خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر …
ئالدىنقى كۈنى مەن دەپ ئۆتكەندەك بۈگۈن ئۆلۈك نەۋكەرنىڭ چاتما رەسىمىدىكى بىر ھىكايىسنى سۆزلەپ ئۆتىمەن .
ئەسەر بولسا مارۋىل شىركىتىنىڭ چاتما رەسىملىك ئەسىرى بولۇپ ، بۇنىڭدا ئۆلۈك نەۋكەرنىڭ مارۋىل قەھرىمانلىرىنى ئۆلتۈرگەن ھىكايىسى سۆزلەنگەن .
بەلكىم ئۇنىڭ نىمىشقا قەھرىمانلارنى ئۆلتۈرۈشنى تاللاپ قالغىننى ئويلاپ قالدىڭىز ، ئەمسە نەق مەزمۇنىغا كىلەيلى .
“ئۈلۈك نەۋكەرنىڭ مارۋىل ئالىمىنى قىرىشى”
X پىروففىسور قاتارلىقلار نىرۋىسىدىن ئاداشقان ئۆلۈك نەۋكەرنى نىرۋا كىسەللىكلەر ساناتورىيەسىگە ئاپرىپ بىرىدۇ ، ھەمدە ئۇنىڭ “ئۆزۈمنىڭ راس” دىگەن قىلقىنى داۋالاپ ئاخىرىدا X جەڭچىسىگە قوشۇلۇپ دۇنيانىڭ ئەمىنلىكىگە بىر كىشلىك تۆھپە قوششىنى ئۈمۈد قىلغان .
ئۈلۈك نەۋكەر قورقۇنۇشلۇق بولغان “توك بىلەن داۋالاش” نى قوبۇل قىلدى ، داۋالىنىش جەريانىدا ، ئۆلۈك نەۋكەرنىڭ قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر بىر قەۋتىگە يوشۇرۇنغان ئادىمىيلىكى پارتىلاپ چىقتى .
شۇ چاغدا ئۆلۈك نەۋكەر ئۆزىنىڭ بىر غايىۋى ئوبراز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇ ، ۋە ئۆزىنىڭ رەسساملار بىلەن سىنارىسىتنىڭ قوللىرى ئىچىدە ئوينىتىلغان بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ، ھەمدە “ئازادلىق ئىنقىلابى” ھەركىتىنى باشلايدۇ ، بارىلىق قەھرىمانلارنى قۇتۇلدۇرماقچى بولىدۇ ، قانداق قۇتقۇزىدۇ ؟ ئۇنىڭ تاپقان ئامالى پەقەت بىرلا : ھەممىسنى قىرىش .
شۇنداق قىلغاندىلا بۇ چاتما رەسىمنىڭ “داۋامى” چىقىشنىڭ ئاخىرىنى توسۇش ئىھتىماللىقى بار بولاتتى .
دوختۇرخانىنى ۋەيران قىلىپ بولغاندىن كىيىن ، ئۆلۈك نەۋكەر “خاسىيەتلىك 4 پالۋان”نىڭ تۇرالغۇسىغا كىلىدۇ ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرى ” مارۋىل چاتما رەسىملىرىنىڭ سىتىلىش خەۋىپى “نى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان جەڭچىلىرىنى بىرنىمۇ قويماي ئۆلتۈرۋىتىشنى قارار قىلىدۇ ، ھەمدە ئۇلارنىڭ “قايتا مۆجىزە يارىتىش” ئىھتىماللىقىنمۇ يوقىتىپ تاشلىدى .
ئۇ ئاۋال تاش ئادەمنى پارچىلۋىتىدۇ ، ھەمدە خاسىيەتلىك ئەپەندىم بىلەن ئوت ئادەمنى ئۆلتۈرۋىتىدۇ ، ھەتتاكى كۆرۈنمەس قىز ئۇنىڭ بىشىنى مىجىپ يوق قىلۋەتكەندىن كىيىنمۇ ، ئۇ يەنە دەرھاللا ئەسلىگە كىلىپ ، كۆرۈنمەس قىزنىڭ كەينىدىن پىچاق سالىدۇ .
