كۈنى ، ئۇ تىتان پىلانىتىدىن ئايرىلدى . ئۇ ئۆز ئۇسۇلى بويىچە سامان يولى سىستىمىسنىڭ چىتىگە باردى ، بىر تۇرمۇش كەچۈرۈش تەس بولغان ، بىرەسى ئۇنى قاتىل دەپ ئىنىقلىمايدىغان يەرگە باردى . زانوس بۇيەردە بىر ئايال تاپتى ، ۋە بىر بالىلىق بولدى . بىراق ئايالى بىلەن بالىسى بىلەن ئىللىق تۇرمۇشمۇ بۇ تىتانلىقنىڭ كۆڭلىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرالمىدى. مەلۇم بىر كۈنى ئەتىگەندە بۇ خىل تۇرمۇشتىن زىرىككەن زانوس يۈك تاقىسنى يۈدۈپ، ئۈن تۈنسىز كىتىپ قالدى . 

بىر خوكىس ئىسىملىك دىڭىز قاراقچىسى كىمىسدە ، زانوس بىر كىچىككىنە ئورۇنغا ئىرىشتى. دىڭىز قاراقچىسىنىڭ خىزمىتى ئۇنىڭغا ئالەمنىڭ چەكسىزلىكىنى ۋە نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى تونۇتتى ، ئۆزى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان تاشقى پىلانىت مەۋجۇداتلىرىنى كۆردى ، ھەمدە ئۇلارنىڭ قانداق ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنمۇ كۆرۈپ تۇردى .  شۇنداق ، گەرچە ئۇ قىرغىنچىلىق بىلەن يۇرتىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، لىكىن بۇ گۇناھسىز ئادەملەرگە ئازار بىرىشنى خالىمايتى . دىڭىز قاراقچىلىرى ئۇنى قاتتق قول ئەمەسكەنسەن دەپ مەسخىرە قىلشتى ، ئۆلتۈرۈشكە پىتىنالمىغان ۋاقىتتا زانوس بۇيەردىنمۇ ئاستا ئايرىلدى ، بۇ خىل تۇرمۇشمۇ ئۇنىڭ سۇغا غەرىق بولغان كۆڭلىنى لەيلىتىپ چىقىرالمىدى. 

زانوس ئاستا ئاستا ئۆزىنىڭ قىلمىشىنىڭ ناھايىتى ئاددىيلىقىنى تىخى يىتەرلىك بولمىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتتى ، ئۇ دىڭىز قاراقچىلىرى بىلەن چەكسىز ئالەمنى كىزىپ يۈرگەن چاغدا، ھەر بىر بارغان پىلانىتىدا بىردىن ئەۋلاد قالدۇردى ، لىكىن بالا تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كىتىپ قالدى . بەدەن ئارزۇسىنىڭ قانائەتلىنىشى ئەكىسچە ئۇنى تىخىمۇ ئىچىرقاتقۇزۋەتكەن ئىدى، بۇ قلمىشى تەكرارلىنىپ ئۇنى ئۈمۈدسىزلەندۇردى ، ئۆزىنىڭ خاراكتىرىمۇ سوغۇقلىشىپ كەتكەن ئىدى . 

تاكى بىر كۈنگە قەدەر، قانخور دىڭىز قاراقچىسى كاپتانى زانوسنىڭ سۇسلىقىغا ۋە ئۆلتۈرمىگىنگە چىداپ تۇرالمىدى . كاپىتان بۇ تىتانلىق بىلەن دوئىلغا چۈشمەكچى بولدى ، ئەگەر ئۇ يەنىلا پىچاقنى غىلاپتىن چىقىرالمىسا ، ئۆلۈمنىلا كۈتۈشىنى ئىييتتى . بىر قىتىملىق ئۇرۇشتىن كىيىن زانوس مەغلۇپ بولدى ، تىزلىنىپ بىشىنى تۈۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ گىلىغا تەڭلەنگەن خەنجەرگە يۈزلەندى، ۋە ئىككى كۆزىنى يۇمدى . 
زانوس ئۆزىنىڭ مەنىسىز تۇرمۇشىنى ئاخىرلىشىدغان بولدى دەپ ئويلىغان ۋاقىتتا ، ئەتراپتىىن تۇيۇقسىز چۇقانلار كۆتۈرۈلدى . ئۇ كۆزىنى ئىچىپ ئۆزىنىڭ ئۆلمىگىننى ئەكىسچە ئاياغ ئاستىدىكى بىر جەسەتنى كۆردى ، يىڭى دىڭىز قاراقچىسى كاپىتانى ، دۇنياغا كەلدى . 

