پولات بۆرىنىڭ كىلىپ چىقىشى

خەيرىلىك كەچ مەستانىلەر …

بۈگۈن پولات بۆرە توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتەي …

لوگىن خوللىۋىت (Logan Howlett) ئاتىلىشى پولات بۆرە (Wolverine) ، ئامېرىكا مارۋىل بايرىقى ئاستىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان . 1974-يىلى 10- ئايدا لەن ۋەيىن ، جون رومىتا ، خوربىت رىيمپ بىرلىشىپ بارلىققا كەلتۈرگەن . يەنە بىر ئىسمى بولسا جامىس خوللىۋىت (James Howlett) .
19- ئەسىردە كانادانىڭ ئالبىرىت رايونىدا تۇغۇلغان ، كىچىىكىدە ئۆز دادىسىنىڭ بىقىۋالغان دادىسنى ئۆلتۈرۋەتكەننى كۆرۈپ ، لوگىننىڭ ئۆزگەرگەن ئادەم ئىقتىدارى كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ ، ئۇ قىرىشنى ئاستىلىتىش ۋە ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ، ئىككى قولىدىن تىرنىقىنى چىقىرالايدۇ . بىرنجى ۋە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەن ، ئاخىرىدا ۋىلىيام سىتىريىڭ قوماندان تەرپىدىن تۇتۇلۇپ X قورالى پىلانىغا قاتناشتۇرلىدۇ ، سۆڭىكىگە ئەيدىمەن پولاتىنى ئۇرغۇزۇلۇپ ، قولىدىكى تىرنىقى سۇنماس پولات تەرپىدىن ئىگەللىنىدۇ . بۇ لوگىننىڭ رەسمىي ھالدا پولات بۆرىگە ئايلىنشىغا سەۋەپچى بولغان ، ئارقىدىن ئۇ X جەڭچى ئەتىرتىگە قوشۇلىدۇ .

X جەڭچى تۈرىدىكى فىلىملىرنىڭ تەرەقىيات رەت تەرتىپى 

1.  پولات بۆرە  

بۇ فىلىمنى چوقۇم ئەڭ ئالدىغا قويشىمىز كىرەك ، چۈنكى بۇ فىلىمدە پولات بۆرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تارىخى سۆزلەنگەن ، ئۇنىڭ ئۆزگەرگەن ئادەمگە ئايلىنىشى ، ئاكىسى ۋىكتور بىلەن نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلارنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە ۋىلىيام سىتىرىيك قوماندان تەرپىدىن باشقۇرۇلۇپ ئىشلىتلىگىنى ، ئۇنىڭ مۇھەببەت تارىخى ، X قورالى پىلانىغا قاتناشتۇرلىشى ، قانداق بولۇپ ھەقىقىي پولات بۆرىگە ئايلانغانلىقى ۋە لوگىن دىگەن ئىسمىنىڭ كىلىپ چىقىشى فىلىمدە بىزگە تولۇق ئەكىس ئەتتۈرلۈپ بىرىلگەن .  ئارقىدىن X پىروففىسورنىڭ ياردىمىدە X ئۇنۋىرىستىتىغا كىرىشىگە سەۋەپچى بولغان . 

2. X جەڭچى : تۇنجى ئۇرۇش 
فىلىمنىڭ قويۇلغان ۋاقتى بىرقەدەر كىيىن بولغان ، فىلىمدە ياش ۋاقىتتىكى X پىروففىسورنىڭ قانداق بولۇپ ماگىنىت شاھى بىلەن ئۇچراشقانلىقى ۋە دوسىت بولغانلىقى ، بىرلىكتە جەڭ قىلىغانلىقى ، X ئۇنۋىرىستىتىنىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقى ، بىرىنجى تۈركۈم X جەڭچىلىرىنىڭ مەشىقلەندۈرلىشى ، ۋە ئاخىرىدا X پىروففىسور بىلەن ماگىنىت شاھىنىڭ بىر نىيەتكە كىلەممەي دۈشمەن بولۇپ قالغانلىقى سۆزلەنگەن . 

 3.  X جەڭچى 1

فىلىمدە ياشانغان ۋاقىتتىكى X پىروففىسور خاتىرىسىنى يوقاتقان پولات بۆرىنى ئۆز يىنىدا ئىلىپ قالىدۇ ۋە X جەڭچىلىرىگە  قاتناشتۇرىدۇ ، پولات بۆرە بىر ۋەھشىي ، كونتىروللۇققا بويسۇنمايدىغان ئادەم ئىدى ، ھىچكىم ئۇنىڭ كىلىپ چىقىشىنى بىلمەيتى . ئەڭ خەتەرلىكى شۇكى يەنە بىرخىل ئۆزگەرگەن ئادەم “ماگىنىت شاھى” ئوتتۇرغا چىقىدۇ ، ئۇ ئىنسانلارغا ئۆچ بولغاچقا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلاتتى ، ۋە ئاخىرىدا پولات بۆرە ۋە X جەڭچىلىرى بىرلىكتە ئاخىرغىچە جەڭ قىلىپ ئىنسانلارنى قوغداپ قالىدۇ . 