خىسلەتلىك 4 پالۋاننى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كىين ئۇ يولدا قىياپىىتى خىلىلا ئوخشىشىدغان “ئۆمۈچۈك پالۋان”نى ئۇچراتتى ، دەسلەپتىكى ئىلشىشتا ئۆمۈچۈك پالۋان ئۆلۈك نەۋكەرنى كۆز قىرىغا ئىلىپ قويمىدى ،ھەمدە تام تورۇسلارغا يامىشىپ چىقىپ تور چىقىرپ ئۇيان بۇيان قىچىپ يۇردى ، ھاكاۋۇرلۇق پىتىر پاكنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەپچى بولدى ، دەل ئۆمۈچۈك پالۋان دىققەت قىلمىغان ۋاقىتتا ئۆلۈك نەۋكەر يىنىدىن بىر تاپانچا ئالدىدە ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ بىشىنى پارتىلتىۋەتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئۆمۈچۈك پالۋانمۇ ئۆلدى !
ئۆلۈك نەۋكەرنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ ، بۇ ئەبلەخنىڭ كاللىسى ناھايىتى سەزگۈر، ئۆمۈچۈك پالۋان بىلەن تۇتۇشىشتىن كىيىن ئۆزىدىكى كەمچىلىكلەرنى تونۇپ يەتتىدە ، “پەن تىخنىكا بىلەن قوراللانغان ” چۈمۈلە ئادەمنى تۇتقۇن قىلىدۇ ۋە ئاز بولمىغان يۇقىرى پەن تىخنىكىلق قوراللارغا ئىرىشىدۇ .
ئەلۋەتتە ، ئىشىپ قالغان قىساسكارلار ئىتتىپاقىدىكى قەھرىمانلارمۇ قاراپ تۇرمايدۇ ، دەل ئۆلۈك نەۋكەر سىرىتتا قالايمىقانچىلىق چىقىرۋاتقان چاغدا ، قالغان قەھرىمانلار جىددىي بىر يىغىن ئىچىپ ئۆلۈك نەۋكەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى مۇلاھىزە قىلۋاتاتتى .
لىكىن ، بۇ قەھرىمانلارنىڭ ھەركىتىنىمۇ ئۆلۈك نەۋكەر ئويلاپ بولغان ئىدى ، شۇڭا ئۇ ئىشخاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بومبا ئورنىتىپ قويدى ، چۈمۈلە ئادەمدىن ئىرىشكەن پېيىم زەرچىسىدىن پايدىلىنىپ بومبىلارنى كىچىكلىتىپ ئۇلارنىڭ ئىچىملىكىگە سىلۋىتىدۇ .
گەرچە ئۇلارنىڭ مۇسكۇللىرى ۋە ھەر زەربىلەرگە چىدامچانلىق ساۋۇتلىرى بولسىمۇ ، يەنىلا ئۆلۈك نەۋكەرنىڭ ئەتراپلىق پىلانى ئاستىدا قىساسكارلارنىڭ ھەممىسى جىنىدىن جۇدا بولدى ، پەقەتلا ئاسكارد ئىلاھلار ئوردىسىدىن كەلگەن چاقماق ئىلاھى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ھاياتى كۈچى ئاستىدا بۇ قىلتاقتىن ئامان قالغان ئىدى .
چاقماق ئىلاھى بولقىسىنى كۆتۈرۈپ ئىلىشماقچى بولغاندا ، ئۆلۈك نەۋكەر يەنە بىر ھىيلىسىنى ئىشلەتتى ، ئۇ پېيم زەرچىسى ئارقىلىق چاقماق ئىلاھىنىڭ بولقىسىنى چوڭايتىۋەتتى ، ئاخىرىدا چاقماق ئىلاھى ناھايىتى ئىچىنىشلىق ھالدا ئۆزىنىڭ قورالى ئاستىدا “مىجىلىپ” كەتتى ، ئىغىزىدا توختىماي “ئىلاھلار گۇگۇمى” دىگەندەك گەپلەرنى قىلاتتى .
بۇندىن كىيىن ، تىنىدە قۇدىرەتلىك كۈچى بار يىشىل گىگانىت ئادەم دەر غەزەپ بولۇپ ئۆلۈك نەۋكەرگە ئىتىلدى ، ۋە ئىككى ئۈچ قىتىملىق زەربىدىن كىيىن ، كۆز ئالدىدىكى بۇ قىزىل بۈرگىنى نەچچە پارچە قىلىپ تاشلىۋەتتى .
مارۋىل چاتما رەسىمىدە ئۆلۈك نەۋكەرنى مۇشۇنداقلا ئۆلدى دەمسىز ؟ چاقچاق قىلماڭ ! ئەگەر سىلەر ئۆلۈك نەۋكەرنىڭ ئىقتىدارىغا ئازراقلا دىققەت قىلغان بولسىڭىز ، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى BUG ئىقتىدارىنى ، چەكسىز ئەسلىگە كىلىش ۋە قايتا تىرىلىش كۈچىنى بايقايسىز ، پەقەتلا ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەر پۈتۈنلەي ئۆلمىسىلا ، ئۇنداقتا ئۆلۈك نەۋكەر يەنىلا قايتا تىرىلىۋىرىدۇ .