كاپىتان بولغان زانوس تىتان پىلانىتىغا قايتىپ ئۆزنىڭ سۆيگۈنىنى ئىزدەشكە كىرىشتى ، ھەمدە قىزغا ئالەمدىكى ھەرقانداق نەرسىنى بىردىغانلىقىغا قەسەم قىلدى ، ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ئوتتەك ھىسياتىنى تىنىچلاندۇرشىنى ئۆتۈندى . ئاقىۋەت قىزچاق زانوسنىڭ ھەممە يەردە ئۇرقى بارلىقىنى بىلىپ ئۇنى رەت قىلدى ، ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىسنى ئۈزدى . 

زانوس شۇ ماڭغىنىچە ئۆزى تۇرۇپ باققان پىلانىتنىڭ ھەممىسگە باردى ، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئايالى ۋە بالىسىنى ئۆلتۈردى . لىكىن بۇ قىزچاق يەنىلا ئۇنىڭغا ھىچقانداق كۈلۈمسىرمىگەن ئىدى ، ئۇ زانوستىن داۋاملىق ئۆلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى ، تاكى ئۆزى قانائەتلەنگىچە ، بوممىسا زانوس ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىرشەلمەيتى . 

ئاستا – ئاستا ، توختىماي قىرغىنچىلىققا كىرىشكەن زانوس ساراڭ بولدى ، ئۇ ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپ ھەرخىل ئادەم ئۆلتۈردىغان قوراللارنى ياساپ چىقتى ، ھەمدە قىرغىنچىلىق دائىرىسمۇ چوڭىيىپ بىر پىلانىتنى مەركەر قىلىدىغان بولدى ، پەقەتلا ئۇ قىزچاقنىڭ يىنىغا كىلىشى ئۈچۈن ئىدى ، تاكى ئۇ ئۆز قۇلقى بىلەن قىزچاقنىڭ “يىتەرلىك بولدى ” دىيشىدىن باشقا گەپلەر ئۇنىڭ قىرغىنچىلىقىنى توسىيالمايتى . 

ئەپسۇيسلىنارلىقى شۇكى ، ئۇ قانچە غالجىرلاشقانچە ۋەيران قىلسۇن . بۇ قىزچاق يەنىلا قانائەتلەنمەيتى ، يەنىلا ئۇنىڭغا قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتقۇزمايتى ، زانوس دەر غەزەپ بولۇپ قول ئاستىدىكلەرگە ئۇنى كىمىنىڭ تۈرمىسىگە قاماشنى بۇيرۇق قىلدى ، لىكىن كىمە خادىملىرى ھىچنىمنى كۆرمىگەنلىكىنى ئىيتىشتى . 
كىمە خادىملىرىنىڭ نەزىرىدە زانوس ئىزچىل ھاۋاغا پىچىرلاپ بىرنىملەنى دەيتى، چىرىپ كەتكەن جەسەتلەرگە قاراپ تۆۋەن ئاۋازدا ئۇنىڭ قۇچاقلىشىنى ئۈمۈد قىلىشىنى ئىيتاتتى .
“سەن زادى كىم !” زانوس قىزغا قاراپ ۋاقىرىدى .
“مەن دەل ئۆلۈمغۇ قەدىرلىگىم “.  كۆز ئالدىدىكى قىز تىرىسىنى يىرتىپ ئىلۋەتتى ، ئاپپاق سۆڭەلىرى كۆرۈنشكە باشلىدى . زانوسنىڭ خىيالىدىكى قوڭۇر تىرىلىك گۈزەل قىل يوقاپ كەتتى ، ئۆلۈم ئايال ئىلاھى ئۇنىڭ ئالدىدا نامايەن بولدى . 
“ئىككىمىز بىرلىكتە ساڭا ئازاپنى ھىس قىلدۇرغان دۇنيانى گۇمران قىلۋتەيلى ، ئاندىن بىز مەڭگۈ بىرگە ياشايمىز .” 

پادىشاھ بولۇش

زانوس بىلەن ئۆلۈم ئايال ئىلاھى ئاللىقاچان خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتكەن تىتان پىلانىتىدا قۇچاقلىشىپ سۈيۈشتى ، جەننەتتەك بىر گۈزەل يۇرتى ھازىر قاپقارا ئىسلارغا تولغان قەپەزگە ئوخشاپ قالغان ئىدى ، پۈتۈن پىلانىت زۇلمەتكە تولغان ئىدى . ئۆلۈم ئايال ئىلاھىنىڭ قايمۇقتىرشىغا ئۇچىرىغان زانوس ئۆز تىنىدىكى لاۋۇلداپ ئۆچمىگەن ئوتنىڭ پەسىيشىنى ساقلاۋاتاتتى ، ھەمدە بۇ سۈيۈشتىن كىيىن ئۆزىنىڭ گۇمانىغا جاۋاپ ساقلىغان ئىدى . زانوسنىڭ لىۋىدە يەنىلا ئۆلۈم ئىلاھىنىڭ ھىدى قىلىپ قالدى ، لىكىن ئۇنىڭ سۈيۈشى كۆرىنەرلىكلا شۇنچىلىك سوغۇق ، بايىلا ئۇنىڭ بەدىننى قۇچاقلىسىمۇ يەنىلا شۇنچىلىك غىرىپسىنىش ۋە يالغۇزلۇقتا ئىدى . 