4. X جەڭچى 2

لوگىن ئۆزىنىڭ يوقاتقان خاتىرسىنى ئىزدەش ئۈچۈن X ئۇنۋىرىستىتىدىن ئايرىلىپ ئىرىكا كۆلى بويىدىكى قۇرلۇش مەيدانىغا كىلىدۇ ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنسانلار ئۆزگەرگەن ئادەملەر ۋە ئەركىنلىك ئايالى ئىلاھى ھەيكىلىدىكى ئۇرۇشنى مۇنازىرلىشۋاتاتتى ، ماگىنىت شاھى بولسا X پىروففىسورنىڭ كۆڭۈل قويۇپ لاھىيەلىگەن ئەينەكتىن ئىشلەنگەن تۈرمىدە ئىدى . ھەققانىيەتنى قوغدايدىغان X جەڭچىلىرنىڭ قوغدىشنى خاتا چۈشەنگەن ئىنسانلار بۇ ئۆزگەرگەن ئادەملەردىن قورقۇنۇچ ھىس قىلغان ئىدى ، شۇڭا ئۇلار ئۆزگەرگەن ئادەملەرگە ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدىغان بولدى ، جىددى ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىشى بىلەن X جەڭچىلىرى تۇتۇپ كىتىلگەن ئادەملىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ ، سۇمرۇغ  قىز جېن قۇربان بولىدۇ .

5. X جەڭچى 3

ئىنسانلار ئۆزگەرگەن ئادەمنى ئەسلىگە كەلتۈردىغان ۋاكسىنا كەشىپ قىلىدۇ ، جېن قايتا تىرىلىدۇ ، قارا سۇمرۇغ ئويغىنىدۇ ، X پىروففىسور ۋە لازىر نۇر كۆزنى ئۆلتۈرۋىتىدۇ ، ماگىنىت شاھى تۈرمىدىن قىچىپ چىقىدۇ ، ۋە سۇمرۇغ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئىنسانلارنى قايتا يوقاتماقچى بولىدۇ ، ئاخىرىدا كونتىرول قىلالمايدۇ ، X جەڭچىلىرى ئۆزىنىڭ  يول باشچىسىنى يوقۇتۇپ ناھايىتى ئازاپلىنىدۇ ، ئاخىرىدا قارا سۇمرۇغ كونتىروللىقىنى يوقىتۇپ ھەممىنى توختىماي قىرۋاتقان چاغدا پولات بۆرە كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرغا چىقىدۇ ، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك بولغان ئەسلىگە كىلىش كۈچى ئارقىلىق قارا سۇمرۇغنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بىرىپ ئاخىرىدا تىرنىقىنى تىقىپ ئۆزى سۆيگەن قىز جېىننى ئۆلتۈرۋىتىدۇ .

6.  پولات بۆرە 2

كانادادىكى ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرسىدە مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ ئازابىنى تارتىپ ياشاۋاتقان پولات بۆرە ئولتۇراقلاشقان ئىدى ، كۈنسىرى چۈشلىرى بۇزۇلۇپلا كىلۋاتاتتى . بىر قىتىملىق ئوۋچىلار بىلەن بولغان توقۇنۇشتىن كىيىن ئۇ يۇكىيو بىلەن تونىشدۇ ، يۇكىيۇ بولسا پولات بۆرە 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تونۇشقان ياشىدانىڭ قول ئاستىدىكى ئايال خىزمەتكار ئىدى ، ئۆلۈش ئالدىدا پولات بۆرىنى بىر كۆرۈش مەقسىتىنى بىلگەندىن كىيىن ئۇ ياپونىيەگە بارىدۇ .  ئۇلار ئۇچراشقاندىن كىيىن ياشىدو پولات بۆرىگە ئۇنىڭ نەۋرە قىزى مارىىيكونى قوغدىشىنى ئۈمۈد قىلدىغىننى ئىيتىدۇ ، ۋە بۇ ئارلىقتا زەھەرلىك يىلاننىڭ سۈيقەستى بىلەن پولات بۆرە ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىدىن ۋاقتىنچە ئايرىلىپ قالىدۇ ،ئۇلار بىرلىكتە قاچىدۇ ۋە قىچىش جەريانىدا كۆڭلى چۈشۈپ قالىدۇ . پولات بۆرە ئەڭ خەتەرلىك پەيىتكە چۈشۈپ قالىدۇ . 