يىشىل گىگانىت ئادەم ئىلشىشتىن كىيىن چارچاپ كىتىپ بىر تاغ ئۆڭكۈرىگە كىلىدۇدە شۇ جايىدا ئادەم سىياقىغا قايتىپ كىلپ ئۇخلاپ قالىدۇ ، ئۆلۈك نەۋكەر دىگەن بۇ ئەبلەخنىڭ تىنى قايتا تىرىلپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ، ئوغۇرلىقچە يىشىل گىگانىت ئادەم ئارام ئىلىۋاتقان تاغ ئۆڭكۈرىگە كىلىپ ئۇنىڭ ئارام ئىلۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ كاللىسىنى كىسىۋىتىدۇ .
ئارقىدىن ئۆلۈك نەۋكەر يەنە ئۆزىنىڭ “ئىنقىلاپ ھەركىتى”نى داۋاملاشتۇردى ، ئۇ X پىروففىسورنى تۇتقۇن قىلىدۇ ، ھەمدە ئۇنىڭ مىڭە ئىلىكتىر دولقۇنى ئارقىلىق بارىلىق X جەڭچىلىرىنى باشلاپ كىلىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە دەۋەت قىىلىدۇ . پىروففىسور ئۇنى ئانچە كۆز قىرىغا ئىلىپ قويماستىن بارىلىق X جەڭچىلىرىنى يىغىپ كىلىدۇ .
لىكىن X پىروففىسور ئويلاپمۇ باقمىغىنى شۇكى ، ئۆلۈك نەۋكەرنىڭ ھۇجۇم قىلىش كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمىغىنى بىلەن ، ئۇنىڭ قىلتاق قۇرۇش تىخنىكىسى ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىدى . توك ۋە قىتىشمىلىق بومبا ئارقىلىق لازىر نۇرلۇق كۆز قاتارلىق كۆپ ساندىكى X جەڭچىلىرىنى ئۆلتۈرۋەتتى . ھەتتاكى چەكسىز كۈچ قۇدرەتكە ئىگە “ماگىنىت شاھى”مۇ ئۇنىڭ ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرغان “يىپىشقاق كىسلاتا”سىغا چۈشۈپ كىتپ ، ئاستا ئاستا چىرىپ ئۆلۈپ كىتىدۇ .
ئاخىرىدا ، ئۆز كۆزى بىلەن سەپداشلىرىنىڭ بىر بىرلەپ ئۆلۈپ كەتكىننى كۆرگەن X پىروففىسورئۆزىنىڭ ئۆلۈك نەۋكەرنى سەل چاغلاپ قالغىننى بىلىپ ، ئۇنىڭ چوڭ مىڭىسىگە كىرىپ ئۇنى تەلتۈكۈس كونتىرول قىلماقچى بولىدۇ .
دەل مۇشۇ چاغدا ئۆلۈك نەۋكەرنىڭ ئىڭىغا كىرىگەن پىروففىسورمۇ دەل “ئۆزىنىڭ پەقەتلا بىر چاتما رەسىملىك ئوبراز” ئىكەنلىكىدەك بۇ ھەقىقەتنى بىلىپ يىتىدۇ . بۇ ھەقىقەتنىڭ تۇيۇقسىز ئۈستىگە كىلىپ قالغىننى بىلگەن X پىروففىسور قورقۇنىچ ئىچىدە يەتتە ئەزاسىدىن قان ئىقىپ ئاستا ئاستا ئۆلۈك نەۋكەرنىڭ ئالدىدا ئۆلۈپ كىتىدۇ .
ئەمدىكى ئۇرۇش ھەممىدىن سەرخىل ، X جەڭچىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قەھرىمانى پولات بۆرە ئۆلۈك نەۋكەر بىلەن قاتتىق بىر ئۇرۇش قىلىدۇ ، ھەممەيلەنگە مەلۇم بۇ ئىككىسىنىڭ ئىلىششى بۇ بىرلا ئەسەر بىلەن چەكلەنمەيدۇ، خىلى كۆپ قىتىم ئەسەرلەردە ئۇلارنىڭ ئۇرۇش ئىزلىرى بار .