يۈرىكىدىكى ئوت قىلچىلىكمۇ پەسەيمىگەن ئىدى ، بەلكى سوغۇقنىڭ تەسىرگە ئۇچىراپ تىخىمۇ ئەۋجىگە چىققان ئىدى . لىكىن ئامەتلىك يىرى شۇ بولدىكى ئۇ ئۆز گۇمانىنىڭ جاۋابىغا ئىرىشكەن ئىدى . ئۆزى كىچىك ۋاقتىدا سۆيگەن شۇ قىز ئۈچۈن كىيىن قىلغان بارلىق ئىشلىرى ، ئۇ بويسۇندۇرغان ھەر بىر پىلانىت ، ھەر بىر ئۇ زۇلمەت سىھرىنى چاچقان يەر ، ھەر بىر ئۇ ئۆلتۈرگەن مەۋجۇدات ، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشنىڭ بىرلا سەۋەبى بار ،    يالغۇزلۇق .  


زانوس يەنىلا ئىلگىركىگە ئوخشاش سەھەردىلا ، ئۆلۈم ئايال ئىلاھى ۋە ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ كىتىپ قالدى . ئۇ ئەمدە ئۇ ئايالنىڭ قۇچاقلىشىغا مۇھتاج ئەمەس ، ئالدىدكى يولدا چوقۇم ئۆزى يالغۇز مىڭىشى كىرەك . تىتان پىلانىتىدكى ئاخىرقى ئادەم ئۆزىنى قايتا تونۇتتى ، ئارقىدىنلا يىڭى بىر ئىلاھى مەۋجۇدات بارلىققا كەلدى ، ئۇنىڭ قۇرۇق بىر ئىسمىنى ئاتاپ قويسىلا پۇتۈن ئالەم تىتىرەيدىغان نامى  :   زانوس !

ئۆلۈم ئايال ئىلاھى ھەققىدە 

ئۆلۈم ئايال ئىلاھىنىڭ ھىكايسى پۈتۈن مارۋىل ئالىمنىڭ ھەممە يىرىدە بار ، بۇ ئايال بولسا ھاياتلىقنىڭ ئاخىرلىششى ، پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ ئاخىرقى پەللىسى ، قوغلىشىدىغنى پەقەتلا ھەممە مەۋجۇداتنىڭ ئۆلۈمى . پەقەتلا بىر ھاياتلىقنىڭ ئۆلۈشى بولسىلا ئۇنىڭغا خۇشاللىق ئاتا قىلالايدۇ ، ئۇ بىر قوللۇق زانوسنىڭ بارلىققا كىلشىنى پىلانلىغان ، ئۇ بۇ سىرلىق سالاھىيەت بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ ، پۈتۈن ئالەمدىكى مەۋجۇداتقا تەسىر يەتكۈزدى . 

زانوس تۇغۇلىشىدىنلا قولىدا غايەت زور كۈچ قۇدىرىتى بار ئىدى ، لىكىن تەلەيسىزلىكى شۇكى ئۆلۈم ئايال ئىلاھى بۇ تىتانلىقنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى . كىچىكىدىن باشلاپ ئىلىم پەنگە قىزىقتۇرۇپ زانوسنى جاۋاپ ئىزدەش ئۈچۈن قىرغىنچىلىق يولىغا كىرگۈزدى ، زانوسنىڭ قەلبىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ ئاغدۇرۇلىشى ، ئۆلۈم ئايال ئىلاھىنىڭ ئۇنىڭ قەلبىگە ھىسداشلىق قىلىشى ، زانوسنى نورمال تۇرمۇشىدىن ئايرىدى ، يالغۇزلۇق چۆلىگە چۆرۈپ تاشلىدى . ئۇ پۈتۈن ئالەمدىكى ئەڭ كۈچلۈكلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ ، پەقەت بويسۇندۇرۇش ۋە كۈچ قۇدىرەت ئۇنىڭغا خۇشاللىق ئاتا قىلالايدۇ ، پەقەت پادىشاھلىق ئورنىدا ئولتۇرۇپ تۆۋەندىكى ئۆزىگە تازىم ئەتكەن مەۋجۇداتلارنى كۆرگەندىلا ، ئۇ ئاندىن ئۆزىنىڭ ھاياتلىقىنى ھىس قىلالايدۇ .   

تامام … 

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