7.  Xجەڭچى : كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىش 

ۋاقىت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىردەمدە 2023 يىلىغا قەدەم قويىدۇ ، ئۆزگەرگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يوقىلىش گىرداۋىغا كىلىپ قالغان ئىدى ، ئۇلار ماشىنا ئادەملەر تەرپىدىن بىر بىرلەپ ئۆلتۈرلىۋاتاتتى ، X پىروففىسور ۋە ماگىنىت شاھى بىرلكتە كۆلەڭگە مۈشۈكنىڭ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ پولات بۆرىنى 1973 – يىلىغا يەتكۈزۈپ تارىخنى ئۆزگەرتىپ ماشىنا ئادەم پىلانىنىڭ بارلىققا كىلىشىنى توسۇشنى قارار قىلدى . پولات بۆرە نۇرغۇن قىينچىلىقلارنى بىشىدىن كەچۈرۈپ ئوڭۇشلۇق ھالدا ماشىنا ئادەم پىلاننىڭ بارلىققا كىلىشنى توسۇپ قالدى ، ۋاقىت سىزىقى مانا مۇشۇ يەردىن تارتىپ ھەممىسى ئۆزگىرىپ كەتتى ، تارىخ بۇرمىلىنىپ كەتتى، تۇنجى ئۇرۇشتىن باشقا ئۇندىن كىيىن يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆرۈلۈپ ، يىڭى بىر دەۋىرنىڭ ھىكايىسىنى باشلىغان ئىدى .

8. Xجەڭچى : ۋەھىي 

دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئۆزگەرگەن ئادەم ئويغىنىدۇ ، ئەسلى ئىسمى ئىن ساباھ نۇر، تىرىلگەندىن كىيىن دۇنيانىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ، ئۆزگەرگەن ئادەملەرنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغىننى بىلىدۇ ۋە ماگىنىت شاھى قاتارلىق ئەكسىلچى قەھرىمانلارنى يىغىپ ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى مىسىر ئىمپىريەسىنى قۇرۇپ چىقماقچى بولىدۇ ، ئاخىرىدا X جەڭچىلىرى بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ ئۇنى مەغلۇپ قىلىدۇ ، ئۇرۇش جەريانىدا X پىروففىسورنىڭ تاقىر باش بولۇپ قىلىشىمۇ مۇشۇ ۋەقەدىن كىلىپ چىققانلىقى بايان قىلىنىدۇ .

9.  پولات بۆرە 3

2029-يىلى ، دۇنيادىكى ئۆزگەرگەن ئادەملەر يوقىلىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ ، X جەڭچىلىرى تارقىلىپ كىتىدۇ . بەدىنى ئاجىزلىغان قىرى بۆرە لوگىن ئاستا ئاستا ئەسلىگە كىلىش ئىقتىدارىنى يوقتىپ قويۋاتاتتى ، كۈندە ھاراق ئىچىپ ، شوپۇرلۇق قىلىش ئارقىلىق كۈننى ئۆتكۈزۋاتاتتى ، ئۇ مىكسىكىنىڭ چىگرىسى تەرەپكە ئولتۇراقلىشىپ ، كىسەلنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقان چارلىسنى ئىگزايۋىرنى بىقىۋاتاتتى ، بىر كۈنى ناتونۇش بىر ئايال لوگىنغا لاۋرا كىنني ئىسىملىك قىزچاقنى كانادانىڭ چىگرىسى تەرەپكە ئاپىرىپ قويۇشنى ئىيتىدۇ ، باشتا لوگىن رەت قىلىدۇ ، لىكىن چارلىس ئىزچىل مۇشۇ قىزچاقنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى ، چۈنكى لاۋرا كىنني ئالاھىدە كۈچلۈك بولغان ئۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىدى ، ھەمدە نۇرغۇن تەرەپلەردە پولات بۆرىگە ئوخشاپ كىتەتتى . قىزچاق بىر كۈچلۈك بولغان شىركەتنىڭ ياللانما ئەسكەرلىرى تەرپىدىن تۇتقۇن قىلنىۋاتاتتى ، چۈنكى ئۇنىڭ DNA  سىدا لوگىنغا ئۇلىنىدغان بىر مەخپىيەتلىك بار ئىدى ، شۇنىڭ بىلەن توختىماي تۇتقۇن قىلىش ھەركەتلىرى باشلاندى . پولات بۆرە قىزچاقنى قۇتقۇزۇپ قىچىش جەريانىدا چارلىس ئۆلۈپ كىتىدۇ ، ۋە قىزنى تىنىچ ئورمان ئىچىدىكى رايونغا ئەكەلىدۇ ، پولات بۆرە ئۆزىنىڭ كۆپەيتىلىپ ياسالغان گىنى ئۆزگەرگەن ئادەم تەرپىدىن ئۆلتۈرۋىتىلىدۇ  .  



بۆرە تاغىمىز مۇشۇنداقلا بىز بىلەن خوشلاشتى ، ئۇ بىزنىڭ ياشلىقىمىزغا ئەڭ گۈزەل ئەسلىملەرنى قويۇپ كەتتى ، ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرغىنى پەقەت بىر پولات بۆرە ئوبرازىلا ئەمەس بەلكى :  پولاتتەك ئىرادە 

بۆرە تاغمىزنى سىغىنغانلار قىنى يۈرەك سۆزەڭلارنى ئىنكاس قىلىپ قايتۇرۇڭلار  .

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنۇتماڭ ~
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
تارقىتىش
مۇنازىرە رايونى

ئاۋال كىرىپ ئىنكاس يىزىڭ