لىكىن مۇشۇ بىرلا قىتىمدا ئۆلۈك نەۋكەر ئىرىشكەن “كاربون بىرىكمىلىك قىلىچ” ئارقىلىق ۋاجىرا بۆرىنىڭ ئەسلىگە كىلىش ئىقتىدارىنى توسۇپ ئۇنىڭ جىنىغا زامىن بولدى . (كاربون بىرىكمىلىك قىلىچ —– قايتا ئەسلىگە كىلىش ئىقتىدارىنى توسۇش رولى بار ، ھىساپتا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئەڭگۈشتەر . )
ئۆلۈك نەۋكەر بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى ، ئۇ “سەلبىي ئوبراز”لارغا خەۋەر يەتكۈزۈپ “بۇ دۇنيانىڭ ئەملىيەتتە رەسساملار ۋە سىنارىستلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى” ئىكەنلىكىدەك بۇ ھەقىقەتنى ئىيتىپ بىرىشى بىلەن ، نۇرغۇنلىغان ئوبرازلار ئارقا ئارقىدىن شەھەرلەردىكى ئىگىز بىنالاردىن سەكىرەپ “ئۆلۈش” ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى مۇمكىن بولغان “ئەركىنلىك”نى قولغا كەلتۇرۋاتاتتى .
ئەلۋەتتە ، مارۋىلدىكى نەچە مىڭ يىللىق چوڭ سەلبي ئوبرازلار ، زانوس قاتارلىقلارنىڭمۇ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى بار ئىدى ، لىكىن بۇ پەيىتتە زانوس ئاللىقاچان ئۆلۈك نەۋكەر تەرپىدىن پۈتۈن بەدىنى يىرىمدىن كىسۋىتىلپ ، ئىشىپ قالغان يىرىم تىنى چەكسىز ئالەم بوشلۇقىدا لەيلەپ يۈرەتتى .
ئاساسەن دىگۈدەك ھەممە قەھرىمانلارنى كۆزدىن يوقىتىپ بولغاندىن كىيىن ، ئۆلۈك نەۋكەر غەلىتە دوكتۇرنىڭ مەخپىي ئۆيىگە كىلىدۇ ، ۋە “چاتما رەسىملىك دۇنيادىن ھەقىقىي دۇنياغا ھالقىپ ئۆتۈش”نىڭ سىرىنى بىلىۋالىدۇ .
ئۆلۈك نەۋكەر بۇ ئامالى ئارقىلىق ئوڭۇشلۇق ھالدا “ئوخشاش بولمىغان بىر بوشلۇققا ” كىلىدۇ. ۋە بۇيەدىن چەكسىزلىگەن ئىھتىماللىقى بار ھاياتلىق ئىزنالىرىنى كۆرىدۇ ، ھەمدە بىر قاتار ئاختۇرۇپ ئۆتكەندىن كىيىن ئاخىرى “مارۋىل چاتما رەسىم سىنارىيەلەشتۈرۈش ئىشخانىسى”نى تاپىدۇ دە ، ئىككىلەنمەستىن ھالقىپ چىقىپ كىتىدۇ .
بۇ ۋاقىتتا مارۋىل سىنارىيە ئىشخانىسى ناھايىتى خۇشال خۇراملىققا تولغان ئىدى ، تۆت نەپەر رەسسام ۋە سىنارىيەلەشتۈرگۈچى قىزغىن ھالدا بۇ ھەقتىكى كۆز قارشىنى مۇنارىزە قىلىۋاتاتتى …
توختا ~ ئۇلارنىڭ دىيشىۋاتقىنى ئازراق ئوخشاۋاتامدۇ قانداق ؟
ئەڭ ئاخىرىدا ، ئۆلۈك نەۋكەر بىشىنى سىرتىغا قارىتىپ ئوقۇرمەنلەرگە بۇ بىر جۈملىنى قىلىدۇ “مەن ناھايىتى تىزلا سىلەرنى تىپىۋالىمەن” .
بۇ مارۋىل پاراللىل ئالىمىدە يۈز بەرگەن مارۋىل چاتما رەسىملىك ئەسىرى مۇشۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى .
سىلەرگىمۇ يەنە شۇنى دىگۈم كىلىۋاتىدۇ ، ئۆلۈك نەۋكەر يەنە چاتما رەسىمدىن ھالقىپ كىلپ بىزنى ئىزدەپ كىلەمۇ ؟ بىخەتەرلىكىڭلاغا يەنىمۇ دىققەت قىلاسىلەر~~
مەزمۇنلارغا قىزىقتىڭىزمۇ ؟ ئەمسە ئىلاننى چەككەچ ئىنكاسڭىزنى قالدۇرۇڭ .
ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ
تىزىملىتىش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش